ئىقتىسادى كىرىزىس ھەققىدە سۆھبەت
تۆۋەندىكىسى مەزكۇر سۆھبەتنىڭ يازما خاتىرىسى
رىياسەتچى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەلكىن تور بىكىتىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى، سەلكىن تور بىكىتى قەلىب ساداسى پروگراممىسىنىڭ 4-سانى ئارقىلىق سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. مەن رىياسەتچى دۇستۇڭلار زاھىرە جۈمە.
بۇ قېتىمقى پروگراممىمىزغا نۆۋەتتە جەمئىيەتتە قىززىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولغان دۇنيا ئىقتىسادىي كىرزىسى ھەققىدە چۈشەنچىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئىقتىساد پەنلىرى ۋە پۇل-مۇئامىلە كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى نەپەر ئەزىز مېھماننى ئالاھىدە تەكلىپ قىلدۇق.
ئالدى بىلەن پروگراممىمىزغا تەكلىپ قىلغان مېھمانلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتسەم:
بىرىنچى مېھمىنىمىز: شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى سىياسى ۋە ئاممىۋى باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭىمۇ ئوقۇتقۇچىسى، ۋۇخەن ئۇنۋېرستىتى ئىقتىساد پەنلىرى دوكتور ئاسپىرانتى ئابدۇۋەلى ھىمىت ئەپەندى بۇلىدۇ.
ئىككىنچى مېھمىنىمىز بولسا شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش ئىلمى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شىئەن قاتناش ئۇنۋېرستىتىنىڭ پۇل-مۇئامىلە كەسپىي دوكتۇر ئاسپىرانتى ئادىلجان ئابدۇل ئەپەندى بۇلىدۇ.
رىياسەتچى: ئابدۇۋەلى ئاكا، ئالدى بىلەن سىز بۇقېتىمقى دۇنياۋىي ئىقتىسادىي كىرزىس ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز، بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي كىرزىسنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى نېمە؟
ئابدۇۋەلى مۇئەللىم: بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي كىرزىس 2008-يىلى15-سىنتەبىر ئامېرىكىدىكى ۋولسترىت كوچىسىدىكى رىمان ئاكا-ئۇكا شىركىتىنىڭ ۋەيران بۇلىشى بىلەن باشلاندى. ھەم بىز تەرەپتە ئىنسانلار يۈزلىنىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرزىستىن باشقا يەنە ئۇرۇش كىرزىسى ۋە تەبىي ئاپەت كىرزىسىمۇ ئىنسانلارغا ناھايىتى ئېغىر تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە. ئالدىنقى قېتىم يۈز بەرگەن ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئىنسانلارنىڭ يۇلۇققان بىرقېتىملىق ئەڭ چوڭ تەبىي ئاپەت كىرزىسى بولسا، بۇ قېتىمقى ئامېرىكىدا كۆرۈلگەن ئېقتىسادىي كىرزىس ئىنتايىن زور بىر قېتىملىق ھادىسە بۇلۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتتى. ئەمدى بۇ نېمە سەۋەبتىن پارتىلىدى دىگەندە، بۇ ئاساسلىقى ئامېرىكىدىكى ئىككىلەمچى رەنە ئۆي قەرزلېرىنىڭكى ناھايىتى شىددەت بىلەن ئۆرلىشىدىن پەيدا بولدى. ئەمدى بۇ قانداق پەيدا بولدى دىگەندە، ئېقتىساد نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا بىز ئېقتىسادنى ئۈچ خىل ئېقتىسادقا ئايرىيمىز، بىرىنچىسى رىئالى ئېقتىساد، يەنە بىرسى مەۋھۇم ئېقتىساد، يەنە بىرسى كۆپۈكسىمان ئېقتىساد. رىئالى ئېقتىساد دىگىنىمىز، بىز كۈندە كۆرىۋاتقان، ئۆزىمىز قاتنىشىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى يەنى يېزا ئىگىلىكى پائالىيىتى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ۋە ئاممىۋىي مۇلازىمەت(بىزدىكى بار بولغان ھەرخىل مۇلازىمەت تۈرلىرىنى كۆرسىتىدۇ) تۈرلېرىنى كۆرسىتىدۇ، بىز بۇ مۇلازىمەتلەرنى كۆرەلەيمىز، ئۆزىمىز بىلەلەيمىز، بۇ رىئالى ئېقتىساد دەپ ئاتىلىدۇ. مەۋھۇم ئېقتىساد دىگەندە، بىز ئۇنى كۆرەلمەيمىز، ئۇنىڭ ئىپادىسى بولسا ئاكسىيە سودىسى، پايچىكى سودىسى، قەرەللىك مال سودىسى دىگەندە تۈرلەردە بۇلىدۇ. ئاكسىيە سودىسى دىگەندە، مەلۇم بىر ئاكسىيە مەلۇم بىر پايچىكىنىڭ قەغەر يۈزىدىكى باھاسى بۈگۈن 100 دوللار بولسا، نەچچە سائەت ياكى نەچچە كۈندىن كىيىن ئۇنىڭ باھاسى ئۆسۈپ 200 دوللار بولۇپ كىتىۋاتقان، يەنە مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن 300 دوللار بولۇپ كىتىۋاتقان. دىمەك بىز مۇشۇ خىل مەۋھۇم يەنە قەغەز يۈزىدىكى قىممەت بولغان بىلەن بىزگە كۆرۈنمەيدىغان مۇشۇ خىل مەۋھۇم ئېقتىسادىي ھادىسىنى بىز مەۋھۇم ئىقتىساد دەپ ئاتايمىز. كۆپۈكسىمان ئېقتىساد دىگەندە، كۆپۈككە ئوخشاش ئۆرلەپ-ئۆرلەپ چىقىدۇ ئەمما ئاخىرىدا ھىچنېمە يوق، يەنى ئاخىرىدا كۆپۈكتەك يەرگە چۈشىدۇ، نۇرغۇن كارخانا ۋە شەخىسلەر ۋەيران بۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى دىگەندە، ئاكسىيە سودىسى بىلەن ئۆي-مۈلۈك سودىسىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئاكسىيە سودىسى بىلەن ئۆي-مۈلۈك سودىسىنىڭ قىزىپ كىتىشى، يەنى ئاشۇنىڭكى ئاكسىيە سودىسى بىلەن ئۆي-مۈلۈك سودىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي قىممىتىدىن ناھايىتى زور دەرىجىدە ئايرىلىپ كەتكەنلىكىدىن بۇلىدۇ، يەنە بۇنى مۇنداق ئىپادىلەشكە بۇلىدۇ، مەسىلەن مەلۇم بىر دۆلەتنىڭكى رىئالىي ئېقتىسادى قانچە تەرەققىي قىلسا، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ماس ھالدا ئۇنىڭ مەۋھۇم ئېقتىسادى تەرەققىي قىلىدۇ. يەنى رىئالىي ئىشلەپچىقىرىش، ئەڭ مۇھىمى ئىشلەپچىقىرىش، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى رىئالىي ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلسا ماس ھالدا مەۋھۇم ئىشلەپچىقىرىش يەنى پايچىكى شۇنچە تەرققىي قىلىدۇ. چۈنكى پايچىكى رىئالىي ئېقتىسادتىن پەيدا بۇلىدۇ،ئۇ ماھىيەتتە بىز دەۋاتقان پايچىكى، ئاكسىيە سودىسى جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق. دىمەك رىئالىي ئىشلەپچىقىرىشى بىز دەۋاتقان سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى نۇرغۇن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ. دىمەك ماھىيەتتە مەۋھۇم ئېقتىساد رىئالىي ئېقتىساد تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندىن