You Are Here: Home » ئومۇمى » قەلبىمدىكى تۇغلۇق

قەلبىمدىكى تۇغلۇق

«بۈگۈن قوتادغۇبىلىكشۇناس، پىداگوك، ھارماس تەتقىقاتچى، ئۇيغۇر ئوغلانى يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئاكا ۋاپات بولغىنىغا 9 كۈن بولدى. ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن، ئامىن!»
بۇ يىل قىشتا تۇنجى قېتىم بۇ مۇبارەك زات بىلەن كۆرۈشكەن ئىدىم. ئۆزىنىڭ «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك»كە شەرھى يېزىپ، مىللەتلەر نەشرىياتىغا تاپشۇرۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان ئاشۇ ۋاقىتتا يەنە بىر قېتىم بۇ مۆتىۋەر زاتقا  قول قويغان ئىدىم. ئەپسۇس، قىسقىغىنا 10 مىنۇت مېنىڭ مەڭگۈلۈك ئەسلىمەم بولۇپ قاپتۇ. شۇنىسى كىشىنى ئېچىندۇردىكى، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىملا ئەمەس، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشىشىم ئىكەن، ئەلۋىدا!
مەن ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتلاردا دەل مۇشۇ پىداكار ئالىمىمىزنىڭ كىتابلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇغان ئىدىم. «ئوغلۇم ئالدىڭغا قارا»، «مەدەنىيەت كارۋانلىرى»، «قۇتادغۇبىلىك»، «11- ئەسىر ئۇيغۇر ئېدولوگىيىسى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى»، «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى»  قاتارلىق كىتابلىرىنى ئوقۇپ مەنىۋى جەھەتتىن زور نەپ ئېلىش بىلەن بىرگە، كەلگۈسى تۇتماقچى بولغان يول ھەققىدە بىشارەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن ئىدىم. ماڭا شۇنىسى ئېنىقكى، «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ بىباھا ئەسەر ئىكەنلىكىنى مۇشۇ مۇبارەك ئىجتىھادچىمىزنىڭ قان- تەرى بەدىلىگە كەلگەن تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق تونۇغان ئىدىم. بۇ زاتقا بولغان ھۆرمەت دەل شۇ سەۋەبتىن تېخىمۇ ئاشقان ئىدى. تېخى نەچچە ئاي ئىلگىرى «قائىدە- يوسۇنلىرىمىز» دېگەن كىتابىنى كۆرۈپ، ئوڭشاپ بىر پارچە ماقالە يېزىپ بولغۇچە قانچىلىك ھەرەج تارتىپ كېتىدىغىنىمنى ئېسىمگە كېلىپ، ئاپىرىن ئېيتقان ئىدىم. ھالبۇكى، «يامانغا ئۆلۈم يوق، ياخشىغا كۆرۈم» دېگەندەك، بالدۇرلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىپ قالدى. دەرھەقىقەت، ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچى ئىدى.
قوللىرىم ئىختىيارسىز كونۇپكا تاختىسىغا كەتتى، بولۇپمۇ، توردىن كىتاب  ۋەقەسى توغرىسىدىكى قۇرلارنى ئوقۇغىنىمدا چىداپ تۇرالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن،تۇغلۇق ئاكىنىڭ قەلبىمدىكى ئورنىنى ئادەتتىكى بىر يازما ئارقىلىق بولسىمۇ ئىپادىلەپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە   «تۇغلۇق»  نامىدا تەربىيلەش كۇرىسى ئاچقان ئىدىم. ھەر قېتىم دەرس باشلاشتىن بۇرۇن، «قۇتادغۇبىلىك» تىكى بېيىتلەرنى تەھلىل قىلىپ (تۇغلۇق ئاكىنىڭ تەھلىلىدىن پايدىلانغان ئاساستا!)، بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشقا كۈچىگىنىممۇ دەل «قۇتادغۇبىلىك» ھەققىدىكى شەرھى ئەسەرلەنى كۆرگەنلىكىمدىن ئىدى. ئۇنىڭدىن سىرت، كۇرستا بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىر مەزگىل كىتاب ساتقان ۋاقتىمدا يەنە مۇشۇ ئوت يۈرەك ئالىمنىڭ كىتابلىرىنىمۇ قوشۇپ ساتقان ئىدىم. ماڭا تەسىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، ساۋاقداشلىرىمغا، دوستلىرىمغا تەسىر قىلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس دەپ قاراپ، بۇ ھارماس تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇشقا دەۋەت قىلغان ئىدىم. ئەلۋەتتە، بۇ ئالاھىدە ئىش بولمىسىمۇ  ھەزقر ئويلىسام ئالىمغا بولغان ھۆرمەتنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.
