You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئۇيغۇرۇمنىڭ گۈلتاجىلىرىغا ئوچۇق خەت – ۋەتەندىكى ئىز باسار تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى

ئۇيغۇرۇمنىڭ گۈلتاجىلىرىغا ئوچۇق خەت – ۋەتەندىكى ئىز باسار تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

  ئۇيغۇرلارئۈچۈن يۈرەك قانلىرىنى ئېقىتىپ، بىلىم بۇلاقلىرىنى قېزىپ بىزگە ئابى زەمزەم سۇنۇۋاتقان، شام كەبى بىز ئۈچۈن ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ، دىلىمىزنى يۇرۇتىۋاتقان، پايانسىز ئوكياندىكى تېڭىرقاپ كېتىۋاتقان بىزدەك كېمىلەرگە نۇرلۇق ماياك بولۇپ يول كۆرسىتىۋاتقان …… ۋەتەن سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئالىملار،دوكتۇرلار،… دېڭىزدىن بىلىم مارجىنى ئىزدەپ كېتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار …ۋەتەن ئىچىدىكى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام !

  قوش تىل مائارىپى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بىز ئەڭ ئاخىرقى 2-قارار ئۇيغۇر تىلىدا دەرىس ئۆتىلىدىغان ۋە ئۇيغۇرتىلىدا دەرىس ئاڭلايدىغان، ئۇيغۇرتىلىدىكى ئاتالغۇلارنى تۇلۇق چۈشىنىدىغان ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزىدىغان، شۇنداقلا ساپ ھالدا ساقلاپ قالىدىغان ئەۋلادىڭلارمىز.

  21-ئەسىر ئۇچۇر دەۋرىدە ، بىز ئەۋلادلىرىڭلارنى ھەرقايسى ساھەدىكى ئالىم، دوكتۇر… ماگىستىر، ئاسپىرانتلارنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىسلىكىنى ئاساس قىلىپ، دەرىسلىك مەزمۇنىنى كېڭەيتكەن، يىغىنچاقلىغان ئاساستا ئانا تىل بويىچە ئۆتۈپ، سىن ( ۋىدىئو) دەرىسلىك تۈزۈپ بىزنى تەمىنلىشىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز، شۇنداقلا كەمتەرلىك بىلەن تەلەپ قىلىمىز. ھەرقايسى ساھەدىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئۆز ساھەسىدىكى يېڭىلىقلارنى، مول بىلىملەرنى ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىسلىكىنى سىن كۆرۈنۈش شەكلىدە ئىشلەپ بىزگە سۇنۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز.

  سىلەرنىڭ ۋاقتىڭلارنىڭ قانچىلىك جىددى ئۆتىدىغانلىقى، ۋاقتىڭلارنىڭ ناھايىتى قىس ئىكەنلىكى بىزگە مەلۇم، بىراق ئەۋلادلار ئانا تىل بويىچە، ساپ پەننى ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىپ بىلىمگە ئېرىشىشى ھەم شۇنداقلا سىلەرنىڭ ئىزىڭلارنى بېسىپ ئۇيغۇر مىللىتىنى جاھان ئەھلىگە تونۇتۇشى كېرەك. بۇ بىزنىڭ يۈكسەك مەجبۇريىتىمىز، سىلەرنىڭ يۈكسەك مەسئۇليىتىڭلار. بىز ئاناتىلدا سۆزلەنگەن سىنلىق (ۋىدىئو) دەرىسلەر ئارقىلىق يۈزەكى بولغان بىلىمىمىزنى تۇلۇقلاپ، بىلىم قۇرۇلمىمىزنى سېستىمىلىق ھالدا تۈزۈپ چىقالايمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىلىملەرنى يىغىنچاقلاپ، ئۆگۈنۈش ئۈنىمىمىزنىمۇ پەۋقۇلاددە يۇقىرى كۆتۈرەلەيمىز، نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا تەپەككۇرىمىز ئېچىلىدۇ، ھەمدە ئىلىم – پەنگە بولغان سۆيگۈمىز سىلەردەك ئۇستازلارنىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ …

  سىلەر بىز ئۈچۈن قان-تەر ئاققۇزۇپ، بىزنى مول بىلىملەر بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىسىلەر، ھەرخىل تىلدىكى بىلىملەرنى ئانا تىلغا تەرجىمە قىلىپ بىزگە سۇنىۋاتىسىلەر، بىزنىڭ دىلىمىزنى يۇرىتىۋاتىسىلەر، بىزگە يول كۆرسىتىۋاتىسىلەر… بىز بۇنىڭدىن قەۋەتلا سۆيۈندۇق ۋە سىلەرنى چەكسىز ئىپتىخارلىق، پەخىرلىنىش ئىلىكىدە ئەسلىدۇق… ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان سىلەردىن بىز، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىتى رازى… بىز يەنە قانائەت قىلمىدۇق، چۈنكى بىلىمگە كەلگەندە قانچە ئاچكۆز بولسا، شۇنچە كۆپ بىلىمگە ئېرىشكىلى، شۇنچە يۈكسەلگىلى، تەرەققى قىلغىلى بولىدۇ…  

  سىنلىق دەرىسلىكلەر توردا ئىنتايىن كۆپ، ئاساسلىقى ئېنگىلىزچە (خەنزۇچە،روسچە،گىرمانچە…) ئۇيغۇرتىلىدا سۆزلەنگەن ۋىدىئولۇق دەرىسلىكلەر ئاساسەن يوق دېيەرلىك. بۇ ئۇيغۇر ئىلىم – پەن ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ بوشلۇق… بۇ بوشلۇق تولدۇرۇلىشى ھەم داۋاملىشىشى كېرەك. بىز سىلەرنىڭ ئىزىڭلارنى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بار كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز. سىلەرنىڭ ھەم مىللىتىمىزنىڭ كۈتكەن ئۈمۈدىنى ئاقلايمىز، ئاللاھ خالىسا سىلەرگە لايىقىدا جاۋاب قايتۇرىمىز… چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇش، سىلەرنىڭ ئىزىڭلارنى بېسىش، ئاللاھ خالىسا مەڭگۈ ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن …دەپ ئالغا ئىنتىلىش بىزنىڭ ئارزۇيىمىز ۋە يۈكسەك غايىمىز جىمى نۇقساندىن پاك، ھەممىگە قادىر بىرلا ئاللاھدىن تىنىڭلارنىڭ ساق – سالامەت، ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق، ئىككى دۇنيالىقىڭلارنىڭ خەيرىلىك، ئۆمرۈڭلارنىڭ ئۇزۇن، باسقان ھەربىر قەدىمىڭلارنىڭ ئىز قالدۇرۇشىنى تىلەپ …

ۋەتەندىكى ئىز باسار تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top