You Are Here: Home » ئومۇمى » ياقۇببەگنىڭ نەسەپنامىسى – ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

ياقۇببەگنىڭ نەسەپنامىسى – ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

OLYMPUS DIGITAL CAMERA

شىۋېتسىيە خىرىستىيان دىننىي جەمئىيىتىنىڭ ستوكھولىمدىكى ئارخىپخانىسىدا مۈكەممەل ساقلانغان ۋە رەڭلىك نەقىشلەر بىلەن ناھايتى كۆركەم ئىشلەنگەن بىر پارچە نەسەپنامە بار ئىدى. بۇ نەسەپنامە شىۋېت مىسيونۇرلىرى قەشقەردە تۇرغان مەزگىللىرىدە يىغىپ ساقلىغان ماتىرىيالارنىڭ بىرى بولۇپ، ئارخىپىانىنىڭ قىممەتلىك ماتىرىيالى سۈپىتىدە ئەتۋارلاپ ساقلىغان.نەسەپنامە پۈتۈنلەي ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، تۈركولوگ گۇننار ياررىڭ نەسەپنامىنىڭ ئاخىرغا «بۇ ياقۇپ بەگنىڭ نەساپنامىسدۇر، 1982-يىلى» دەپ ئىزھات يېزىپ قويغان. ئۆزەمنىڭ تەخمىنەن ئوقۇپ كۆرۈشۈمچە نەسەپنامە ئادەم ئاتامدىن باشلىنىپ ياقۇپ بەگ بىلەن ئاخىرلاشقان.
2007 -يىلى 13-ئۆكتەبىر كۈنى گۇننار ياررىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىلىقى مۇراسىمى ستوكھولىمدا ئۆتكۈزىلگەندە، بۇ نەسەپنامىنى خىرىستىيان دىننىي جەمئىيىتىنىڭ ئارخىپخانىسىدىكى كاتېرىنا خانىم لۇند ئونۋېرسىتىتىدا گۇننار ياررىڭ يىغىپ ساقلىغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قول يازمىلار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان گۈنېللا تۆرىنۋاللغا تەقدىم قىلغان ئىدى. ھازىر بۇ نەسەپنامە لۇند ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر ماتىرىياللار كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا.
نەسەپنامىنىڭ كەڭلىگى تەخمىنەن 50 سانتېمېتېر ئەتىراپىدا بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 9 مېتېر ئەتىراپىدا كىلىدۇ.
نەسەپنامىنىڭ قايسى يىللاردا يېزىلغانلىقىغا دائىر مەلۇمات بىرلمىگەنلىكى ئۈچۈن نەسەپنامىنى 1865 -يىللاردىن 1875 -يىلارغىچە بولغان ئارلىقتا يېزىلغان بولۇشى مۈمكىن دېگەن قىياسقا كىلىمىز. چۈنكى بۇ دەۋۈر ياقۇببەگ ھاكىمىيىتىنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋىرى ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا ياقۇپ بەگ قەلەم ئىگىلىرىنى يىغىپ ئۆزىنىڭ نەسەپنامىسىنى يازدۇرغانلىقى رىئالىققا ئۇيغۇن. ياقۇپ بەگ ۋاپاتىدىن كىيىنكى تارىخى رىئاللىق بۇنداق بىر نەسەپنامىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىنى چەتكە قاقىدۇ. شۇنداق بولغاندا بۇ نەسەپنامە ئاز دېگەندە 125 يىلدىن 130 يىلغىچە تارخقا ئىگە.بۇ رەسىمدىكى كۆرۈنۈش ئاشۇ نەسەپنامىنىڭ دەل ئوتتۇرا قىسمى بولۇپ، ئەسلى ئورگىنالدىن رەسىمگە ئېلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top