كىيىن پەيدا بۇلىدۇ. مەسىلەن زايوم پەيدا بولغىلى 800 يىل بولدى. ئاكسىيە بىلەن پايچىكى پەيدا بولغىلى 400 يىل بولدى. فوند پەيدا بولغىلى 140 يىل بولدى. ھەرخىل پۇل-مۇئامىلە قۇراللىرى پەيدا بولغىلى 20-30يىل بولدى. دىمەك ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بارا-بارا رىئالىي ئېقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بۇ مەۋھۇم ئېقتىساد پەيدا بولدى، بۇ مەۋھۇم ئېقتىساد رىئالىي ئېقتىساد ئۈچۈن ناھايىتى زور مەبلەغنى جەمئىيەتكە توپلاپ بەردى. جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى، كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى، كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ماددىي بايلىققا ئىگە بۇلىشى ئۈچۈن ناھايىتى زور مەبلەغنى توپلاپ بەردى. ئېقتىساد ناھايىتى باغلىنىشلىق، رىئالىي ئېقتىساد قانچە تەرەققىي قىلسا مەۋھۇم ئېقتىساد شۇنچە تەرەققىي قىلىدۇ، مەۋھۇم ئېقتىساد رىئالىي ئېقتىسادنى ناھايىتى زور پۇل-مۇئامىلە بىلەن تەمىنلەپ بېرىدۇ. لىكىن بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىدە، رىئالىي ئېقتىسادتىن مەۋھۇم ئېقتىساد ئايرىلىپ كەتسە(كۆرگىلى بۇلىدىغان سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىدىن قەغەز يۈزىدىكى قىممەت ئېشىپ كەتسە)، بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، مەۋھۇم ئېقتىساد كۆپۈك ئېقتىسادقا ئايلىنىپ كېتىدۇ. يەنى كۆپۈكتەك ئۆرلەپ، ھەممە ئادەم قىزىپ، بەس بەستە پايچىكى سېتىۋالغان. ھەممە ئادەم ئۆي مۈلۈك سېتىۋالغان. ئۇنىڭ باھاسى بارغانچە ئۆسىۋاتقان….. لىكىن ھەممە ئادەم پايدىغا ئىنتىلىدۇ، ھەممە ئادەم شۇ بازارغا كىرىۋالغانلىقتىن، مەبلەغ سالسا ئاققانلىقتىن، مەۋھۇم ئېقتىساد كۆپۈككە ئايلىنىپ شىددەت بىلەن ئۆرلەيدۇ. ئالدىنقى يىلى
15-سىنتەبىر يۈز بەرگەن دۇنيا ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ ئاساسىي مەنبەسى مەۋھۇم ئېقتىساد رىئالىي ئېقتىسادتىن ئېشىپ كېتىپ، كۆپۈكسىمان ئېقتىسادقا ئايلانغانلىقتىن يۈز بەردى. بۇنى مۇنداق چۈشىنىشكە بۇلىدۇ، مەۋھۇم ئېقتىساد بىلەن رىئالىي ئېقتىسادنى قار ئۈستىدىكى تاشقا ئوخشاتساق، رىئالىي ئېقتىساد بىر تاش، مەۋھۇم ئېقتىساد تاش ئۈستىگە چۈشكەن قار، تاش ئۈستىگە قار چۈشىۋەرسە-چۈشىۋەرسە، ئاخىرى تاش ئۇنى كۆتۈرۈپ بۇلالماي ئاخىرى پەسكە چۈشۈپ كېتىدۇ، خۇددى كۆپۈكتەك. ئامېرىكىدىكى بۇ ئېقتىسادىي كىرزىس ئىككىلەمچى ئۆي مۈلۈك رەنە قەرزىدىن پەيدا بولدى. بۇنېمە دىگەندە، ئالدىنقى قېتىملىق زۇڭتۇڭ بۇش زۇڭتۇڭ بۇلۇش ئالدىدىكى قەسەمنامىسىدە «مەن ئامېرىكىدىكى ھەممە ئادەمنى ئۆيگە ئىگە قىلىمەن، بىر ئادەمنىڭ بەخىتىلىك بۇلۇش ياكى بۇلالماسلىقى شۇ ئادەمنىڭ ئۆيگە ئىگە بۇلۇش بولماسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ، شۇ ئادەمنىڭ ئۆيى بولسا ئۇ خاتىرجەم، بەخىتلىك ياشايدۇ، مەن زۇڭتۇڭ بولغاندىن كىيىن ھەممە ئادەمنى ئۆيگە ئىگە قىلىمەن» دېدى. لېكىن ئۆيگە قانداق ئىگە قىلىدۇ؟ ھەممىمىز بىلىمىز، ئۆي دىگەن بىر تاۋار، ئۇنى پۇلى بار ئادەم سېتىۋالالايدۇ. ئاخىرى پۇلى يوق ئادەملەرمۇ بانكىدىن ناھايىتى زور مەبلەغدە قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالدى. مەسىلەن، مەلۇم بىر ئادەمنىڭ پۇلى يوق، لىكىن ئۇ پۇلى يوق تۇرۇپ 200مىڭ دوللارنى بانكىدىن قەرز ئالدى، قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالدى، لىكىن قانداق قايتۇرۇش توغرىسىدا ئويلاشمىدى، ئۇ ئادەمنىڭ مەقسىتى 200 مىڭ دوللار قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋىلىپ، شۇ ئۆيدىن بەھرىمەن بولىمەن دەيدۇ، لېكىن بانكا شۇ قەرزنى بەرسەم ئۆسۈم ئالىمەن دەيدۇ. يەنى 200 مىڭ قەرز بېرىپ مەلۇم يىلدىن كىيىن 50 مىڭ دوللار ئۆسۈم ئالماقچى بۇلۇپ، شۇ قىممەتنى پاي چىكى ياكى ئاكسىيەگە ئايلاندۇرۇپ(250 مىڭ دوللارنى) بازارغا سېلىۋەتتى. پاي چىكى يەنى ئاكسىيەنىڭ قېممىتى ئاشقاندىن كىيىن ھەممە ئادەم بەس بەس بىلەن سېتىۋالدى، كىيىن ئەسلى 200 مىڭ دوللارلىق بۇ ئۆي بازارغا چىققاندىن كىيىن ئۆسۈپ 400 مىڭ دوللار بولۇپ قالدى. بانكىنىڭ مۇشۇنداق ھەددىدىن زىيادە مەنپەئەت قوغلىشىشى، پۇلى يوق ئادەمنىڭ جىق قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋىلىشى بىلەن، 200 مىڭ دوللارلىق بۇ ئۆينىڭ ئاكسىيە يەنى قەغەز يۈزىدىكى قېممىتى 400 مىڭ دوللار بۇلۇپ ئىپادىلەندى. كىيىن ئۇ ئادەملەر پۇلنى تۆلىيەلمىدى، بانكا ئۆينى تارتىۋالدى، لىكىن بانكىغا ئۆي ئەمەس پۇل لازىم. بانكا قايتۇرىۋالغان ئۆينى بازارغا ئېلىپ چىقىپ ساتماقچى، لىكىن بۇنداق ئادەم بەك جىق. قەرزنى قايتۇرالماي ئۆينى ساتماقچى بولغان ئادەم بەك جىق، مۇشۇنداق كۆپ ئۆينى بىرلا ۋاقىتتا بازارغا سالغانلىقتىن، ئۆينىڭ باھاسى ئەسلىدىكى باھاغىمۇ يەتمىدى، دىمەك بۇ 400 مىڭ دوللارغا چىقىپ كەتكەن بۇ قىممەت ھازىر 100 مىڭ دوللاغىمۇ يەتمىدى. يەنى بۇ يەردە پاي چىكى سېتىۋالغانلار، مەبلەغ سالغۈچىلار، پاي سالغان كارخانا-شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولدى. بۇ نېمە ئۈچۈن يۈز بەردى دىگەندە، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا دىموكراتلار پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ماككائىن «ئامېرىكا بانكىلىرىنىڭ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاچكۆزلۈك قىلغانلىقىدىن يۈز بەردى» دەپ يىغىنچاقلىدى. دىمەك بۇنىڭ مەنبەسى، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنماسلىقىدا، پۇل يوق ئادەملەرنىڭ پۇل قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋىلىشىدا، قەرز ئالغاندا ئۆزىنىڭ قايتۇرۇش ئېتىدارىنى ئويلاشماسلىقىدا بولدى. بانكا دائىرىلىرىنىڭمۇ قەرز بېرىشتىن بۇرۇن شۇ ئادەمنىڭ ئېقتىسادى ئەھۋالىنى ياخشى تەكشۈرمەيلا قەرز بەرگەنلىكىدە، پۇل-مۇئامىلە ئورۇنلېرىنىڭ مۇشۇنداق ئىشلارغا تەكشۈرىشىنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقىدا دەيمىز.
