You Are Here: Home » ئومۇمى » قۇرئان كەرىمدە ئىسا مەسىھ

قۇرئان كەرىمدە ئىسا مەسىھ


دوكتور ئابدۇلەتىف مەھمۇد ئال مەھمۇد

تەرجىمە قىلغۇچى: ھېيتاخۇن مەمتىمىن

خېلسىنكى – فىنلاندىيە
2014- يىلى 9- يانۋار

تەرجىماندىن كىرىش سۆز
ھۆرمەتلىك كىتاپخان
دۇنيادا، خۇسۇسەن غەرپتە ئىسلام دىنىغا قىزىقىش كۈنسىرى يوقۇرى كۆتۈرۈلىۋاتقان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. رەسمىي سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ياۋرۇپادىكى مۇسۇلمان نوپۇسىنىڭ سانى 50 مىليونغا يەتتى. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى چەيرەك ئەسىردىن بۇيان ياۋرۇپاغا كۆچۈپ بارغان مۇسۇلمان ئاھالە ۋە يېڭى نەسىل ئىگەللىمەكتە. كۈنىمىزدە ياۋروپادا ئىزچىل تۈردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلامغا قارشى تەتۈر تەشۋىقاتقا قارىماي، ئوخشىمىغان سەۋەپلەر بىلەن قۇرئاننى ئوقۇپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان غەرپلىكلەرنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس.
غەرپ ئەللىرىدە يېڭىدىن ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىيلار قاتلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، غەرپ دۆلەتلىرىدىكى ئېتىقادى ۋە دىنى ئەركىنلىك قانۇنلىرى، خەلقنىڭ ئېڭى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشقا سېڭىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئوخشىمىغان دىن، پەرقلىق مەدەنىيەت مەنسۇپلىرىنىڭ ئۆز – ئارا ھۆرمەت بىلەن ياشاش ئارزۇسى مودا ئېقىمغا ئايلانماقتا. دەل بۇ نوقتا، غەرپلىكلەرنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن تۇنۇشۇشىغا كەڭ دائىرىدە ئىمكانىيەت ئېلىپ كەلدى دەپ ئويلايمەن. مەن ياشاۋاتقان شىمالى ياۋروپادا، ئىسلام دىنىغا كىرگەن كۆپلىگەن فېن بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدۇم. ئۇلارنىڭ تەقۋادارلىقى ۋە ئىچ – ئىچىدىن ئاللاھ قا بولغان سەمىمىيىتى مېنى خىجالەتتە قويدى.
سۆھبەت جەريانىدا “ سەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىڭدا “ ئاتا- ئاناڭ ۋە دوست- بۇرادەرلىرىڭنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟ دەپ سورىغان ۋاقتىمدا، ھەممىسىنىڭ ئورتاق جاۋابى ئاساسەن ئوخشاش ئىدى: ئۇ سېنىڭ شەخسى تاللىشىڭ، پىكرىڭگە ھۆرمەت قىلىمىز.
مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يېقىن كەلگۈسىدە غەرپتىكى ئەڭ ياڭراق سادا ئىسلام دىنىنىڭ ساداسى بولىدۇ.
شۇنداق قەتىئىيلىك بىلەن ئېيتالايمەنكى، غەرپ دۇنياسىدا ئىسلام دىنىنى يېڭىدىن قوبۇل قىلىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالىم – ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئىكەن. بۇنىڭ ئەكسىچە خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلىپ، ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ئاساسى قاتلىمى مائارىپ سەۋىيىسى ئەڭ تۆۋەن، ياكى كىچىكىدە ئىسلام دىنى ھەققىدە مەلۇماتى بولمىغان كىشىلەر ئىكەن. ئۈچىنچى تۈركىمى بولسا، نازىل قىلىنغان ئىسلام دىنىنى ئەمەس، ئويدۇرۇلغان ئىسلام چۈشەنچىسىدىن سەسكىنىپ، يامغۇردىن قاچىمەن دەپ مۆلدۈرگە تۇتۇلغان بىچارە قېرىنداشلار ئىكەن.
فېنلاندىيەدىكى ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ خىرىستىيان دىنىغا كىرىپ كەتكەنلىكى مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى. بىر قانچىسى بىلەن شەخسەن ئۇچرىشىپ ياكى ئارقا كۆرۈنۈشىنى سۈرۈشتە قىلغان ۋاقتىمدا، ۋەتىنىمىزدىكى ۋاقتىدا ئىسلام دىنى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتى يوق ئىكەنلىكى؛ بەزىلىرىنىڭ ئويدۇرۇلغان ئىسلام چۈشەنچىسىدىن قېچىپ، مەنىۋىي ئوزۇقلۇقنى ئىنجىلدىن ئېلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتىم.
كېيىنچە، ئۆزلىرىنى ئېتىقاتچى دەپ ئاتايدىغان خىرىستىيان بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ياشايدىغان ھەممىلا دۆلەتتە ئازدۇر- كۆپتۇر مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاتېئىزم مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەتتا ۋەتىنىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدەك مەركىزى شەھەرلىرىدە بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى بىلىپ يەتتىم.
تېخىمۇ چۇڭقۇر تەتقىق قىلغان ۋاقتىمدا، غەرپ دۇنياسىدىكى بەزى خىرىستىيان مىسيونىرلىرى زور كۆلەمدە مەبلەغ ئاجرىتىپ، مەركىزى ئىستانبۇل ۋە شىياڭگاڭدا مەخسۇس نەشرىيات قۇرۇپ، مەخسۇس خادىملارنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن يۈز تۇرانە تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن كىتاپ ئەۋەتىپ، ئۈن- سىن بويۇملىرى ئىشلەپ، تور ئارقىلىق كۈچلۈك تەشۋىقات سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىۋېتىپتۇ. ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھەر يىلى خىرىستىيان بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ خۇپىيانە خەلقارالىق ئۇچۇرىشىشلىرى بولىدىكەن.
ھەر كىمنىڭ قايسى دىنغا ئېتىقات قىلىشى ئۆز ئەركىنلىكى.
ئاللاھ تەئەلا قۇرئان كەرىمدە، ”لااكراه فى الدين ( دىندا زورلاش يوق ) “ دېيىش ئارقىلىق، ئىنسانلارغا ئەركىن ئىرادە، تاللاش ھوقۇقىنى بەرگەن. بۇ ئارقىلىق، جەننەتكە ياكى دوزاققا كىرىش ئەركىنلىكىنىمۇ بەرگەن ئىكەن. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، زالالەت يولىنى تاللىۋالغان خىرىستىيانلارغا مېھر- مۇھەببەت بىلەن ئاللاھ نىڭ نىجادلىق يولى بولغان بىردىن- بىر ساغلام مەنبە، قۇرئان ئايەتلىرىنى يەتكۈزۈشتىن باشقا تاللىشىمىز يوق.
بۇ مەقسەتتە بىر ئەسەر قەلەمگە ئېلىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك قۇرئان ئايەتلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان ئاساستا ئىزدىنىۋاتاتتىم. قۇرئان، تەۋرات ئىنجىل ۋە زەبۇر قاتارلىق مەنبەلەرنى ئوقۇپ چىقتىم. دەل مۇشۇ پەيتتە، مىلېسىنكىدا ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن ئىسلام يەرمەنكىسى ئېچىلدى. بەھرەيىندىن كېلىپ قاتناشقان بىر ھەيئەتنىڭ كىتاپ ئۈستىلىدىن مەن ئالغان كىتاپلار ئارىسىدا ”المسيح عيسى ابن مريم كما يتحدث عنه القران الكريم “ ناملىق بۇ ئەسەر دەل مەن يېزىپ چىقماقچى بولغان كىتابقا باپ كېلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر يېرىم ئاي ۋاقىت چىقىرىپ، بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. كەڭ كىتاپخانلارنىڭ بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ چىقىپ، ئاللاھ نىڭ ئەيسا پەيغەمبەرگە بەخش ئەتكەن ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تونۇپ يېتىپ، خۇددى تۇنجى ئىنسان ئادەم ئاتىمىزنىڭ ھەم پەيغەمبەر ھەم ئىنسان بولغىنىدەك مۇسا، ئەيسا ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئەلچى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملارنىمۇ يەككە يىگانە ۋە شىرىكى يوق ئاللاھ تەئەلانىڭ بىرەر بەندىسى ۋە خىزمەتچىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
جانابى ئاللاھ تىن بۇ ئەسەرنىڭ بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا پايدىلىق قوللىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قېلىشىنى تىلەش بىلەن بىرگە، تەرجىمىدىكى سەۋەنلىكلىرىم بولسا تەنقىدى پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۆتۈنىمەن.
ئاخىردا خۇدا ئەمەس، ئىنسان بولغان ئەيسا مەسىھگە سالام بولسۇن!
ھېيتاخۇن مەمتىمىن
2014- يىلى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى.
مىلېسىنكى-فېنلاندىيە
ئىلخەت ئادرىسىم: fi.hotmail@heytahun

مۇقەددىمە

بۇ كىتابنى ئادەم، نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا، ھارۇن، سۇلايمان، داۋۇت، زەكەرىيا، يەھيا، ئىسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قاتارلىق بارلىق پەيغەمبەرلەر ئىبادەت قىلغان ئىلاھ ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
بۇ ئەسەرنىڭ ئوبيېكتى مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار ۋە باشقا غەيرىي دىندىكى كىشىلەر بولۇپ، بارچە پەمغەمبەرلەرنىڭ مەبۇدى ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ ئاخىرىقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتابى قۇرئان كەرىمدە، « ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئەگەشكۈچىلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئېيتقانلىقى » نى بىلمەكچى بولغان كىتابخانلار بىلەن، قۇرئان كەرىم ۋە تەپسىرى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈكلىك رول ئويناشقا تىرىشىمەن.
بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مۇشۇنداق بىر ئەسەرنى يېزىپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بولساممۇ، ۋاقتىمنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىدىم. ئاخىرى مەن ھېس قىلغان جىددىي تەقەززا كىتابنى يېزىپ چىقىشىمغا تۈرتكە بولدى.

دىنىي قېرىنداش سىڭلىم رەجا لوۋرى (رجاء لورى)
قۇرئان كەرىمدىكى خىرىستىيان چۈشەنچىسى ( فكرة المسيحية في القرآن الكريم ) توغرىسىدىكى تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش ماتېرىيالىنى ماڭا ئەۋەتىكەنىدى. ئۇنى قايتىدىن رەتلەپ چىقىپ سىڭلىمىزغا ئەۋەتكەن ۋاقتىمدا، ئۇ بۇ ئەمگەكنى ئۆزىگە مەنسۇپ دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، بۇ ئەسەرنى يېزىپ چىقىشىمغا تۈرتكە بولغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە تىلغا ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
بۇ ئەسەردە كىتابخاننى قۇرئان بىلەن بىۋاسىتە ۋە يالغۇز قويۇشقا تىرىشتىم. قۇرئان كەرىم ئەڭ ياخشى ئىزاھلىغۇچىدۇر. ئاللاھ تائالا « إنه الكتاب المبين ( ئۇ قۇرئان بولسا ئوچۇق چۈشەندۈرىدىغان كىتابتۇر ) » دېگەن ئەمەسمىدى. تېخىمۇ چۈشۈنۈشلۈك بولسۇن ئۈچۈن، ئايەتلەرگە ئاممىباب ۋە يىغىنچاق تەپسىر (چۈشەندۈرۈش) بەردىم. بۇ ئەسەردە دوكتور بىننى ئابدۇمۇھسىن تۈركىيەنىڭ نازارىتىدىكى مۆتىۋەر ئالىملار ھەيئىتى تەرىپىدىن ھازىرلىنىپ، ھىجرىيە 1418- يىلى پادىشاھ فەھد قۇرئان بېسىش مەتبەسىدە بېسىلغان قۇرئان كەرىم تەپسىرىنى ئاساس قىلدىم.
كىتابنىڭ خام نۇسخىسى مەككە – مۇكەررەمەدىكى ھەرەم مەسچىتىگە يېقىن بىر يەردە ھىجرىيە 1422- يىلى 25- مۇھەررەم (مىلادىيە 2001- يىلى 4- ئاينىڭ 19- كۈنى) تاماملاندى.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ رەببى بولغان ئۇلۇغ ئاللاھ تىن بىزنى ئۆزىگە خالىس ئىبادەتتە بولىشىمىزغا ۋە پەمغەمبەرلىرىگە ۋەھىي قىلغان رەۋىشتە ئېتىقاد قىلىشىمىزغا مۇيەسسەر قىلغاي!
دوكتور ئابدۇلەتىف مەھمۇد ئالى مەھمۇد
مەنامە – بەھرەين

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
﴿ مۇسا ئېيتتى: « پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ قەلبىمنى كەڭ قىلغىن، (يەنى ئىمان بىلەن ۋە پەيغەمبەرلىك بىلەن نۇرلاندۇرغىن). مېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرغىن. تىلىمدىن كېكەچلىكنى كۆتۈرۈۋەتكىن. ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى چۈشەنسۇن ﴾.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ” قۇرئان كەرىمدە مەسىھلىق “ ھەققىدىكى چۈشەنچە ۋە ئوي – پىكىر ئۇيقۇمنى قاچۇردى. بىرنەچچە ئاي ئىزدىنىش ئارقىلىق قۇرئان كەرىمدىكى خىرىستىيانلار، ھۆرمەتلىك ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئىپپەت ئابىدىسى بولغان مەريەم ئانىمىز تىلغا ئېلىنغان ھەربىر سۈرىنىڭ ئايەتلىرىنى رەتلەپ چىقتىم.
بۇ تەتقىقاتىم ئۈچ يىل بۇرۇن بىر يەرلىك گېزىتتە: ” ئەي خىرىستىيان قېرىنداشلار!… ئويغىنىڭلار! “ ماۋزۇسى بىلەن ئېلان قىلىندى. كېيىن ئۇنى كىتاب قىلىپ چىقىرىشنى ئويلاپ، تەتقىقاتىمنى ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئابدۇلەتىف مەھمۇد ئالى مەھمۇدقا ئەۋەتتىم. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ ساھەدىكى ئىلمىنى قوشۇپ، كىتابنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ يېزىپ چىققانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن.

رەجا لورى

ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلەرنىڭ قۇرئانىدىكى ئاتىلىشى

ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلەرگە دىنىڭلار نېمە دەپ سورالسا، بىز مەسىھى يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكۈچىلەر دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ. لېكىن، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان قۇرئان كەرىمدە، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكۈچىلەرنى قايسى ئىسىم بىلەن ئاتىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلەرگە ” ناسارا “ ئىسمىنى ئىشلەتكەن.
سىلەرنى قۇرئاندىكى بۇ ئاتالغۇ بىلەن ئۇچراشتۇرۇشتىن بۇرۇن قۇرئاندىكى ” ناسارا “ سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلىۋېلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىمەن. شۈبھىسىزكى، ناسارا سۆزى ” ئاللاھ سۆيگۈسى ئۈچۈن، ئاللاھ دىنىنىڭ مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەقەت بىر ئاللاھ قىلا ئىبادەت قىلىش چاقىرىقىغا سادىق ۋە خالىسانە ياردەمدە بولغانلار“ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا ھەر مۇسۇلماننى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلەر ئىچىدىكى ئۇ مۇخلىس كىشىلەرگە ئەگىشىشكە چاقىرىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ ئى مۆمىنلەر! ھاۋارىيونلار ( يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا دەسلەپتە ئىمان ئېيتقان مۇئمىن قەۋم ) دەك ئاللاھ نىڭ ياردەمچىلىرى بولۇڭلار، مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا ھاۋارىيونلارغا: « ( ئاللاھ نىڭ دەۋىتىنى تەبلىغ قىلىشتا ) ئاللاھ قا كىملەر ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟ » دېدى، ھاۋارىيونلار: « بىز ئاللاھ نىڭ ياردەمچىلىرىمىز » دېدى، ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر تائىپە ئىمان ئېيتتى، يەنە بىر تائىپە كاپىر بولدى، مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىدا يار ـ يۆلەكتە بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن مۆمىنلەر غالىب بولدى ﴾ .
يۇقىرىقى ئايەتنىڭ تەپسىرى:
ئى ئاللاھ قا سادىق بولغان ۋە ئەلچىسىگە تابى بولغانلار، ئاللاھ نىڭ دىنى ئۈچۈن يار – يۆلەكتە بولۇڭلار. شۇنداقلا ئىسا ئەلەيھىسسالام ئەگەشكۈچىلىرىگە: كىم مېنىڭ ياردەمچىم بولىدۇ، ئاللاھ قا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىشلاردا مەن بىلەن ھەمدەم بولىدۇ،- دېگەندە، ئۇلار بىز ئاللاھ نىڭ دىنىنىڭ ياردەمچىلىرى دەپ جاۋاب بەرگەن. ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ بىر قىسمى ھىدايەت تاپقان، يەنە بىر قىسمى زالالەتكە چۆمگەن، ئاندىن ئاللاھ قا ۋە پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە يار – يۆلەكتە بولدۇق. ناسارا پىرقىلىرىدىن ئۇلارغا قارشى چىققانلارغا ياردەم بەردۇق. شۇنىڭ بىلەن مۇئمىنلەر ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قازاندى. ئۇ بولسىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بەيئىتىدىن كېيىن بولدى.
يۇقىرىقى ئايەتلەردىن شۇنى بىلىۋالالايمىزكى:
شۈبھىسىز مەسىھ (ئىسا) ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ئىمان ئېيتىپ بىرگە بولغان مۇخلىس ھاۋارىيونلاردىن ئاللاھ ئۈچۈن ياردەمچى بولۇشلىرىنى ئۆتۈندى. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ نازىل قىلغان دىنىغا ياردەم قىلىش ئىدى.
شۈبھىسىزكى، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئىسرائىل ئەۋلادلىرى (بەنى ئىسرائىل) ئىچىدىن چىققان پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرى. ئىسرائىل بولسا ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ يەنە بىر ئىسمى.
ئىسرائىل ئەۋلادلىرى، يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالام ئەۋەتىلگەن يەھۇدىيلار ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ. بىر قىسمى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سۈپىتىدە ئىمان ئېيتتى. يەنە بىر تۈركۈمى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلدى. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ رىسالىتىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھ نى بىر دەپ ئېتىقاد قىلغۇچىلار بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىنكار قىلغان يەھۇدىيلار ۋە مۇۋەھھىد بولمىغان (ئۈچ خۇدالىق ئىدىيەسىدىكى ) خىرىستىيانلار ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىشىش ئوتتۇرىغا چىقتى. ئاللاھ تائالا، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھ تائالانى بىر دەپ ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا كاپىرلار ئۈستىدىن ياردەم قىلدى. ھەمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇبۇۋىتىگە ئىشىنىدىغان، ئىسا ئەلەيھىسسالام بىر دەپ ئېتىقاد قىلغان ئاللاھ قا ئىمان ئېيتقان ئىسلامغا نۇسرەت ئاتا قىلدى.
قۇرئان كەرىمنىڭ يەنە بىر يېرىدە، ئاللاھ تائالا بىر ئاللاھ قا دەۋەت قىلىپ كەلگەن ئىسا پەيغەمبەر بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغان يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: ﴿ ئىسا ئۇلارنى ( يەنى يەھۇدىيلار ) دىن كۇفرىنى ( كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى ) سەزگەن چاغدا: « ئاللاھ ئۈچۈن ( ئاللاھ قا دەۋەت قىلىش يولىدا ) ماڭا كىملەر ياردەم بېرىدۇ؟ » دېدى. ھاۋارىلار ( يەنى ئۇنىڭ تەۋەلىرىدىن ھەقىقىي مۇئمىنلەر ) ئېيتتى: « ئاللاھ ئۈچۈن ساڭا بىز ياردەم بېرىمىز، ئاللاھ قا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز ( پەيغەمبەرلىكىڭگە ) بويسۇنغۇچىلارمىز. پەرۋەردىگارىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق، بىزنى ( ھىدايىتىڭگە ) شاھىت بولغانلار قاتارىدا قىلغىن ». ئۇلار مىكىر ئىشلەتتى ( يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى )، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلدى ( ئىسا ئەلەيھىسسالامنى قۇتقۇزۇپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى ). ئاللاھ مىكىر قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىنى ئوبدان بەرگۈچىدۇر.
بۇ ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى:
52- ئايەتتە: ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ كۇفرىدىكى چىڭ مەيدانىنى كۆرۈپ ئەتراپىدىكى سەمىمىي ئەگەشكۈچىلىرىگە: « ئاللاھ نىڭ دىنىغا ياردەمدە كىم مەن بىلەن بىر سەپتە بولىدۇ؟ »- دەپ سورىغاندا، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى مۇنداق جاۋاپ بەردى: بىز ئاللاھ نىڭ دىنىغا ياردەم بېرىمىز، ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىمىز. ئاللاھ نى تەستىق قىلدۇق ( ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق ۋە ساڭا تابى بولدۇق ). ئەي ئىسا ئەلەيھىسسالام شۇنىڭغا شاھىت بولغىنكى، بىز ئاللاھ نى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق بوي سۇنغۇچىلارمىز.
53- ئايەتتە: ئى رەببىمىز! سەن نازىل قىلغان ئىنجىلغا ئىمان ئېيتتۇق. پەيغەمبىرىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا تابى بولدۇق. بىزنى سېنىڭ يەككە – يېگانە ئىكەنلىكىڭگە شاھادەت ئېيتقانلار ۋە پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ رىسالىتىگە ئىمان ئېيتقانلارنىڭ جۈملىسىدىن قىلغايسەن!
54- ئايەتتە: ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدىن ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغان كاپىرلار، ئۇنى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈشكە ئادەم تەيىنلىدى. بىراق ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېرىنى كۆرسىتىپ قويغان كىشىنى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەكلىگە كىرگۈزدى. ئۇنى ئىسا ئەلەيھىسسالام دەپ پەرەز قىلغان يەھۇدىيلار، ئۇ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ كىرېستقا مىخلىدى. ئاللاھ مىكىر ئىشلەتكەنلەرنىڭ جازاسىنى ئوبدان بەرگۈچىدۇر.
يۇقىرىقى ئايەتلەردىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى:
ئىسا ئەلەيھىسسالام شۇنى جەزم قىلغان، ئىسرائىل ئەۋلادى- يەھۇدىيلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتماي، رىسالىتىنى ئىنكار قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنغان. بۇ سەۋەپتىن، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە دەۋىتى ۋە دىنغا ياردەم بېرىشلىرىنى تەلەپ قىلغاندا، ھاۋارىيونلاردىن باشقا ھېچكىم ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى ئۇزاتمىغان. ھاۋارىيونلار ئىمانلىرىدا سادىق كىشىلەر بولۇپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەن ئىدى: ﴿ بىز ئاللاھ قا ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ تەسلىمىيىتىمىزگە شاھىت بول! ﴾.
يەنە ئاللاھ قا مۇناجات قىلىشىپ شۇنداق دېيىشكەن ئىدى: ﴿ ئى رەببىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق، پەيغەمبىرىڭگە ئەگەشتۇق، بىزنى شاھىتلار قاتارىدىن قىلغايسەن! ﴾.
بىز ئۆزىمىزگە مۇنداق بىر سوئالنى قويۇپ باقايلى! ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلەرنىڭ « ناسارا » ئىسمىنى « مەسىھىيلەر » دەپ كىم ئۆزگەرتىۋەتتى؟ نېمە ئۈچۈن؟
تارىختىن ۋە دىن تارىخشۇناسلىرىدىن بۇنى ئۆزگەرتكەنلەرنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى سورىشىمىز كېرەك. بۇ ئۆزگەرتىش نېمە ئۈچۈن؟ ئىككى ئىسىمنىڭ قايسىسى توغرا؟ « ناسارا – ئاللاھ نىڭ ياردەمچىلىرى » مۇ ياكى يەنە بىرى مەسىھىيۇنلار – مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى » مۇ؟ مەلۇم بولغىنىدەك مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى « يەھۇدىي » دېيىلىدۇ. « مۇسۇيۇن » دېيىلمەيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولسا، مۇھەممەدىيۇن دېيىلمەستىن « مۇسۇلمانلار » دەپ ئاتىلىدۇ.

ناسارالار بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئورتاق ئەقىدە

مۇسۇلمانلار بىلەن ناسارالار ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىققا ئىگە ئېتىقاد بارمۇ؟ بار دېيىلگەندە ئۇ قايسىلار؟
ئالدى بىلەن ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ تۈپ ئاساسىنى مۇسۇلمانلارغا بايان قىلىپ بېرىدىغان ئايەتلەرگە قۇلاق سالايلى! ئۇنىڭدىن كېيىن ناسارالار قايسىسىغا ئىمان ئېيتىدىغانلىقى ۋە قايسىسىغا ئىمان ئېيتمايدىغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشكە تىرىشايلى!
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ قا ۋە ئاللاھ نىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. (ئۇلار) « ئاللاھ نىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز ( يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز ) » دەيدۇ. ئۇلار: «بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر يانىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر» دەيدۇ ﴾.
بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى:
285- ئايەتتە: ئاللاھ نىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ۋەھىگە ئىشەندى ۋە تەستىق قىلدى. شۇنىڭدەك مۆمىنلەرمۇ ئۇلۇغ قۇرئاننى چىن قەلبىدىن تەستىقلىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى كامال ۋە جالال ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئاللاھ نى پەرۋەردىگار ۋە تەڭرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلدى. ئاللاھ نىڭ پەرىشتىلىرىڭ بارلىقىغا، كىتابلار نازىل قىلغانلىقىغا ۋە مەخلۇقاتلىرىغا پەيغەمبەر (ئەلچى) لەر ئەۋەتكەنلىكىگە ئىمان ئېيتتى.
بىز مۆمىنلەر ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلماستىن ھەممىسىگە ئىمان ئېيتىمىز. پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە مۆمىنلەر: ” ئى رەببىمىز! بىزگە ئەۋەتكەن ۋەھىڭنى ئاڭلىدۇق، ۋە ھەممىسىگە بوي سۇندۇق، پەزلى كەرىمىڭ بىلەن گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن! ئاخىرى يانىدىغان جايىمىز پەقەت سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر، دەيمىز.
ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ قا، ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە ئىلگىرى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ساماۋى كىتابلارغا ) ئىمان كەلتۈرۈڭلار. كىمكى ئاللاھ نى، ئاللاھ نىڭ پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ ﴾.
بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى:
136- ئايەتتە: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ نى تەستىق قىلغان ۋە پەيغەمبىرىگە تابى بولغانلار، ئاللاھ قا بولغان چىن ئىمانىڭلار، پەيغەمبىرىگە بولغان تەستىقىڭلار، ئىتائىتىڭلار ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان قۇرئان كەرىم ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىگە بولغان ئىمانىڭلاردا داۋاملىق مۇستەھكەم تۇرۇڭلار. كىمكى ئاللاھ نى ۋە پەرىشتىلىرىنى ئىنكار قىلىپ، مەخلۇقاتلىرىنىڭ ھىدايىتى ئۈچۈن نازىل قىلغان كىتابلىرى ۋە ئەلچىلىك ۋەزىپىسى ئۈچۈن تاللىغان پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتماي ھەمدە ھېساب بېرىش ئۈچۈن يىغىلىدىغان ئاخىرەت كۈنىنى ئېتىراپ قىلمىسا، دىندىن چىقىپ ھەق يولدىن تولىمۇ ئۇزاقلاشقان بولىدۇ.

ئىسلام ئەقىدىسىدىكى ئىمان ئاساسلىرى

ئىسلام ئەقىدىسىدە ئىمان ئاساسىنى بەش تۈرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ئاللاھ قا ئىمان ئېيتىش، پەرىشتىلەرگە ئىمان ئېيتىش، ئاللاھ نىڭ پەيغەمبەرلىرىگە نازىل قىلغان كىتابلىرىغا ئىمان كەلتۈرۈش بولۇپ، قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن سۇھوفلارنى، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان تەۋراتنى، داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان زەبۇرنى، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان ئىنجىلنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان قۇرئاننى تىلغا ئالغان. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ھىدايىتى ئۈچۈن ئەۋەتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشتە، قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 25 پەيغەمبەرنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغان. ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش –قايتا تىرىلىش ۋە ھېساب كۈنىنىڭ بارلىقىغا ئىشنىش بولۇپ، بۇ ئىنسانلار جەننەت ۋە جەھەننەملىك بولۇپ ئايرىلغان كۈن.

مۇسۇلمانلار بىلەن خىرىستىيانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئېتىقادىي ئورتاقلىقلار

مۇسۇلمان بىلەن خىرىستىيان (ناسارا) نىڭ ئېتىقادى تۆۋەندىكى تۈپ ئاساسلاردا ئوخشاشلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
ئاللاھ قا ئىمان كەلتۈرۈش
ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش
پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش
ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش
ئىسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان ئىنجىل ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان تەۋراتقا ئىمان ئېيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلاردىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرۈش.

مۇسۇلمانلار بىلەن خىرىستىيانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەقىدىۋىي ئوخشاشماسلىقلار ۋە پەرقلىق نوقتىلار

ناسارا بىلەن مۇسۇلماننى پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئامىل، ناسارانىڭ باشقا پەيغەمبەرلەر قاتارىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتماسلىقى، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمگە، تەۋرات ۋە ئىنجىل قاتارلىقلارغا ئىمان كەلتۈرگەندەك ئىمان ئېيتماسلىقى.
ئىسلام ئەقىدىسىدە، ئىسا ئەلەيھىسسالام باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاشلا بىر پەيغەمبەر. لېكىن خىرىستىيان (ناسارا) ئېقىملىرى ئىچىدە ئوخشىمىغان ئېتىقادلار بار. بەزىلىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش بىر پەيغەمبەر دەپ بىلىدۇ. ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭغا يېقىن دەۋرلەردە ياشىغان ناسارالار بولۇپ، بۈگۈنكى دەۋردە سانى ئىنتايىن ئاز. بەزىلىرى ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ نىڭ ئوغلى بولۇپ، يېگانە ئاللاھنىڭ بىر جۈزئىي (پارچىسى) ياكى ئاللاھ نى سىمۋول قىلغان ئۈچ بىرىكمىنىڭ بىرى دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇلار ھازىرقى دەۋردە كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ.

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى

قۇرئان كەرىم ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
قۇرئان كەرىمدە « ئالى ئىمران ( ئىمران ئائىلىسى )» دەپ ئاتالغان سۈرىنى بىرلىكتە ئوقۇپ چىقايلى!
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿ ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئەۋلادىنى، ئىمران ئەۋلادىنى ( پەيغەمبەرلىككە ) تاللاپ، ( ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ زامانىدىكى ) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلدى. ئۇ ئەۋلادلار بىر ـ بىرى بىلەن قانداشتۇر، ئاللاھ ( بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ( بەندىلەرنىڭ نىيەتلىرىنى ) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتى: « پەرۋەردىگارىم! مەن قورسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى ( دۇنيا ئىشلىرىدىن ) ئازاد قىلىنغان ھالدا چوقۇم سېنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم، ( بۇ نەزرەمنى ) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن ( دۇئايىمنى ) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، ( نىيىتىمنى ) بىلىپ تۇرغۇچىسەن ». ئۇ قىز تۇغقان ۋاقتىدا: « ئى پەرۋەردىگارىم! قىز تۇغدۇم » دېدى، ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. ( ئۇ تەلەپ قىلغان ) ئوغۇل ( ئاتا قىلىنغان ) قىزغا ئوخشاش ئەمەس ( بەلكى بۇ قىز ئارتۇقتۇر ). ( ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتىكى ) « مەن ئۇنى مەريەم ئاتىدىم، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سېغىنىپ، قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن ». ئۇنى پەرۋەردىگارى چىرايلىقچە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ئوبدان ئۆستۈردى، ئۇنىڭغا زەكەرىيانى كېپىل قىلدى ( يەنى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا زەكەرىيانى قويدى ). زەكەرىيا ھەر قېتىم ( ئۇنىڭ ) ئىبادەتگاھىغا ئۇنى كۆرگىلى كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ: « ئى مەريەم! بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟ » دەيتتى، مەريەم: « ئۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلدى » دەيتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە ( جاپا ـ مۇشەققەتسىزلا ) ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ( يەنى مەريەمنىڭ كارامىتىنى كۆرگەن چاغدا ) زەكەرىيا پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: « ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدىن بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن، ھەقىقەتەن دۇئانى ئىشىتكۈچىسەن » دېدى. ئۇ ئىبادەتگاھىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: « ساڭا ئاللاھ نىڭ كەلىمىسى ( يەنى ئىسا ) نى تەستىق قىلغۇچى، سەييىد، پەرھىزكار ۋە ياخشىلاردىن بولغان يەھيا ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ » دەپ نىدا قىلدى. ئۇ: « پەرۋەردىگارىم! مەن قېرىپ قالغان تۇرسام، ئايالىم تۇغۇتتىن قالغان تۇرسا قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟ » دېدى. پەرىشتىلەر: « ئاللاھ شۇنىڭدەك خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى قۇدرىتى ئىلاھىيە ھېچ نەرسىدىن ئاجىز ئەمەس) » دېدى. ئۇ: ‹‹ پەرۋەردىگارىم! ماڭا ( ئايالىمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىغا ) بىر نىشانە ئاتا قىلغىن » دېدى. ئاللاھ: ‹‹ ساڭا بولىدىغان نىشانە شۇكى، ئۈچ كۈنگىچە كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن ( يەنى زىكرى تەسبىھ ئېيتىشتىن باشقا سۆزگە تىلىڭ كەلمەيدۇ ). پەقەت ئىشارەتلا قىلىسەن، ( نېمىتىمگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن ) پەرۋەردىگارىڭنى كۆپ ياد ئەت، كەچتە، ئەتىگەندە تەسبىھ ئېيت » دېدى. پەرىشتىلەر ئېيتتى: « ئى مەريەم! ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنى ( پۈتۈن ئاياللار ئىچىدىن ) تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، سېنى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن ئارتۇق قىلدى. ئى مەريەم! پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىل، سەجدە قىل ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىل ». (ئى مۇھەممەد!) بۇ ـ ساڭا ۋەھيى قىلىۋاتقىنىمىز ـ غەيب خەۋەرلىرىدىندۇر. مەريەمنى ئۇلارنىڭ قايسىسى تەربىيەسىگە ئېلىش ( مەسىلىسىدە چەك تاشلاش يۈزىسىدىن ) قەلەملىرىنى ( سۇغا ) تاشلىغان چاغدا، سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ، ( مەريەمنىڭ كىمنىڭ تەربىيەسىدە بولۇشىنى ) ئۆزئارا جاڭجال قىلىشقانلىرىدا سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ. ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئېيتتى: « ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا ( ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىز ) ئاللاھنىڭ بىر كەلىمىسى ( دىن تۆرەلگەن بىر بوۋاق ) بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى، مەسىھ مەريەم ئوغلى ئىسادۇر، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھ قا يېقىنلاردىن بولىدۇ. ئۇ بۆشۈكتىمۇ ( يەنى بوۋاقلىق چېغىدىمۇ )، ئوتتۇرا ياش بولغاندىمۇ كىشىلەرگە ( پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى ) سۆزلەيدۇ ۋە ( تەقۋادارلىقتا كامىل ) ياخشى ئادەملەردىن بولىدۇ ». مەريەم: « پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا (يەنى ئەرلىك بولمىسام) قانداق بالام بولىدۇ؟ » دېدى. پەرىشتە: « ئاللاھ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ ( يەنى ئاتا ـ ئانا، ئارقىلىقمۇ ۋە ئۇنىڭسىزمۇ يارىتىدۇ ). بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ۋۇجۇدقا كېلىدۇ » دېدى ﴾.
يۇقىرىقى ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى:
33- ئايەتتە: شۈبھىسىزكى ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالام، نۇھ ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئائىلىسى ۋە ئىمران ئائىلىسىنى تاللىدى ۋە زامانىسىنىڭ ئەڭ مەرتىۋىلىك كىشىلىرى قىلدى.
34- ئايەتتە: ئۇ نەبى ۋە ئەلچىلەر پاك ۋە تاللانغانلار زەنجىرى بولۇپ، ئاللاھ قا بولغان ئىخلاس ۋە تەۋھىد، شۇنداقلا ۋەھىيگە ئەمەل قىلىشتا بىردەكلىككە ئىگە. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېسابقا تارتقۇچىدۇر.
35- ئايەتتە: ئەسلىگىن، ئى مۇھەممەد! ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى بىلەن بىرگە خۇدالىق دەۋاسىنى ئىلگىرى سۈرگەنلەرگە رەددىيە بېرىشىڭ ئۈچۈن مەريەمنىڭ، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ۋە ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەرگىن. ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ھامىلە ھالىتىدە: « ئى رەببىم! قورسىغىمدىكى پەرزەنتىمنى، بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن رىزالىقىڭنى تىلەپ ئاتىۋەتتىم، قوبۇل قىلغايسەن. چۈنكى سەنلا دۇئايىمنى ئاڭلايسەن، نىيىتىمنى ياخشى بىلىسەن »-، دېگەن ئىدى.
36- ئايەتتە: ئېغىر ئاياقلىقى ئاخىرلىشىپ بوۋاقنى تۇغقاندا، دېدىكى: « ئى رەببىم! مەن قىز تۇغدۇم ( قىز بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ خىزمىتىگە مۇۋاپىق ئەمەس ) ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ جىنسىيىتىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇنىڭ شەنىنى ئۇلۇغ قىلاتتى. يەنە مۇنداق دېدى: مەن خىزمەت ئۈچۈن ئىرادە قىلغان ئوغۇل قىزغا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى ئوغۇل خىزمەتنى ئوبدانراق ئورۇنلايدۇ. جىسمانىي جەھەتتىن كۈچلۈك، ئۇنىڭغا مەريەم دەپ ئىسىم قويدۇم، سېنىڭ رەھمىتىڭ بىلەن ئۇنى ۋە ئەۋلادىنى شەيتاندىن ساقلاپ قالدىم.
37- ئايەتتە: ئاللاھ تائالا ئۇ ( ھاننا – مەريەمنىڭ ئانىسى ) نىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، نەزرىسىنى قوبۇل قىلدى. قىزىنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ مۇكەممەل ئەخلاقتا ئۆستۈردى. ئۇنىڭغا زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنى تەربىيەچى بولۇشقا مۇيەسسەر قىلىپ، ئۇنى ھەزرىتى زەكەرىيا ئىبادەت قىلىدىغان يېرىدە تۇرغۇزدى. زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ھەر قېتىم ئۇنىڭ يېنىغا كىرگەن ۋاقتىدا، ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان تەييار يېمەكلەرنى كۆرەتتى- ۋە بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟- دەپ سورىغاندا، مەريەم: ئۇ ئاللاھتىن كەلگەن رىزىق، شۈبھىسىزكى ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن مەخلۇقاتلىرىغا ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ،- دەيتتى.
38- ئايەتتە: زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ مەريەمگە بەرگەن ھازىر رىزقىنى كۆرگىنىدە ئاللاھ قا يۈزلىنىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ئى رەببىم! ماڭا ھۇزۇرۇڭدىن مۇبارەك ۋە سالىھ بىر ئەۋلاد ئاتا قىلغىن، شۈبھىسىزكى سەن دۇئا قىلغانلارنىڭ نىداسىنى ئىشىتكۈچىسەن ( ئۇ چاغدا تېخى زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىسى يوق ئىدى ).
39- ئايەتتە: زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ نىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ، نامىزىدا دۇئا قىلىۋاتقان ۋاقتىدا پەرىشتىلەر نىدا قىلدى: ئاللاھ تائالا سېنى خۇرسەن قىلىدىغان بىر خەۋەرنى ئەۋەتتى. ئۇ بولسىمۇ يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل پەرزەنتىڭ بولىدۇ. ئۇ ئاللاھنىڭ سۆزى – ئىسانى تەستىقلايدۇ. قەۋمى ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ، يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئادەم بولىدۇ. يەھيا گۇناھ – مەسىيەت ۋە كەيپ – ساپاغا يېقىنلاشمايدۇ، ئەمەلى سالىھتا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە ئۇلاشقان سالىھلار قاتارىدىن بولىدۇ.
40- ئايەتتە: زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام خۇشاللىققا چۆمۈپ ھەيرانلىقىنى باسالماي: ئى رەببىم! يېشىم بىر يەرگە بېرىپ قالغان تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىم تۇغماس بولغان شارائىت ئاستىدا قانداقمۇ پەرزەنتىم بولسۇن؟- دېدى. ئاللاھ تائالا: « شۇنىڭدەك ئاللاھ خالىغاننى يارىتىپ ئادەتتىن تاشقىرى ئاجايىباتلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ »- دېدى.
41- ئايەتتە: زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام: « ئى رەببىم! مېنىڭ پەرزەنتكە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت خۇشاللىق ۋە بېشارەتكە ئېرىشىشىمنىڭ ئالامىتى سۈپىتىدە ماڭا بىر نىشانە ئاتا قىلسىلا »- دېگەندە، ئاللاھ تائالا: « سەن تەلەپ قىلغان ئالامەت – نىشانە شۇكى، تېنىڭ ساق تۇرۇقلۇق ئۈچ كۈن بويىچە سۆزلىيەلمەيسەن، پەقەت ئىشارەت ئارقىلىقلا ئەتراپىڭدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىسەن، بۇ مۇددەت جەريانىدا ئەتىگەن – ئاخشام رەببىڭنى كۆپ زىكىر قىلغىن ۋە ئۇنىڭغا يالۋۇرغىن »- دېدى.
42- ئايەتتە: ئى مۇھەممەد! خاتىرىڭگە ئالغىنكى، ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر مۇنداق دېگەن ئىدى: ئى مەريەم! ئاللاھ تائالا سېنى تائەت – ئىبادىتىگە تاللىدى. ناچار ئەخلاقتىن پاك قىلدى. پەيغەمبەرلىرىدىن بىر پەيغەمبەرنىڭ ئانىسى بولۇشۇڭ ئۈچۈن زامانىڭدىكى ئاياللار ئىچىدىن تاللىدى.
43- ئايەتتە: ئى مەريەم! رەببىڭگە ئىتائەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن، خۇشۇ ۋە تەزەررۇنى بەرپا قىلغىن، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىرگە رۇكۇ ۋە سەجدە قىل. ئۇ ۋاقىتتا سەن رەببىڭنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكرى قىلغان بولىسەن.
44- ئايەتتە: ئى مۇھەممەد! ئۇ بولسا رەببىڭ ئاللاھ ساڭا ۋەھىي قىلغان غەيب خەۋەرلەردىن بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا مەريەمگە كىمنىڭ كېپىل بولىشى ئەڭ لايىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا دە – تالاشقا چۈشۈپ جېدەللەشكەنلىكى، قەلەمدە چەك تاشلىنىپ ئاخىرى زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ مەريەمگە كېپىل بولۇشقا ئېرىشكەنلىكى يۈز بەرگەندە، سەن ئۇلار بىلەن بىللە ئەمەس ئىدىڭ.
45- ئايەتتە: ئى مۇھەممەد! پەرىشتىلەر مۇنداق دېگەن يەردىمۇ سەن يوق ئىدىڭ. ئى مەريەم! شۈبىسىزكى ئاللاھتىن بىر كەلىمە بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدىغان بالا بىلەن ئاللاھ ساڭا خۇشخەۋەر بېرىدۇ. يەنى ئۇنىڭغا « بول » دەيدۇ- دە، بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى ئىسا ئىبنى مەريەم. ئۇنىڭ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە يۈز – ئابرۇيى بار. شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ئاللاھ نىڭ ھۇزۇرىدا ئاللاھ قا يېقىن كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
46- ئايەتتە: ئۇ تۇغۇلغاندىن كېيىن، بۆشۈكتىكى ۋاقتىدا كىشىلەرگە سۆز قىلىدۇ. شۇنداقلا ياش قۇرامىغا يەتكەن ۋاقتىدا ئاللاھ نىڭ ۋەھىي ئارقىلىق كىشىلەرگە سۆزلەيدۇ. بۇ بولسا نۇبۇۋۋەت، دەۋەت ۋە ئىرشات سۆزى بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ۋە ئىش – ھەرىكىتىدە سالىھ ۋە كەرەملىكتۇر.
47- ئايەتتە: مەريەم بۇ ئەھۋالدىن تەئەججۈپلىنىپ ئېيتتى: مېنىڭ قانداقمۇ بالام بولسۇن؟ ئەرلىك بولمىغان، يامان ئىش قىلمىغان تۇرسام؟ پەرىشتە: بۇ ھادىسە ھەممىگە قادىر ئاللاھ قا ئاسان. ئۇ ئاللاھ خالىسا يوقتىن بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بىر نەرسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا ”بول“ دەيدۇ- دە، بارلىققا كېلىدۇ.
شۇنى يەكۈنلەشكە بولىدۇكى:
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ جەمەتى بولغان ئىمران ئائىلىسى مۇبارەك ئائىلە بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى قەۋمى ئىچىدىن پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغۇچىلار قىلىپ تاللىغان.
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ تۇغۇلىشى ئاللاھ نىڭ تاللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئانىسى ئوغۇل پەرزەنت نىيىتى بىلەن ئۇنى دىن خىزمىتى ۋە ئاللاھ نىڭ بەيتى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن. بىراق ئاللاھ ئۇنىڭغا سالىھ ۋە مۇبارەك قىز پەرزەنت ئاتا قىلغان.
مەريەم چوڭ بولغاندا مەبەدتە ئىبادەت قىلىدىغان مەخسۇس ئىبادەت يېرى بولۇپ، زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ئىگە بولاتتى.
مەريەمنىڭ مەبەدتە كېرەكلىك يېمەكلىكلىرىنى ئاللاھ ئالاھىدە تەمىنلىگەن بولۇپ، ھېچبىر ئىنسان ئۇنىڭغا تاماق ئېلىپ كەلمىسىمۇ، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن رىزىقلىنىپ تۇراتتى. بۇ ئاللاھ نىڭ مەريەمگە ئىنئام قىلغان كارامەتلىرىدىن ئىدى.
پەرىشتىلەر مەريەمگە شۇ بېشارەتنى بەرگەن ئىدى. دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيغا ئىگە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئىسمى مەسىھ ئىبنى مەريەم ( مەريەم ئوغلى ئىسا ). ئۇ بۆشۈكتىكى ۋاقتىدا سۆزلەيدۇ. نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
مەريەم ئانىمىز ھەيران قېلىپ، ھېچبىر ئىنسان يېقىنلاشمىغان ئەھۋالدا، قانداقمۇ بالىسى بولىدىغانلىقىنى سورىغاندا، مۇنداق جاۋاب بېرىلگەن: ئاللاھ نىڭ قۇدرىتى بىلەن بولىدۇكى، ئۇ بىر نەرسىنى ياراتماقچى بولسا ”بول“ دەيدۇ- دە، بولىدۇ.

ھەزرىتى مەريەمنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ھامىلدار بولىشى ۋە تۇغۇش جەريانى
قۇرئان كەرىمدە مەريەم ئىسمىلىك بىر سۈرە بار بولۇپ، ھەزرىتى مەريەم ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى. بۇ سۈرىدە ئاللاھ تائالا مەريەم ئانىمىزغا مەسىھ ئۈچۈن ھامىلىدار بولىدىغانلىقىغا ئائىت بېشارەت كەلگەندىن كېيىنكى ھادىسىلەرنى بايان قىلغان.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
( ئۇلارغا ) قۇرئاندا مەريەم ( قىسسىسى ) نى بايان قىلغىن، ئەينى زاماندا ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى بىر جايغا باردى. ئۇ پەردە تارتىپ كىشىلەردىن يوشۇرۇندى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ روھىمىزنى ( يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى ) ئەۋەتتۇق، ئۇ مەريەمگە بېجىرىم ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈندى. مەريەم ئېيتتى: « مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھ قا سېغىنىپ سېنىڭ چېقىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەگەر سەن تەقۋادار بولساڭ ( ماڭا چېقىلمىغىن ) ». جىبرىئىل ئېيتتى: « مەن ساڭا بىر پاك ئوغۇل بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسىمەن ». مەريەم ئېيتتى: « ماڭا كىشى يېقىنلاشمىغان تۇرسا، مەن پاھىشە قىلمىغان تۇرسام، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغۇل بالام بولسۇن؟ » جىبرىئىل ئېيتتى: « ئەمەلىيەت سەن دېگەندەكتۇر، ( لېكىن پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: ئۇ ماڭا ئاساندۇر. ئۇنى كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان ) دەلىل ۋە بىز تەرەپتىن بولغان مەرھەمەت قىلدۇق، بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر ». مەريەم ھامىلىدار بولدى، ( ئائىلىسىدىن ) يىراق بىر جايغا كەتتى. تولغاقنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنى ( يۆلىنىۋېلىش ئۈچۈن ) بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەريەم ئېيتتى: « كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ( ئەرزىمەس ) نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ! » جىبرىئىل ئۇنىڭغا خورما دەرىخىنىڭ ئاستىدىن نىدا قىلدى: « غەم قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ئاستىڭدىن ( ئېقىپ تۇرىدىغان ) بىر ئېرىقنى پەيدا قىلدى. خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن، ئالدىڭغا پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ. ( بۇ شېرىن خورمىدىن ) يېگىن، ( بۇ تاتلىق سۇدىن ئىچكىن ۋە خۇرسەن بولغىن، بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭ ( ئۇ بالا توغرۇلۇق سورىسا ): مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھ قا ۋەدە بەردىم، بۈگۈن ھېچ ئادەمگە سۆز قىلمايمەن دېگىن ». مەريەم بوۋاقنى ( يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ) كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇلار ئېيتتى: « ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ. ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى! سېنىڭ ئاتاڭ يامان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ يولدىن چىققان خوتۇن ئەمەس ئىدى ». مەريەم بوۋاقنى كۆرسەتتى، ئۇلار: « بۆشۈكتىكى بوۋاققا قانداق سۆزلەيمىز » دېدى. بوۋاق ئېيتتى: « مەن ھەقىقەتەن ئاللاھ نىڭ بەندىسىمەن، ماڭا كىتابنى بەردى ( يەنى ئىنجىلنى بېرىدۇ ) ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى ( يەنى قىلىدۇ ). قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى. مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى مۇتەكەببىر، شەقى قىلمىدى. مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، تىرىلىپ قەبرەمدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنۈمدە ( ئاللاھتائالا تەرىپىدىن بولغان ) ئامانلىققا ئېرىشىمەن ». ئەنە شۇ ئىسا ئىبىن مەريەمنىڭ ( قىسسىسىدۇر ). ئىسا ئۇلار دە-تالاش قىلىۋاتقان ئۆزىنىڭ ئىشىنىڭ ( ھەقىقىتى ) ئۈستىدە ھەق گەپنى قىلدى. « ئاللاھنىڭ شەنىگە بالىسى بولۇش لايىق ئەمەس، ئاللاھ ( بالىدىن، شېرىكتىن ) پاكتۇر، ئاللاھ بىرەر ئىش قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ۋۇجۇدقا كەل دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
16- ئايەتتە: ئى مۇھەممەد! قۇرئاندا شۇنى بايان قىلغىنكى، ئۆز ۋاقتىدا مەريەم ئائىلىسىدىن ئۇزاقلىشىپ شەرق تەرەپتە بىر يەرگە باردى.
17- ئايەتتە: ئۇلاردىن ۋە باشقا كىشىلەردىن ئۆزىنى پەردىلىدى. مەريەمگە جىبرىئىلنى ئەۋەتتۇق. ئۇ مەريەمگە بېجىرىم ئىنسان سۈپىتىدە كۆرۈندى.
18- ئايەتتە: مەريەم جىبرىئىلغا ئېيتتى: مېھرىبان ئاللاھقا تەلمۈرۈپ سېنىڭ يامان قۇلۇڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئاللاھتىن قورقىدىغان بولساڭ.
19- ئايەتتە: پەرىشتە جىبرىئىل: ” مەن ساڭا، گۇناھ – مەسىيەتلەردىن پاك بىر ئوغۇل بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن رەببىڭنىڭ ئەلچىسىمەن “- دېدى.
20- ئايەتتە: مەريەم جىبرىئىلغا: ماڭا نىكاھلىق ھېچكىم يېقىن كەلمىگەن تۇرسا، پاھىشە قىلمىغان تۇرسام قانداقمۇ بالام بولسۇن،- دېدى.
21- ئايەتتە: جىبرىئىل: رىئاللىق سەن دېگەندەكتۇر، يەنى ساڭا ھېچكىم يېقىنلاشمىغان، سەن يامان يولغىمۇ يولىمىغان، بىراق پەرۋەردىگارىڭ بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىپ بولدى. ئىش ماڭا ئاسان. بۇ ئوغۇل، ئىنسانلارغا ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئالامەت. بىزنىڭ ئىسا، ئانىسى ۋە ئىنسانلارغا بولغان رەھمىتىمىزدۇر. ئىسانىڭ بۇ ھالەتتە دۇنياغا كېلىشى ئىلگىرى بەلگىلەنگەن ھۆكۈم بولۇپ، لەۋھۇلپەھپۇزدا يېزىلغان بولغان ۋە ئۇ چوقۇم مەيدانغا كېلىدۇ.
22- ئايەتتە: جىبرىئىل مەريەمنىڭ كۆينەك ياقىسىغا سۈفلىگەندىن كېيىن، تىنىق بالىياتقۇغا ئۇلىشىپلا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ھامىلىدار بولدى ۋە مەريەم ئىنسانلاردىن ئۇزاق جايغا كەتتى.
23- ئايەتتە: تولغاق ئۇنى بىر خورما دەرىخىنىڭ تۈۋىگە بېرىشقا مەجبۇر قىلدى. مەريەم شۇنداق دېدى: ” كاشكى بۈگۈندىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسام، تونۇلماس، تىلغا ئېلىنماس ۋە كىملىكى بىلىنمىگەن بىرى بولغان بولسام “.
24- ئايەتتە: مەريەمگە جىبرىئىل ياكى ئىسا: ”قايغۇرمىغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئاستىڭدىن ئېرىق بەرپا قىلدى“- دېدى.
25- ئايەتتە: خورمىنىڭ شېخىنى ئىرغىتقىن، ساڭا ئەمدىلا پىشقان، ئەڭ ياخشى مىۋىلەر تۆكۈلىدۇ.
26- ئايەتتە: خورمىدىن يىگىن، سۇ ئىچكىن، بوۋاق بىلەن خۇرسەن بولغىن. ئەگەر كىشىلەردىن بىرى ئۇچراپ قىلىپ، بۇ ئەھۋالىڭ (ھامىلىلىك) ھەققىدە سورىسا، ئېيتقىنكى: مەن رەببىمگە ۋەدە بەردىم، سۈكۈت قىلىمەن، ھېچكىمگە گەپ قىلمايمەن. ئۇلارنىڭ شەرىئىتىدە سۈكۈت قىلىش ئىبادەت ھېسابلىناتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدە بۇنداق ئەمەس.
27- ئايەتتە: مەريەم ئانىمىز يىراق جايدىن بالىسىنى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار مەريەمنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: ”ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ۋە بىمەنە ئىش قىلدىڭ “.
28- ئايەتتە: ئى سالىھ ئەر – ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى. داداڭ پاھىشىگە يېقىن كېلىدىغان ناچار ئادەم ئەمەس ئىدى. ئاناڭمۇ ئىپپىتىنى بۇزىدىغان پەس ئايال ئەمەس ئىدى.
29- ئايەتتە: مەريەم ئۇلارغا ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن سوراش ۋە سۆزلىشىش ئۈچۈن بوۋاقنى ئىشارەت قىلغاندا، ئۇلار مەنسىتمەستىن بۆشۈكتىكى سۈت ئىمىۋاتقان بوۋاق بىلەن قانداقمۇ پاراڭلاشقىلى بولسۇن-، دېيىشتى.
30- ئايەتتە: ئىسا ئەلەيھىسسالام بۆشۈكىدە ئىمىۋېتىپ: ”مەن ئاللاھ نىڭ بەندىسى، ئاللاھ ماڭا ئىنجىلنى بېرىشكە ۋەدە قىلدى ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى“- دېدى.
31- ئايەتتە: قەيەردە بولسام خەيرلىك ۋە بەرىكەتلىك قىلدى. ھاياتلا بولىدىكەنمەن نامازغا ئەھمىيەت بېرىشكە ۋە زاكاتنى ئادا قىلىشىمغا تەۋسىيە قىلدى.
32- ئايەتتە: ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى. ھاكاۋۇر، شەقى ۋە رەببىمگە ئاسىي قىلمىدى.
33- ئايەتتە: مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى قايتىدىن تىرىلگەن كۈنۈمدە رەببىمدىن ئامانلىققا ئېرىشىمەن.
جەريانلارنىڭ خۇلاسىسى
مەريەم ئانىمىزغا جىبرىئىلنىڭ بىشارەت ئېلىپ كېلىشى.
ھەزرىتى مەريەمنىڭ قەۋمىدىن يىراق جاي ئىزدىشى.
ھەزرىتى مەريەمنىڭ ئانا بولۇشى، روھىي ھالىتى ۋە ئۇنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ھامىلە بولغانلىقىنى قەۋمىگە قانداق چۈشەندۈرۈش توغرىسىدا ئويلىغانلىرى.
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېسداشلىقى، تۇغۇت جەريانىدا قانداق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا يول كۆرسەتكەنلىكى ۋە شۇنداقلا قەۋمى بىلەن ئۇچراشقاندا بالىسى بىلەن نېمە قىلىدىغانلىقى.
قەۋمى ھەزرىتى مەريەمنىڭ ياتلىق بولماي تۇرۇپ ھامىلىدار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بۆشۈكتىكى بوۋاق ئىسا ئەلەيھىسسالامنى سۆزلەتكەنلىكى.
ھەر بىر جەرياننىڭ ئىمانى ۋە مېتافىزىك تەرىپى بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇسۇلمانلار نامازلىرىدا ئوقۇيدىغان قۇرئان ئايەتلىرىگە ئايلانغان بويىچە تەپسىلىي مەلۇماتنى كىم يەتكۈزدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ نىڭ ۋەھىيسى.

مەسىھ ( ئىسا ) نىڭ ماھىيىتى

مەسىھ (ئىسا) ئاللاھ نىڭ ئوغلىمۇ؟
ئالدى بىلەن ئۆز – ئۆزىمىزگە سوئال قويۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ: ئاللاھ نىڭ بالىغا ئېھتىياجى بارمۇ؟
بالىغا ئېھتىياجى بار دېيىلگەندە، ئۇنداقتا ئۇ ئاللاھ نىڭ ئايالى كىم؟
ئۇ ئاللاھ خوتۇنغا ئېھتىياجلىقمۇ؟
بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالانى ئۆزى قۇرئان كەرىمدە تونۇشتۇرغان تەرىپى بىلەن تونۇشايلى.
ئاللاھ تائالا ئۆزىنى تەرىپلەپ مۇنداق دەيدۇ:
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ ئاللاھ بىردۇر. ھەممە ئاللاھ قا موھتاجدۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ.
ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى
ئايەتتە: دېگىن، ئى مۇھەممەد! ئۇ – ئاللاھ ئىلاھلىقتا يەككە – يىگانەدۇر، ھېچقانداق شېرىكى يوق.
ئايەتتە: ھاجەتلەر ۋە تىلەكلەرنىڭ ئادا بولۇشىدا يېگانە مەركەز ئاللاھ تائالادۇر.
ئايەتتە: ئۇنىڭ بالىسى يوق. شۇنداقلا خوتۇنىمۇ يوق.
ئايەتتە: مەيلى ئۇنىڭ ئىسىملىرىدا ياكى ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدە ۋەياكى ئىش – ھەرىكەتلىرىدە بولسۇن تەڭدىشى يوق، ئاللاھ ھەممىدىن ئۈستۈن ۋە ھەممىدىن ئۇلۇغ.
ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھنىڭ بالىسى يوق، ئۇنىڭغا تەڭ بولغۇدەك باشقا بىر ئىلاھمۇ يوق، ئەگەر بۇنداق بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ھەر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقنى يالغۇز ئىگىلەيتتى، بەزىسى بەزىسىدىن غالىب كېلەتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاللاھ قا نىسبەت بەرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر. ئاللاھ غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئۈستۈندۇر.
ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى
91- ئايەتتە: ئاللاھ بالىلىق بولغان ئەمەس. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھمۇ يوق. چۈنكى، مۇبادا بىر مەبۇدتىن باشقا كۆپلىگەن ئىلاھلار بولغان بولسا ھەربىر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتلىرىنى ئىگىلەپ، خۇددى دۇنيادىكى ھۆكۈمرانلارغا ئوخشاش ئۆز- ئارا رىقابەت ۋە تىركىشىش يۈز بېرەتتى- دە، كائىناتنىڭ قانۇنىيىتى ئېگىز – پەس بولۇپ، خەتەر كېلىپ چىقاتتى. ئاللاھ ئۇلار ئېيتقان شېرىك ياكى پەرزەنتتىن مۇنەززەھتۇر( خالىي ).
92- ئايەتتە: ئۇ – ئاللاھ ئۆزى يالغۇز ھالدا مەخلۇقاتلىرى كۆرۈۋاتقان ۋە كۆرمەيۋاتقان شەيئىلەرنى بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغىنىدەك شېرىكتىن پاكتۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مۇشرىكلار ئېيتقاندەك، ئاللاھ بىلەن بىرگە يەنە باشقا ئىلاھلار بولغان تەقدىردە ئەرش ئىگىسى ( ئاللاھ ئۈستىدىن) غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە يول ئىزدىگەن بولاتتى. ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ بوھتان سۆزلىرىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئالىيدۇر. يەتتە ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار ئاللاھنى پاك دەپ بىلىدۇ، (كائىناتتىكى) قانداقلىكى نەرسە بولمىسۇن، ئاللاھنى پاك دەپ مەدھىيەلەيدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۆزلەيدۇ)، لېكىن سىلەر (تىلىڭلار ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ مەدھىيەسىنى سەزمەيسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىگە) ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى
42- ئايەتتە: ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىن، ناۋادا ئاللاھ بىلەن بىللە باشقا ئىلاھلار بولغان بولسا ئىدى، بۇ ئىلاھلار ئەرشىنىڭ ئىگىسى ئاللاھ قا غالىب كېلىش، ئۈستۈن بولىۋېلىش ئۈچۈن يول ئىزدىگەن بولاتتى.
43- ئايەتتە: ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارنىڭ بوھتان سۆزلىرىدىن پاك ۋە مۇنەززەھتۇر.
44- ئايەتتە: يەتتە ئاسمان ۋە زېمىن ھەمدە ئىچىدىكى بارچە مەخلۇقات ئاللاھ قا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ. مەۋجۇدات ئالىمىدىكى ھەرنەرسە ئاللاھ قا مەدھىيە ئېيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كەمچىلىكلەردىن پاكلاپ تۇرىدۇ. بىراق ئۇنى سىلەر ئىدراك قىلالمايسىلەر. ئى ئىنسانلار! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئىنتايىن ئېغىر – بىسىق بولۇپ، ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ ۋە ئۇلارنى ئەپۇ قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا ئۆزىنى مۇنداق تونۇشتۇرىدۇ (تەرىپلەيدۇ)
ئاللاھ زاتىدا يەككە – يىگانىدۇر. مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچبىرى ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. (ئوخشاشلىققا ئىگە ئەمەس)
مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچكىمگە ئېھتىياجى چۈشمەيدۇ، مەخلۇقاتلار ئۇنىڭغا موھتاج .
ئۇنىڭ بالىسى يوق.
ئۇ تۇغۇلغان ئەمەس.
ئاللاھ نىڭ زاتىدا، سۈپەتلىرى (ئالاھىدىلىكلىرى) دە ۋە ئىش – ھەرىكىتىدە ئوخشىشى يوق.
كۆپلىگەن ئىلاھلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پەرەز قىلساق، ئوخشىشى بار ھەربىر ئىلاھنىڭ كۈچى بار دېگەندە، ھەربىرى ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ باشقىلاردىن ئۈستۈن بولۇشقا تىرىشىدۇ. نۇرغۇن ئىلاھلار بار دەپ پەرەز قىلساق، ھەر بىر ئىلاھنىڭ كۈچى يەنە بىرىنىڭكىدىن ئۆزگىچە بولسا ئۇلار ئەڭ ئۇلۇغ بولغىنىغا بوي سۇنىدۇ.