كىتابنى بەك ئوقۇپ كەتمەيدىغان بىر ساۋاقدىشىم تۇغلۇق ئاكىنىڭ » 11- ئەسىر ئۇيغۇر ئىدولوگىيىسى» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ ناھايىتى تەسىرلىنىپ، ھاياجىنىنى بېسىۋالالماي ماڭا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. كىتابتىن خۇددى يۈتتۈرۈپ قويغان بىر نىمىسىنى تېپىۋالغاندەك خۇش بولۇپتىكەن. نېمىشقا دېمەمسىز؟
چۈنكى ئۇ كىتاب: ئۇيغۇرلۇق بىلىمى بىلەن دىنى ئېتىقاد جىپىسلاشقان ھالدا روياپقا چىققانلىقى، يەنى مىللى كىملىك ۋە ئەقىدە مەسلىسىدە ھىچقاچان بىرسىنى- بىرسىگە زىت قىلىپ قويمىغانلىقى ئۈچۈن ئىدى. ھازىر ئويلىسام مېنىڭمۇ ئەينى ۋاقىتتا بۇ كىتابلارنى شۇنچە سۆيۈپ ئوقۇپ كېتىشىمنىڭ سەۋەبى دەل شۇ بائىستىن ئىكەن.
شۇنى ئالاھىدە دەپ قويۇش كېرەككى، ئۇ كىتاب ئالىمنىڭ يۈكسەك مىللى غۇرۇرى ۋە پاك ئەقىدە- ئېتىقادىنى جۇلالاندۇرغانكى، ئۇيغۇر ياشلىرى ئوخشىمىغان ئىدولوگىيەنىڭ ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىۋاتقان ۋە ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ  قايمۇقتۇرىشىغا ماڭدامدا بىر دوقۇرۇپ قېلىۋاتقان ئۇشبۇ دەملەردە، «11- ئەسىر ئۇيغۇر ئىدولوگىيىسى»دىن ئىبارەت بۇ كىتاب ئۇلارنى تېخىمۇ پارلاق بىر مەنزىلگە باشلايتتى. بۇ كىتابتىكى مەنتىقىلىق مۇلاھىزىلەر ئىلىم- مەرىپەت، مىللىي كىملىك، ئەقىدە- ئېتىقاد مەسىلىسىنى شۇنچىلىك ئۇستىلىق بىلەن ھەل قىلىنغانكى، ئاللىقانداق پىكىرلەرنىڭ چاڭگىلىدا خۇدىنى يوقىتىپ قويغانلار ئۈچۈن بىر ماياك بولالايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇشبۇ كىتاب 21- ئەسىر ئۇيغۇر ئىدولوگىيەسى بولۇشتىنمۇ يىراق ئەمەس ئىدى. شۇڭا، پەمىمچە بۇندىن كېيىن بۇ كىتابنىڭ قەدىرى تېخىمۇ ئۆتىلىدۇ.
يەنە شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئاكىنى زامانىمىزنىڭ سۆز ئۇستىلىرىدىن دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. كىتابىدىكى سۆز- جۈملىلىرىنىڭ بالاغەت ۋە پاساھەتتىكى كامىللىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ كىتابىدىكى پاساھەتنىڭ كامىللىقى تۈپەيلى چەت- ياقىدىكى بىر دېھقان قېرىندىشىمىز ئوقۇسىمۇ تامامەن ھەزىم قىلىپ كېتەلەيدۇ. بالاغەتتىكى كامىللىقى سەۋەبىدىن ئۆزىنى چوڭ تۇتقان بىر زىيالىي مۇنداقلا كۆرۈپ قويسا بولىدىغان پۈتۈكلەردىن ئەمەس ئىدى.
ئەسلىدە تۇغلۇق ئاكا ھەققىدە مۇكەممەلرەك بىرە پارچە ماقالە يېزىش ئويۇم بار ئىدى. ياقا يۇرتلاردا مۇساپىر بولۇپ قېلىپ، پەقەت قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا ساقلىنىپ قالغان تەسىراتىمنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. خۇدا بۇيرىسا يېقىن كەلگۈسىدە بۇ ھەقتە تېخىمۇ ياخشى توختىلىش پۇرسىتى بولۇپ قالا!
مەنبە: ئۆزۈم
2012- يىلى 6- ئاينىڭ 19- كۈنى.
ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكى ئادرېسى: http://bbs.alkuyi.com/thread-21245-1-1.html

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top