رىياسەتچى: ئىقتىسادىي كىرزىسنىڭ باشلىنىشى ئامېرىكىدىن باشلىنىپتۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن دۇنيا ئېقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەمسىز؟
ئابدۇۋەلى مۇئەللىم: ھەممىمىز بىلىمىز ئامېرىكا ئېقتىسادى دۇنيا ئېقتىسادىنىڭ %25 نى ئىگىلەيدۇ، ئامېرىكىنڭ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان سانائەت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ناھايىتى تەرەققىي قىلغان پۇل-مۇئامىلە بازىسى بار، ئامېرىكىدىكى ۋولسىترىت كوچىسىدىكى 2 كىلومېتىر ئارلىقتا دۇنيا ئېقتىسادىنىڭ %80 پۇلى ئايلىنىدۇ، دۇنيا ئېقتىسادىنىڭ %80 پۇلى مۇشۇ 2كىلومېتىرلىق كوچىدا ئايلاندى دىگەن گەپ، پۈتۈن دۇنيا ئېقتىسادىنىڭ ئەھۋالى ئامېرىكا تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ دىگەنلىك بۇلىدۇ. دېمەك ئاشۇ ۋولسىترىت كوچىسىدىن چاتاق چىقسا ئامېرىكىدىن چاتاق چىقىدۇ، ئامېرىكىدىن چاتاق چىقسا پۈتۈن دۇنيادىنمۇ چاتاق چىقىدۇ دىگەنلىك بۇلىدۇ. يەنى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە قارىغاندا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تېخىمۇ چوڭ تەسىرى بولىدۇ، بۇلۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەت جۇڭگو، روسىيە، بىرازىلىيە، ھىندىستان، ئارگىنتىنا قاتارلىق دۆلەتلەرگە بولغان زىيىنى ئەڭ زور بولدى. مۇشۇ ئەللەردە پاي چىكىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى ئامېرىكىدىنمۇ يۇقىرى بۇلۇپ كەتتى، يەنە بىرسى، ئامېرىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ناھايىتى زور بۇلىشى، ئامېرىكا ئېقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلغان بۇلىشى، ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇكەممەل بۇلىشى، ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسىنىڭ مۇكەممەل بۇلىشى،( ئامېرىكىدىكى كەمبەغەللەر، نامراتلار، ئامېرىكىنىڭ ھەقسىز داۋالاش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بۇلالايدۇ. ئىشسىزلار دۆلەتتىن ناھايىتى يۇقىرى مىقداردىكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئالالايدۇ) دىمەك، ئامېرىكىدا ئېقتىسادىي كىرزىس بولغان بىلەن، بۇ يەردىكى نامراتلار، ئىشسىزلار ناھايىتى يۇقىرى قىممەتتىكى تۇلۇقلىمىلارغا ئىگە بۇلالايدۇ. دىمەك، ئېقتىسادىي كىرزىس ئامېرىكىدىن باشلانغان بىلەن، ئامېرىكىغا قارىغاندا باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرگە بولغان زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بۇلىدۇ. مەسىلەن، تەرققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسى مۇكەممەل ئەمەس، نۇرغۇن دۆلەتلەردە (جۇڭگودىمۇ) دېھقانلارنىڭ مۇكەممەل ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسى قۇرۇپ چىقىلمىدى، دېھقانلارنىڭ داۋالىنىش مەسىلىسى، ئىشسىزلىق مەسىلىسى، قېرىغاندا كۈتۈنۈش مەسىلىسى تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ھەل بولغان بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردە تېخى ھەل بولمىدى. يەكۈنىمىز: بۇ ئىقتىسادىي كىرزىس ئامېرىكىدىن باشلانغان بىلەن ئامېرىكىدىن باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان يەنى تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەردىكى دېھقانلار، ئىشسىزلار، نامراتلارغا بولغان زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولدى.
رىياسەتچى: ئادىل ئاكا سىزدىن سوراپ باقسام، بۇ قېتىمقى ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ دۆلىتىمىز،جۈملىدىن رايونىمىزغا بولغان تەسىرى قانداق بولدى؟ مۇشۇ ھەقتە بىر توختىلىپ ئۆتەمسىز؟
ئادىل مۇئەللىم: بۇ قىتىملىق ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ دۆلىتىمىزگە بولغان تەسىرىنى كۆپ تەرەپتىن چۈشەندۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئېقتىسادىي كىرزىس ئامېرىكىدا پەيدا بولدى، شۇنىڭدەك ئامېرىكىدىن ياۋرۇپاغا ۋە ياپونىيە قاتارلىق نۇرغۇل دۆلەتلەرگە ۋابا كىسىلىدەك تارقىلىپ كەتتى. بۇ قېتىمقى ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ دۆلىتىمىزگە بولغان تەسىرى ئالدى بىلەن تاشقى يۈزلەنگەن ئېقتىسادتا ئىپادىلىنىدۇ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېقتىسادىي كىرزىس يۈز بەرگەندىن كىيىن، بۇ دۆلەتلەرنىڭ سېتىۋىلىش كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەنلىك تۈپەيلىدىن، دۆلىتىمىزنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە بولغان ئېكىسپورتى ئازلاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر گۇاڭدوڭ، جېجىياڭ، فۇجىيەن قاتارلىق تاشقى يۈزلەنگەن ئېقتىسادىي بىر قەدەر ياخشى بولغان رايونلاردا ئىشسىزلىق بىر قەدەر يۇقىرى چەككە چىقتى، 20 مىلىيوندىن ئارتۇق ئىشلەمچىلەر يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇرى بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ دۆلىتىمىزگە بولغان مەبلىغى ئازىيىپ كەتتى. چۈنكى نۇرغۇن چوڭ شىركەتلەر ئېقتىسادىي كىرزىستىن قۇتۇلۇپ بۇلالمىغانلىقى ئۈچۈن، دۆلىتىمىزگە مەبلەغ سىلىشقا پۇرسىتى يوق. شۇڭا ئۇ؛ارنىڭ بىر قىسىملىرى ئۆزىلېرىنىڭ سالغان مەبلىغىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئېقتىسادىغا بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزدى. چۈنكى دۆلىتىمىزنىڭ %58 ئېقتىسادى تاشقى يۈزلەنگەن ئېقتىساد بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ مۇتلەق كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيدىغان ئېقتىسادنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئېقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىشى نىسبەتەن ئېغىر بۇلىشى مۇمكىن. ئاپتونوم رايونىمىزغا بولغان تەسىرى ئاساسەن ئىچكىرى رايونلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بايا ئېيتىقاندەك ئىچكىرى ئۆلكىدىكى نۇرغۇن ئىشلەمچىلەر يۇرتىغا قايتىپ كەتتى، يەنە بىر قىسىم ئىشلەمچىلەر بولسا ئۇدۇل شىنجاڭغا كىرىپ كەلدى. شىنجاڭدىن سىرتقا ئەمگەكچى كۈچ چىقىرىش بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچراۋاتىدۇ. چۈنكى ئىچكىرى رايونلارنىڭ ئەمگەكچىلەرگە بولغان ئېھتىياجى بۇرۇنقىدەك يۇقىرى ئەمەس. ئىلگىرى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئىشلەپچىقىرىشى تەرەققىي قىلغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار شۇ رايونلارنىڭ ئۆزىدە قېلىپ ئىش ئىزدەيتتى، ئەمما ھازىر نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىۋاتىدۇ، ھەمدە قايتىپ كىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇخىل ئەھۋال شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىش ئىزدىشىگىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. دۆلىتىمىز ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلېرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئېقتىساد ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرىمۇ بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچراۋاتىدۇ. لىكىن يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇخىل تەسىرلەرنى بەك كۈچلۈك دەپ كىتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ خىل ئېقتىسادىي كىرزىس ئامېرىكا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يەنە كىلىپ تاشقى يۈزلەنگەن ئېقتىسادى قانچە تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە بولغان تەسىرى شۇنچە كۈچلۈك بۇلىدۇ. شىنجاڭ ئېقتىسادىنى مىسال قىلساق، نېفىت سانائىتى، خىمىيە سانائىتى، پولات- تۆمۈر، رەڭلىك مېتال قاتارلىقلار ئاساسىي سالماقنى ئىپادىلەيدۇ. بۇلار شىنجاڭ ئېقتىسادىنىڭ %80 نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇخىل ئىشلەپچىقىرشنىڭ شىنجاڭ ئېقتىسادىي كىرزىس مەسىلىسىگە قارىتا تەسىرى بەك ئاز ھەم چەكلىك بۇلىدۇ. تەسىرى چوڭ دىسەك، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ۋە تاشقى يۈزلەنگەن ئېقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك كارخانا شەخىسلەرگە بولغان تەسىرى چوڭ دىسەك بولىدۇ.
