5 – قېتىملىق ئۇيغۇر ماگىستىر – دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلدى
2015 – يىلى 4 – يانۋاردا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئۇيۇشتۇرغان 5 – قېتىملىق ئۇيغۇر ماگىستىر – دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، ئىستانبۇل شەھرى زەيتىنبۇرنى رايونىغا جايلاشقان دېڭىز فەنەرى جەمىئىيتى يىغىن زالىدا غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى قىلىندى، ئاندىن تۈركىيە جۇمھۇرىيتى دۆلەت مارشى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى دوكتۇر ئابلەت تۇران ئەپەندى قىسقىچە قىلىپ ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكادېمىيسى ئىكەنلىكى، بۇ سەۋەپتىن كۆپچىلىكنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى كېرەكلى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئەزالىرىنىڭ كۈچىنىڭ يېتىشىچە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ماڭىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخرى رەئىسى شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندى، سابىق پەخرى رەئىسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى، دوكتۇر رىشات ئابباس ئەپەندى ۋە دوختۇر مەمەتئىمىن ئەپەندىلەر يازغان تەبرىك خەتلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن مۇھاكىمە يىغىنى رەسمىي ھالدا باشلاندى.
تۇنجى بولۇپ ئىستانبۇل تېخنىك ئۇنىۋېرسىتى ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى پەرھات ئوبۇل قاراقاش ئەپەندى ئايروپىلاننىڭ ياسېلىشى، بۈگۈنكى تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە كېلەچىكى ھەققىدە تەييارلىغان لېكسىيەسىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ئىككىنجى قېتىمدا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتى ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى مۇھەممەد بۇغرا ئەپەندى ماركېتىڭ ئىلىمى ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئانالىزى ھەققىدە تەييارلىغان لېكسىيەسىنى سۆزلەپ، بازار ئېچىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان تەرەپلەر، ماركا يارىتىش، ئىستىمال قىلغۇچىلارنى تاۋارغا قانداق يۈزلەندۈرۈش ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر مىللىي كارخانا – شىركەتلىرىنىڭ ئۆمرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئون يىلدىن ئۇزۇن بولمايدىغانلىقىدەك بىر رىئال مەسىلىنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ كەسىپنى تاللىشىغا سەۋەپچى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
مۇيەسسەر خانىم يېزىپ كەلگەن « كوچىدىكى ئۇيغۇر بالا » ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ ئۆتتى.
چۈشتىن كېيىن ئالدى بىلەن دوكتۇر مەھمۇتجان لېتىپ ئەپەندى « ئالەم نۇرى مىيۇنلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىشى » ھەققىدە تەييارلىغان لېكسىيەسىنى سۆزلەپ، ئالەم نۇرى مىيۇنلىرى، ئۇنىڭ مەنبەسى ۋە نېمە ئۈچۈن تەتقىق قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.
ئىككىنجى قېتىمدا، ماگىستىر مىھراي پامىر خانىم ھالال غىزا ھەققىدە تەييارلىغان لېكسىيەسىنى سۇنۇپ، ساماۋى دىنلاردىكى ھالال غىزا چۈشەنچىسى، ھالاللىق ئۆلچىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، كۈندىلىك يېمەك – ئىچمەك ۋە تۇرمۇش بويۇملىرىدىكى ھالال – ھارام ماددىلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.
ئۈچىنچى قېتىمدا، خەيرات خەلقئار ئوقۇغۇچىلار ۋەقپىدىن يۈسۈپ ئەپەندى ئوسمانلىچە ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىنلىقى ھەققىدە تەييارلىغان لېكسىيەسىنى سۇنۇپ ئۆتتى.
تۆتىنچى قېتىمدا، فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەقىپ ئۇنىۋېرسىتى ئىجتىمائىي ئۇچۇر – ئالاقە ۋاستىلىرى مۇتەخەسىسى سەئىد ئەرجان ئەپەندى « كۈنىمىزدىكى مىكرو ئۇچۇر – ئالاقە ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىش » ھەققىدە تەييارلىغان لېكسىيەسىنى سۇنۇپ، كۆپچىلىككە ئىجتىمائىي ئۇچۇر – ئالاقە ۋاستىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۇسۇللىرى، ئەقىللىق يانفۇنلار ئېلىپ كەلگەن ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىرلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.