مەسىھ ئاللاھ نىڭ ئوغلىمۇ؟

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ، مەسىھ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغىنى يوق. بەلكى ئەگەشكۈچىلىرىدىن يالغۇز ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىشلىرىنى تەلەپ قىلغان، ئۇ بەزى مۇنتەسىپلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرگەن « ئاللاھ نىڭ ئوغلى » ئىكەنلىك مۇددىئاسىنى رەت قىلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ قىيامەت كۈنىدىكى كۆرۈنۈشلەردىن بىر كۆرۈنۈش بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: « ئى مەريەم ئوغلى ئىسا! سەن كىشىلەرگە، ئاللاھ نى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېدىڭمۇ؟ » ئىسا ئېيتتى: « ( رەببىم! ) شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، ماڭا ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن، ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن ( يەنى مېنىڭ ئۇنداق دېمىگەنلىكىم ساڭا مەلۇملۇق ). سەن مېنىڭ زاتىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن. مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى، يەنى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن. ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر ( ئۇلارنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن )، ( ساڭا ھېچ ئەھەدى تەئەررۇز قىلالمايدۇ )، ئەگەر ئۇلارغا ( يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەۋبە قىلغانلارغا ) مەغپىرەت قىلساڭ، سەن ( ئىشىڭدا ) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن ». ئاللاھ ئېيتىدۇ: « بۇ كۈن ( يەنى قىيامەت كۈنى ) راستچىللارنىڭ راستچىللىقى ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان كۈندۇر، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇ زور بەختتۇر ».
يۇقىرىقى ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى
116- ئايەتتە: قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن: « ئى مەريەم ئوغلى ئىسا، ئىنسانلارغا مەن ۋە ئانامنى ئاللاھ نىڭ ئورنىغا، يەنى ئىككى مەبۇد قىلىڭلار» دېمىگەنمىدىڭ. ئىسا جاۋاب بېرىپ: ئاللاھ نى پاكلاپ تۇرۇپ كىشىلەرگە ھەق بولمىغان نەرسىنى دېيىش ماڭا لايىق ئەمەس. مەن ئۇنداق دېگەن بولسام ئۆزلىرى بىلىلا، چۈنكى ھېچبىر شەيئى ئۆزلىرىگە مەخپىي ئەمەس. ئىچىمدىكىنى ئۆزلىرى بىلىلا، مەن سىلىنىڭ ئىچىلىرىدىكىنى ( كۆڭۈللىرىدىكىنى ) بىلمەيمەن. ئۆزلىرى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەر شەيئىنى بىلگۈچى.
117- ئايەتتە: ئىسا ئەلەيھىسسالام ئېيتتى: مەن ئۇلارغا ئۆزلىرى ۋەھىي قىلغاندىن باشقىنى دېمىدىم. ماڭا بۇيرۇغانلىرى ئۆزلىرىنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىش ( تەۋھىد ) ۋە ئىبادەتتىن ئىبارەت. مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياشىغان ۋاقتىمدا ئىش – ھەرىكەتلىرىگە، سۆزلىرىگە شاھىت ئىدىم. يەر يۈزىدىكى ئەجىلىم ئاخىرلىشىپ ئاسمانغا كۆتۈرگەنلىرىدىن كېيىن ئۆزلىرىلا ئۇلارنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى بىلىپ تۇرغان، سىلى ھەرنەرسىگە نازارەتچى، گۇۋاھچى. ئۆزلىرىگە يەر يۈزىدە ۋە ئاسماندا ھېچبىر مەخپىيەتلىك مەخپىي بولالمايدۇ.
118- ئايەتتە: شۈبھىسىزكى، ئى ئاللاھ! ئەگەر ئۇلارنى ئازاپلىسىلا ئۇلار بەرىبىر ئۆزلىرىنىڭ بەندىلىرى. ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزلىرى ئوبدان بىلىلا. ئادالەتلىرى بىلەن ئۇلارغا خالىغانلىرىنى يۈرگۈزىلا. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تۆبە قىلغانلارنى شەپقەتلىرى بىلەن كەچۈرسىلە ( ئۇمۇ ئۆزلىرىنىڭ پەزلى – كەرىمى ). چۈنكى سىلى مەغلۇپ بولمايدىغان ھەممىدىن كۈچلۈك، ھەر ئىشىدا ۋە باشقۇرۇشىدا ھېكمەت ساھىبى.
119- ئايەتتە: ئىسا ئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنى ئېيتىدۇ: بۈگۈن رەببىنى بىر دەپ بىلگۈچىلەرگە ئۇلارنىڭ تەۋھىدى ( تەۋھىد ئېتىقادى )، شەرىئەتكە قىلغان تائىتى، نىيەت، سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىدىكى ساداقىتى پايدا ئېلىپ كېلىدىغان جازا – مۇكاپات كۈنى. ئۇلارغا قەسىرلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار بولۇپ، ئۇ يەردە ھەمىشە تۇرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئۇلاردىن رازى بولىدۇ. ئۇلارمۇ ئاللاھ بەرگەن مۇكاپاتتىن خۇرسەن بولىدۇ. بۇ مۇكاپات ۋە رازىمەنلىك زور بەختتۇر.
يەنە بىر سۈرىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
ئەنە شۇ ئىسا ئىبىن مەريەمنىڭ (قىسسەسىدۇر). ئىسا ئۇلار دە-تالاش قىلىۋاتقان ئۆزىنىڭ ئىشىنىڭ (ھەقىقىتى) ئۈستىدە ھەق گەپنى قىلدى. « ئاللاھ نىڭ شەنىگە بالىسى بولۇش لايىق ئەمەس، ئاللاھ (بالىدىن، شېرىكتىن) پاكتۇر، ئاللاھ بىرەر ئىش قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ۋۇجۇدقا كەل دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر ». ئىسانىڭ ئىشى توغرىسىدا ئۇلار ( يەنى ئەھلى كىتاب ) ئارىسىدىكى پىرقىلەر ئىختىلاپ قىلىشتى، بۈيۈك كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) كەلگەن چاغدا، كاپىرلارغا ۋاي! ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا كەلگەن كۈندە ( يەنى قىيامەت كۈنىدە ) قۇلاقلىرى ھەممىنى ئوبدان ئاڭلايدىغان، كۆزلىرى ھەممىنى كۆرىدىغان بولىدۇ، لېكىن زالىملار بۈگۈن ( يەنى بۇ دۇنيادا ) روشەن گۇمراھلىقتىدۇر.
ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى
34- ئايەتتە: ئۇ ساڭا ئالاھىدىلىكى ۋە خەۋىرىنى بىز قىسسە قىلىپ بەرگەن مەريەم ئوغلى ئىسا بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېچ شەك – شۈبھە يوق، بۇ يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ ۋە شۈبھىگە چۈشكەن ھەق سۆز.
35- ئايەتتە: ئاللاھ قا ئۆزىنىڭ بەندىلىرى ۋە مەخلۇقاتلىرى ئىچىدىن بالىلىق بولۇش لايىق ئەمەس. ئاللاھ ئۇنىڭدىن پاكتۇر. بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ئىرادە قىلسا ئۇ ئىش مەيلى ئاددىي ياكى مۇرەككەپ بولسۇن ئاللاھ قا تەس كەلمەيدۇ. ئاللاھ « ۋۇجۇدقا كەل » دېسە، ئۆزى خالىغىنى ۋە ئىرادىسى بويىچە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
36- ئايەتتە: ئىسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىگە ئېيتتى: ئاللاھ مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، شېرىك كەلتۈرمەڭلار، بۇ بولسا ئەڭ توغرا يولدۇر.
37- ئايەتتە: ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى پىرقىلار ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق ئۆز ئىچىدە ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارغا بۆلۈندى: ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چېكىدىن ئاشقانلىرى ناسارالار بولۇپ، بەزى پىرقىلىرى « ئىسا ئاللاھ نىڭ ئۆزى » دېسە، بەزىسى « ئىسا ئاللاھ نىڭ ئوغلى »، يەنە بەزىسى « ئىسا ئۈچنىڭ ئۈچىنچىسى » ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەممە سەپسەتىسىدىن پاكتۇر، ئۈستۈندۇر.
ئەھلى كىتابنىڭ بىر قىسمىى تەفرىت دەرىجىسىدە بولۇپ، بۇلار « ئىسا سېھىرگەر » دېيىشتى. يۈسۈپ ناجارنىڭ ئوغلى دەپ تۆھمەت قىلىشتى. بۇلار بولسا يەھۇدىيلار.
قىيامەت كۈنىدىكى دەھشەتلىك كۈندە كاپىرلارنىڭ ھالىغا ۋاي.
38- ئايەتتە: قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى ۋە كۆزلىرى ئۆتكۈر بولۇپ كېتىدۇ. ئاللاھ نىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەندە، قۇرئان كەرىم مۇقەررەرلەشتۈرۈلگەندەك ئىسا ئەلەيھىسسالام نىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ. بۇ نۇقتىنى ئىسا ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزىنى تەرىپلىگەندە ئېيتقان. چېكىدىن ئاشقانلار ( ناسارالار )، تەفرىتچىلەر ( يەھۇدىيلار ) بۇ دۇنيادا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى قوبۇل قىلىشمايدۇ. پۇشايمىنى ھېچنەرسىگە ئەسقاتمايدىغان كۈندە نادامەت قىلىشىدۇ. بۇ دۇنيادىكى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەقىقەت ئالدىدا گاس – گاچا ھۆكمىدە بولۇپ، ئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر.

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى

ئاللاھ تائالا بىر قەۋمگە پەيغەمبەر ئەۋەتىدىكەن ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تەستىق قىلىشقا پاكىت سۈپىتىدە، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى باشقىلار قىلالمايدىغان پەۋقۇلئاددە مۆجىزە ياكى مۆجىزىلەرنى بەرگەن.
مەزكۇر مۆجىزىلەر پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىگە خاس بولۇپ، ئۇلارنى پەقەت شۇ دەۋردە ياشىغانلار كۆرەلىگەن ۋە كېيىنكىلەرگە كۆرسەتكەن. بىراق پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن مۆجىزىلەردىن كۈنىمىزگە قەدەر يېتىپ كەلگەن ئەڭ چوڭ مۆجىزە ھېسابلانغان قۇرئان كەرىم بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان ئۇنىڭ ئوخشىشىنى، ئۇنىڭدەك 10 سۈرىنى ياكى ھېچبولمىغاندا بىرەر سۈرىنىڭ ئوخشىشىنى ھېچكىم ئىجاد قىلىپ چىقالمايدۇ.
جۈملىدىن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۆجىزىلەر تۆۋەندىكىدەك:
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. (ئۇ دەيدۇ) «شۈبھىسىزكى، سىلەرگە مەن رەببىڭلار تەرىپىدىن بولغان ( پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان ) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، مەن سىلەرگە لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدەك بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن ـ دە، ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن، ئۇ قۇش بولىدۇ. تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن؛ ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، سىلەر يەيدىغان ۋە ئۆيۈڭلاردا ساقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن ( يەنى سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئەھۋالىڭلارنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن ). شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھ نىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنگۈچى بولساڭلار، بۇنىڭدا ( يەنى مەن كەلتۈرگەن مۆجىزىلەردە ) سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە ( مېنىڭ راستلىقىمنى كۆرسىتىدىغان روشەن ) ئالامەت بار.
ئايەتنىڭ تەپسىرى
49- ئايەتتە: ئاللاھ، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئېيتتى: مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچى ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت ئېلىپ كەلدىم. ئۇ بولسا تۆۋەندىكىچە: لايدىن قۇشقا ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسە ياسايمەن. ئۇنىڭغا پۇدىگەن ۋاقتىمدا ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن جان كىرىپ ھەقىقىي قۇشقا ئايلىنىدۇ. يەنە ئەما تۇغۇلغان مىيىپنى ساقايتىمەن، ئاق كېسەلگە گىرىپتار بولغاننى داۋالايمەن، ئاللاھ نىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىمەن. ئۆيۈڭلاردا يىغىپ قويغان شۇنداقلا سىلەر يېگەن تامىقىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن.
شۈبھىسىزكى، ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان يۇقىرىدىكى چوڭ ئىشلار – سىلەر ئاللاھ نىڭ پاكىتلىرىغا ۋە ئايەتلىرىگە چىن ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ نىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
يۇقىرىقى ئايەتلەرگە ئاساسەن مۇسۇلمان شۇنىڭغا چىن ئىمان ئېيتىدۇكى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۆجىزىلەر ئارقىلىق بەنى ئىسرائىل قەۋمىگە ئەۋەتكەن.
ئۇ مۆجىزىلەر بولسا:
قۇشنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ پۈۋلىگەن ۋە ئۇ ھەيكەل ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن قۇشقا ئايلانغان.
تۇغما ئەمانى ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن ساقايتقان.
ئۆلۈكلەرنى ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن تىرىلدۈرگەن.
كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە يىغىپ ساقلىغان يېمەك – ئىچمەك ۋە باشقا ئەشيالىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەرگەن.
ئويلاپ باقايلى: ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈش، قۇشنىڭ ھەيكىلىگە پۈۋلىسە ھەقىقىي قۇشقا ئۆزگىرىشى ۋە دوختۇرلار داۋالىيالمىغان ئاق كېسەلنى داۋالىشى ئىنسان ئەقلىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
بىراق شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، شۇنداقلا ئىسا ئەلەيھىسسالاممۇ بۇنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئاللاھ ھەممىگە قادىر. ئۇ بىر نەرسىنى قىلىشنى خالىسا ئۇنىڭغا « بول » دەيدۇ- دە، ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

نېمە ئۈچۈن ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئوغلى بولالمايدۇ؟

شەك – شۈبھىسىزكى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىز ھالدا ئانىدىن دۇنياغا كېلىشى. ھەزرىتى مەريەمنىڭ ھېچبىر ئىنسان بىلەن يېقىنچىلىق قىلمىغان شارائىت ئاستىدا، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلىشى ئادەتتىن تاشقىرى بىر ھادىسە. بۇنىڭ ئۆزىلا مەريەم ئانىمىزنى ھەيران قالدۇرغان. مەريەم ئانىمىز ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ھامىلە بولىدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەت بەرگەن پەرىشتىلەرگە: «ماڭا ھېچكىم يىقىنلاشمىغان تۇرسا، قانداقمۇ بالام بولسۇن؟ » دېگەندە، پەرىشتىلەرنىڭ جاۋابى مۇنداق بولغان: شۇنىڭدەك ئاللاھ خالىغاننى يارىتىدۇ، بىر ئىشقا ھۆكۈم قىلسا پەقەتلا «بول» دەيدۇ- دە، بولىدۇ.
ئۇ بولسا ئاللاھ نىڭ مەخلۇقاتلىرى ئۈستىدىكى قۇدرىتى. ئۇ قانداق خالىسا شۇنداق بولىدۇ. چۈنكى ئۇ يوقتىن يارىتىشقا قادىردۇر. بۇ بولسا جاۋابنىڭ بىر تەرىپى. « ئۇ ئاللاھ نىڭ ئوغلى ياكى ئاللاھ نىڭ بىر پارچىسى ۋەياكى بولمىسا بىر ئىلاھنى شەكىللەندۈرگەن كۆپ ئىلاھلارنىڭ بىرى » دېگۈچىلەرنىڭ دىققەت – ئېتىۋارىنى قۇرئان شۇنىڭغا يۈزلەندۈرىدۇكى، ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىش جەريانى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىشىدىن بەكرەك چوڭ مۆجىزە. ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى تۇپراقتىن ياراتقان. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ نىڭ نەزىرىدە ئىسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ (ئاتا ـ ئانىسىز) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېدى ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى (ئىسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس).
ئايەتنىڭ تەپسىرى:
59- ئايەتتە: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاتىسىز يارىتىشى، ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئاتىسىز ۋە ئانىسىز ياراتقانغا ئوخشايدۇ. چۈنكى ئۇنى توپىدىن ياراتقان، ئاندىن كېيىن « ئىنسان بولغىن » دېگەندە، ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئايلانغان.
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىز دۇنياغا كېلىشى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ ئىلاھ ( خۇدا ) ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش سەپسەتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئادەم ئەلەيھىسسالاممۇ ئاتا – ئانىسىز يارىتىلغان، ھەر كىم ( ناسارا، يەھۇدىي ۋە مۇسۇلمان ) ئۇنى ئاللاھ نىڭ بىر قۇلى دەپ بىلىدۇ.
بۇ ئايەتتە شۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدىغان بولۇپ، ئىنسان تۈرى يارىتىلىش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، تۆت تۈرلۈك دېيىشكە بولىدۇ:
ئەر – ئايالسىز يارىتىلغىنى، ئادەم ئەلەيھىسسالام.
پەقەت ئەردىن يارىتىلغىنى، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ رەپىقىسى ۋە شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئانىسى ھاۋا.
دادىسىز ھالدا پەقەتلا ئانىدىن دۇنياغا كەلگىنى، ئۇ بولسىمۇ ئىسا ئەلەيھىسسالام.
ئاتا – ئانىدىن يارىتىلغىنى، ئۇ يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئىنسانلار.
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىش مۆجىزىسىنى، باشقا ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىش مۆجىزىسىدىنمۇ چوڭ دېيىشكە بولىدۇ. ھاۋا ئانىنىڭ يارىتىلىش مۆجىزىسى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىش مۆجىزىسىدىن بەكرەك چوڭ. بىراق ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىش مۆجىزىسى ھاۋا ئانا ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالاملارنىڭكىدىنمۇ چوڭ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ھەممە مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئالاھىدىلىكى شۇكى، بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا ئۇنىڭغا « بول » دېيىشى كۇپايە. ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىز ھالدا يارىتىلغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ « ئاللاھ نىڭ ئوغلى » دېگۈچىلەر ئاتىسىز ۋە ئانىسىز يارىتىلغان. ئادەم ئەلەيھىسسالامغا نېمە دېيىشلىرى كېرەك؟ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىش مۆجىزىسى تېخىمۇ كۈچلۈك ئەمەسمۇ؟

