ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويۇشقا سەۋەب بولىدىغان كېسەللىكلەر
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويۇشقا سەۋەپ بولىدىغان كېسەللىكلەر 25 ياۋروپا دۆلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوكلاتقا كۆرە، سوزۇلما خاراكتېرلىك مۇسكۇل-ئىسكىلىت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ % 40 تى ئىشلەش-خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويماقتا.تۈركىيە قاتارلىق 25 ياۋروپا دۆلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ساغلام ئەمگەك كۈچىنىڭ ئەھمىيىتى» توغرىسىدا ھازىرلانغان دوكلاتقا كۆرە، سوزۇلما خاراكتېرلىك مۇسكۇل-ئىسكىلىت ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ % 40 تى ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويىدىكەن. « The Work Foundation ‹ئەمگەك فوندى جەمئىيىتى›» تەرىپىدىن ئېلىپ ھازىرلانغان ئەمگەك دوكلاتى، ئەسما سۇلتان ساھىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئارقىلىق ئېلان قىلىندى.
دوكلاتنى ئانالىز قىلغان دوكۇز ئەيلۈل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىممۇنولوگىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور نۇرۇللاھ ئاككوچ، تۈركىيىدە رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان تەخمىنەن 150 مىڭ، جاھىل خاراكتېرلىك ئۇمۇرتقا ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان 200 مىڭ ئەتراپىدا بىمارنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.
ئاككوچ، بۇ كىشىلەرنىڭ % 40 تىنىڭ ئۆزلىرى گىرىپتار بولغان كېسەللىكلەردىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، شۇڭا بۇ كېسەللىكلەرنىڭ زورىيىپ داۋالىغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شۇڭا، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن ھامان دەرھال داۋالىنىش ئىنتايىن مۇھىم. بىمارلار يېتەرلىك دەرىجىدە داۋالىنالمىغان تەقدىردە، روھىي چۈشكۈنلۈكنىڭ ئېغىر زەربىسىگە شۇنداقلا ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچراش خەۋپىدىن ساقلىنىپ قالالمايدۇ.»
تۈركىيىدە جاھىل خاراكتېرلىك ئۇمۇرتقا ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمالارنىڭ 36 يېشىدا پىنسىيىگە چىقىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە تۇرمۇش سەۋىيىلىرىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئاككوچ، تۈركىيىدە بۇ ساھەدە مۇتەخەسسىسلەشكەن دوختۇرلارنىڭ سانىنىڭ پەقەت 150 كە يېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
نۇرۇللاھ ئاككوچ، تۈركىيە قاتارلىق 25 ياۋروپا دۆلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ساغلام ئەمگەك كۈچى خىزمىتى» توغرىسىدا ھازىرلانغان دوكلاتقا كۆرە، سوزۇلما خاراكتېرلىك مۇسكۇل-ئىسكىلىت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ % 40 تىنىڭ ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويىۋاتقانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
سوزۇلما خاراكتېرلىك مۇسكۇل-ئىسكىلىت كېسەللىكى زور دەرىجىدە ئەمگەك كۈچىنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەپ بولماقتا.
« The Work Foundation ‹ئەمگەك فوندى جەمئىيىتى›» نىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ستېپھېن بېۋانمۇ مۇسكۇل-ئىسكىلىت سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنىڭ ياۋروپادىمۇ تۈركىيىدىمۇ ئوخشاشلا ئەمگەك كۈچىدىن مەھرۇم قېلىنىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
«ساغلام ئەمگەك كۈچىنىڭ ئەھمىيىتى» توغرىسىدا ھازىرلانغان دوكلاتتا، سوزۇلما خاراكتېرلىك مۇسكۇل-ئىسكىلىت كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئالدىن بايقاش ۋە تونۇش، ھەمدە بۇ كېسەللىكلەرنى بالدۇر داۋالىتىشنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سەھىيە ۋە ئەمگەك كۈچى يۈكىنى يەڭگىللىتىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغى، كېكەچلەش، ئىششىق ۋە كۆپ ھەرىكەت قىلالماسلىق قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك بىر خىل كېسەللىكتۇر. بۇ كېسەللىك، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ زورىيىپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىق، فۇنكسىيىلىك ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويۇش ۋە ئەمگەك قىلالماسلىقتەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
جاھىل خاراكتېرلىك ئۇمۇرتقا ياللۇغى كېسەللىكى بولسا، ئاساسلىقى ئومۇرتقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ياللۇغ خاراكتېرلىك بىر خىل رېماتىزم بولۇپ، كۆپىنچە 30 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەردە، بولۇپمۇ ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدۇ.
مەنبەسى: http://www.trtuyghur.com/trtinternational/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=67698416-a132-4fd8-802b-3c027e66006c