ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 5-نۆۋەتلىك دوكتور ۋە ماگىستېر ئوقۇغۇچىلار ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۇقتۇرۇش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، قىممەتلىك دوستلار، قەدىرلىك ئاكا-ئۇكا، ھەدە-سىڭىل قېرىنداشلار، ئەڭ ئالدى بىلەن پۈتۈن ئاكادېمىيە ئەزالىرى نامىدىن ھەرقايسىڭلارنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە ئشەنگىنىڭلار ۋە قوللاپ -قۇۋۋەتلىگىنىڭلار ئۈچۈن چىن قەلبىمىزدىن رەخمەت ئېيتىمىز، چوڭقۇر ھۆرمەت، سەمىمى ئېھتىرامىمىزنى بىلدۈرىمىز.
ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يىللاردىن بېرى ، ئۆز ئىمكانلىرىنىڭ يار بېرىشىچە، ھەرخىل ئەھمىيەتلىك ئىلمى پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇتۇپ كەلمەكتە. ئىلىمسۆيەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى- ئۇستازلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىش، دوكتۇر ۋە ماگېستىر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىنى يىتىلدۈرۈشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش، شۇنداقلا، كېيىنكى ئەۋلات ياش ئەۋلاتلارنىڭ ئىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇش مەقسىدىدە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەنئەنىگە ئايلانغان ”ئۇيغۇر دوكتۇر ۋە ماگېستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى“ بۇ پائالىيەتلەر ئىچىدىكى يەنە بىر مۇھىم پائالىيەت بولۇپ، ئۇنىڭ 5-قېتىملىغى 2015-يىلىنىڭ تۇنجى يەكشەنبە كۈنى، 4-يانۋار ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلمەكچى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق ئوقۇغۇچى- ئۇستازلارنىڭ دىققىتىگە تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇشنى سۇنىمىز.
1. ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى بىر كۈن بولۇپ، چۈشتىن بۇرۇن 3 ۋە چۈشتىن كېيىن 3 بولۇپ جەمئى 6 تېمىدا ئلمى دوكلات سۇنۇلىدۇ.
2. دوكلات تېمىسىغا چەكلىمە يوق بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ھەرقانداق يېرىدە دوكتور ۋە ماگىستېرلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۆز كەسپىگە ئائىت ياكى ئۆزى قىزىقىدىغان ھەرقانداق تىمىدا دوكلات سۇنسا بۇلىدۇ.
3. سۇنۇلماقچى بولغان تېما چۇقۇم ئۆلچەملىك ئۇيغۇر يېزىقىدا ھازىرلىنىشى ۋە دوكلات تىلىمۇ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا بىرىلىشى شەرت.
4. ھەر بىر دوكلات ئۈچۈن 20 مىنۇت دوكلات ۋە 10 مىنۇت سۇئال- جاۋاپ ۋاقتى بېرىلىدۇ.
5. سۇنماقچى بولغان ماقالىڭىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ۋە تەرجىمىھالىڭىز بىلەن بىرلىكتە ئەڭ كېچىككەندىمۇ 12-ئانىڭ 10-كۈنىگىچە بىزگە يوللاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز.
ئانا تىلىمىزنى ئەمىلى ھەركىتىمىز بىلەن قوغداش ۋە كەلگۈسى ئالىملىرىمىز ئۈچۈن ياخشى مۇنبەر ھازىرلاپ بىرىش نىيىتىدە ئېلىپ بارغان بۇ تۈر پائالىيەتلىمىزگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز.
بۇ قېتىملىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەسمى ئىش باشلىغانىقنىڭ 5 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ھەرخىل مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات- سەنئەت نۇمىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
يىغىن ئاخىرىدا ، ئەڭ ياخشى سۇنۇلغان دوكلاتلار ئۈچۈن «تەۋپىق مۇكاپاتى» ۋە دوكلات بەرگەنلەر ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 5-نۆۋەتلىك دوكتور ۋە ماگىستېر ئوقۇغۇچىلار ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى شەرەپ گۇۋاھنامىسى» تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
6. يىغىننىڭ ئورنى ۋە باشقا تەپسىلى كۈنتەرتىپلەر ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى