كۆچمەنلىك – ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت
ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت
تاللىمىغان ئىدۇق بىز كۆچمەنلىك تەقدىرىنى،
ئەمما ئاشۇ كاج تەقدىر تاللىدى بىزنى.
بەلكىم سىلەر بىلىسىلەر بىزدىن ياخشى،
سىلەرگە مەنسۇپ بولغان ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى.
ئىختىيار قىلمىغانتۇق ۋەتەندىن ئايرىلىشنى،
بەخىتسىز دەپ ئاتايتتۇق ۋەتەنسىزنى.
ئەمما ئاخىر تاللىدى بىزنى ۋەتەنسىزلىك،
روھىمىزغا ئارتىۋالدۇق بىر تالاي ئېغىر يۈكنى.
ئەسلى بىز كۆچۈپ يۈرگەن ئەمەس ئىدۇق،
روھىمىزغا يىلتىز ئىدى تەكلىماكان.
قايغۇنىڭ شىرىكى يوق مۇشۇ كۈندە،
يىتىم بولۇپ قالدى يىراقتا ئاناماكان.
ئەسلىدە قۇشلار ئىدى كۈچۈپ يۈرگەن،
قۇشلاردەك كۆچۈش بۈگۈن بىزگە قالغان.
ئۇۋسى بۇزۇلسا ئەگەر بىر خەلقنىڭ،
ۋەتىنى سۇنغان دەرختۇر قاغجىرىغان.
2011يىلى -04ئاينىڭ -03كۈنى
![10415631_10204025293525353_1509331570558949129_n[1]](https://ug.uyghuracademy.org/wp-content/uploads/2014/10/10415631_10204025293525353_1509331570558949129_n1.jpg)