You Are Here: Home » ئومۇمى » ئىسلام دىنىدا ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىسى

ئىسلام دىنىدا ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىسى

ئىسلام دىنىدا ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىسى
قەدرىيە ئاۋجې ئەردەملى
(ئىستانبۇل ۋىلايىتى مۇپتى ياردەمچىسى)
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىدىن باتۇر قاراخانلى

ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكەتلىرى ۋە دۇنيا قارىشى

ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىسى، 19- ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىققان، 1960- يىللىرىدا تەرەققىي قىلغان، ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھەق- ھوقوق تەلەپ قىلغان ئاياللار ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ 1.
ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىسى تارىخىدا ئەمەلىي ۋە نەزەرىيىۋى جەھەتتىن بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۈچ باسقۇچنى بېىشىدىن ئۆتكۈزدى 2.
بىرىنجى باسقۇچ ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتى بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن سايلام، مائارىپ، مال- مۈلۈك، باراۋەر ئىش تەقسىماتى ۋە ئىش ھەققى، توي ۋە ئائىلىدە باراۋەرلىك، گاراژدانلىق ھوقوقلىرى مەسىلىسىدە ھەق- ھوقوققا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلدى. بۇ باسقۇچتا ئاياللار، ئاياللىق ۋە ئانىلىق رولى بىلەن ئائىلە ئىچىدىكى ئەنئەنىۋى ئىش تەقسىماتىنى قوبۇل قىلاتتى. تەلەپلىرى مائارىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە قانۇنىي ساھەدە ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولۇش دائىرىسى ئىچىدە ئىدى 3.
ئىككىنچى باسقۇچ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مەيدانغا كەلدى 4. بۇ باسقۇچتا ئاياللار ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ھامىلىنى ئالدۇرۋېتىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش بولدى5. يەنى ئاياللار ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچىلار جىنسىي ۋە تۇغۇش مەسىلىسىنى مۇنازىرە قىلىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى. ئاياللارنى ھەر ساھەدە ئەركىن قىلىش، بالا تۇغۇش ۋە بېقىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنسىيلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك روللىنى پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىش ئاساسىي نىشانىدى 6.
1970- يىللاردا ئوكسفورد ئالىي مەكتىپىدە، تۇنجى قېتىملىق ئاياللار ئەركىنلىكى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا شۇ تەلەپلەر قوبۇل قىلىندى: ئائىلە مەركىزىيەتچىلىكىگە قارشى باشقا يوللار، ئىش ھەققىدە  باراۋەرلىك، پۇرسەت (شەرت-شارائىت جەھەتتە) باراۋەرلىكى، مائارىپتا باراۋەرلىك، 24 سائەتلىك يەسلى، ھامىلە كونتىرول قىلىش ئەركىنلىكى ۋە ھامىلىنى ئالدۇرۇش ئەركىنلىكى. كېيىن بۇ تەلەپلەر قانۇنىي ۋە ئىقتىسادىي ئەركىنلىك، زوراۋانلىق (ئەر كىشىنىڭ) قا، جىنسىي بېسىمغا ۋە ھەم جىنىسلىق (ئاياللار ئارىسىدىكى) نى چەتكە قېقىشقا خاتىمە بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتىلدى 7.
ئۈچىنجى باسقۇچ 1990- يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا باشلاندى. بۇ مەزگىلدە ئوخشىمىغان ئېرق ۋە تەبىقىدىكى ئاياللار ئۆزلىرىگە ئائىت مۇھىم مەسلىلەرنى ئاياللار ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن كۆرەش قىلدى. بۇ مەزگىلدە قارا تەنلىك ۋە ھەم جىنىس ئاياللار ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچىلار، يېڭى باسقۇچتىكى ئاياللار ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەرىكىتىدە ئېغىر سالماقنى ئىگلىدى 8.

ئىسلام دىنىدا ئايال ۋە ئىسلام دىنىدە فەمىنىزم مەسلىسى
1. ئىسلام دىنىدا ئايال

ئىسلام يەر شارى خاراكتېرلىق دىن بولۇپ، ھەزرەتى مۇھەممەد (س. ئە. س)  ئەرلەرنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ پەيغەمبىرى 9. اللە نىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ خىتابى ئەر- ئايال كىشىگە ئوخشاش10.