رىياسەتچى: ھەرقايسى دۆلەتلەر زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بۇلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئۈنىمى قانچىلىك بۇلىشى مۇمكىن؟
ئادىل مۇئەللىم: ئېقتىسادىي كىرزىس يۈز بەرگەندىن كىيىن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن كۆپ سىياسەتلەرنى يۈرگۈزدى، جۈملىدىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئامېرىكا پارلامىنتىنى ماقۇللۇققا كىرگۈزۈپ، 800 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ بۇقېتىمقى ئېقتىسادىي كىرزىسقا تاقابىل تۇرماقچى بولدى. بۇ ئاساسلىقى پۇل-مۇئامىلە ئورۇنلىرىغا ياردەم بېرىش ھەم تۇرمۇش قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش كاپالىتىگە ئېرىشتۈرۈش قاتارلىق ئىككى چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىمقى ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئىشنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن دەل مۇشۇ 800 مىلىيارد ياردەم پۇلىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىشنچىسىنى قانچىلىك ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ، مۇشۇنى كۆرۈپ بېقىش كېرەك. دۆلىتىمىز بولسا 4 تىرىلىيون مەبلەغ چىقىرىپ ئېقتسادىي كىرزىسقا تاقابىل تۇرماقچى بولدى. دۆلىتىمىز بۇ پۇلنى مەبلەغ سىلىشقا ئىشلەتمەيدۇ. چۈنكى دۆلىتىمىزنىڭ پۇل-مۇئامىلە تارماقلىرى بىر قەدەر ساغلام، چۈنكى 2005 – يىلدىكى بانكا ئىسلاھاتلىرى ئارقىلىق 3تىرىلىيوندىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ، بانكىلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنلىغان ناچار قەرزلىرىنى تۈگەتكەنتۇق. ھەممىسىنى تۈزۈم ئىسلاھاتى قىلىش ئارقىلىق، پىيىنى بازارغا سالغان شىركەتلەرگە ئايلاندۇردۇق. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ پۇل-مۇئامىلە تارماقلىرى بىر قەدەر ساغلام. چۈنكى بۇلارنىڭ كۆپۈكسىمان ئېقتىساد دىگەندەك زىيانلىرى كۆپ ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى ئاساسىي نىشانى ئىشسىزلىقنى تۈگىتىش، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ 4 تىرىلىيون مەبلەغ دەل مۇشۇ خىل ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ ئاجرىتىلغان مەبلەغ بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا، ئامېرىكا ئېقتىسادىغا بىقىنىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى، تاشقى يۈزلەنگەن ئېقتىسادنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، يەنىلا ئېقتسادىي كىرزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ دىيىشكە بولمايدۇ. لىكىن دۆلىتىمىزنىڭ يەنە ئارتۇقچىلىقى بار، مەسىلەن دۆلىتىمىزنىڭ 2 تىرىلىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق زاپاس پۇلى بار، 20 مىلىيون ئونسىيە ئالتۇن زاپاس مېقدارى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلىتىمىزنىڭ ئېقتىداى ھەر يىلى %10 سۈرەت بىلەن ئىشىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ مالىيەسى 6 تىرىلىيون ئۆپچۆرىسىدە بولىۋاتىدۇ، دىمەك دۆلىتىمىزنىڭ ئېقتىسادى كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ مالىيە ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلسە بۇ قېتىمقى ئېقتسادىي كىرزىسقا تاقابىل تۇرالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكلىرىمۇ بار، مەسىلەن 1997- يىلدىكى شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئېقتسادىي كىرزىسنى مىسالك قىلساق، كورىيە ناھايىتى تىزلا بۇ ئېقتسادىي كىرزىستىن قۇتۇلغان. سەۋەبى: كورىيەدىكى بارلىق يۇقىرىدىن تۈۋەنگىچە ھەممە كىشىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق تەسىرىدە بولغان. تايلاندنى مىسال قىلساق، ئارىدا 10 يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئېقتىسادى يەنىلا 1997- يىلدىكى ئېقتىسادىغا يەتمىدى. سەۋەبى: پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتنى قوللاش دەرىجىسىنىڭ ناھايىتى تۈۋەن بولغانلىقىدا. دۆلىتىمىزنىڭ بولسا كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلىقلەر نىسبەتەن بىر قەدەر ئىتتىپاق، يۇقىرى-تۈۋەندە، مۇكەممەل بولغان تۈزۈملەر بار. يۇقىرى بىلەن تۈۋەننىڭ بىردەكلىكى بىرقەدەر ياخشى. بۇنداق بولغاندا دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى پۇقرالار قوللايدۇ ھەم ئېقتسادىي كىرزىسنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۈۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ھەرخىل سىياسەتلىرىنى قوللىشى، بىردەكلىككە ئىگە بۇلىشى ئىنتايىن مۇھىم نەرسە. ئەگەر بۇلار ياخشى ئىپادىلەنسە ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ تەسىرى ئۇنداق يۇقىرى بولۇپ كەتمەيدۇ. بايا سۆزلەپ ئۆتكەندەك 20 مىلىيوندىن ئارتۇق كىشىلەر ئىشسىز قالدى دىدۇق، ئەمدى بۇ دۆلىتىمىزدە ھەرخىل ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى پەيدا قىلامدۇ دىسەك، قىلمايدۇ. چۈنكى بۇ قوش خىل خاراكتىرگە ئىگە، بىرسى دېھقان، يەنە بىرسى ئىشچى، ئۇلار زاۋۇتلاردىن ئىشسىز قالدى، لىكىن ئۇلارنىڭ يۇرتىدا يەنىلا تېرىلغۇ يېرى بار، ئۇلار يەنىلا بەلگىلىك دەرىجىدە ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە ئىگە، ئۇلارنىڭ ئۆيى بار يېرى باراپالەت سېستىمىسى مۇكەممەل بولمىسىمۇ، ىلىرىگە ئىگە. ېرىلغۇ يېرى بار، ىمىزدە ھەرخىل ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى پەيدا قىلام. دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسى مۇكەممەل بولمىسىمۇ، بۇلار ئىجتىمائىي مەسىلە پەيدا قىلمايدۇ.
ئابدۇۋەلى مۇئەللىم: مەنمۇ ئىككى ئېغىز تۇلۇقلىمامنى قۇشۇپ قويسام، جۇڭگو بۇ قېتىمقى ئېقتسادىي كىرزىسقا ئۇچرىغان بىلەن چوڭ تەسىرلەر بولمىدى، بۇنىڭدا مۇنداق بىر سەۋەب بار، جۇڭگونىڭ ئېقتىسادى ھەقىقى تۈردە خەلقئارا ئېقتىسادقا جىپسىلاشمىدى، بۇلۇپمۇ بىزنىڭ پۇل-مۇئامىلە سېستىمىمىز خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسىغا جىپسىلاشمىدى، خەلقئارا ياكى ئامېرىكىدىكى مەركىزىي بانكىدىن باشقا بانكىلار خۇسۇسىينىڭ ياكى پايچىكى تۈزۈمى ئاستىدىكى بانكىلار بۇلىدۇ، بۇلارنىڭ پۈتۈن ئالاھىدىلىكىنى بازار تەڭشەيدۇ. دۆلىتىمىزنى دىسەك، دۆلىتىمىز بانكىنى مونوپول قىلىدۇ، قاتتىق باشقۇرىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ مۇشۇ خىل باشقۇرۇش تۈزىمى ئاسىتىدىكى پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسىنىڭ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسىغا جىپسىلىشىپ كىتەلمىگەنلىكىمۇ، بۇ قېتىمقى ئېقتسادىي كىرزىسنىڭ بەلگىلىك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ نۇرغۇن ئېقتىسادىي پائالىيىتىمىز دۆلەتنىڭ كونتىروللىقىدا، نۇرغۇنلىغان چوڭ شىركەتلەر دۆلەت ئېگىلىكىدە، بانكىلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئېگىلىكىدە. بۇ دۆلەتنىڭ قاتتىق قوغدىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئېتىسادىي پائالىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېغىر بولغان ھادىسىدىن قۇتۇلۇپ قالدى دەپ قاراشقا بۇلىدۇ. بۇرۇن بىز ئېقتىسادىي پائالىيەتتە