تۇرغۇن ئالماس ۋە باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ سىزما رەسىمى – ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد
تۇرغۇن ئالماس ۋە باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ سىزما رەسىمى
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد
تۇرغۇن ئالماس ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھۆرمەتكە ساساۋەر مەشھۇر تارىخچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھونلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە ھونلار ھەققىدە مەخسۇس تارىخىي كىتاپ يازغان تۇنجى شەخستۇر.ئۇ ئۆزۈنىڭ -1986يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان » ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ھونلارنىڭ قانداشلىق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي پاكىتلار ئارقىىق ئىسپاتلاپ، ئۇيغۇرلار بىلەن ھونلارنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىزچىل گۇمانىي قاراشتا بولۇپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم چەتئەل تارىخىچىلىرىغا رەدىيە بېرىدۇ.
تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ قارىشچە، »ھونلار ناھايتى ئىگىز بويلۇق، قاۋۇل، ئۇستىخانلىق، قاڭشارلىق، يۈزلىرى ئاق سۈزۈك بولۇپ قەدىمكى ئۇيغۇرلانىڭ قياپەتلىرى بىلەن ئىرقىي جەھەتتە ئوخشاش.«شۇڭا تۇرغۇن ئالماس -1987يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتىدا بەرگەن بىر قېتىملىق لېكسىيىسىدە ئېنىق قىلىپ»:قەدىمقى چاغدىكى ھونلار بىلەن ئۇيغۇرلار، تۈركلەرنىڭ تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، چىراي شەكلى دېگۈدەك ئوخشاش ئىدى.»،»ھونلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى چاغدىكى ئەجدادى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ھازىرقى چاغدىكى تۈركى خەلقلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىمۇ ئاساسلىق رول ئوينىغان ،شۇڭا مېنىڭ »ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابىمغا كىرگۈزىلگەن ھون ئېمپىرىيىسىنىڭ تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ سىزما رەسىمى ئەمىلىيەتتە مېنىڭ رەسىمىمدۇر، مېنىڭ چىرايىم قەدىمكى ھونلارنىڭ چىرايى بىلەن ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ رەسىمىنى سىزىشتا مېنى ئۈلگە قىلىپ سىزغان ئىدى، ئەگەر باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ بېشىدىكى دۇبۇلغىنى ئېلىۋەتسە ئاستىدىن مەن چىقىمەن» دېگەن ئىدى.
باتۇر تەڭرىقۇت ھون ئېمپىرىيىسىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى -210يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى-174يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن تەڭرىقۇتى بولۇپ، ھون ئېمپىرىيىسىنى ئەڭ قۇدرەت تاپقۇزغان ئېمپېراتۇردۇر. باتۇر تەڭرىقۇت تۇرغۇن ئالماسنىڭ قەلىمىدە ئەقىل-پارسەت ۋە باتۇرلۇقتا تەڭداشسىز شەخىس بولۇپ، »ھونلارنىڭ قىسقىچە تارخى «دېگەن كىتاپتا مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ»:باتۇر تەڭرىقۇت ھونلار تارىخىدا ئۆتكەن ھەربىي ئىستىراتىگىيە، تاكتىكا سەنئىتى جەھەتتە ئۆز زامانىسىدا تەڭدىشى يوق،سىياسىي دېپلوماتىيەدە ئاجايىپ تۇيغۇن ،دۆلەت تەشكىلىنى مۈكەممەللەشتۈرۈشتە مىسىلسىز تالانت ئىگىسى ، جەڭگىۋارلىقتا كارامەت قەھرىماندۇر«. تۇرغۇن ئالماس باتۇر تەڭرىقۇتنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق داستانى بولغان »ئوغۇزخان« داستانىدىكى ئۆزۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك خاقانى، دەپ ئاتىغان ئوغۇزخاننىڭ ئۆزى شۇ دەپ قارايدۇ.باتۇر تەڭرۇقۇتنىڭ رەسىمى ئۇيغۇرلار تەرپىدىن سىزىلغان ھون تەڭرىقۇتلىرىنىڭ بىردىن-بىر رەسىمىدۇر.