قۇرئان كەرىمدە، ئايال ۋە ئەركىشى ئۈچۈن «ئەن ناس- ئىنسانلار» ئىپادىسى ئىشلىتىلىدۇ. نىسا سۈرىسى 1- ئايەتتە «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر- ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار…» دېيىش ئارقىلىق ئايال ۋە ئەر كىشىنى ئىلاھى خىتابتا بىر ئورۇندا قويغان. ھېچكىمنىڭ ئۆز جىنسىيىتىنى تاللاش ئەركىنلىكى يوق. خالىغىنىغا قىز، خالىغىنىغا ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلغۇچى اللەدۇر 11.
قۇرئان كەرىمدە، دۇنيا ھاياتى ئاخىرىلاشقان ئايال ۋە ئەر كىشىنى ئەمەللىرى ئىتىبارى بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويىدۇ 12. «(…) مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەرقانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر- بىرىڭلاردىن تۆرەلگەن…. 13» دېگەن ئايەتتىكى «سىلەر بىر- بىرىڭلاردىن تۆرەلگەن» ئىبارىسىدا ئەر- ئايال باراۋەرلىكى جەھەتتە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇلۇغ اللە، ئەر كىشى بىلەن ئايال كىشى ئارىسىدا قىلغان ئەمەلى جەھەتتە ھېچقانداق ئايرىمچىلىق قىلمىغىنىدەك، ھەر ئىككى جىنىسنىڭ بىر- بىرىدىن تۆرەلگەنلىكىنى ۋە قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتى سۈپتىدە ھەر ئىككىسىنى جەننىتىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلماقتا 14.
قۇرئان كەرىم ئەر- ئايال باراۋەرلىكىنى تەكىتلەشتىن باشقا، يەنە ھەر ئىككى جىنىسنىڭ بىر- بىرى بىلەن دوست بولىشى ۋە ئۆز ئارا يار- يۆلەكتە بولىشى كېرەكلىكىنى ناھايىتى ئوچۇق بايان قىلماقتا: «مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر- بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ،…» 15. دوستلۇق ئۆز ئارا ياردەملىشىشنى ۋە ھەمكارلىشىشنى تەقەززا قىلىدۇ 16. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن مۆمىن ئەرلەر ۋە ئاياللار زىچ ھەمكارلىشىشى كېرەك 17.
ئىسلام دىنىدا، ئەر- ئايالغا جىنسىيىتى سەۋەبلىك ھېچقانداق بىر ئارتۇقچىلىق ياكى پەزىلەت بېرىلمىگەن 18. ئارتۇقچىلىقنىڭ ئۆلچىمى جىنسىيەت ئەمەس، بەلكى تەقۋالىق19. ئىسلام تارىخىدا مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىندىغانلار قاتاردا يەر ئالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تۇنجى مۇسۇلمان ھەزرەتى خەدىچە بولۇپ، ئىسلامىيەت يولىدا تۇنجى شەھىد بولغان كىشى ھەزرەتى سۈمەييە ئىسىملىك بىر ئايال ئىدى. ئېرىدىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان ئاياللارنىڭ بولغانلىقىمۇ مەلۇم. مۇشرىك ئائىلىسىنى تاشلاپ، ھىجرەت ئۈچۈن چۆللەرگە قەدەم تاشلىغان قىزلارمۇ بار بولۇپ، بۇلار ھۆر ئىسلام ھاياتىغا ئىنتىلگەن خانىملار ئىدى 20.
ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەپلىرىدىن بىرى بولغان سايلاش ھوقوقى، مۇسۇلمان ئاياللارغا 1400 يىل بۇرۇن بېرىلگەنىدى: «ئى پەيغەمبەر! مۆمىن ئاياللار ساڭا كېلىپ، اللەغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرىنى (جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك قىز بالىلىرىنى نۇمۇستىن ياكى كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ) ئۆلتۈرمەسلىككە، باشقىلارنىڭ بالىسىنى يالغاندىن ئەرلىرىنىڭ بالىسى قىلىۋالماسلىققا، سەن بۇيرىغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا بەيئەت (رەھبەر) قىلسا (يۇقىرىقى شەرتلەر ئاساسىدا) ئۇلارغا بەيئەتلىرىنى  قوبۇل قىلغىن،…» 21. بەزى رىۋايەتلەرگە كۆرە، بۇ ئايەت، مۆمىن ئاياللارنىڭ مۇستەقىل ھالدا ئۆزلىرىدىنمۇ بەيئەت ئېلىشى تەلىپىگە ئاساسەن نازىل بولغان 22.
بۇ نوقتىدا تېما مۇناسىۋېتى بىلەن ھاۋلە بىنتى سالەبە ۋەقەسىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەرەپلەر ئارىسىدا «زىھار» دەيدىغان بىر ئادەت بولۇپ، بىر كىشى ئايالىغا «سەن ئانامنىڭ ۋۇجۇدىغا ئوخشايسەن» دېيىشى بىلەن ئايال ئۇ ئەرگە ھارام بولىدىغان بولۇپ،  ئەبەدىي تەرك ئېتىلەتتى. ساھابىلەردىن ئەۋس ب. سابىتمۇ ئايالغا خاپا بولۇپ، بۇ سۆزنى ئاغزىدىن چىقارغان. ئايالى ھاۋلە ھەزرەتى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بېرىپ، ياش ۋاقتىدىن تارتىپ ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلغانلىقىنى، بالىلىق بولغانلىقىنى، ئەمدى ھازىر ياشىنىپ قالغاندا ئېرىنىڭ ئۇ سۆزنى ئاغزىدىن چىقىرىپ، ئۆزىنى پەرىشان قىلغانلىقىنى ئېيىتقان. ئېرىنى شىكايەت قىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئېرىغا قايتىش ھەققىدە ھۆكۈم تەلەپ قىلغان.  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ ھەقتە ماڭا ھېچقانداق بىر ۋەھى كەلمىدى» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ھاۋلە: «ئى اللەنىڭ رەسۇلى! ساڭا ھەممە مەسىلە ھەققىدە ۋەھى كېلىپ، نۆۋەت مېنىڭ مەسىلەمگە كەلگەندە ۋەھى توختاپ قالدىمۇ؟ مەن شىكايىتىمنى اللەنىڭ ئەلچىسىگە قىلمايمەن، اللەنىڭ ئۆزىگە قىلىمەن!» دەپ اللەقا دۇئا قىلغان. بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن مۇجادەلە(مۇنازىرە قىلغان ئايال) ئىسىملىق سۈرىدە بۇ ئايەت نازىل بولغان:
«اللە ھەقىقەتەن ئېرى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە اللەغا شىكايەت قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى، اللە ئىككىڭلارنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. اللە ھەقىقەتەن ئاڭلىغۇچىدۇر، كۆرگۈچىدۇر» 23.
شۇنىڭ بىلەن ھاۋلەنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە تۆت ئايەت نازىل بولغان. بۇ ئايەتلەرگە ئىنچىكىلىك بىلەن قارايدىغان بولساق، تېمىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى مۇھىم بولغان مەزمۇنلارنى كۆرۈۋالالايمىز.
1. ئىلاھ بىشارەتنىڭ، بىر مۇسۇلمان ئايال دۇچ كەلگەن شەخسىي مەسىلىگە ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىدا ئىنسانىيەتكە ئورتاق ۋەھى ئىچىدە ئورۇن بېرىشى، اللەنىڭ ئاياللارغا بەرگەن ئىتىۋارنىڭ ئەڭ روشەن دەلىللىرىدىن بىرى.
2. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ئايالنىڭ ئۆز ھەق- ھوقوقىغا ئىگە بولۇشنى بىلگەن، ئۆزىنى ئەر كىشىدىن تۆۋەن كۆرمىگەن خاراكتېرغا ئىگە ئىكەنلىكى ۋە اللەنىڭ رەسۇلىنىڭمۇ ئۇنىڭ بۇ خاراكتېرنى ئەيىبلىمىگەنلىكى، ئەكسىچە ئۇنى توغرا دەپ قارىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
3. بۇ مەسلىنىڭ ئايال كىشىنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
4. قۇرئان كەرىم پۈتۈن مۇسۇلمان ئاياللارغا ھاۋلەنى ئۆلگە قىلىپ كۆرسەتمەكتە 24.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە «ئاياللار سەۋەپلىك ئەرلەرنىڭ، ئەرلەر سەۋەپلىك ئاياللارنىڭ ھالىغا ۋاي!» 25 دېگەن.