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى ۋە رىسالىتى

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى (چاقىرىقى) نېمە ئىدى؟ نېمە بىلەن ئەۋەتىلگەن؟
قۇرئان كەرىم بىزگە كۆپلىگەن يەردە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقى ۋە رىسالىتى ( پەيغەمبەرلىكى ) توغرىسدا بايانلار بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا سۈرە ئالى ئىمراندا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق مۇنداق دەيدۇ: « مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغان ھالدا ( كەلدىم )، سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھ تىن قورقۇڭلار ۋە ( مېنىڭ ئەمرىمگە ) ئىتائەت قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر ».
ئايەتنىڭ تەپسىرى:
50- ئايەتتە: تەۋراتنى تەستىق قىلغان ھالدا ئاللاھ نىڭ ۋەھيى ئارقىلىق بۇرۇن ئاللاھ ھارام قىلغان ( چەكلىگەن ) بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن كەلدىم، ئۇ ئاللاھ نىڭ رەھمىتى ۋە يەڭگىللىتىشى. سۆزۈمنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن سىلەرگە رەببىمدىن پاكىت ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھ تىن قورقۇڭلار، ئەمرىگە خىلاپلىق قىلماڭلار، ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە يەتكۈزگەنلىرىمدە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
51- ئايەتتە: مەن سىلەرنى چاقىرغان يېگانە ئاللاھ مېنىڭ پەرۋەردىگارىم، شۇنداقلا سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلار. ئۇنداق ئىكەن ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىڭلار، ھەممىڭلار قۇلچىلىق قىلىش ( ئىبادەت ) ۋە بوي سۇنۇشتا بىردەك مەسئۇلىيەتكە ئىگە. بۇ يول توپتوغرا يولدۇر.
سۈرە مەريەمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: بوۋاق ئېيتتى: « مەن ھەقىقەتەن ئاللاھ نىڭ بەندىسىمەن، ماڭا كىتابنى بەردى ( يەنى ئىنجىلنى بېرىدۇ ) ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى ( يەنى قىلىدۇ ). قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى ».
ئايەتنىڭ تەپسىرى:
30- ئايەتتە: تېخى بوۋاق ھالىتىدىكى ئىسا ئەلەيھىسسالام بۆشۈكىدە تۇرۇپ: « مەن ئاللاھ نىڭ قۇلى. ماڭا كىتاب ( ئىنجىل ) نى بېرىشكە ھۆكۈم قىلدى، ھەمدە مېنى پەيغەمبەر قىلدى » دېدى.
31- ئايەتتە: قەيەردە بولسام مېنى خەير ۋە بەرىكەتلىك قىلدى. ھاياتلا بولىدىكەنمەن نامازغا قاتتىق ئېتىبار بېرىشىمنى ۋە زاكاتنى جايىدا ئادا قىلىشىمنى بۇيرىدى.
سەف سۈرىسىدە ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى ھەققىدە توختىلىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا: « ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن » دېدى. ئىسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: « بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر » دېدى.
بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى:
ئايەتتە: ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە ئېيتىپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا مەريەم ئوغلى ئىسا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: شۈبھىسىزكى، مەن سىلەر ئۈچۈن ئاللاھ نىڭ ئەلچىسىمەن، مەندىن ئىلگىرى چۈشكەن تەۋراتنى تەستىق قىلىمەن. مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك ئەلچى ( پەيغەمبەر )دىن بېشارەت بېرىمەن. ئۇ بولسىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام. ئۇنى تەستىق قىلىشقا ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە چاقىرىمەن،- دېدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئوچۇق ۋە روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: سەن ئېلىپ كەلگەن مۆجىزە ئەمەس، بەلكى سېھىر دېيىشتى.
يۇقىرىقى ئايەتلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى:
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقى تۆۋەندىكىلەردىن بولغان:
مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان تەۋراتقا ئىمان كەلتۈرۈش.
بەنى ئىسرائىل قەۋمىگە ئىلگىرى ھارام قىلىنغان بەزى يېمەكلىكلەرنى ھالال قىلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى يۈكنى يەڭگىللىتىش.
ئاللاھ قىلا ئىبادەت قىلىش.
نامازنى ئادا قىلىش.
زاكات بېرىش.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە شۇنداقلا ئاخىر زامان پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىشىدىن ئالدىن بېشارەت بېرىش.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، باشقىلارغا نىسبەتەن ئاللاھ قا ئەڭ كۆپ ھەمدۇ – سانا ئېيتىدىغان بولغاچقا، ئەھمەد يەنى « كۆپ ھەمدۇ – سانا ئېيتقۇچى » دەپ ئاتالغان.

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنجىلى

ناسارالار ۋە مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بىر كىتاب نازىل قىلغانلىقى ۋە بۇ كىتابتا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى ئۈچۈن، خىرىستىيان دىنى تەلىماتلىرىنىڭ يېزىقلىق ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ. ھەر قانداق مۇسۇلمان ئاللاھ تائالانىڭ خۇددى قۇرئان كەرىمىگە ئوخشاش، ئىنجىلنىمۇ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتابى دەپ ئىمان ئېيتمىغۇچە ئىسلام ئېتىقادى بويىچە مۇئمىن دەپ ھېسابلانمايدۇ. بىراق، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ئىنجىل قەيەردە؟
بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىدىغانلار چىقىشى مۇمكىن: ئۇ ئىنجىل ھازىرمۇ بار. ناسارالارنىڭ قوللىرىدا بېسىلغان بولۇپ، چېركاۋلاردا ئوقۇتۇلماقتا. لېكىن، ئۇ يېڭى ئەھد ياكى يەھۇدىيلارنىڭ يازمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابى مۇقەددەسنىڭ بىر پارچىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
( كونا ئەھد ) ۋە ناسارالارنىڭ كىتابلىرى ( يېڭى ئەھد ) ھەققىدە مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىدۇ. ھازىرقى كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە بېسىپ تارقىتىلغان ئىنجىل، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا چۈشكەن ئىنجىلنىڭ دەل ئۆزىمۇ؟
بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى ئىنجىللارغا قارايدىغان بولساق، يېڭى ئەھد كاتېگورىيىسىدە بىر ئەمەس، تۆت خىل ئىنجىلنى ئۇچرىتىمىز. ئۇلار ماتتا ( مىتى )، مەرقەس ( مرقس )، لۇقا ( لوقا )، يۇھەننا ( يوھنا ) دىن ئىبارەت بولۇپ، يەنە تېخى بەزى چېركاۋلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدىغان نۇرغۇن ئىنجىللار مەۋجۇت. مەسىلەن: بارنابا ئىنجىلى بۇلارنىڭ بىرى. ئۇنداقتا يۇقىرىقى ئىنجىللارنىڭ قايسىسى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان ھەقىقىي ئىنجىل؟
شۇنداق دەپ ئېيتالايمىزكى، ناسارالارنىڭ قوللىرىدىكى ئىنجىللار، خىرىستىيان دىنى ئالىملىرى تەرىپىدىن يېزىلغان ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى. مەۋجۇت ئىنجىللارنىڭ ھەممىسىگە شۇنداق باھا بېرىشكە بولىدۇ. ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەقىقىي ئىنجىل ناسارالارنىڭ قوللىرىدا مەۋجۇت ئەمەس.
مىسال بېرىشكە توغرا كەلسە ئېيتىمىزكى، مۇسۇلمانلارنىڭ قوللىرىدا ئاللاھ تائالا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان قۇرئان كەرىم بار. بۇ كىتابنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەياكى ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن بىرەرسىگە تەئەللۇق دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئاللاھ نىڭ كالامى بولۇپ، جىبرىئىل ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان. شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ قوللىرىدا ئاللاھ نىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە ئىش – ئىزلىرى توغرىسىدا قەلەمگە ئېلىنغان نۇرغۇن ئەسەرلەر بار. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەر بىرى ئاپتورىغا مەنسۇپ بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى ياكى باشقا تەرەپلەرنى تېما قىلغان تارىخ كىتابلىرىدىن ئىبارەت.

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە قەتلى قىلىنىشى

ناسارالارنىڭ ئېتىقادى بويىچە: ئىسا ئەلەيھىسسالام دارغا ئېسىلىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن قەۋرىسىدىن تۇرغان. ئاخىر زاماندا يەنە قايتا كېلىدۇ.
ئىسلام ئېتىقادى بويىچە: ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆلتۈرۈلمىگەن، دارغا ئېسىلمىغان ۋە دەپنە قىلىنمىغان. پەقەت ئاللاھ ئۇنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. كېيىنچە يەنى ئاخىر زامان بولغاندا، قايتا ( يەر يۈزىگە ) چۈشۈپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ. كىرىستنى چېقىپ تاشلاپ، چوشقىنى ئۆلتۈرىدۇ. ( يەنى خىرىستىيانلار دىن ئۆلىمالىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان، ئاتالمىش ناسارالىق دىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، چوشقا گۆشىنى يېيىشنى چەكلەيدۇ ).
بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن: « ئۇلار ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى، ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ۋە ( مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ) دىللىرىمىز پەردىلەنگەن ( يەنى سۆزۈڭنى چۈشەنمەيدۇ ) دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن ( ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق )، بەلكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبىدىن دىللىرىنى پېچەتلىۋەتتى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ. يەنە ئۇلارنىڭ كۇفرى ( يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ) ئۈچۈن ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن ( ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق ). يەنە ئاللاھ نىڭ رەسۇلى ئىسا ئىبنى مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن ( ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق ). ۋەھالەنكى ، ئۇلارنىڭ ئىسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋە لېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى ( ئىسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى )، ئىسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ( مەسىلىسى ) دە شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇ ( ئىشنىڭ ھەقىقىتى ) نى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىسانى جەزمەن ئۆلتۈرمىدى. بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى ( يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ تىرىك ھالدا ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى ). ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئەھلى كىتابتىن ( يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن ) ھەر قاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا ( يەنى ئىسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە ئاللاھ نىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە ) ئىمان ئېيتىدۇ. ئىسا قىيامەت كۈنى ئۇلار ( يەھۇدىيلارنىڭ ئىسانى دارغا ئاستۇق دېگەن دەۋاسىنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ئىسا ئاللاھنىڭ ئوغلى دېگەن دەۋاسىنىڭ يالغانلىقى ) غا گۇۋاھ بولىدۇ ».
ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى:
155- ئايەتتە: ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئىچىدىن چىققان كۇففارلارغا لەنەت قىلدۇق، رەھمىتىمىزدىن ئۇزاقلاشتۇردۇق، چۈنكى ئۇلار ۋەدىسىدە تۇرمىدى، پەيغەمبىرىنىڭ راستچىللىقىغا دالالەت قىلىدىغان ئاللاھ نىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلدى. دۈشمەنلىكىدىن ناھەق يەرگە پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈردى. مۆجىزىلەرگە قارشى دىللىرىمىز پەردىلەنگەن بولغاچقا دېگەنلىرىڭنى چۈشەنمەيمىز،- دېدى. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلارنىڭ ئىنكارى تۈپەيلى ( خۇددى ) ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاراڭغۇ قىلىۋەتكەچكە ئازغىنا ئىمان ئېيتتى، بۇ ئاز ئىمان ئۇلارغا ئەسقاتمىدى.
156- ئايەتتە: ئىپپەتلىك ھەزرىتى مەريەمگە ” زىنا قىلدى “ دەپ بوھتان چاپلىغانلىقى ۋە كۇفرىلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراقلاشتۇردۇق.
157- ئايەتتە: ئۇلار چوڭچىلىق ۋە مەنسىتمەسلىك قىلىپ ” بىز مەريەم ئوغلى ئىسانى ئۆلتۈردۇق “ دېيىشتى. ھالبۇكى، ئەمەلىيەتتە ئىسانى ئۆلتۈرگىنى يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق. ئۇلارنىڭ ئىسا دەپ گۇمان قىلىپ ئۆلتۈرگىنى باشقا بىرسى. ئىسانى ئۆلتۈردۇق دەپ دەۋا قىلغان يەھۇدىيلار ۋە ئۇلارغا ئىسا ئەلەيھىسسالامنى تۇتۇپ بەرگەن ناسارالار گۇمان ئىچىدە بولۇپ، ھەقىقىي مەلۇماتلىرى يوق. ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرگەنلىكلىرىگە ئېنىق ئىشەنچ قىلىشمايدۇ. شۈبھە ۋە تەرەددۇت ئىچىدە بىلجىرلىماقتا.
158- ئايەتتە: ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنى بەدىنى ۋە جېنى بىلەن قوشۇپ تىرىك ھالەتتە ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. ئۇنى ئاللاھ ئۆزىلا بىلىدۇ. ئۇنى كاپىرلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرغان. ئاللاھ ئۆزىنىڭ مۈلكىدە كۈچ – قۇۋۋەت ئىگىسى. ھۆكمىدە ۋە باشقۇرۇشىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدۇ.
159- ئايەتتە: ئاخىر زاماندا ئىسا ئەلەيھىسسالام چۈشكەندىن كېيىن، بۇ مەزگىلدە ھايات بولغان ھەر قانداق ئەھلى كىتاب، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ. قىيامەت كۈنى ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ يالغانچىلىقىغىمۇ، شۇنىڭدەك ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ساداقىتىگىمۇ گۇۋاھچى ۋە پاكىت بولىدۇ.
يەنە بىر سۈرىدە ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدىكى مەنزىرىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. بۇ يەردە ئىسا ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: « مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى، يەنى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن ».
ئايەتنىڭ تەپسىرى:
ئىسا ئەلەيھىسسالام ئېيتتى: ئى رەببىم! مەن ئۇلارغا پەقەت سېنىڭ ۋەھيىڭدىن، ساڭىلا ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت تەۋھىتنى يەتكۈزۈشتىن باشقىنى ئېيتمىدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياشىغىنىمدا ئىش – ھەرىكەت ۋە سۆزلىرىمنىڭ گۇۋاھچىسى ئىدىم. مېنىڭ يەر يۈزىدىكى ئەجىلىمنى تۈگىتىپ تىرىك ھالدا ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتكىنىڭدىن كېيىن پەقەت ئۆزۈڭلا ئۇلارنىڭ كۈزەتچىسى ئىدىڭ. سەن ھەممىگە شاھىتسەن، يەر يۈزىدىكى ۋە ئاسماندىكى ھېچنەرسە سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس.
ئالى ئىمران سۈرىسىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: « ئى ئىسا! مەن سېنى ( ئەجىلىڭ يەتكەندە ) قەبزى روھ قىلىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن (يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن). سېنى كاپىرلاردىن پاك قىلىمەن ( يەنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يامانلارنىڭ شەررىدىن ساقلايمەن )، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش ( يەنى ئىسانىڭ ئىشى ) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن. كاپىرلارغا بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب قىلىمەن، ئۇلارغا ( ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسىدىغان ) ھېچ مەدەتكار بولمايدۇ. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ( قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ) ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ ( زالىملارنى دوست تۇتمايدىغان زات قانداقمۇ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلسۇن؟ ). ( ئى مۇھەممەد! ) بۇ بولسا ساڭا بىز ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئايەتلەردۇر ۋە ھېكمەتلىك قۇرئاندۇر ».
ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى:
55- ئايەتتە: ئاللاھ تائالا كاپىرلارنىڭ ھىلە – مىكرىنى مەغلۇپ قىلىپ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەن: مەن سېنى يەر – يۈزىدىن ئالىمەن، ساڭا ھېچنەرسە بولمايدۇ، سېنى بەدىنىڭ ۋە روھىڭ بىلەن بىرلىكتە دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن، سېنى كاپىرلاردىن قۇتۇلدۇرىمەن. ساڭا ئەگەشكەن، ئاللاھ تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىمان ئېيتقان ۋە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭدىن كېيىن كېلىدىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چىنپۈتكەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ شەرىئىتىگە چىڭ ئېسىلغانلارنى تاكى قىيامەتكە قەدەر پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىنكار قىلغانلارغا قارشى ئۈستۈن قىلىمەن. ھېساب كۈنى ماڭا قايتىپ كېلىسىلەر، ئۇ چاغدا ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا بولغان دە – تالاشتا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن.
56- ئايەتتە: يەھۇدىيلاردىن ئىبارەت ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغان ياكى ناسارالاردىن ئىبارەت ئىسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ھەددىدىن ئاشقان كاپىرلارغا كەلسەك، ئۇلارنى بۇ دۇنيادا ئۆلتۈرۈلۈش، مال – دۇنيا ۋە ئىگىلىكىدىن مەھرۇم قىلىش بىلەن جازالايمەن. ئاخىرەتتە جەھەننەم ئارقىلىق جازالايمەن. ئۇلارنى ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغان ھېچبىر ھامىيسى يوق.
57- ئايەتتە: ئاللاھ قا، پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىپ سالىھ ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىنى ھېچ نۇقسانسىز، تولۇق بېرىدۇ. ئاللاھ، مۇشرىك ۋە كاپىرلاردىن ئىبارەت زالىملارنى ياقتۇرمايدۇ.
58- ئايەتتە: ئىسا توغرىسىدا ساڭا سۆزلەپ بەرگەن، پەيغەمبەرلىكىڭگە ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان قۇرئاننىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىگە پاكىت بولىدىغان قىسسىدە شەك – شۈبھە يوقتۇر.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىسا ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ: ” إني متوفيك ورافعك إليّ ( مەن سېنى قەبزى قىلىمەن ۋە دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن ) “ دېگەن جۈملىدە ” موتەۋففىيكە “ دىن جېنىڭنى ئالىمەن دېگەننى مەقسەت قىلمىغان. چۈنكى ئەرەب تىلىدا ” ۋەفات “ كەلىمىسى ھەر ۋاقىت جېنى چىقتى مەنىسىنى ئىپادىلىمەيدۇ. مەسىلەن: بۇ ئايەتكە قاراپ باقايلى: « ئىنسانلار ئۆلىدىغان چاغلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ، ئۆلمىگەنلەرنىڭ جانلىرىنى ئۇخلىغان چاغلىرىدا ئالىدۇ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ( يەنى ئەجىلى يەتكەنلەر ) نىڭ جانلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغانلارنىڭ جانلىرىنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە ( يەنى ئەجىلى يەتكۈچە ) قويۇپ بېرىدۇ، بۇنىڭدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار ».
ئايەتنىڭ تەپسىرى:
ئاللاھ جەللە جالالەھۇ ئىنسان ئۆلىدىغان چاغدا جېنىنى ئالىدۇ. بۇ بولسا چوڭ ئۆلۈم بولۇپ، ئەجەل توشقان ۋاقىتتىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇخلىغاندا جېنىنى ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ ( قەبزى قىلىدۇ ). بۇ بولسا كىچىك ئۆلۈم. بۇ ئىككى خىل جاننىڭ ئىچىدىن ئەجىلى توشقانلىققا ھۆكۈم قىلىنغاننىڭ جېنىنى ئېلىپ قالىدۇ. ئۇ بولسا ئۆلگەن كىشىنىڭ جېنى. يەنە بىر خىل جاننى رىزقى ۋە ئەجىلىنىڭ تېخى تۈگىمىگەنلىكى ئۈچۈن بەدىنىگە قايتۇرىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ ئۆلگۈچى ۋە ئۇخلىغۇچىلارنىڭ جېنىنى قەبزى قىلىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭكىنى تۇتۇپ قېلىشى، تېخى ئەجىلى توشمىغانلارنىڭ جېنىنى بەدىنىگە قايتۇرۇپ بېرىشى، تەپەككۇر قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىللەردىندۇر.
قۇرئان كەرىم ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبزى روھ قىلىنغانلىقى ۋە ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىدۇ. إني متوفيك ورافعك إليّ ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاخىر زاماندا يېتىپ كېلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىپ ئاخىرى ۋاپات بولغاندا زېمىندا قەۋرىگە قويۇلىدۇ.
ئەكسىچە يەھۇدىيلار 2000 يىل بۇرۇن ياشىغان ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ نىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئاخىر زاماندا مەسىھ كېلىدىغانلىقىغا، لېكىن ئۇنىڭ 2000 يىل ئىلگىرى ياشىغان ئىسا ئەمەسلىكىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.

قىيامەت كۈنى نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەر

مۇسۇلمان، ناسارا ۋە يەھۇدىي ئۆلىمالىرىنىڭ بىردەك كۆز – قاراشلىرى
يەھۇدىيلارنىڭ كۆز – قارىشى:
ناسارالار ھەق يولدا ئەمەس، مۇسۇلمانلارمۇ ھەق يولدا ئەمەس. جەننەتكە كىرىدىغانلار پەقەت بىز يەھۇدىيلار. چۈنكى بىز مۇسا ئەلەيھىسسالامغا شۇنداقلا بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىمان ئېيتتۇق.
ناسارا – خىرىستىيانلارنىڭ كۆز – قارىشى:
يەھۇدىيلار توغرا يولدا ئەمەس. شۇنداقلا مۇسۇلمانلارمۇ توغرا يولدا ئەمەس. جەننەتكە كىرىدىغانلار بىز ناسارالار.
چۈنكى، بىز مۇسا ئەلەيھىسسالامغا، بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھەممىسىگە، شۇنداقلا ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتتۇق. يەھۇدىيلار بولسا ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلدى. شۇڭلاشقا ئۇلار جەننەتكە كىرىشكە لايىق ئەمەس.
مۇسۇلمانلارنىڭ كۆز – قارىشى:
يەھۇدىيلار جەننەتكە كىرسە ئەلۋەتتە، مۇسۇلمانلارمۇ كىرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭغا نازىل بولغان ئىنجىلغا ئىمان ئېيتتى. بىراق مۇسۇلمانلارنىڭ جەننەتكە كىرىشىدىكى سەۋەب، ئۇلار ئاللاھ نىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭغا نازىل بولغان قۇرئان كەرىمگە ئىمان ئېيتقانلىقى ئۈچۈندۇر. ئۇنداقتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىدراك قىلىپ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتاب قۇرئان كەرىمگە ئىمان ئېيتمىغان يەھۇدىي ۋە ناسارا (خىرىستىيان ) لار جەننەتكە كىرەلەمدۇ؟

ئىككى ھەسسە ئەجىرگە سازاۋەر بولغۇچىلار

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا ئەرەب ۋە باشقا مىللەتلەردىن كۆپلىگەن ئەلچىلەر كېلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام دىنى ھەققىدە مەلۇمات ئالاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ناسارا دىنى ئۆلىمالىرى، پوپلار ۋە راھىپلارمۇ بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئىسلامنى تونۇشتۇراتتى ھەمدە قۇرئان ئوقۇپ بېرەتتى.
كەلگەن ناسارا ھەيئىتى ئىچىدىن ئىسلام دەۋىتىنى ئاڭلاپ، قۇرئان تىڭشىغاندىن كېيىنلا دەرھال مۇسۇلمان بولغانلىرىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. قۇرئان كەرىمدىكى بۇ ئايەتلەر ئەنە شۇلار ھەققىدە نازىل بولغان: ﴿ ( ئى مۇھەممەد! ) يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ مۆمىنلەرگە ھەممىدىن قاتتىق دۈشمەن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بايقايسەن، بىز ناسارا دېگەن كىشىلەرنىڭ دوستلۇق جەھەتتە مۆمىنلەرگە ھەممىدىن يېقىن ئىكەنلىكىنىمۇ چوقۇم بايقايسەن، بۇ، ناسارالارنىڭ ئىچىدە ئۆلىمالار، راھىبلار بولغانلىقى ۋە ( ھەقنى قوبۇل قىلىشتا ) تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغانلىقلىرى ئۈچۈندۇر. ئۇلار پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ھەقىقەتنى تونۇغانلىقلىرىدىن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قويۇلغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار ئېيتىدۇ: « رەببىمىز، بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنى (پەيغەمبىرىڭنى، كىتابىڭنى ) ئېتىراپ قىلغۇچىلار قاتارىدا قىلغىن. بىز نېمىشقا ئاللاھ قا، بىزگە كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشەنمەيلى؟ ھالبۇكى، بىز پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزنى ياخشى كىشىلەر قاتارىدا ( جەننەتكە ) كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز ». بۇ سۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات ئەنە شۇ. كاپىر بولغانلار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر ﴾.
ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى:
82- ئايەتتە: « ئى مۇھەممەد! ساڭا ئىمان ئېيتقان، سېنى تەستىق قىلغان ۋە ساڭا ئەگەشكەنلەرگە ئەڭ قاتتىق ۋە ئەشەددىي دۈشمەنلەرنىڭ يەھۇدىيلار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىسەن. بۇ ئۇلارنىڭ سەركەشلىكىدىن ۋە ھەقىقەتكە كۆز يۇمغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇت ۋە ھەيكەللەر ئارقىلىق ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەرمۇ ئەنە شۇنداق ».
مۇسۇلمانلارغا دوستلۇق جەھەتتىن ئەڭ يېقىن بولغانلارنىڭ ناسارالار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىسەن. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئىچىدە دىنىنى ياخشى بىلىدىغان زاھىد، چېركاۋلاردا كۆپ ئىبادەت قىلىدىغانلىرى باركى، ئۇلار ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن چوڭچىلىق قىلمايدۇ. دەل شۇلار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رىسالىتىنى قوبۇل قىلىپ ئىمان ئېيتقان كىشىلەر.
83- ئايەتتە: ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا دوستلۇق جەھەتتىن ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنىڭ ئەمەلىي مىسالى شۇكى، ھەبەشىستانلىق ھەيئەت قۇرئان كەرىمنى ئاڭلىغىنىدا قاتتىق تەسىرلىنىپ كۆزلىرىدىن ياش ئېقىشقا باشلايدۇ – دە، دەرھال ئىمان ئېيتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلىدۇ. شۇنداقلا ئاللاھ قا تەزەررۇ قىلىپ قىيامەت كۈنىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بىلەن بىرلىكتە باشقا ئۈممەتلەرگە گۇۋاھچى بولۇشلىرىنى تىلىگەن ئىدى.
84- ئايەتتە: ئۇلار ئېيتتى: بىز قانداقمۇ ئاللاھ قا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەرىپىدىن بىزگە ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشەنمەيلى؟ رەببىمىزنىڭ بىزنى قىيامەت كۈنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلغان بەندىلىرى قاتارىدىن قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
85- ئايەتتە: ئۇلارنىڭ ئىسلام بىلەن مۇشەررەپ بولغانلىقلىرى ۋە سالىھلار قاتارىدا بولۇش ئارزۇلىرى ئۈچۈن ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئۇلار جەننەتتە ھەمىشە تۇرىدۇ، چىقىپ كەتمەيدۇ، چىقىرىۋېتىلمەيدۇ. بۇ بولسا ئۇلارنىڭ سۆزدە ۋە ئەمىلىي ئىش – ھەركەتتىكى ئىھسانىنىڭ مۇكاپاتىدۇر.
86- ئايەتتە: ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە تانغان، ئەلچىسىگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار بولسا دوزاخ ئەھلى بولۇپ، ئۇ يەردە ھەمىشە تۇرىدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەر توغرىسدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: قۇرئاندىن ئىلگىرى بىز كىتاب ( يەنى ئىنجىل، تەۋرات ) نازىل قىلغانلار ( يەنى ناسارا ۋە يەھۇدىيلارنىڭ مۆمىنلىرى ) قۇرئانغا ئىشىنىدۇ. ئۇلارغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، ئۇلار: « بىز قۇرئانغا ئىشەندۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر. بىز ھەقىقەتەن بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇسۇلمان ئىدۇق » دەيدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان سەۋر ـ تاقىتى ئۈچۈن ئۇلارغا قوش ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار ياخشىلىق ئارقىلىق يامانلىقنى دەپئى قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدۇ. ئۇلار بىھۇدە سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ (يەنى قۇلاق سالماي): « بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، بىز نادانلاردىن دوستلۇق تىلىمەيمىز » دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ.
52- ئايەتتە: قۇرئان كەرىمدىن ئىلگىرى بىز كىتاب نازىل قىلىپ ئۇنى ئۆزگەرتمىگەن يەھۇدىي ۋە ناسارالار قۇرئانغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىدۇ.
53- ئايەتتە: بىز كىتاب نازىل قىلغانلارغا قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇلار: « قۇرئانغا ئىمان ئېيتتۇق، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلدۇق، ئۇ پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن كەلگەن ھەق كىتابتۇر. ئۇ كىتاب نازىل بولۇشتىن بۇرۇنمۇ مۇسۇلمان ۋە مۇۋەھھىد ئىدۇق. ئاللاھ نىڭ دىنى بىر، ئۇ بولسىمۇ ئىسلام »- دەيدۇ.
54-، 55- ئايەتلەردە: يۇقىرىدا ئالاھىدىلىكلىرى تىلغا ئېلىنغانلار ئىككى قات ساۋابقا ئېرىشىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرى بىلەن بىرگە قۇرئان كەرىمگىمۇ ئىمان ئېيتىدۇ. سەۋر – تاقەتلىك كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ يەنە باشقا ئالاھىدىلىكلىرى شۇكى: يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ. بىز بەرگەن رىزىقتىن خەير – ساخاۋەت يولىدا نەفەقە قىلىدۇ. ئۇلار يەنە بىھۇدە سۆز ئىشىتسە ئۇنىڭغا قۇلاق سالمايدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ ئەمەللىرىمىزنىڭ گۇناھ – ساۋابى ئۆزىمىزگە، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزەڭلارغا ئائىت. بىز سىلەرگە جاۋاب قايتۇرىمىز دەپ ئاۋارە بولمايمىز، بىزدىن پەقەت ياخشى سۆزنى ئىشىتىسىلەر. نادانلارنىڭ يولىنى تاللىمايمىز. نادانلارچە يول تۇتمايمىز. بۇ بولسا ئاللاھ يولىغا دەۋەت قىلغۇچىلارنىڭ ئىشلىتىدىغان خەيىرلىك سۆزىدۇر.
56- ئايەتتە: « ئى مۇھەممەد! سەن ھىدايەت تېپىشنى ئارزۇ قىلغان كىشىنى ھىدايەت قىلالمايسەن. بۇ ئاللاھ نىڭ ئىلكىدىكى ئىش بولۇپ، ھىدايەتنى خالىغان كىشىگە ئاتا قىلىدۇ، مۇۋەپپەق قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھىدايەتكە كىمنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ ».
ئۇلارنىڭ ئىچىدە ( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەن ناسارا ھەيئەت ) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان ئېيتمىغان، ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا چىڭ ئېسىلىۋېلىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ نىڭ ئوغلى دەپ دەۋا قىلىشقان خىرستىئانلار بار بولۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىگە ئاساسەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى مۇباھىلىگە دەۋەت قىلغان ئىدى.
مۇباھىلە: ناسارالارمۇ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ بىرلىكتە ئاللاھ قا يىغا – زارە قىلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش ئىدى: يالغانچىلارغا ئاللاھ لەنەت قىلسۇن! يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك مۇددىئاسى يالغان بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، پەيغەمبەرلىككە ئىمان ئېيتمىغانلار يالغانچىلىق قىلغان بولسا، ئۇلارغا لەنەت بولسۇن دەپ بىرگە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش ئىدى. ناسارالار بۇنىڭغا ئۇنىمىدى. ئەنە بۇ نەجران ناسارالىرى توغرىسىدا ئايەت نازىل بولغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: سەن ئىسا توغرىلىق ھەقىقىي مەلۇماتقا ئىگە بولغىنىڭدىن كېيىن، كىملەركى سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن ئۇلارغا: « كېلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، ئاياللىرىمىزنى ۋە ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى يىغىپ، ئاللاھ نىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن، دەپ ئاللاھ قا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى » دېگىن. شۈبھىسىزكى، بۇ ئەلۋەتتە راست قىسسىدۇر. بىر ئاللاھ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئەگەر ئۇلار ( ئىماندىن ) يۈز ئۆرۈسە ( ئۇلار بۇزغۇنچىلاردۇر )، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. « ئى ئەھلى كىتاب! ( يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ) پەقەت ئاللاھ قىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھ قا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھ نى قويۇپ بىر ـ بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە ( يەنى بىرخىل ئەقىدىگە ) ئەمەل قىلايلى » دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە ( يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا ): « (ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى! ) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار ».
بۇ ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى:
61- ئايەتتە: ئى مۇھەممەد! كىمكى ساڭا ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا مەلۇمات كەلگەندىن كېيىن سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، (مۇباھىلە) ئۇلارغا ئېيتقىنكى: كېلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى، ئوغۇللىرىڭلارنى، ئاياللىرىمىزنى ۋە ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى بىر يەرگە يىغايلى! ئاندىن ئاللاھ قا يىغىزار قىلغان ھالدا ئارىمىزدا كىم يالغانچى بولسا شۇنىڭ ھەققىدە ئاللاھ تىن ئازاب ۋە لەنەت تىلەيلى.
62- ئايەتتە: ساڭا ئىسا ھەققىدە ۋەھىي ئارقىلىق كەلگەن خەۋەر شەك – شۈبھىسىز ھەقىقەتتۇر. ئاللاھ تىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچبىر ئىلاھ يوق. ئاللاھ مۈلكىدىكى ھەر شەيئىدىن ئۈستۈن. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
63- ئايەتتە: ئۇلار ساڭا ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرىسە، ساڭا ئەگىشىشتىن باش تارتسا پاسىقلاردۇر. ئاللاھ ئۇلاردىن خەۋەرداردۇر. بۇ قىلمىشلىرى تۈپەيلى جازاغا تارتىدۇ.
64- ئايەتتە: ئى مۇھەممەد! يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن ئىبارەت كىتاب ئەھلىگە ئېيتقىن. ئارىمىزدا ئورتاق ھەقىقەت بولغان سۆزگە كېلىڭلار. ئۇ بولسىمۇ ئىبادەتنى يالغۇزلا ئاللاھ ئۈچۈن قىلىشىمىز، ئۇنىڭغا ھېچقانداق بۇت – ھەيكەلنى، كىرېست ياكى باشقا نەرسىلەرنى شېرىك قىلماسلىقىمىز، ئاللاھ نى قويۇپ بەزىمىز – بەزىمىزگە ئىتائەت قىلماسلىقىمىز لازىم. ئەگەر ئۇلار بۇ ئۇلۇغ دەۋەتنى رەت قىلىپ يۈز ئۆرىسە، ئېيتقىنكى: ئى مۆمىنلەر! شاھىت بولۇڭلاركى، بىز رەببىمىزگە ئىخلاس ۋە قۇلچىلىق ئارقىلىق بويسۇنغان مۇسۇلمانلاردۇرمىز.
ئاللاھ تائالا ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىپ ئەمەلى سالىھ ئىشلىگەن ئەھلى كىتابقا خۇش خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: « كاپىرلارنىڭ ( پۇل ـ مال، ئابرۇي، مەرتىۋە ئىزدەش يۈزىسىدىن ) شەھەرلەردە كېزىپ يۈرۈشلىرى سېنى ئالدىمىسۇن. بۇ ئازغىنا بەھرىمەن بولۇشتۇر، كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان تۆشەك! پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان كۈتۈۋېلىشتۇر. ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر ( يەنى مۇكاپات ۋە ھۆرمەت ) ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن ( كۇففارلار بەھرىمەن بولغان باقاسى يوق ئازغىنا راھەتتىن ) ئارتۇقتۇر. ئەھلى كىتاب ئارىسىدا ھەقىقەتەن ئاللاھ قا ئىمان كەلتۈرىدىغان، سىلەرگە نازىل بولغان كىتابقا ( يەنى قۇرئانغا )، ئۆزلىرىگە نازىل بولغان كىتابقا ( يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا ) ئىشىنىدىغانلار بار؛ ئۇلار ئاللاھ تىن قورقىدۇ، ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشمەيدۇ ( يەنى ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى، راھىبلارغا ئوخشاش، دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىلىرىنى دەپ ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ )، ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب بېرىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر ».

ۋەدە

بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاللاھ رەسۇلى مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان قىسسىدە، مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىنىڭ بەلگىلىگەن ۋاقتىغا ئاساسەن تۇرسىناغا بارىدۇ. قېرىندىشى ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى قەۋمى بىلەن بىرلىكتە قويىدۇ.
بەنى ئىسرائىل مىسىردىن چىققاندا، مىسىرلىقلاردىن ئوغرىلىقچە ئالتۇن بۇيۇملىرى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، گۇناھلىرىغا پۇشايمان قىلىپ بۇلارنى تاشلىۋەتكەن. سامىرى ئىسىملىك بىرى، تاشلىۋېتىلگەن ئالتۇندىن موزاي ياساپ چىققان بولۇپ، ئىچىگە شامال كىرسىلا كالىنىڭ ھۆڭرىگىنىدەك ئاۋاز چىقىدىكەن. سامىرى: بۇ مۇسا مۇلاقات بولۇش ئۈچۈن ئىزدەپ كەتكەن ئىلاھىڭلار دېيىشى بىلەن، بەنى ئىسرائىل موزايغا چوقۇنۇشقا باشلىغان. ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ توسىشىغا پىسەنت قىلمىغان ۋە ئۇنى بوزەك قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشقا تاس قالغان ئىدى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام قايتىپ كېلىپ قەۋمىنىڭ قىلمىشلىرىنى ۋە موزايغا چوقۇنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە ئاچچىقلىنىپ موزاينى دېڭىزغا ئېتىۋەتكەن. ( بۇ قىسسە قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرە ئەئراپ 142-، 153- ئايەتلەردە ۋە سۈرە تاھادا 77-، 101- ئايەتلىرىدە بايان قىلىنغان ).
بەنى ئىسرائىل ئۆزلىرىنىڭ موزايغا چوقۇنغانلىقلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، ئاللاھ تىن ئەپۇ سورىغان ۋە ئىستىغفار ئېيتىشقاندا، ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى قەۋمىنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە ۋەكىللىرىدىن بولۇپ يەتمىش ئەرنى تاللاشقا ئەمىر قىلدى. بۇلار تۇر تېغىغا بېرىپ ئاللاھ تىن تۆبە – ئىستىغفار تىلىشى كېرەك ئىدى.
تۇرسىناغا بارغاندا قاتتىق يەر تەۋرەپ ئۇلار ئۆلۈپ ھالاك بولۇشقا تاس قالىدۇ. پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلغان مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ۋە ئاللاھ نىڭ شەپقىتىنى تىلەيدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇلارنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرىدۇ. بىراق تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەكلىگىنى بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ قا تەقۋادار بولۇشنى چىڭ تۇتۇش، زاكاتنى ئادا قىلىش، ئاللاھ نىڭ ھۆكۈملىرىگە چىنپۈتۈش ۋە ئەمەل قىلىش، ئۇلاردىن كېيىنكى ئەۋلاتلىرىنىڭ تەۋرات ۋە ئىنجىلدە بېشارەت بېرىلگەن ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىشى قاتارلىقلار.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بەنى ئىسرائىل توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: مۇسا، بىز بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئۆز قەۋمىدىن 70 كىشىنى تاللىدى؛ ئۇلارغا زىلزىلە يۈزلەنگەندە، مۇسا: « پەرۋەردىگارىم! خالىغان بولساڭ ئۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلغان بولاتتىڭ. ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سېنىقىڭدۇر، شۇ ئارقىلىق خالىغان بەندەڭنى ئازدۇرىسەن، خالىغان بەندەڭنى ھىدايەت قىلىسەن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن ئەڭ ياخشى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن. بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە تېگىشلىك ياخشىلىق قىلغىن، بىز ھەقىقەتەن ساڭا تەۋبە قىلدۇق » دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: « ئازابىم بىلەن ( بەندىلىرىمدىن ) خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن، مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر. رەھمىتىمنى ( كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن ) ساقلانغۇچىلارغا، ( ماللىرىنىڭ ) زاكىتىنى بېرىدىغانلارغا ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغانلارغا تېگىشلىك قىلىمەن ». ئۇلار ئەلچىگە ـ ئۇممى پەيغەمبەرگە ( يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىلكىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ ( سۈپىتىنىڭ ) يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئۇلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا ـ كىشەنلەردىن بوشىتىدۇ ( يەنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ )، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر ( يەنى قۇرئان ) غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. ( ئى مۇھەممەد! ) ئېيتقىنكى، « ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، ئاللاھ قا ۋە ئاللاھ نىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسى ئۇممى پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار ». مۇسانىڭ قەۋمىنىڭ ( يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ) ئىچىدە ( كىشىلەرنى ) ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان، ھەق بىلەن توغرا ھۆكۈم قىلىدىغان بىر جامائە بار.
بۇ ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى:
155- ئايەتتە: مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمىدىن 70 كىشىنى تاللاپ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا پەرۋەردىگارى بىلەن مۇلاقات بولۇش ھەمدە بەنى ئىسرائىلنىڭ موزايغا چوقۇنغان گۇناھلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراش يۈزىسىدىن تۇرسىناغا چىقتى.
بەلگىلەنگەن يەرگە يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار: « ئى مۇسا! ئاللاھ نى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرمىگىچە ساڭا ئىشەنمەيمىز. سەن سۆزلەشكەندىكىن بىزگە كۆرسەت » دېدى. بۇ ئەسنادا قاتتىق يەر تەۋرىدىدە ئۇلار ئۆلۈپ ھالاك بولۇشقا تاس قالدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ قا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلدى: ئى رەببىم! سەن ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتسەڭ، قەۋمىمگە قايتىپ بارغىنىمدا قانداق يۈز كېلەلەيمەن. ئۇلارنى مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە يوق چېغىمدا ھالاك قىلغان بولساڭ ماڭا يەڭگىلرەك تويۇلغان بولاتتى. ئىچىمىزدىكى ئاخماقلار تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن، قەۋمىمنىڭ موزايغا چوقۇنغانلىقىدىن ئىبارەت قىلمىشى ئىمتىھان ۋە سېناق بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن مەخلۇقاتلىرىڭ ئىچىدىن خالىغىنىڭنى گۇمراھ قىلىسەن، خالىغىنىڭنى ھىدايەت قىلىسەن. سەن بىزنىڭ ئىگىمىز ۋە ياردەم قىلغۇچىمىز. شۇڭا گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن بىزگە ئىچ ئاغرىتقىن. سەنلا گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىسەن ۋە كۆرمەسكە سالىسەن.
156- ئايەتتە: « بىزنى دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە سالىھ ئەمەللىرى خاتىرىلەنگەنلەردىن قىلغىن، بىز تۆۋە قىلىپ ساڭا مۇراجىئەت قىلدۇق ».
ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: ئازابىم بىلەن خۇددى سېنىڭ قەۋمىڭدىن ئۇلارنى ئازابلىغاندەك، مەخلۇقاتلىرىم ئىچىدىن خالىغىنىمنى ئازابلايمەن. رەھمىتىم ھەممە مەخلۇقاتىمغا ئورتاقتۇر. رەھمىتىمنى ئاللاھ تىن قورققان، ئازابىمدىن ئەيمەنگەن، لېكىن بۇيرۇقلىرىمنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن ئۇزاق تۇرغان ھەمدە تەۋھىد ۋە بارلىغىمغا چىنپۈتكەنلەرگە قىلىمەن.
157- ئايەتتە: بۇ (شەپقەت) نى ئاللاھ تىن قورقىدىغان، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىشتىن يىراق تۇرىدىغان، ئوقۇشنى ۋە يېزىشنى بىلمەيدىغان ساۋاتسىز پەيغەمبەرگە ئەگىشىدىغان كىشىلەرگە قىلىمەن. ئۇ پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولۇپ، ئۇلار تەۋرات، ئىنجىلدا ئۇ پەيغەمبەرنىڭ بىشارىتىنىڭ يېزىلغانلىقىنى بايقايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى تەۋھىد، تائەت – ئىبادەت ۋە ھەرقانداق ياخشى ئىشلارغا يېتەكلەيدۇ. شېرىك، گۇناھ – مەسىيەت ۋە قەبىھ ئىشلاردىن توسىدۇ. يېمەك – ئىچمەكلەرنىڭ پاك بولغانلىرىنى ھالال قىلىدۇ. ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ. مەسىلەن: چوشقا گۈشى. يەنە ئاللاھ ھارام قىلغان بولسىمۇ ئۆزلىرى ھالال قىلىۋالغان يېمەك – ئىچمەكلەرنى ھارام قىلىدۇ. ئۇلارنى ئۆزلىرى يۈكلىۋالغان ئېغىر يۈكلەردىن قۇتۇلدۇرىدۇ. مەسىلەن: كىيىم ياكى تېرىدىكى نىجاسەت يۇقۇپ قالغان ئورۇننى كېسىش ئارقىلىق پاكىزلاش. ئولجا ئېلىنغان ماللارنى كۆيدۈرۈۋېتىش، ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىنىڭ قەستەن ياكى سەھۋەن قىلغانلىقىنى ئايرىماستىن دەرھال قىساس ئىجرا قىلىش قاتارلىقلار.
ئۇممى پەيغەمبەر ۋە ئەلچى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چىن پۈتۈپ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىقرار قىلغان. ئۇنى ھۆرمەتلىگەن، يار – يۆلەكتە بولغان، ئۇنىڭغا نازىل بولغان قۇرئانغا تابى بولۇپ، سۈننىتىگە ئەگەشكەنلەر ئاللاھ نىڭ مۆمىن بەندىلىرىگە ۋەدە قىلغان ئىنئامىغا ئېرىشكۈچىلەردۇر.
158- ئايەتتە: « ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىگە دېگىن. مەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن. يەنى بىر بۆلۈك ئىنسانلارغا ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم. ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بارچە مەۋجۇداتنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھ قا تەۋەدۇر. ئۇنىڭدىن باشقىغا قۇلچىلىق قىلىش، ئىلاھ دەپ بىلىش لايىق ئەمەس. ئۇ مەخلۇقاتنى يوقتىن بارلىققا كەلتۈرۈشكە، پانىي دۇنيادىن يوق قىلىپ قايتا تىرىلدۈرۈشكە كۈچى يەتكۈچى. ئۇنداقتا ئۇنى تەستىق قىلىڭلار. ئۇنىڭ يەككە – يېگانە ئىكەنلىكىگە ئىقرار قىلىڭلار. ئۇنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چىن پۈتۈڭلار. ئۇ ئەلچى ئۇممى بولۇپ، ئاللاھ قا، ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان كىتابقا، شۇنداقلا ئۆزىدىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە نازىل بولغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتىدۇ. بۇ پەيغەمبەرگە ئەگىشىڭلار، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت ئېلىپ كەلگەن بۇيرۇقلىرىغا مەھكەم ئېسىلىڭلار، ئەنە شۇنداق قىلساڭلار ئاندىن توغرا يولغا ئېرىشىسىلەر ».
159- ئايەتتە: مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولغان بەنى ئىسرائىل ئىچىدە ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان، كىشىلەرنى ئۇنىڭغا يىتەكلەپ توغرا ھۆكۈم قىلىدىغان (ئەدلىيە ئىشلىرىدا) كىشىلەر بار.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ﴿ ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا: « ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن » دېدى. ئىسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: « بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر » دېدى. ئىسلامغا دەۋەت قىلىنىۋېتىپ، ئاللاھ قا يالغاننى ( يەنى ئاللاھ نىڭ شېرىكى بار، بالىسى بار دېگەندەك سۆزلەرنى ) چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئاللاھ زالىم ( يەنى كاپىر ) قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. ئۇلار ئاللاھ نىڭ نۇرىنى ( يەنى ئاللاھ نىڭ دىنىنى ۋە نۇرلۇق شەرىئىتىنى ) ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ، كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ نۇرىنى مۇكەممەل قىلغۇچىدۇر ( يەنى ئۆزىنىڭ دىنىنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر ). مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ھەق دىننى بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىنى ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى ﴾.
6- ئايەتتە: ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە زىكرى قىلغىن. ئۆز ۋاقتىدا مەريەم ئوغلى ئىسا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاللاھ نىڭ ئەلچىسى بولىمەن. مەندىن ئىلگىرى نازىل بولغان تەۋراتنى تەستىق قىلىمەن. مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەردىن بېشارەت بېرىمەن. ئۇ بولسىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەسكىن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار: « سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسە ئوپئوچۇق سېھىردۇر »- دېدى.
ئايەتتە: ئاللاھ قا يالغاننى توقۇغان، ئىبادىتىدە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەمدىنمۇ زالىمراق كىشى بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ ئىسلامغا داخىل بولۇشقا، ئاللاھ قىلا يالغۇز ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىنغان تۇرسا، ئاللاھ، كۇپۇر ۋە شېرىك ئارقىلىق نەپسىگە زۇلۇم قىلغان ئادەمنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرمەيدۇ.
ئايەتتە: ئۇ زالىملار يالغان سۆزلىرى ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەۋەتىلگەن ھەقنى ئۈچۈرۈۋەتمەكچى بولىشىدۇ. ئۇ ھەق بولسا قۇرئان كەرىم. ئىنكارچىلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئاللاھ دىنىنى تاماملاش ئارقىلىق ھەقنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرگۈچىدۇر.
ئايەتتە: ئاللاھ، مۇھەممەدنى قۇرئان ۋە ئىسلام دىنى بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. مۇشرىكلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ. ئۇنىڭغا قارشى بولغان بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن ئىدى: « جېنىم قۇدرەت ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مېنى بۇ ئۈممەت ئىچىدىن يەھۇدىي بولسۇن، خىرىستىيان بولسۇن ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن بىلەن ئەۋەتىلگەن ( ئىسلام ) غا ئىمان ئېيتمىسا دوزاخقا كىرىدۇ » ( ئەھمەد ۋە مۇسلىم رىۋايىتى ).
ئى ئاللاھ! جەننىتىڭنى تىلەيمىز، دوزاختىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز.

ئاللاھ نىڭ ھوزۇرىدا ئىسا ئەلەيھىسسالام

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە قىيامەت مەنزىرىلىرىدىن ئىككى مەنزىرىنى تەسۋىرلەپ سوئال – جاۋاب تەرىقىسىدە بىزگە چۈشەندۈرىدۇ. قېنى قاراپ باقايلى: بىرىنچى مەنزىرە، ئاللاھ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرى ۋە مۆجىزىلىرىنى خاتىرلىتىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ ئاللاھ قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلەرنى يىغىپ: « ( قەۋمىڭلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغىنىڭلاردا ) قانداق جاۋابقا ئىگە بولدۇڭلار؟ » دەپ سورايدۇ، ئۇلار: « ( سېنىڭ بىلگىنىڭگە سېلىشتۇرغاندا ) بىز ھېچ نەرسە بىلمەيمىز، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن » دەيدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: ئى مەريەم ئوغلى ئىسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن، ئەينى زاماندا ساڭا روھۇلقۇدۇس ( يەنى جىبرىئىل ) بىلەن مەدەت بەردىم، ( كىچىكىڭدە ) بۆشۈكتە ۋە ( پەيغەمبەر بولغان ) ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە سۆزلەيتتىڭ، ئەينى زاماندا ساڭا كىتابنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتتىم، ئەينى زاماندا مېنىڭ ئىزنىم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايتتىڭ ـ دە، ئۇنى پۈۋلىسەڭ ئىزنىم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ، ئەينى زاماندا، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى ( تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن ) چىقىراتتىڭ، ئەينى زاماندا بەنى ئىسرائىلنى ساڭا چېقىلىشتىن توستۇم، سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار: « بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر » دېدى. ئەينى زاماندا مەن ھەۋارىلارغا: « ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار » دەپ ۋەھيى قىلدىم. ئۇلار: « بىز ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز ( ئەمرىڭگە ) بويسۇنغۇچىلارمىز » دېدى ﴾.
ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى:
109- ئايەتتە: ئى ئىنسانلار! ئاللاھ نىڭ پەيغەمبەرلىرىنى يىغىدىغان قىيامەت كۈنىنى ئېسىڭلارغا ئېلىڭلار. ئاللاھ ئۇلاردىن ئۈممەتلىرىدىن تەۋھىدكە چاقىرغان ۋاقىتتىكى ئىنكاسى ھەققىدە سورىغاندا، ئۇلار: مەلۇماتىمىز يوق، بىز كىشىلەرنىڭ دىللىرىدىكىنى بىلمەيمىز. ھەمدە بىزدىن كېيىن ئۇلارنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرىنىمۇ بىلمەيمىز. شۈبھە يوقكى، سەن ئاشكارىنىمۇ ۋە يوشۇرۇننىمۇ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىسەن.
110- ئايەتتە: ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئېيتىدۇ: ئى ئىسا ئىبنى مەريەم، ساڭا ۋە ئاناڭغا ئىنئام قىلغان نېمىتىمنى ئەسلىگىن. سېنى ئاتىسىز ياراتتىم، ئاناڭنى دۇنيادىكى بارلىق ئانىلار ئىچىدىن تاللىدىم ۋە ئۇنىڭغا چاپلانغان بوھتاندىن ئۇنى خالاس قىلدىم.
ئاللاھ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن ئىنئاملاردىن يەنە بىرى: ئۇ بۆشۈكتە ئىمىۋاتقان چاغدا كىشىلەرگە سۆزلىگەن. چوڭ بولۇپ ياش قۇرامىغا يەتكەندە، ئىنسانلارنى ئاللاھ نىڭ ۋەھيى بولغان تەۋھىدكە چاقىرغان. ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇئەللىمسىز خەت يېزىشنى ئۆگەتكەن. ئىدراك ۋە چوڭقۇر چۈشىنىش قابىلىيىتىنى ئاتا قىلغان. مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان تەۋراتنى ئۆگەتكەن، ئىنسانلارنى يېتەكلەش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان ئىنجىلنى بەرگەن.
ئىسا ئەلەيھىسسالام قۇش سۈرىتىدە لايدىن ئەۋرىشكە ياساپ پۈۋلىسە ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن قۇشقا ئايلىناتتى. تۇغما كورنى ساقايتاتتى. بەرەس ( ئاق كېسەل ) نى داۋالاپ، ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنى تىرىلدۈرۈپ قەبرىسىدىن چىقارتاتتى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن مەيدانغا كەلگەن ئىدى. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە كۈچلۈك دەلىللەر ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرى ئىچىدە شۇنىمۇ تىلغا ئالىدۇ: بەنى ئىسرائىل ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشكە قەست قىلغاندا توساپ قالغان ئىدى.
ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە پاكىت بولىدىغان كۆپلىگەن ئوچۇق مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بەنى ئىسرائىلدىن چىققان كاپىرلار ئىنكار قىلىپ بۇ ئوپئۇچۇق سېھىر دېگەن ئىدى.
111- ئايەتتە: نېمىتىمنى ئەسلىگىن، ئۆز ۋاقتىدا مەن سېنىڭ قاتتىق ئىخلاسمەنلىرىڭگە ئىلھام قىلغان ئىدىم. ئاللاھ نىڭ بىرلىكى ۋە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە چىنپۈتۈشتى. ئۇلار ئېيتتى: ئى رەببىمىز! بىز سېنى تەستىق قىلدۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز سېنىڭ ئەمرىڭگە بويسۇنغۇچىلارمىز، ساڭا باش ئەككۈچىلەرمىز.
ئاللاھ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا قىيامەت كۈنى خالايىق ئالدىدا ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ۋە مۆجىزىلىرىنى ئىقرار قىلدۇرىدۇ. ئۇلار بولسا تۆۋەندىكىچە:
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن مەدەت بېرىش.
تېخى ئۇ بۆشۈكتىكى ۋاقىتتا كىشىلەرگە سۆزلەتكۈزۈش.
خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئىنئام قىلىش.
لايدىن قۇش ھەيكىلى ياساپ پۈۋلىگەندە، ئاللاھ نىڭ ئىزنى بويىچە ھەقىقىي قۇشقا ئايلىنىش.
ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدىغان تۇغما كورنى ساقايتىش.
بىر خىل تېرە كېسىلى بولغان بەرەس كېسىلنى ساقايتىپ ساغلام تېرىگە ئايلاندۇرۇش.
ئىسا ئەلەيھىسسالام خالىغان كىشىنى قەبرىسىدىن تىرىلدۈرۈپ چىقىرىش.
بەنى ئىسرائىل تەرىپىدىن يالغانچى دەپ تۆھمەتكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغاندا ئاللاھ تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇپ ئاسمانغا ئېلىپ چېقىلىپ قۇتۇلدۇرۇلۇشى.
ئاللاھ، مۇخلىس ھاۋارىلاردىن ئىبارەت بىر بۆلۈك ئىنسانغا ئىلھام قىلىپ، دىللىرىغا « ئاللاھ قا ئىمان ۋە ئىسانىڭ پەيغەمبەرلىكىگە تەستىق » نى سېلىپ، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىغا ئىسا ئەلەيھىسسالامنى شاھىت قىلىشى.
ئىككىنچى مەنزىرە:
ئىسانىڭ ئىلاھ ئەمەس ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: « ئى مەريەم ئوغلى ئىسا! سەن كىشىلەرگە، ئاللاھ نى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېدىڭمۇ؟ » ئىسا ئېيتتى: « ( رەببىم! ) شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، ماڭا ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن، ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن ( يەنى مېنىڭ ئۇنداق دېمىگەنلىكىم ساڭا مەلۇملۇق ). سەن مېنىڭ زاتىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن. مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى، يەنى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن. ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر ( ئۇلارنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن )، ( ساڭا ھېچ ئەھەدى تەئەررۇز قىلالمايدۇ )، ئەگەر ئۇلارغا ( يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەۋبە قىلغانلارغا ) مەغپىرەت قىلساڭ، سەن ( ئىشىڭدا ) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن ». ئاللاھ ئېيتىدۇ: « بۇ كۈن ( يەنى قىيامەت كۈنى ) راستچىللارنىڭ راستچىللىقى ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان كۈندۇر، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھ تىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇ زور بەختتۇر» ﴾.
ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى:
116- ئايەتتە: ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەت كۈنى مۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئىسىڭگە ئال: ئى ئىسا بىنتى مەريەم، سەن كىشىلەرگە ئاللاھ تىن باشقا يەنە مېنى ۋە ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار دېگەنمىدىڭ؟
ئىسا ئەلەيھىسسالام جاۋاب بېرىپ: « شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى مۇنەززەھ دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، ئەگەر بۇنى مەن دېگەن بولسام، ئۆزۈڭ بىلىسەن. چۈنكى ساڭا ھېچبىر نەرسە مەخپىي ئەمەس، مېنىڭ ئىچىمدىكىنىمۇ بىلىسەن، ئەمما مەن سېنىڭ ئىچىڭدىكىنى بىلمەيمەن، سەن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىسەن »- دەيدۇ.
117- ئايەتتە: ئى رەببىم! مەن ئۇلارغا سەن ۋەھيى قىلغاندىن باشقىنى ئېيتمىدىم. سېنى يەككە – يېگانە دەپ ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇشتىن باشقىنى دېمىدىم. مەن ئۇلار بىلەن بىللە ياشىغان ۋاقتىمدا ئۇلارنىڭ سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرغان ئىدىم. مېنىڭ يەر يۈزىدىكى ئەجىلىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئاسمانغا تىرىك ئېلىپ چىققىنىڭدىن كېيىن پەقەت سەنلا ئۇلارنىڭ بارلىق ئىش – ھەرىكەتلىرىنى كۈزەتكۈچى ئىدىڭ. سەن ھەممىنىڭ گۇۋاھچىسى. ساڭا نە ئاسماندا، نە يەردە ھېچبىر مەخپىيەتلىك يوق.
118- ئايەتتە: ئى ئاللاھ! ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىسەن. ئەگەر ئۇلارنى جەھەننەمگە ئاتساڭ، ئۇلار سېنىڭ قۇللىرىڭ. ئادالىتىڭ بىلەن خالىغاننى قىلىسەن. ئۇلارنى رەھمىتىڭگە ئېلىپ مەغپىرەت قىلىۋەتسەڭمۇ ساڭا ئېتىراز قىلىدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ. شۈبھىسىزكى، سەن غالىب ۋە ئىشىدا ھېكمەت ئىگىسىسەن.
119- ئايەتتە: ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئېيتىدۇ: بۈگۈن رەببىنى بىر دەپ بىلگەنلەرگە تەۋھىدى، شەرىئەتكە بويسۇنغانلىقى، نىيەت، ئەمەل ۋە سۆزىدە سادىقلىقى ئەسقاتىدىغان كۈندۇر. ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر تەييارلانغان بولۇپ، ھەمىشە شۇ يەردە ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا قىلغان ھەسەتلىرى قوبۇل بولغانلىقى تۈپەيلى ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن رازى. ئۇلارمۇ ئاللاھ نىڭ ساۋاپلىرىغا يارىشا ئاتا قىلغان جەننەتلىرىدىن مەمنۇن بولىدۇ. ئۇ بولسا ئاللاھ نىڭ ئۇلاردىن رازىمەن بولىشى بولۇپ، كاتتا بەختنىڭ ئۆزىدۇر.
بۇ بولسا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ قا قىلغان تۆھمىتى بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋىتى ئاللاھ نى بىر دەپ بىلىش، يالغۇزلا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش، شېرىك كەلتۈرمەسلىك ئىدى. شۇنداقلا ئۇ ئىنسانلارنى ئۆزى ۋە ئانىسىنىڭمۇ خۇدا ئىكەنلىكىگە چاقىرمىغانلىقىنى ئېلان قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ بۇ سۆزىگە ئاللاھ تائالانى شاھىت قىلىشىدۇر.