ئەڭ مۇكەممەل تۈزۈم بازار ئېگىلىكى تۈزۈمى، بازار ئېگىلىكى تۈزۈمىدە ھەممىنى بازار تەڭشەيدۇ، بازار تەڭشىگەن تۈزۈم ئەڭ مۇكەممەل بۇلىدۇ دەپ قارايتتۇق. لىكىن ھازىر قارايدىغان بولساق، ئامېرىكا بۇ قېتىم 800 مىلىيارد پۇلنى بازارغا مەبلەغ سېلىپ، بانكىلارنى، نۇرغۇنلىغان خۇسۇسىي بانكىلارنى قۇتۇلدۇرماقچى بولدى، بەزىلەر نېمە دەيدۇ دىسەك«ئامېرىكا ئامېرىكا بولماي قالدى، ئامېرىكا سوتسىيالىزىم يولىغا ماڭدى» دىيىشتى، بۇرۇن ئامېرىكا خۇسۇسىيلارغا ئارىلاشمايتتى، ۋەيران بولغىنى بولىدۇ، چىققىنى چىقىدۇ، مۇشۇنداقتى. ھازىر دىمەكچى بازار ئېگىلىكى ئۆزىنى ئۆزى تەڭشەيدۇ، ئۆزى تەڭشىيەلمىگەننى ھۆۈمەت تەڭشەيدۇ، ھۆكۈمەت تەڭشىيەلمىگەننى بازار تەڭشەيدۇ دەپ قارايدىغان بولدۇق. ئەمدى ھازىر بازار تەڭشەيدىغاننى بازار تەڭشىشى كېرەك، ھۆكۈمەت تەڭشەيدىغاننى ھۆكۈمەت تەڭشەش كېرەك. بۇ يەردە بازار تەڭشىسە بولمايدىغان مۇنداق 3 چوڭ تۈر بار، بىرى مائارىپ، مائارىپنى بازار تەڭشىسە بولمايدۇ. مائارىپ دىگەن كىشىلەرنى تەربىيىلەپ باراۋەر قىلىدىغان تۈزۈم، باي بىلەن كەمبەغەلنىڭ بالىسى چۇققۇم باراۋەر بولغان مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە بۇلىشى كېرەك. باينىڭ بالىسى ئوقۇپ، كەمبەغەلنىڭ بالىسى ئوقۇشتىن قالسا بولمايدۇ، پۈتۈن خەلقئارادا ھەقسىز بولىدۇ، دىمەك بازار مائارىپنى تەڭشىسە بولمايدۇ. ئىككىنچىسى، بازار داۋالىنىشنى تەڭشىسە بولمايدۇ. بازار دىگەن نېمە؟ بازار دىگەندە تەلەپ بىلەن تەمىنلەش مۇناسىۋىتى ئارقىلىق باھا بەلگىلىنىدۇ، ئىستىمالچى بىلەن ساتقۇچى چۇققۇم تۇلۇق ئۇچۇرغا ئىگە بۇلىشى كېرەك، مەسىلەن مەلۇم بىر تاۋارنىڭ باھاسىنى ئىستىمالچى ساتقۇچى ئارقىلىق بىلىدۇ. ئىستىمالچى مۇۋاپىق قارىسا ئالىدۇ. داۋالا سېستىمىسىدا بىز ئىستىمالچىلار ھىچقانداق باھا ئۇچۇرىغا ئىگە بولمىغانلىقتىن بىز پاسسىپ ئورۇنغا دۇختۇرخانىلار ئاكتىپ ئورۇنغا ئىگە بولۇپ قالىدۇ، دىمەك دۇختۇرخانىلار نەچچە پۇل باھا قويسا شۇ باھا بەلگىلىنىدۇ. يەنە كىلىپ داۋالاش بۇيۇملىرىنى بازاردىن ئالسا بولمايدۇ. ئۇ دۆلەتنىڭ پاراۋانلىقى بۇلىدۇ. نۇرغۇنلىغان غەرىپ ئەللىرىدە داۋالاش پۈتۈن پۇقرالارغا ھەقسىز. بىز بۇرۇن قارىغان بازار ئېگىلىكى ھەممىدىن مۇكەممەل دىگەن قاراشتىمۇ بەلگىلىك يىتەرسىزلىكلەر پەيدا بولدى، يۈكۈنلىسەك، بازار تەڭشەيدىغاننى بازار تەڭشەش كېرەك، ھۆكۈمەت تەڭشەيدىغاننى ھۆكۈمەت تەڭشەش كېرەك.
رىياسەتچى: ئابدۇۋەلى ئاكا سىزدىن سوراپ باقسام، بۇ قېتىمقى ئېقتىسادىي كىرزىس يەنە قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشار؟
ئابدۇۋەلى مۇئەللىم: بۇ قېتىمقى ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىش مەسىلىسى ئۈستىدە ھېچقانداق بىر ئېقتىسادشۇناس ئىنىق جاۋاب بېرەلمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن دىگەندە ھازىر دۇنيادا ئېقتىسادىي كىرزىس ئۆزلۈكسىز پەيدا بولىۋاتىدۇ. مەسىلەن 1929-يىلى غەرب دۇنياسىدا زور بىر قېتىملىق ئېقتىسادىي كىرزىس پارتىلىدى. مۇشۇ جەرياندا ئىشلەپچىقىرش كۈچى ئېشىپ كىتىپ، نۇرغۇنلىغان تاۋارلارنى كۆيدۈرىۋەتتى، سۈتلەرنى دېڭىزغا تۆكىۋەتتى، كاللىلارنى ئۆلتۈرۈپ كۆمىۋەتتى، مۇشۇ قېتىملىق ئېقتىسادىي كىرزىس شۇ ۋاقىتتىكى ئېقتىسادىي كىرزىستىنمۇ ئېغىر بولدى دىگەندەك ھەرخىل كۆز قاراشلار بار. يەنە يېقىنقى مەزگىلگە قارايدىغان بولساق 1970-يىلى نېفىت كىرزىسى بولغاندىن كىيىن دۇنيادا زور بىر قېتىملىق ئېقتىسادىي كىرزىس پارتىلىدى. يەنە 1994-يىلى مېكسىكىدا پارتىلىغان پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىمۇ زور بىر قېتىملىق ئېقتىسادىي كىرزىس. 1997-يىلى شەرقى جەنۇبى ئاسىيادا پارتىلىغان ئېقتىسادىي كىرزىسمۇ زور بىر قېتىملىق ئېقتىسادىي كىرزىس. بۇ قېتىمقى ئېقتىسادىي كىرزىسمۇ ناھايىتى زور ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دىمەك ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ قاچان باشلىنىپ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ھىچقانداق بىر ئېقتىسادشۇناس بىر نېمە دىيەلمەيدۇ، ئۇ بىر خىل ئېقتىسادىي قانۇنىيەت. يەنى دۆلەتنىڭ تەڭشەش سىياسىتى، كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك، مەسىلەن ئامېرىكىلىق بىر ئانا بىلەن جۇڭگولۇق بىر ئانىنى سىلىشتۇرغان، ئامېرىكىلىق ئانا ياش قىز ۋاقتىدا بانكىدىن قەرز ئېلىپ ئۆي ئالدى، بىر ئۆمۈر ئۆينىڭ راھىتىنى كۆرۈپ، بىر ئۆمۈر ئۆينىڭ قەرزىنى قايتۇرۇپ ئۇ ئالەمگە كەتتى. لىكىن جۇڭگولۇق ئانا بىر ئۆمۈر پۇل يىغىپ ياشانغان چاغدا ئۆي ئالدى، ئۆينىڭ راھىتىنى ئاز كۆردى. بىز مۇشۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىلىق توغرا قىپتۇ، جۇڭگولۇقنىڭ خاتا دەپ، بەس بەس بىلەن قەرز ئېلىپ ئۆي ئالدۇق، يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنمىدۇق. دىمەك ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئېتىسادىي كۈچىگە ئاساسلىنىش، قانچىلىك ئېقتىسادىي كۈچى بولسا شۇنىڭغا قاراپ بىر ئىش قىلىش كېرەك، ئۆزىنىڭ ئېقتىسادىي كۈچى ئاجىز تۇرۇپ، ناھايىتى زور قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالماسلىق، پۇل ئاز بولسا ئاز قەرز ئېلىپ ئۆينى كىچىك سېتىۋىلىش، پۇلى جىق بولسا داچا سېتىۋالسىمۇ بۇلىدۇ، جەمئىيەتكە ئىئانە قىلسىمۇ بۇلىدۇ. دىمەك بۇ يەردىكى ئېقتىسادىي كىرزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا ئېقتىسادىي كىرزىس ئۇزۇن داۋاملاشماسلىقى مۇمكىن. بۇ مىنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم، ئادىل مۇئەللىم بۇنىڭغا قانداق قارايدىكىن؟
ئادىل مۇئەللىم: بۇ قېتىملىق ئېقتىسادىي كىرزىستىن قۇتۇلۇشتا ئەڭ مۇھىمى ئابدۇۋەلى مۇئەللىم ئېيتقاندەك ئىشەنچ، ئامېرىكىنىڭ قوللايدىغان سىياسىتى ئاساسەن بانكىلارغا ياردەم بېرىش، بانكىلارغا نېمە ئۈچۈن ياردەم قىلىدۇ؟ نۇرغۇن بانكىلار ئېقتىسادىي كىرزىس تەسىرىگە ئۇچراش تۈپەيلىدىن پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ ئامانىتىگە بىخەتەرلىك كاپالەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر ئەنسىرەپ، بانكىلاردىن پۇللىرىنى ئېلىپ كەتتى، نەتىجىدە ئامېرىكىدىكى بانكىلار ئېغىر كۈنگە قالدى. ئەگەر كىشىلەرنىڭ بانكىلارغا بولغان ئىشەنچىسى ئېشىپ، پۇلنى ئېلىپ كەتمىسە ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ تەسىرى كىچىكلەپ كىتىدۇ، دۆلىتىمىزدە بولسا كىشىلەر ھۆكۈمەتكە ئىشەنگەنلىكتىن بانكىدىكى پۇللارنى ئېلىپ كىتىش تۈگۈل بانكىغا ئامانەت قويغان پۇل ئۆزلۈكسىز ئېشىپ كىتىۋاتىدۇ. سىتاتىسكىلارغا ئاساسلانغاندا بانكىلاردىكى پۇل 2 تىرىلىيونغا ساپ كۆپەيگەن. بۇ دۇنيادىكى بانكىلاردىن چىقىۋاتقان پۇللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ بىر مۆجىزە دەپ قاراشقا بۇلىدۇ. ھازىر دۆلىتىمىزدىكى بانكىلاردا يىتەرلىك پۇل بار. دىمەك دۆلىتىمىز ئېقتىسادىي كىرزىسقا ئۇچراش تەسىرى بىز ئويلىغاندىكىدەك ئۇنداق يۇقىرى بولماسلىقى مۇمكىن. مېنىڭ كۆز قارىشىمدا دۆلىتىمىز بۇ قېتىمقى ئېقتىسادىي كىرزىستىن ئەڭ ئالدىدا قۇتۇلۇپ كېتىدۇ. ھەم دۇنيا ئېقتىسادىي كىرزىستىن قۇتۇلۇشتا دۆلىتىمىزنىڭ تۆھپىسى ئەڭ زور بۇلىدۇ، ھازىر دۆلىتىمىز بۇ ئېقتىسادىي كىرزىستىن ئاللىقاچان چىقىپ بولدى دەپ قارايمەن.