بۇ ھەدىسى شەرىپتە ئاياللارنىڭ ۋە ئەرلەرنىڭ بىر- بىرىگە قارىشى مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، ئەگەر قايسى تەرەپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئۇنىڭ جاۋابىنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە بولۇپ، ئايال ۋە ئەر كىشىگە ئوخشاش دەرىجىدە خىتاپ قىلماقتا26 . باشقا بىر ھەدىسى- شەرىپتە، «ئاياللار ۋە ئەرلەر بىر دەرەخنىڭ ئىككى شېخىغا ئوخشايدۇ» 27 دېيىلگەن.
پۈتۈن بۇ ئايەت ۋە ھەدىسلەر نەزەرگە ئېلىنغاندا، مۇسۇلمان ئاياللار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىللەردە، ئوخشىمىغان مەسىلە ۋە ساھەلەردە ئۆزىنى، مەۋجۇدلىقىنى ۋە شەخسىيىتىنى ناھايىتى ئىنىق ۋە روشەن ھالدا قوبۇل قىلدۇرغان. ئەرلەرنى ۋە ئاياللارنى تەڭ- باراۋەر دەپ قارىغان قۇرئاننىڭ چاقىرىقى ئومۇمىيلىققا ئىگە بولۇپ، ئاياللارغا ھەق ۋە ئەركىنلىكى بېرىلگەن 28.

ئىسلام دىنىدا  ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىسى

ئاياللار ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرغا چىقىش سەۋەپلىرىدىن بىرى بولغان ۋە تۇنجى ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپى تەلىم- تەربىيە ھەققىنى، ئىسلام دىنى بۇنىڭدىن 1400 يىل بۇرۇن مۇسۇلمان ئاياللارغا بەرگەن. يەنى
«ئىلىم ئېلىش ھەر مۇسۇلمانغا پەرز قىلىندى» 29.
ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توساش بىر تەلىم ۋەزىپىسى. دېمەك، اللە ئايال كىشىگە مۇئەللىملىك ۋەزىپىسىنىمۇ بەرگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى، بولۇپمۇ ھەزرەتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ياشاش ئۇسۇلى، ھەدىسلىرى ۋە دىنى ھۆكۈملىرىنى، بولۇپمۇ ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك مەسلىلەرنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى ئۈممەتكە يەتكۈزۈپ، مۇئەللىملىك رولىنى ئوينىغان.
ئاياللار ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچىلار چىڭ تۇرغان
– ئاياللارنىڭ سايلام ھەققى
– ئاياللارغا مىراس ھەققىنىڭ بېرىلىشى
– توي قىلىش ۋە ئاجرىشىش ھەققى
– ھاكىمىيەت ئورگانلىرىغا كىرىش ھەققى
بۇ تەلەپلەرنىمۇ ئىسلام دىنى 1400 يىل بۇرۇن مۇسۇلمان ئاياللارغا بەرگەنىدى.
ئاياللار ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچىلار تەلەپ قىلغان ھەق- ھوقۇقلاردىن بىرى بولغان باشقۇرغۇچىلارنى سايلاش ھەققىنى بىرىنجى بۆلۈمدە بايان قىلىپ ئۆتتۇق.