ئاللاھ نىڭ دەۋىتى

سۆزۈمنى قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى بىلەن تۈگىتىمەنكى، ئۇ ئاللاھ قا ئىمان ئېيتقان ۋە ئىنسانلارنىڭ ھىدايىتى ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر ئەۋەتكەنلىكىگە چىن پۈتكەنلەرنى ھەقىقەتكە چاقىرىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ قا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلار ئاخىرەتتە ( ئاللاھ نىڭ رەھمىتىدىن ) ھېچقانداق نېسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا ( ئۇلارنى خۇش قىلىدىغان ) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا ( رەھمەت كۆزى بىلەن ) قارىمايدۇ، ئۇلارنى ( گۇناھلىرىدىن ) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ. ئۇلاردىن ( يەنى يەھۇدىيلاردىن ) بىر تۈركۈمى كىتابتا بولمىغان نەرسىلەرنى، سىلەرنىڭ كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن، تىللىرىنى ئەگرى ـ بۈگرى قىلىپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ. ئاللاھ بىرەر ئىنسانغا كىتابنى، ھېكمەتنى، پەيغەمبەرلىكنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىشىلەرگە: « ئاللاھ نى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار » دېيىشى لايىق بولمايدۇ ( يەنى پەيغەمبەردىن مۇنداق گەپنىڭ سادىر بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ ) ۋە لېكىن ( ئۇ ): « كىتابنى ئۆگەتكەنلىكىڭلار، ئوقۇغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەببانى بولۇڭلار » (دەيدۇ). شۇنىڭدەك ئۇنىڭ پەرىشتىلەرنى، پەيغەمبەرلەرنى رەب قىلىۋېلىشقا بۇيرۇشى لايىق بولمايدۇ. مۇسۇلمان بولغىنىڭلاردىن كېيىن پەيغەمبىرىڭلار سىلەرنى كۇفرىغا بۇيرۇمدۇ؟ ئۆز ۋاقتىدىلا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئېلىپ: « سىلەرگە مەن كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئاتا قىلدىم، كېيىن سىلەرگە، سىلەردىكى نەرسىلەرنى ( يەنى كىتاب بىلەن ھېكمەتنى ) ئېتىراپ قىلغۇچى بىر پەيغەمبەر ( يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ) كەلسە ئۇنىڭغا، ئەلۋەتتە، ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەك ۋە ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك » ( دېدى ). ئاللاھ: « ( بۇ ئەھدىنى ) ئىقرار ( يەنى ئېتىراپ ) قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ ( يەنە بۇ ئىش ) ئۈچۈن مېنىڭ ئەھدىمنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟ » دېدى. ئۇلار: « ئېتىراپ قىلدۇق » دېدى. ئاللاھ: « ( ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە تەۋەلىرىڭلارنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىغا ) گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىندۇرمەن » دېدى. كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن يۈز ئۆرۈسە ( يەنى ئەھدىنى بۇزسا )، ئۇلار ئاللاھ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر. ئۇلار ( يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ) ئاللاھ نىڭ دىنىدىن ( يەنى ئىسلام دىنىدىن ) باشقا دىننى تىلەمدۇ؟ ھالبۇكى، ئاسمانلاردىكىلەر ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز رەۋىشتە ئاللاھ قا بويسۇنغان تۇرسا، ئۇلار ( قىيامەت كۈنى ) ئاللاھ تەرىپىگە قايتۇرۇلىدۇ. ( ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ) ئېيتقىنكى، « بىز ئاللاھ قا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغانغا ( يەنى قۇرئانغا )، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، مۇساغا بېرىلگەنگە ( يەنى تەۋراتقا ) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەنگە ( يەنى كىتابلارغا ) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز ( يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز )، بىز ئاللاھ قا بويسۇنغۇچىلارمىز ». كىمكى ئىسلام ( دىنىدىن ) غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ ( يەنى ئۇنىڭ دىنى ) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر.
ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى:
77- ئايەتتە: ئاللاھ تائالانىڭ ئەھدىسى ۋە پەيغەمبەرلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلىرىدىكى تەۋسىيەلىرىنى دۇنيا مەتاسىدىن ئىبارەت ئازغىنا بەدەلگە تېگىشكەنلەر ئۈچۈن ئاخىرەتتە نېسىۋە يوق. ساۋابقا نائىل بولالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا خۇرسەن قىلىدىغان گەپ قىلمايدۇ. رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھ – مەسىيەتلىرىنى ئەپۇ قىلمايدۇ، ئۇلارغا دەرتلىك ئازاب بار.
78- ئايەتتە: يەھۇدىيلار ئىچىدىن بىر تۈركۈمى سۆزنى ئورۇنلىرىدىن ئالماشتۇرۇپ ئاللاھ نىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتىدۇ. باشقىلار ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان تەۋراتتىن دېسۇن ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ تەۋراتتىن ئەمەس. ئۇلار دۇنيا مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاللاھ دېمىگەن سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، بۇ بولسا ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەۋەتكەن ۋەھيى دېيىشىدۇ. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ قەستەن ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ.
79- ئايەتتە: ئاللاھ تائالا بىرەر ئىنساننى پەيغەمبەر قىلىپ تاللاپ، كىتاب چۈشۈرۈپ كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدىغان قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىشىلەرگە ئاللاھ تىن باشقا ماڭىمۇ ئىبادەت قىلىڭلار دېيىشى تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ، لايىق ئەمەس. لېكىن ئۇ: ئاللاھ نىڭ ۋەھيى بولغان كىتابنى باشقىلارغا ئۆگەتكەنلىكىڭلار ۋە ئوقۇپ مۇلاھىزە يۈرگۈزگەنلىكىڭلار ئۈچۈن كىشىلەرگە ئاللاھ نى ياخشى كۆرۈگۈچىلەردىن بولۇڭلار،- دەيدۇ.
80- ئايەتتە: بىر ئىنسانغا كىشىلەرنى ئاللاھ نى قويۇپ پەرىشتىلەر ۋە پەيغەمبەرلەرگە چوقۇنۇشقا بۇيرۇشى لايىق بولامدۇ؟ ئەقىلگە سىغامدۇ ئى ئىنسانلار؟
پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھ قا بويسۇنۇشقا چاقىرغاندىن كېيىن، سىلەرنى ئاللاھ قا كۇفرى – مەسىيەت ئىشلەشكە دەۋەت قىلىشى مەنتىقىلىقمۇ؟
81- ئايەتتە: ئېيتقىن، ئى مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا ھەممە پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئېلىپ، مەن سىلەرگە كىتاب ۋە ھېكمەت ئاتا قىلدىم. مېنىڭ تەرىپىمدىن سىلەردىكى كىتاب ۋە ھېكمەتنى تەستىق قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر كەلسە، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىڭلار ۋە ياردەم قىلىڭلار.
ئاللاھ ئۇلارغا: بۇنى ئېتىراپ قىلدىڭلارمۇ؟ بۇ ئىش ئۈچۈن مېنىڭ چىن ئەھدىمنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟- دېدى. ئۇلار: « ئېتىراپ قىلدۇق » دېدى. ئاللاھ: ئۆزەڭلارنىڭ ۋە ئەگەشكۈچىلىرىڭلارنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىغا گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەرگە گۇۋاھ بولغۇچىمەن-، دېدى. بۇنىڭدىن شۇ مەزمۇنمۇ چىقىدۇكى، ئاللاھ ھەربىر پەيغەمبەردىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىشنى تەلەپ قىلغان ۋە ھەممىسىنىڭ ئۈممەتلىرىدىن ۋەدە ئالغان.
82- ئايەتتە: كىمكى ئىسلام دەۋىتىدىن يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن ئالغان ئەھدىدىن باش تارتسا، ئۇ ئاللاھ نىڭ دىنىدىن چىقىپ كەتكەن ۋە رەببىنىڭ ئىتائىتىدىن چەتنەپ كەتكەن بولىدۇ.
83- ئايەتتە: كىتاب ئەھلىدىن بولغان بۇ پاسىقلار ئىسلام دىنىدىن باشقا دىننى تىلەمدۇ؟ ئۇ دىنغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىلگىرىكى ھەممە پەيغەمبەرلەر دەۋەت قىلغان. ھالبۇكى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە شەيئى ئىختىيارى ( مۆمىنلەرگە ئوخشاش ) ياكى ئىختىيارسىز ( كاپىرلارغا ئوخشاش ) ھالدا بوي سۇنىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭغا كائىناتتىكى ھەممە مەۋجۇدات باش ئېگىدۇ. مەھشەر كۈنى ھەممە ئۇنىڭغا قايتىدۇ ۋە قىلمىشلىرىغا ئاساسەن جازا – مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. بۇ بولسا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، ئىسلام دىنىدىن باشقا دىن ئۈستىدە ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتىش ئاگاھلاندۇرۇلغان.
84- ئايەتتە: ئۇلارغا ئېيتقىن، ئى مۇھەممەد! ئاللاھ قا چىن پۈتتۇق، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدۇق. بىزنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھىمىز يوق. ئۇنىڭدىن باشقا مەبۇدىمىز يوق. ئاللاھ بىزگە نازىل قىلغان ۋەھيىگە ئىمان ئېيتتۇق. شۇنداقلا ئىبراھىم خەلىيۇللاھقا، ئوغلى ئىسمائىلغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى بولغان 12 قەبىلىدىن تەركىب تاپقان.
بەنى ئىسرائىلغا ھەمدە مۇسا ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالاملارغا نازىل بولغان كىتاب ۋە ۋەھىيلەرگە ئىمان ئېيتتۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىمان كەلتۈردۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىرىنى ئايرىپ قويمايمىز. بىز يالغۇز ئاللاھ قىلا بوي سۇندۇق. ئۇنىڭغا رۇبۇبىيەت، ئۇلۇھىيەت ۋە ئىبادەت جەھەتتىن باش ئەگدۇق.
85- ئايەتتە: كىمكى ئىسلام دىنىدىن باشقىنى ئىزدىسە، ئۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇ كىشى ئاخىرەتتە نېسىۋىسىنى يوقۇتۇپ قويغان زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ. ئىسلام دېمەك – ئاللاھ نى بىر دەپ بىلىش، ئۇنىڭغا ئىتائەت ۋە ئىبادەت ئارقىلىق بويسۇنۇش. ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىش، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا ئۇنىڭغا مۇھەببەت باغلاش دېمەكتۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئى ئەھلى كىتاب! ( يەنى ناسارالار جامائەسى ) دىنىڭلاردا ھەددىدىن ئاشماڭلار، ئاللاھ نىڭ شەنىگە ھەق ( سۆز ) دىن باشقىنى ئېيتماڭلار ( يەنى ئاللاھ قا شېرىكى ۋە بالىسى بولۇشتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىڭلار ). مەسىھ ئىسا ـ مەريەمنىڭ ئوغلى، پەقەت ئاللاھ نىڭ رەسۇلىدۇر ( سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئاللاھ نىڭ ئوغلى ئەمەستۇر )، مەريەمگە ئاللاھ نىڭ ئىلقا قىلغان كەلىمىسىدۇر ( يەنى ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىز، ئاللاھ نىڭ « ۋۇجۇدقا كەل » دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر )، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر، ئاللاھ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ( ئاللاھ، ئىسا، مەريەمدىن ئىبارەت ) ئۈچتۇر دېمەڭلار، ( خۇدا ئۈچ دەيدىغان ئېتىقادتىن ) قايتىڭلار، ( بۇ ) سىلەرگە پايدىلىقتۇر، ئاللاھ پەقەت بىر ئىلاھتۇر، بالىسى بولۇشتىن ئاللاھ پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ نىڭدۇر ( يەنى ئاللاھ نىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر )، ئاللاھ يېتەرلىك ھامىيدۇر. مەسىھمۇ، ( ئاللاھ قا ) يېقىن پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھ قا بەندە بولۇشتىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ، كىملەركى ئاللاھ قا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە كۆرەڭلەپ كېتىدىكەن، ( بىلسۇنكى ) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ( قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن ) ئۆز دەرگاھىغا توپلايدۇ. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ( ئەمەللىرىنىڭ ) ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ، نېمىتىنى ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ( ئاللاھ قا قۇلچىلىق قىلىشتىن ) باش تارتقان ۋە كۆرەڭلەپ كەتكەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازاب قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تىن باشقا ( ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان ) ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ.
ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى:
171- ئايەتتە: ئى ئىنجىل ئەھلى! دىنىڭلاردا ئېتىقادىي جەھەتتىن ھەددىدىن ئاشماڭلار. ئاللاھ نىڭ شەنىگە لايىق بولمىغان سۆزنى دېمەڭلار. ئۇنىڭغا ئايال ۋە بالا نىسبەت قىلماڭلار. مەريەم ئوغلى ئىسا مەسىھ پەقەت ئاللاھ ئەۋەتكەن ھەقىقىي ئەلچى. ئۇنى جىبرىئىل ئارقىلىق ئەۋەتكەن « بول » دېگەن سۆزىدىن ياراتقان. ئۇ بولسا ئاللاھ تىن كەلگەن بىر پۈۋلەش بولۇپ، ئاللاھ نىڭ ئەمرى بىلەن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پۈۋلىگەن ئاندىن ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىنى تەستىق قىلىڭلار، ئۇنىڭغا بويۇن ئېگىڭلار. ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ئېلىپ كەلگەن رىسالەتكە ئىمان ئېيتىڭلار. ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە ئىسا، ئانىسى، باشقا بىر ئىپادە بىلەن ئىسا ۋە روھۇلقۇدۇسنى ئاللاھ قا ئىككى شېرىك قىلماڭلار. بۇ سۆزۈڭلاردىن يېنىڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئاللاھ شۈبھە يوقكى يەككە – يېگانە ئىلاھتۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىسىنىڭ ئىگىسىدۇر. مەخلۇقاتلىرى ئىچىدىن قانداقمۇ ئۇنىڭ ئايالى ياكى بالىسى بولسۇن؟ مەخلۇقاتلىرىنى قانداق يارىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ھايات – ماماتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا يېتەرلىكتۇر. كۈچى يەتكۈچىدۇر. ئۇنداقتا ئۇنىڭغىلا ئېسىلىڭلار، ئۇ ھەممىگە كۇپايە قىلغۇچىدۇر.
172- ئايەتتە: ئىسا، ئاللاھ قا قۇل بولۇشتىن باش تارتمايدۇ. شۇنداقلا مۇقەررەپ پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھ قا قۇللۇق قىلىشتىن باش تارتمايدۇ. كىمكى ئاللاھ قا بويۇن ئېگىشتىن، قۇللۇق قىلىشتىن باش تارتىدىكەن پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىدىن چوڭچىلىق ۋە ئاللاھ كۆرسىتىپ بەرگەن ھەقىقەتلەردىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىيامەت كۈنى يىغىدۇ. ئادالەتلىك ھۆكمى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىپ لايىق رەۋىشتە جازاغا تارتىدۇ.
173- ئايەتتە: ئاللاھ نى ئېتىقادىي، قەلبىي ۋە ئەمەلىي جەھەتتىن تەستىق قىلغان ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتى بويىچە توغرا يولدا ماڭغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە تولۇق ساۋاب بېرىدۇ. ئۆز پەزلىدىن زىيادىلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. بىراق ئاللاھ نىڭ ئىتائىتىدىن يۈز ئۆرۈگەن، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشتىن چوڭچىلىق قىلغانلارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان ھېچقانداق دوست، نەبىر ياردەمچى تاپالمايدۇ.
يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئەھلى كىتاب بىلەن پەقەت ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلار ( يەنى سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلغۇچىلار ۋە فىدىيە بېرىشتىن باش تارتقۇچىلار ) بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئېيتىڭلاركى، « بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ۋە بىزنىڭ ئىلاھىمىز بىردۇر، بىز ئاللاھ قا بويسۇنغۇچىلارمىز ». ( ئى مۇھەممەد! ) شۇنىڭدەك ( يەنى سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە كىتاب نازىل قىلغاندەك ) ساڭىمۇ كىتاب ( يەنى قۇرئان ) نازىل قىلدۇق، بىز كىتاب بەرگەنلەر ( يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار ) دىن قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، بۇلاردىن ( يەنى مەككە ئاھالىسىدىن ) مۇ قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت كاپىرلارلا ئىنكار قىلىدۇ. ئىلگىرى سەن كىتاب ئوقۇشنى بىلمەيتتىڭ، خەت يېزىشنىمۇ بىلمەيتتىڭ، ( مۇبادا سەن كىتاب ئوقۇغان، خەت يازىدىغان بولساڭ ) ئۇ چاغدا ھەققە قارشى تۇرغۇچىلار چوقۇم گۇمانلىناتتى. ئۇنداق ئەمەس ( يەنى ئىش زالىملار گۇمان قىلغاندەك ئەمەس )، قۇرئان ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ كۆڭۈللىرىدە ساقلانغان روشەن ئايەتلەردۇر، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت زالىملارلا ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلار: « نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن مۆجىزىلەر نازىل قىلىنمايدۇ » دېدى. ئېيتقىنكى، « مۆجىزىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدىدۇر ( مېنىڭ قولۇمدا ئەمەستۇر )، مەن پەقەت بىر ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن ». بىزنىڭ ساڭا ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرىدىغان كىتابنى نازىل قىلغانلىقىمىز ئۇلارغا ( مۆجىزە بولۇشقا ) كۇپايە قىلمىدىمۇ؟ بۇ كىتابتا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن شەك ـ شۈبھىسىز رەھمەت ۋە ۋەز ـ نەسىھەت بار. ئېيتقىنكى، «مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ( مېنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمگە ) گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىدۇر، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ، بۇتقا ئىشەنگەن، ئاللاھ نى ئىنكار قىلغان ئادەملەر زىيان تارتقۇچىلاردۇر».
ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى:
46- ئايەتتە: ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالار بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرلىشىڭلار، گۈزەل ئۇسلۇب ، چىرايلىق سۆز بىلەن مۇئامىلە قىلىڭلار. بۇ ھەقىقەتكە دەۋەت قىلىشنىڭ ئەڭ ئاسان ۋە نەتىجىگە ئاپىرىدىغان يولى.
لېكىن ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگەن، بويۇنتاۋلىق قىلغان ۋە چوڭچىلىق قىلغانلارغا قارىتا چىرايلىقچە مۇئامىلىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. ئېيتىڭلاركى: بىزگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئىمان ئېيتتۇق، سىلەرگە نازىل بولغان تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا ئىشەندۇق. بىزنىڭ ۋە سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر. ئۇنىڭ ئىلاھلىقىدا ھېچقانداق شېرىكى يوق. رۇبۇبىيەت، ئەسما ۋە سىفاتلىرىدا ھېچقانداق ئورتىغى ۋە تەڭدىشى يوق. بىز ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىلارمىز. ئۇنىڭ ئەمىرلىرى ۋە چەكلىمىلىرىدە ئىتائەت ئارقىلىق باش ئەگكۈچىلەرمىز.
47- ئايەتتە: ئى مۇھەممەد! سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرگە كىتابلار نازىل قىلغىنىمىزدەك، ساڭىمۇ بۇرۇنقى كىتابلارنى تەستىقلايدىغان كىتاب قۇرئاننى نازىل قىلدۇق.
بەنى ئىسرائىلدىن ئىبارەت بىز كىتاب نازىل قىلغان ئاندىن ئۇنى ھەقىقىي تۈردە تونۇغانلار قۇرئانغا ئىشىنىدۇ، ئىمان ئېيتىدۇ. قۇرەيش ئەرەبلىرى ۋە باشقىلار ئىچىدىنمۇ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدىغانلار بار. قۇرئاننى ۋە ئۇنىڭ ئوچۇق ئايەتلىرىنى پەقەت سەركەش كاپىرلارلا ئىنكار قىلىدۇ.
48- ئايەتتە: ئى مۇھەممەد! قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى سېنىڭ كىتاب ئوقۇمىغانلىقىڭ، قولۇڭ بىلەن خەت يازالمىغانلىقىڭ ئوپئوچۇق مۆجىزىلىرىڭدىن بىرى بولۇپ، ئۇلار بۇنى ئوبدان بىلىدۇ.
مۇبادا سەن، ساڭا ۋەھيى كېلىشتىن بۇرۇن كىتاب ئوقۇغان ياكى خەت يازالىغان بولساڭ ئىدىڭ، ئۇ چاغدا قارشى چىققۇچىلار شەكلەنگەن بولاتتى ۋە شۇنداق دېيىشلىرى مۇمكىن ئىدى: قۇرئاننى بۇرۇنقى كىتابلاردىن ئۆگەنگەن ياكى بولمىسا كۆچۈرگەن.
49- ئايەتتە: قۇرئان كەرىم ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ، ئالىملارنىڭ كۆڭۈللىرىدە ساقلانغان روشەن ئايەتلەردۇر. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن پەقەت ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ رەت قىلىدىغان زالىملارلا ئىنكار قىلىدۇ.
50- ئايەتتە: مۇشرىكلار ئېيتتى: نېمىشقا مۇھەممەدكە رەببى تەرىپىدىن سالىھنىڭ تۆگىسىدەك، مۇسانىڭ ھاسىسىدەك مۆجىزىلەر چۈشمەيدۇ؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مۆجىزىلەر ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش بولۇپ، خالىسا چۈشۈرىدۇ، خالىسا چۈشۈرمەيدۇ. مېنىڭ ۋەزىپەم سىلەرنى ئۇنىڭ ئازابىدىن ۋە جازاسىدىن ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. ھەق بىلەن باتىل يولنى كۆرسىتىپ بېرىمەن.
51- ئايەتتە: ئى مۇھەممەد! ساڭا نازىل قىلىپ ئۇ مۇشرىكلارغا ئوقۇپ بېرىلىۋاتقان كىتابتىن ئۇلارنىڭ خەۋەردار بولۇشى سېنى تەستىق قىلىش ئۈچۈن كۇپايە قىلمىدىمۇ؟ شۈبھە يوقكى، بۇ قۇرئاندا مۆمىنلەر ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك رەھمەت بار. ئىبرەت ۋە ساۋاق ئالغۇچىغا نەسىھەت بار.
52- ئايەتتە: ئېيتقىن، مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ( پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقى ئۈچۈن ) شاھىت بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىدۇر. ئۇنىڭغا ئاسمان ۋە زېمىندا ھېچبىر مەخپىيەتلىك يوق. ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ. بۇنچىۋالا ئوچۇق دەلىللەر تۇرۇقلۇق باتىلغا ئىمان ئېيتقان، ئاللاھ قا كاپىر بولغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلارنىڭ ئۆزىدۇر.

ئىلاۋە: بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە تەمىنلەش ئۈچۈن بىزگە ئېلخەت بىلەن ئەۋەتكەن فىنلاندىيەدىكى ھېيتاخۇن مەمتىمىنگە ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىمىز.

ماقالىنىڭ ۋورد شەكلىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۋەلىڭ: قۇرئان كەرىمدە ئىسا مەسىھ

مەنبە: مەڭگۈتاش كۈتۈپخانىسى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top