جان تالىشىۋاتقان تىللاردىن ئانا تىلىمىزغا نەزەر – مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد ( دوكلات )
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز، ياخشىمۇ سىزلەر؟
22- فېۋۇرال يەكشەنبە چۈشتىن كېيىن، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىكلەر جەمىيىتى يەنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، يەنە بىر قېتىملىق ئاناتىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزدى.
ئەڭ ئاز 50 كىشى قاتناشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5- قېتىملىق ئۇيغۇر ئاناتىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن تېمىلاردىن بىرى سىڭلىمىز مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد سۇنغان « جان تالىشىۋاتقان تىللاردىن ئانا تىلىمىزغا نەزەر » ئىدى. تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن تەييارلانغان ئىلمىي دوكلاتنىڭ تام تەسۋىرى، مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خانىمنىڭ يۇقۇرى ماھارەتلىك چۈشەندۈرىشى نەتىجىسىدە، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇش بىلەن بىرگە، ئانا تىلىمىز ھەققىدە چەكسىز ئىپتىخارلىق ۋە تەرەققىيات يۈلىنىشى ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا سالدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، دوكلاتنىڭ ئۈن ۋە سىن ھۆججىتى ھازىر بولغىچىلىك ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ بىلەن ھەمبەھىرلىنىشنى توغرا تاپتۇق. دىققىتىڭىز تۈۋەندىكى دوكلاتتا بولسۇن!
دوكلاتنىڭ PDF نۇسخىسى:bilimilim.org/kaznak/جان تالىشىۋاتقان تىللاردىن ئانا تىلىمىزغا نەزەر .pdf
دوكلاتنىڭ رەسىملىك نۇسخىسى: bilimilim.org/kaznak/جان تالىشىۋاتقان تىللاردىن ئانا تىلىمىزغا نەزەر .ppsx
slideshare.com دىكى ئادرىسى: http://www.slideshare.net/AbdulazizBESTOGRAK/ss-45025942