ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 6- نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا تەييارلىق خىزمىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سۆيۈملۈك قېرىنداشلار،
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 6- نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بەك كۆپ ۋاقتىمىز قالمىدى. يىغىن 9-ئاينىڭ 20-21-كۈنلىرى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۈنىۋېرسىتىنىڭ پانوروما 1453 موزېيىغا يېقىن بولغان توپقاپې ھويلىسىدىكى يىغىن سالونىدا ئېچىلىدۇ.
( بىلمەيدىغانلار ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق بىلەن ئالاقىلىشىڭ: 05378112235 )
يىغىندا دوكلات سۆزلىمەكچى بولغان ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن بىر قانچىسى ئاللىبۇرۇن سەپەرگە ئاتلاندى، قالغانلىرى سەپەر ھازىرلىقىدا…
بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى قېرىنداشلار ، يىغىن تەييارلىقى ئۈچۈن جىددى تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. يىغىن كۈنتەرتىپى تۈزۈلۈپ بولدى.
مېھمان تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە يارىشا، شەھىرنىڭ ئەڭ ئاۋات يەرلىرىدىن شىشلىدىكى مېھمانخانىدىن ئالى دەرىجىلىك ياتاق زاكاس قىلغان بولساق، ئالىم تەتقىقاتچىلىرىمىزغا يۇرت تاماقلىرىنىڭ ھەسرىتىنى كەتكۈزۈش ئۈچۈن ئالى ئۇيغۇر رېستۇرانلىرىدىن كەچكى زىياپەتلىرىنى ھازىرلاتتۇق. ئوقۇغۇچى قېرىنداشلارىمىزنىڭ ئالىملىرىمىز بىلەن يۈزمۇ يۈز كۆرۈشۈپ مۇڭدىشىپ، ئىلىم سۆھبىتى ئۆتكۈزىۋېلىشى ئۈچۈنيىغىنىننىڭ 2-كۈنى 21-چىسلا يەكشەنبە چۈشتىن كېيىن يىغىن ئاياقلاشقاندىن كېيىن يىغىن سالونىنىڭ يېنىدىكى مەكتەپ ئاشخانىسىدا تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىمىز بىلەن ئۇچرۇشۇش پۇرسىتى ھازىرلىدۇق.
ئىنشا ئاللاھ بۇيىلقى ئىلمىي مۇھاكېمە يىغىنىمىز تارىخىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل خاتىرەلەردىن بىرى بوپقالغۇسى.
بۇ قېتىملىق يىغىنىمىزغا داڭلىق دورىگەرلىك تەتقىقاتچىسى در. رىشات ئابباس ئاكىمىز ئۈزىنىڭ « پەن – تېخنىكا ۋە پۇرسەت » ناملىق دوكلاتى بىلەن بىزنى كۈتۈپ تۇرغان تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرمەكچى. يۇلغۇن تورىنىڭ قۇرغۇچىسى در. مۇھەممەد ئابلا ئاكىمىز « ئۇيغۇر تىلى ۋە كۈلتۈرىنى رەقىملىك مۇھىتتا مۇھاپىزە قىلىش » ناملىق دوكلاتى بىلەن، مەدىنىيىتمىزنى رەقەملىق مۇھىتتا قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش تەدبىرلىرىدىن سۆز قىلماقچى. غازى ئۈنىۋېرسىتىسى دوتسېنتى پىروف.در. ۋەدات بۇلۇت ئەپەندىم « ئۇيغۇر تىبابىتىگە بىر نەزەر: ئاتا ساغۇندىن زامانىۋىي دورىگەرلىككە كۆۋرۈك » ناملىق دوكلاتى بىلەن، تۈرۈكلەرنىڭ ئاتىسى بولغان ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ تىبابەت گۆھەرلىرىدىن ئىپتىخارلاندۇرماقچى. تۈركىيە TÜBİTAK مۇتەخەسسىسلەر بېشى فاتىھ شاھىن ئەپەندىم « ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە كارخانىچىلىرىغا قارىتا تۈركىيەنىڭ ھەمكارلىق ۋە ياردەم ۋاستىلىرى » ھەققىدە تەييارلىغان ماقالىسىنى سۇنىدۇ.
بەيكەنت ئۈنىۋېرسىتىنىڭ دوتسېنتى در. مەغفىرەت يۇنۇسئوغلى ھەدىمىز « ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئايال شەخىسلەر » ناملىق تارىخى دوكلاتى بىلەن، بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرەتكەن مەشھۇر ئايال ئابىدىلىرىمىزنى بىزگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى. ناسا گۇددارات ئالەم بوشلىقى مەركىزىدە ئىشلەۋاتقان در. ئاينۇر ئابدۇرازاق يەڭگىمىز سۈنئىي ھەمرادىن تارتىلغان سۈرەتلەر ئارقىلىق « دېڭىز ئاستىدا ياشاش ئىمكانلىرى » ھەققىدىكى تەتقىقاتى ئارقىلىق، ھاياتلىق مەنبەسى بولغان دېڭىزنىڭ قىممتى ھەققىدە، تەكلىماننىڭ چۆللىكىدىن دېڭىزغا تەشنا بولغان ئۇيغۇر خەلقىمىزگە دوكلات بېرىدۇ.
بۇ قېتىملىق يىغىنىمىز ئۆتكەن يىلقىدەك داغدۇغىلىق بوپكەتمىسىمۇ، ئەمما بىز بىلەن بىرسەپتە تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇتلۇق كارۋىنىغا قېتىلغان يېڭى ئەزالىرى ۋە قوللىغۇچلىرى بىلەن گۈزەل غايىلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەزمۇت قەدەملىرىمىزنى بىرلىكتە ئاتىدىغان بولدۇق.
ئەلھەمدۇلىللاھ، ئۆتكەن يىلى ئېيىتقان « بىزنىڭ ناخشىمىز » نى بۇ يىل يېڭى سەبداشلار بىلەن بىرگە ئېيتىدىغان بولدۇق.
ئاللاھ ئىگەم ھەممىڭلاردىن رازى بولسۇن!
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكەن يىلقى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 5- قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇكاكىمە يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن خاتىرەلەرنى ئەسلەپ ئۆتەيلى. دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى قىسقا فىلىمدە بولسۇن!
