You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » «مەمتىلى تەۋپىق فوندى» ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

«مەمتىلى تەۋپىق فوندى» ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

Yardemئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 6 يىلىدىن بۇيان مىللەت ئۈچۈن قىلغان خالىس خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر دىيارى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردە خىزمەت قىلىۋاتغان ئۇيغۇر ئاكادېمىك، مۇتەخەسىس، زىيالىلار ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ۋە مەدەت بېرىشىگە مۇيەسسەر بولماقتا.

تېخىمۇ كۆپ ۋەتەن ۋە مىللەتكە ياراملىق ياشلارنىڭ يېتىشىپ، ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ سېپىگە قېتىلىشى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى چەتئەلدىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن 2014 – يىلىدىن باشلاپ «مەمتىلى تەۋپىق فوندى» ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تەسىس قىلىپ، ئۆتكەن يىلى ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى، ئەمما ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىھتىياجلىق بولغان 4 ماگىستىر ۋە 2 دوكتۇر ئوقۇغۇچىسىغا بىر يىللىق ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىلدى. بۇ ئوقۇش ياردەم پۇلى، دەرستە ئەلا، ئەمما ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى بولمىغان ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن، 2015 – 2016 – ئوقۇش يىلى ئۈچۈنمۇ «مەمتىلى تەۋپىق فوندى» ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولۇپ، ئاساسلىق شەرتلىرى ۋە تەپسىلاتى تۆۋەندىكىدەك:

1) بۇ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا پەقەت تۈركىيەدە ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارلا ئىلتىماس قىلالايدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ياش چەكلىمىسى قويۇلمايدۇ.

2) 2015 – 2016 – ئوقۇش يىلى ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس شەرتلىرى مۇۋاپىق بولغانلار 2015 – يىلى سىنتەبىردىن 2016 – يىلى ئىيۇنغىچە جەمىئىي 10 ئاي ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدۇ. ئۇقۇش ياردەم پۇلى ھەر ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە ئوقۇغۇچىنىڭ بانكا ھىسابىغا ياتقۇزۇلىدۇ.

3) ھەر ئايلىق ئوقۇش ياردەم پۇلى سوممىسى دوكتور ئاسپىرانتى ئۈچۈن 450 تۈرك لىراسى، ماگېستىر ئاسپىرانتى ئۈچۈن 350 تۈرك لىراسىدۇر.

4) ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلغۇچى ئوقۇغۇچىلار چوقۇم تۈركىيەنىڭ ھەرقانداق بىر ئالىي مەكتىپىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان بولىشى ۋە باشقا ھەرقانداق دۆلەت ئورگانلىرىدىن ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالمىغان بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

5) ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرىگە ئۆزلىكىدىن ئاكتىپ قاتنىشىشى، پەقەتلا مەكتەپتىكى دەرسلەردىلا ئەلا نەتىجە قازىنىشنى نىشان قىلىپلا قالماي، بەلكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە ئويغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگىلىك ئىش ۋە ھەرىكەتلەردە بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

يۇقارقى شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى ماتېرىياللار بىلەن بىۋاستە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە ئېلخەت ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشى كىرەك:

1) ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى «مەمتىلى تەۋپىق فوندى» ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماس جەدېۋىلى

UA Burs Başvuru Formu

2) ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى (Öğrenci Kimliği) ۋە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىسپات (Öğrenci Belgesi)،

3) ماگېستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇشىدىكى دەرس نەتىجىلىرى،

4) ئىككى پارچە تەۋسىيە خېتى (تەۋسىيە خېتىنىڭ بىرسى چوقۇم يىتەكچى ئوقۇتقۇچى، يەنە بىرسى جەمئىيەتتىكى مەلۇم بىر كىشى تەرىپىدىن بېرىلگەن بولىشى كىرەك.)،

5) پاسپورت ۋە ئىقامەت كۆپەيتىلمە نۇسخىسى،

6) يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە تارتىلغان بىر پارچە رەسىمى،

7) قىسقىچە تەرجىمىھالى،

8) تۈركىيەدە ئوقۇش مەقسىدى، ئوقۇش ۋە تەتقىقات نىشانى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى پىلان-لاھىيىسىى ھەققىدە قىسقىچە كۆز قاراشلىرى،

9) ئەگەر بولسا، ئوقۇش ۋە خىزمەت ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە ئالغان مۇكاپاتلىرى (چەتئەل تىلى ئىمتىھان نەتىجىلىرى، كومپىيوتېر قابىلىيىتى، يازغان ئەسەرلىرى ۋە باشقا ئالغان مۇكاپاتلىرى …)،

10) ھىچقانداق بىر دۆلەت ئورگانلىرىدىن ئوقۇش مۇكاپاتى ياكى ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالمىغانلىق ھەققىدە ئەھدىنامە. ئەگەر ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار (ۋەقىپ ۋە دەرنەكلەر) دىن ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالغان بولسا، بۇنى بىلدۈرىشى ياكى بۇنىڭغا ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن ئىسپات ئېلىپ تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنىش بىلەن بىرگە، «مەمتىلى تەۋپىق فوندى» ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلىشتىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ.

2015 – 2016 – ئوقۇش يىلى «مەمتىلى تەۋپىق فوندى» ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالغان ئوقۇغۇچىلار  كېيىنكى يىلى ئۆز ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئاساسەن قايتا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ئىلتىماس قۇبۇل قىلىش ئاخىرقى ۋاقتى: 2015 – يىلى 10 – ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەمتىلى تەۋپىق فوندى ئوقۇش ياردەم پۇلى تاللاپ باھالاش كومىتېتى

ئېلتىماس قوبۇل قىلىش ئېلخېتى: uyghuracademy@gmail.com

تېلىفۇن: 02125897667    ,05306677851   ,05063845639

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top