You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرلاشتى ( ت ر ت ئۇيغۇر خەۋىرى )

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرلاشتى ( ت ر ت ئۇيغۇر خەۋىرى )

4868892661akademii[1]

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 6 – قېتىملىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2 – كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ لېكسىيەسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2 – كۈنىدىمۇ پىروگراممىسى بويىچە داۋام قىلدى. ئامېرىكىدىكى فايزېر دورا تەتقىقات شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان رىشات ئابباس ئەپەندى «پەن – تېخنىكا ۋە پۇرسەت» ناملىق لېكسىيەسىدە، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىنسانىيەتكە نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرگەندىن باشقا، سەلبىي تەسىرلەرنىمۇ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تابلېت ۋە زامانىۋى دورىلارنى ياساشقا يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، بىر دورىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش ئۈچۈن 10 يىللارچە ۋاقىتنىڭ سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە تاماكا چەككەنلەرنىڭ %25 نىڭ راك كېسىلى بولۇش خەتىرىنىڭ يۇقىرىلىقىنى تەكىتلىدى.
«ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئايال شەخسلەر» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىگەن بەيتەپە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ دوتسېنتى مەخپىرەت كامال خانىم، ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئەرلەرگە باتۇر ۋە قەھرىمان بولۇش ئۈچۈن قانداق تەلەپلەر قويۇلغان بولسا، ئاياللار ئۈچۈنمۇ شۇنداق تەلەپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ لېكسىيەسىدە، قەدىمكى ۋە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئاياللار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
لېكسىيەدىن كېيىن، ئىككى كۈنلۈك يىغىندا ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن ئاكادېمىكلارغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى. ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابلەت تۇران ئەپەندى 6 – قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top