رىياسەتچى: ئۇنداق بولسا ئادىلجان ئاكا، سىزدىن سۇراپ باقسام، ئۆي باھاسى قايسى ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك؟
ئادىل مۇئەللىم: چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، تەمىنلەش ئىھتىياج مۇناسىۋىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تەمىنلەش دىگىنىمىز ئۆينىڭ سېلىنىش مىقدارى دىگەندەك، ئىھتىياج مىقدارى دىگىنىمىز بىزنىڭ كىرىم سەۋىيىرىمىز دىگەندەك ئەھۋاللار. ئەگەر بىزنىڭ كىرىمىمىز ئاشسا ئۆيگە بولغان ئىھتىياجىمىز ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقە بەزى قانۇنىيەتلەرمۇ بولىدۇ. مەسلەن: پايچىك بازىرى، ئۆي مۈلۈك بازىرى بىر قاتار ئالاھىدە بازار. بۇ بازارنىڭ ئالاھىدىلىكى نېمە دىسە، كىشىلەر ئادەتتە نەرسىلەرنى چۈشكەنسىرى كۆپ ئالمايدۇ، بەلكى ئۆرلىگەنسىرى كۆپ ئالىدۇ. بۇ بىرخىل ھالەت. دىمەك ئەگىشىش ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ. مەسلەن، ھازىر ھەممە ئادەمگە كەلگۈسىگە ناھايىتى ئۈمۈدلەنسە، ئۆينىڭ باھاسى داۋاملىق ئۆرلەيدۇ دىسە، كىشىلەر ئۆيگە كۆپ مەبلەغ سېلىشى مۇمكىن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ئۆينى مۇقۇم ھالدىكى ئىستىمال بۈلۈمىدىن ئۇنى بەبلەغ سېلىش ۋاستىسىغا ئايلاندۇرۋېلىشى مۇمكىن. ئۆينىڭ باھاسى تۈۋەنلىدى دىسە ھازىرقى باھادا ئېلىپ، كەلگۈسىدە 5-10 يىل ئۆتكەندە، 50% ھەتتا 100% ئۆرلىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئۆرلەشكە ئەگەر كۆزى يەتسە، ئۇلار قانداق قىلىدۇ دىسە، ئۇلار ھازىرقى تۈۋەن باھادا ئېلىۋالىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا بىر يۈرۈش ئۆي بولسىلا بولىدۇ. لىكىن نۇرغۇن ئادەم ئۇنداق قىلمايدۇ. سەۋەبى نېمە دىسە، ئۆي نۇقۇل ئىستىمالى بۇيۇمىدىن مەبلەغ سالىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەگەر مۇشۇ خىل ھالەتتە بولۇپ قالسا، ئۆينىڭ باھاسى نېمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك دىسە، ئۆينىڭ باھاسى كەلگۈسىدىكى ئۆينىڭ باھاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. چۈنكى ھازىرقى ئۆينى سېتىۋالىدىغانلار كۆپىيىدۇ دە، ئۆينىڭ باھاسى ئۆزلۈكسىز يۇقۇرلاپ كىتىدۇ. ئەگەر كىشىلەر كەلگۈسىدە ئيىنىڭ باھاسى تۈۋەنلەپ كىتىدۇ دىسە، ئۇنداقتا كىشىلەر ئۆي سېتىۋېلىشنى ئازايىتىشى مۇمكىن. ئۇ ۋاقىتتا ئۆينىڭ باھاسى تۈۋەنلەپ كىتىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئەھۋاللار بازارلاردا ھايانكەس سودا ئەھۋاللىرىمۇ بولىدۇ. مەسلەن بىرقىسىم كىشىلەردە ناھايىتى كۆپ پۇل بولغاچقا بازارنى كونتىرول قىلىۋالىدۇ. ئۇلار بازارنى كونتىرول قىلىپ ئۆينىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىۋىتىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر مۇشۇ پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ نەتىجىسىدە، ناھايىتى كۆپ پۇلى بار كىشىلەرمۇ ئازلاپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆينىڭ باھاسىنىمۇ ھايانكەش سودا قىلىپ، ناھايىتى يۇقۇرى باھادا قولدىن-قولغا ئۆتكۈزۈپ ساتىدىغان سانى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەچكە، ئۆينىڭ باھاسىمۇ ئۆرلىشى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆي باھاسىنىڭ تەسىرگە ئۇچراش ئامىللار دىگەندە چوڭ جەھەتتىن ئېيىتقاندا، بايا دەپ ئۆتكەندەك بىزنىڭ كۈندىلىك سەۋىيەرىمىز، بىزنىڭ ئىھتىياج مەسلىمىز، ئاندىن ئۆينىڭ تەمىنلىنىش مىقدارى، ئۆينىڭ سېلىنىش مىقدارى، ئاندىن ھۈكۈمەتنىڭ يەر تەمىنلەش ئەھۋالى ئۇنىڭدىن كىيىن ھۈكۈمەتنىڭ ھەرخىل سىياسەت ئەھۋالى مەسلەن: باج سىياسىتى دىگەندەك. ئاندىن بانكىنىڭ ئۈسۈملىرى، ئۈسۈم نىسبىتىنىڭ تەڭشىلىشى بىزنىڭ قەرز قايتۇرۇشىمىزغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۆينىڭ ئىھتىياجى بولسۇن ياكى ئۆينىڭ باھاسى بولسۇن بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا ئۆينىڭ باھاسىنى كونكىرىت نوقتىدىن كونكىرت تەھلىل قىلىشى كىرەك. ئەمدى مىنىڭ يازغان بىر پارچە ماقالەم بار. بۇ ماقالەمدە، مىنىڭ تەكىتلىگىنىم نېمە دىسە، ھازىرقى ئۆينىڭ باھاسى كەلگۈسىدىكى ئۆينىڭ باھاسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ دىگەن بىر خۇلاسە چىقىدۇ.
رىياسەتچى: ئۇنداقتا ئادىل ئاكا، سىزدىن مۇشۇ پۇل-مۇئامىلە توغرىسىدا بىرقانچە مەسلىلەرنى سۇراپ ئۆتكەن بولسام، نىفىتنىڭ باھاسىدا بىر يىل ئىچىدە 100دوللاردىن ئارتۇق باھا پەرقىنىڭ بۇلۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى نېمە؟
ئادىل مۇئەللىم: ئەمدى بۇخىل سەۋەبلەرنى ھەرخىل چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، يېقىندىن بېرى ئامرىكىدىكى ئىقتىسادىي كىرزىسىت ھەممەيلەنگە تەسىر كۆرسەتتى. مۇنداقچە ئېيىتقاندا يەرشارى 50 يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادنىڭ چىكىنىش ھالىتىنى باشتىن كەچۈردى. ئىلگىرىكى ئىقتىسادلار مۇسبەت ھالەتتە ئاشقان. يەنى 2008 يىلى دۇنيا ئىقتىسادى بىردىن-بىر مەنپى ئاشقان كۈن. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كىشىلەر كىرىم سەۋىيەسىنىڭ ئاستىلاپ كىتىشى،نىفىتقا بولغان ئىقتىساد چىكىندى دىگەن گەپ. بۇنىڭ ئىقتىسدى چىكىنگەندىن كىيىن نىفىتقا بولغان ئىھتىياج نىسپى ئازىيىدۇ. ئىھتىياج ئازايسى نىفىتنىڭ باھاسىمۇ چۈشۈشى مۇمكىن. بۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چىكىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. نىفىتنىڭ باھاسىنىڭ ئۈسۈشىگە يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئەينى ۋاقىتتا 90 نەچچىنجى يىللاردىكى 8 دوللاردىن 2008 يىلى 5- ئايدىكى 147 دوللارغا ئۆرلىگەن مۇشۇ قىسقا بىرنەچچە يىل ئىچىدە. بۇنداق ئۆرلەپ كىتىش يەنە بىر جەھەتتىن ۋولسېرت كۇچىسىدىكى بىرنەچچە مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەرنىڭ ھايانكەش سودىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئىقتىسادىي كىرزىست يۈز بەرگەندىن كىيىن بۇ ھايانكەش چوڭ تىپتىكى مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەر ئالدى بىلەن ۋەيران بولدى. شۇنداق بولغاچقا بۇ خىل قولدىن-قولغا ئېلىپ ساتىدىغان ھايانكەش سودا ئازىيىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، نىفىتنىڭ باھاسى ئەسلىدىكى قىممەتكە قايتىپ كەلدى. ئەمدى بىزنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىرىمىز ئۇمۇميۈزلۈك قاراۋاتىدۇ، نىفىتنىڭ 30 دوللاردىن 40 دوللارغىچە بولغان ئارلىق نىفىتنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىشى مۇمكىن. ئالدىنقى يىللىرىدىكى 140 دوللارلىق ھالەت ئەمەلىيەتتە مۇشۇ ھايانكەش سودىدىن بولغان، ھەرگىزمۇ ئەسلىدىكى نىفىتكە بولغان ئىھتىياجدىن ئەمەس دەپ قاراۋاتىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىرقى كۈپۈكسىمان ئىقتىسادنىڭ ۋەيران بولۇش نەتىجىسىدە، نىفىت سودىسىدىكى كۈپۈكسىمان ھالەت ئۆزلىكىدىن يوقۇلۇپ كەتتى. شۇڭا بۇ قىممەتنىڭ ئەسلىگە قايتىشى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئابدۇۋەلى مۇئەللىم: مىنىڭ بۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىم، نىفىت باھاسىدا ئاساسلىقى ئامرىكىدىكى چوڭ مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى قەرەللىك مال سودىسىدا نەچچە ئاي نەچچە يىل بۇرۇن سېتىۋالىدۇ. تېخى ئىشلەپ چىقىرىلمىغان خام نىفىتنى نەچچە ئاي نەچچە يىل بۇرۇن سېتىۋالغاچقا، مۇشۇ ھايانكەش سودىگەرلەرمۇ باھاسىنى بەلگىلىۋالىدۇ. ئەسلى بازار قانۇنىيىتى بۇيىچە ئېيىتقاندا ھەرقانداق تاۋارنىڭ باھاسى 05:57 بۇيىچە بەلگىلىنىدۇ. ئۇنى قانچە كۆپ سېتىۋالسا باھاسى ئۈسىدۇ، قانچە كۆپ سېتىۋالمىسا باھاسى شۇنچە چۈشىدۇ ئەمەسمۇ، 06:04 تەمىنلەيدۇ. لىكىن بۇ يەردە ھازىرقى نىفىت باھاسىدا ئىھتىياج تەلەپتىن ئايرىلغان ھالدا ھازىرقى چوڭ نىفىت شىركەتلىرىنىڭ بۇلۇپمۇ ئامرېكىدىكى، ياۋرۇپادىكى، مال ساتقۇچى چوڭ نىفىت شىركەتلىرى بۇنى قەرەللىك مال سودىسىدا نۇرغۇن نىفىت دۆلەتلەرنىڭ نىفىتللىرىنى نەچچە يىل نەچچە ئاي ئالدىن سېتىۋالغان. دىمەك ئەگەر ئاشۇلار مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتمەكچى بولسا، نىفىت ئىشلەيدىغان دۆلەتنى ۋەيران قىلىش سىياسىتى بولۇپ قالسا، دەرھاللا پۈتۈن نىفىتنى بازارغا سېلىپلا باھاسىنى چۈشۈرۋىتىشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا قولىدا بار نىفىتنى بازارغا سالمىسا. باھاسى ئۈسۈپ كىتىشى مۇمكىن. يەنە بۇ يەردە تەلەپ بىلەن تەمىنلەشدىن باشقا نىفىتنىڭ باھاسى مۇشۇ خەلىقئارا بازاردىكى قەرەللىك مال سودىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ قالىدۇ. يەنى بونى بىرقانچە چوڭ شىركەتلەر بەلگىلىۋالىدۇ. مەن مۇشۇنداق قارايمەن.
رىياسەتچى: ئابدۇۋەلى ئاكا، سىزدىن سۇراپ باقسام، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى كىرزىس مەزگىلىدە ئۆز قۇلىدىكى مەبلەغنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە باشقۇرىشى كىرەك؟ مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بىرىپ ئۆتەمسىز؟
ئابدۇۋەلى مۇئەللىم: بولىدۇ. بىزدە مۇنداق گەپ بار، ”پۇلنىڭ بىر ئۇچى يۈرەكتە، بىر ئۇچى بىلەكتە“ ھەممە ئادەم پۇل دىگەننى جاپالىق ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق، كاللا ئىشلىتىش ئارقىلىق، كىچە-كۈندۈز شۇنىڭ كويىدا بولۇپ تاپىدۇ. ئەمدى بىز بۇ يەردە تورداشلارغا ھەرگىز پۇلۇڭنى ئۇنىڭغا سال، بۇنىڭغا سال دىمەيمىز. ئۈزىمىزنىڭ چۈشەنچىسىنى سۆزلەپ باقىمىز. بىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىمىزنىڭ بىرسى ھەرگىزمۇ قەرىز ئېلىپ پايچىك سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ. پايچىك بازىرى بىرخىل تەۋەككۈلچىلىك بازىرى. باھاسى ئۆسۈپ كەتسە باي بولۇپ كىتىشىڭىز مۇمكىن، بۇ سىزنىڭ تەلىيىڭىز. چۈشۈپ كەتسىچۇ؟ بۇنى قانداق قايتۇرسىز؟ مەسلەن: بۇ قېتىم ئىقتىسادى كىرزىس يۈز بەرگەندە ئامېرىكىدىكى، رۇسىيەدىكى، ياۋرۇپادىكى نۇرغۇنلىغان بايلارنىڭ نەچچە مىلياردتىن پۇلى بىر ئاخشامدىلا يۇقۇلۇپ كەتتى، كۈپۈككە ئايلاندى. ئەمدى ھېچنىمىسى يوق. نۇرغۇنلىرى ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۋالدى، بىنادىن سەكرىۋالدى. بۇ نېمە دىگەندە نۇرغۇنلىرى ئۆزىنىڭ مەبلىغىنى پايچىك بازىرىغا ناھايىتى چوڭ مەبلەغ سېلىۋەتكەن. بۇرۇن شۇلار كۆپ پايدا ئالغان. ئۇلارنى گىزىت-ژۇرناللاردا پايچىك ئىلاھى دەپ ماختاپ كۆككە كۈتۈرۋاتقان. دىمەك بۇ يەردە تەكىتلەيدىغىنىمىز، ھەرقانداق ئادەم جاپالىق تاپقان پۇلىنى بىرسى، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش، بالىلىرىنى ئۇقۇتۇشقا، خاتىرجەم ياشاشقا، داۋالىنىشقا ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئېشىپ قالغان بىرقىسىم پۇل بولسا، ئەڭ بىخەتەر بانكا. لىكىن بانكىنىڭ ئۈسۈمى بەك تۈۋەن. ئەمما بانكا بەك بىخەتەر. بانكىنىڭ ئۈسۈمى تۈۋەن بولغانلىقى بىلەن پۇل قاچان لازىم بولسا شۇ چاغدىلا ئالالايسىز. شۇڭا بىز نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيىتقاندا، پۇلنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم پۇلنى بانكىدا قۇيۇپ قۇيۇش دەپ قارايمىز. يەنە پۇل بولسا ئۈچتىن بىر قىسىمىنى مۇقىم مۈلۈك، مەسلەن: ئۆي سېتىۋېلىش، دۇكان سېتىۋېلىش، ئالتۇن سېتىۋېلىش، يەر سېتۋېلىش دىگەندەك جايلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئاندن قالغان ئۈچتىن بىر قىسىمىنى ھەرخىل پايچىكلەرگە مەبلەغ سېلىشكە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. لىكىن تەكىتلەيدىغىنىمىز بايا ئېيىتقاندەك نۇرغۇن قەرىز ئېلىپ پايچىك سېتىۋېلىشقا، نۇرغۇن قەرىز ئېىلپ فوند سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ. يەنە تەكىتلەپ قۇيىدىغىنىمىز زايۇم. بۇنىڭمۇ ۋاقتى 1يىللىق، 2يىللىق، ئۇزۇن يىللىق دەپ بولىدۇ. لىكىن ئۇنىڭ ئۈسۈمى يۇقۇرىراق بولىدۇ. شۇڭا ھازىر جۇڭگۇدا ئوتتۇرا قاتلامدىكى، زىيالىيلار، بايلارنىڭ كۆپ قىسىمى زايۇم سېتىۋالىدۇ. زايۇمنىڭ ئۈسۈمى بانكىدىن يۇقۇرى. بانكىنىڭ ئۈسۈمى تۈۋەن بولغىنى بىلەن قاچان لازىم بولسا ئالالايسىز. لىكىن زايۇمنىڭ ۋاقتى ئۇزۇنراق، نەچچە يىل بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بىرقىسىمىنى بانكىدا قۇيۇش، زايۇم سېتىۋېلىش. يەنە بىر قىسىمىنى بازارلارغا، پايچىكلارغا ئۇرۇنلاشتۇرساق ئىلمى بولىدۇ. بۇ يەردە نېمە دىسە، بىر ئائىلىدە بالىلار بولىدۇ، ئەر بولسا ئايال بولىدۇ، ئايال بولسا ئەر بولىدۇ. قارشى تەرەپنىڭمۇ ياشاش يۇلىنى ئويلاپ قۇيۇشى كىرەك. شۇڭا پۈتۈنلەي بايلىقىڭىزننى يۇقۇتۇپ، خانە-ۋايران بولۇپ كەتسىڭىز ئايالىڭىزنىڭ تۇرمۇشىغا، بالىلارنىڭ ئۈگۈنىشىگە، خاتىرجەملىكىگە تەسىر يىتىدۇ. دىمەك ھەر-بىر جاپالىق ئەمگىكى بىلەن پۇل تاپقان ئادەم بىرسى ئۆزىنىڭ پۇلى ئۈستىدە ئويلانغاندا ناھايىتى كۆپ كىتاپ ئۇقۇش كىرەك، كۈندىلىك گىزىتلەرنى ئۇقۇشى كىرەك.
