ئابلەت تۇران ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى ( ت ر ت ئۇيغۇر خەۋىرى ) يوللىغۇچى: ئاكادېمىيە ۋاقتى: ئۆكتەبىر 15, 2014 ئورنى: ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى, پائالىيەت تارقىتىلىش 29.09.2014 يېڭىلىنىش 29.09.2014 ئابلەت تۇران ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ۋەزىپىسى ئۈستىدە توختالغاندا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى بىر يەرگە توپلاپ، ئۇلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ياشلارغا يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئابلەت تۇران ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى توغرىسىدا توختالدى تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابلەت تۇران ئەپەندى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ۋەزىپىسى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى بىر يەرگە توپلاپ، ئۇلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ياشلارغا يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتچان، ئۆز تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەمدە كىملىكىنى ساقلاپ قالالايدىغان ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئابلەت تۇران ئەپەندى ئاخىرىدا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ ئوقۇش فوندىنى تەسىس قىلغان ئامېرىكىدىكى رەئىمە دولان خانىمغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى. مەنبە: ت ر ت ئۇيغۇر تورى Tweet Share
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابلەت تۇران ئەپەندى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ۋەزىپىسى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى بىر يەرگە توپلاپ، ئۇلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ياشلارغا يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتچان، ئۆز تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەمدە كىملىكىنى ساقلاپ قالالايدىغان ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئابلەت تۇران ئەپەندى ئاخىرىدا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ ئوقۇش فوندىنى تەسىس قىلغان ئامېرىكىدىكى رەئىمە دولان خانىمغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى.