ھەقىقەت ئىسلام دىنى ۋە ئىلىم پەن – ئىليار غالىپ

«ئېيتقىنكى،بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ ؟ پەقەت (ساغلام)ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ »
———سۈرە«زۇمەر»9-ئايەت
ئەقىل ئىگىلىرى—- كۆزى كور ، قولىقى گاس،تىلى گاچا ، دىلى سۇنۇق ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ،ئۇلار ھەقىقەتنى كۆرىدۇ ، ھەقنى ئاڭلايدۇ،ھەقنى سۆزلەيدۇ،دىلى ھەقىقەت نۇرلىرى بىلەن نۇرلىنىپ،ئاللاھ ياراتقان قەلبىنى نۇر بىلەن بېزەپ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كېتىدۇ
دېيىشكە بولمايدىغان مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى(ۋەتەندە بولغانلىقىم ئۈچۈن قەلىمىمنى تەۋرىتىشتىن ئېھتىيات قىلدىم)سۆزۈم قىسقاردى . بىز ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئىسلام دىنى بىلەن ئىلىم-پەن ئوتتۇرىسىدا ھاڭ شەكىللەندى،ھالبۇكى ئىسلام ئەللىرىدە ئىلىم-پەن بىلەن دىن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن. ۋەتەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسلىكلىرىگە كۇفىر ، غەيرىلىكلەر كىرگۈزۈلۈپ دىن بىلەن قارشىلاشقان ئىدىيىلەر سىڭىشقا باشلىدى(مەسلەن، ئادەم مايمۇندىن تەرەققى قىلغان ،…دېگەندەك).بۇنداق ھېچبىر ماس كەلمەيدىغان ،ئاساسى يوق ئىدىيىلەر مەلۇم
چەكلىمىلىكلەر تۈپەيلىدىن ياش غۇنچىلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسىنى بۇلغىماقتا
ئىسلام دىنى ئىلىم-مەرىپەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ ،كىشىلەرنى ئىلىم ئۆگۈنۈشكە ئۈندەيدۇ . قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدە ئىلىم سۆزى 721 جايدا تىلغا ئېلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن ئەڭ دەسلەپكى ۋەھى «ئوقۇغىن»قايتا-قايتا ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋەھىيدىكى ئوقۇشقا دەۋەت قىلىنىش ئىلىم-مەرىپەتنى قەدىرلەشنىڭ ئەڭ يۈكسەك نامايەندىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ
ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئىلىمسىزلەردىن پەرىقلىنىدىغانلىقى مونۇ ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان «ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىمگە بېرىلگەنلەرنى بىرقانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ »(58-سۈرە«مۇجادەلە»11-ئايەت).
ھەقىقى يۇلتۇزكەبى ئالىملار ئىسلام بىلەن ئىلىمنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغانلاردۇر.دىلىدا ئىمانى يوق ئالىملار ھەقىقى ھاماقەتلەردۇر،ئۇلار ئاللاھ ياراتقان زىمىندا ۋاقىتلىق ياشايدۇ ، ئاللاھ ئاتا قىلغان تەپەككۇر ، ئەقىللەردىن پايدىلىنىپ ئاللاھنىڭ مەدىتى ئاستىدا ، مۇكەممەل يارىتىلغان كائىناتنىڭ قىسمەن قانۇنىيەتلىرىنى ، بىىملىرىنى ،…بايقايدۇ ، خالاس.ئۇلار ئەقىلدىن پايدىلىنىپ بايقىغۇچىلار.ھەرگەز ئۆزىچە بىرەر قانۇنىيەتنى بەرپا قىلغۇچىلاردىن ئەمەس ،ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايدۇ.ئۇلاردىن قانۇنىيەتنىڭ ماھىيىتىنى تەلەپ قىلىشسا بېزىرىپ تۇرىشىدۇر… ھالبۇكى
ھەقىقەت نۇرىنىڭ مەنبەسى بولغان قۇرئان كەرىم ھازىرغا ۋە كەلگۈسىگە جاۋاپ بېرەلەيدۇ
ئىنسانلار ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەقىل ۋە يەريۈزىدىكى ، تەبىئەتتىكى ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ ھەرخىل نەرسىلەرنى ياسىدى ، ئالەم ئايرۇپىلانلىرىنى ياساپ، ئالەمگە سەيىر قىلدى،ئاللاھ ياراتقان تەبىئەتتىن ئىلھام ئېلىپ ئۆزىگە قولاي ئېلىپ كېلىدىغان ئۈسكىنىلەرنى ياسىدى، ھەممىسى ئاللاھ ياراتقان تەبىئەتتىن كەلگەن ئىلھام ھەم ئاللاھنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئەمىللەشتى ، خالاس.شۇنداق تۇرۇقلۇق ئىمانى يوقلار ياسىغانلىرىنىڭ تېگىگە يەتمەي ئاللاھنىڭ زىمىنىدا غادىيۋېلىشتى ،تۇزكورلۇق قىلىشتى
ئالەملەرنى ياراتقان بىر ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىنى ، ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەقىل-ئىدراك،ئاللاھنىڭ مەدىتى بىلەن بايقاپ ، تەپەككۇر يۈرگۈزۈش جەريانىنىڭ جۇغلانمىسى ئىلىم-پەن دەپ ئاتىلىدۇ . ھەممىنى بىز گە ياراتقۇچى ئاللاھ ئاتا قىلغان.ھازىر ۋەتەندىكى قىسمەن ئۇيغۇرلىرىمىزدا ھەق دىن ئىسلام دىنى بىلەن ئىلىم-پەننى بىرلەشتۈرەلمەسلىك ئېغىر،ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى مەلۇم چەكلىمىلىكلەر تۈپەيلى بۇلغىنىپ كەتتى ، ئۇلار تېڭىرقاپ ، بولمىغۇر خىياللارنى قىلىپ ئىمانى سۇسلاشماقتا. ئۇلار بۇ پەن تېخنىكىنىڭ قۇدىرىتى ، بۇنى ئىنسانلار قىلغان، …دېگەندەك غەيرى خىياللار ئىلكىدە ئىماندىن ئاجىراپ كەتمەكتە.ئەسلى ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا ئاللاھ دۇنيانى ۋە بىزنى ياراتقان،بىزگە ئەقىل بېرىش ھەم شۇنداقلا دۇنيانى سىرلىق ، غايەت زور ئىلىملەر بىلەن بېزەپ يارىتىپ،بىزگە دىلىمىزنى يۇرۇتقۇچى ، سىرلارنىڭ يەشكۈچىسى بولغان قۇرئاننى ھەدىيە قىلدى. بۇ ھەدىيىگە چەكسىز شۈكىرىلەر بولسۇنكى ، ئاللاھدىن بىر ئومۈر شۈكۈرقىلىشقا نىسىپ قىلىشىنى تىلەيمەن
تېڭىرقاش ئىچىدە يۈرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ، ئىلىم-پەن بىلەن ئىسلام دىنىنى بىرگەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ،سىرلىق ئىلىملەرنى ھەقىقەت ئايەتلىرىدىن ئىزدەپ ،جاۋاپ تېپىلمىغان سىرلارنى ئاللاھنىڭ بايانلىرى ئاستىدا يېشىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسلامى بىلىملەرنى مۇكەممەل ، پىششىق ئۆگنشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ،ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھنىڭ چەكلىك ، ئەمما بىزگە نىسبەتەن چەكسىز بولغان بىلىملىرىنى ئۆگىنىشگە ھەم شۇنداقلا باشقىلارغا ئۆگىتىشىگە ، مىللىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە، مىللىتىنى دۇنياغا تونۇتىشىغا تىلەكداشمەن