بۇلۇپمۇ پاي سېتىۋالغاندا ئۈزىر سېتىۋالغان پايچىكتىكى شىركەتلەرنىڭ قانداق خاراكتېردىكى شىركەت، نېمە ئىشلەپ چىقىرىدۇ، قانچىلىك مەبلىغى بار بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەك. بولسا كۆپلەپ تورغا چىقىش ئارقىلىق توردىكى ئۇچۇرلارنى كۈرۈش كىرەك. گىزىتلەرنى كۈرۈش كىرەك، بىزنىڭ ئۇيغۇرتىلىمىزدىكى بەزى ئۇچۇرلار تازا كۆپ دىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا يەنىمۇ كۆپلەپ خەنزۇچە ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ كۈرۈش كىرەك. خەنزۇ يولداشلار بىلەن، پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى خەنزۇ مۇتەخخەسسىلەر ياكى مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى مەسلىھەتچىلەر بىلەن مەبلەغ سۇراش كىرەك. مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىلگىنى، ئۇقۇغىنى كۆپ بولغاندا، ئۈزى سالغان تۈرگە ئىشەنچىسى بولغاندا مەبلەغ سېلىش كىرەك دەپ ئويلايمەن.
رىياسەتچى: ئۇنداق بولسا ئادىلكا، سىزمۇ بۇ ھەقتە چۈشەنچىڭىزنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۈتەمسىز؟
ئادىل مۇئەللىم: ئىقتىسادىي كىرزىستە ئۇنىڭ ئىقتىسادقا نۇرغۇنلىغان پاسسىپ تەسىرلىرى بار. نۇرغۇن كىشىلەر بىنادىن سەكرىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى، نۇرغۇنلىغان ئادەملەر تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، ئەمدى بۇنىڭ بەزى ئاكتىپ تەسىرلىرىمۇ بولىدۇ. پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ نەتىجىسىدە ئىقتىسادتا قۇرۇلما جەھەتتىكى ياخشىلىنىش بارلىققا كىلىدۇ. مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ئىقتىسادى كىرزىسقا ئۆزىمىزنىڭ چىقىش نوقتىسىدىن قارىغاندا، مۇنداق بىر قىسىم نەرسىلەرگە دىققەت قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. مەن ھازىر ئېيىتقاندەك ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىسادى كىرزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن بىكىم قۇرۇلمىمىزنى تەڭشىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ. چۈنكى، ئىقتىسادى قۇرۇلما ئۆزگەردى دىگەن گەپ – كەسىپ قۇرۇلمىسى ئۆزگەردى، كارخانىلارنىڭ ئادەملەرگە قۇيۇلىدىغان تەلىپى ئۆزگەردى دىگەن گەپ. شۇنداق بولغۈانلىقى ئۈچۈن كەلگۈسى تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئادەم كۈچى بايلىقىغا كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئۇنۋېرسال رىقابەت كۈچىمىزنى ئاشۇردىغان تۈرلەرگە، مەسلەن: تىل ئۈگۈنۈش، كومپىيۇتېر ئۈگۈنۈش، باشقا ھەرخىل تۈرلەردىكى تېخنىكا جەھەتتىكى تەربىيەلەش تۈرلىرىگە كۆپرەك مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئۈزىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادى كىرزىس ئۈتۈپ كەتكەندىن كىيىنكى پەيدا بولۇدىغان يېڭى ئىقتىسادقا تىز سۈرئەتتە ماسلىشالايدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلىشىمىز كىرەك. بۇ نوقتا ناھايىتى مۇھىم. ئىككىنجى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى نېمە دىگەن ۋاقىتتا، چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا قۇشۇۋالىدىغان ياخشى پۇرسەت. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئىقتىسادى كىرزىس يۈز بەرگەندە گەرچە پۇلى بارلار ئىقتىسادى كىرزىسقا بەكرەك ئۇچرىغۇچى بولسىمۇ يەنىلا ئۇلار ئەڭ زور نەپكىمۇ ئىرىشەلەيدۇ. مەسلەن: مۇشۇ ۋاقىتتا قۇشۇۋالىدىغان بەزى شىركەتلەر بىلەن ئۆز-ئارا قۇشۇلىدىغان، ئۆز-ئارا بىرلىشىپ كىتىدىغان پۇرسەتلەرنى كىڭەيتىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر كارخانچىلىرىغا دەيدىغان سۈزۈم نېمە دىسە، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كارخانىلار ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ كارخانا گوروھلىرىنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئۆز-ئارا ئىچكى رىقابەتنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادى كىرزىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرالايدىغان بىر مۇھىتنى پەيدا قىلىلىسا دىگەن ئارزۇدا. ئەمدى پۇلى بارلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بايام ئېيىتقاندەك قايسى تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش دىگەندەك، ھەركىم ئۆز ئىھتىياجىغا ئاساسەن مەبلەغ سېلىش كىرەك. مەسلەن: بىرىنجىدىن، ئۈزىنىڭ خەۋىپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى يەنى پۇلنى ئۇتتۇرۋەتكەندە ياكى يۇقۇتۇپ قويسا، ھەرقانداق مەبلەغ سېلىش تۈرىدە چۇقۇم خېيىم-خەتەر بار، چۇقۇم زىيان تارتىش ئىھتىمالى بار. ئەگەر زىيان كۆرۈلسە مەن ئۇنىڭغا قانچىلىك تاقابىل تۇرىمەن، دىمەك مۇشۇ زىيانغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئاساسەن ھەم ئۆزىنىڭ ئۇمۇمى كىرىمىغا ئاساسەن مۇۋاپىق تۈرلەرنى تاللاپ قىلسا بولىدۇ. ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا، مۇشۇ خىل ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ نەتىجىسىدە، پايچىك دەيمىز، ئۆي-مۈلۈك دەيمىز ئۇلار نىسبەتەن تۈۋەن ھالەتكە چۈشتى. گەرچە بىز يەنە بىرخىل ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتسەكمۇ، ئۇنىڭ بىزگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا يەنە بىرخىل پۇرسەت بىلەنمۇ تەمىن ئىتىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، بىزنى نۇرغۇنلىغان مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مەنبە: ئۇيغۇر كارخانىچىلار كۇلۇبى