مىراس ھەققىگە كەلسەك، فەمىنىستلەر ئوتتۇرىغا چىققان جەمىئىيەتكە ئوخشاش، ئىسلام دىنى كېلىشتىن بۇرۇنقى ئەرەپ جەمىئىيىتىدىمۇ ئاياللار مىراس ئالالمايتتى، قەرىز ئېلىپ- بېرەلمەيتتى ۋە ۋەسىيەت ھەققىمۇ يوق ئىدى. پەقەت قەبىلىنى قوغداۋاتقان ئەرلەرلا مىراس ئالالايتتى. ئىسلام دىنى، نىسا سۈرىسىدە: «ئاتا- ئانىسى ۋە تۇققانلىرى قالدۇرغان مىراستا (يەنى مېيىتنىڭ تەرەكىسىدە) ئەرلەرنىڭ ھەسسىسى بار، ئاتا- ئانىسى ۋە تۇققانلىرى قالدۇرغان مىراستا ئاياللارنىڭمۇ ھەسسىسى بار.» 30 دېگەن مەنىدىكى ئايەت بىلەن ئاياللارنىمۇ مىراسچى قىلغان. ئىسلام دىنىدا، ئايال (قىز)غا، ئەركىشىگە تەگكەن مىراسنىڭ يېرىمىنىڭ بېرىلىشى ئايال كىشىنىڭ ئەر كىشىدىن تۆۋەن كۆرۈلگەنلىكىدىن ئەمەس، ئەكسىچە ئەر كىشىنىڭ بىر ئائىلىنى بېقىش مەسئۇلىيىتىنىڭ بولغانلىقىدىن، ئەركىشىگە ئايال كىشىگە قارىغاندا بىر ھەسسە ئارتۇق مىراس بېرىش بەلگىلەنگەن 31.  ئايال كىشىنىڭ مىراستا ئەر كىشىگە نىسبەتەن ئاز ھەسسە ئېلىشى مۇتلەق شەكىلدە شۇ بويىچە ئېلىپ بېرىلمىغان 32. يەنە ئىسلام دىنىغا كۆرە، ئايال كىشى ئۆزىگە تەۋە مال- مۈلۈكنىڭ  ئىگىسى بولۇپ، ئۆز خالغان شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
لاتىنچە فامىلىيا، ئائىلە دادىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەۋە قىلىنغان زېمىن، قۇل، ئايال ۋە بالىلارنىڭ يېغىندىسى مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەمگەك مېۋىىسى دادىغا تەۋە بولىدۇ 33.
كلاسىك ئىسلام قانۇنىغا كۆرە ئائىلىنىڭ رەئىسى ئەركىشى بولىدۇ، لېكىن، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ۋە بۇ ئەزالارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنىڭ ئىگىسى بولالمايدۇ. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەق ۋە ئەمگەك مېۋىسى شۇ شەخسلەرگە ئائىت بولىدۇ. ئايال كىشىنىڭ ئەمگىكىنىڭ مېۋىسى ئايال كىشىگە تەۋە بولۇپ، ئۇنى ئىشلىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى ئايالنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ. مەسىلەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ھەزرىتى زەينەپ، تېرە ئىشلەشكە ماھىر بولۇپ، خام تېرىنى شۇ دەۋرگە خاس ئىشلەپ، ئۇنىڭدىن تۇرمۇش بويۇملىرى ياساپ ساتقان ۋە تاپقان پۇلىنى ئۆزى سەرپ قىلاتتى.
نىسا سۈرىسىنىڭ 12- ئايىتى ئايال كىشىنىڭ قەرىز ئېلىش ۋە ۋەسىيەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ بولغانلىقىنى ئىنىق ئوتتۇرىغا قويماقتا 34.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىسلام دىنى ئاياللارغا پۈتۈن مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي ھەقلەرنى بەرگەن. ئايال كىشى مال- مۈلۈككە ئىگە بولالايدۇ، مىراس ئالىدۇ، مىراس قالدۇرىدۇ، ۋەسىيەت قالدۇرالايدۇ، ۋەسىيىتى ئادا قىلىنىدۇ. ئايال كىشى تولۇق ھوقۇقلۇق بولۇپ، مال- مۈلكىنى خالىغىنىچە بىر تەرەپ قىلالايدۇ35، شاھىد بولالايدۇ36.
توي ئىشىدا ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقىنىڭ بولىشى نوقتىسىدىنمۇ ئايال (قىز) ۋە ئەر (ئوغۇل) ئارىسىدا ھېچقانداق بىر پەرق يوق. ھەتتا ئايال تەرەپنىڭ رازىلىقىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىشى ۋە «ئىجاپ (تاللاش)» ھوقۇقىنىڭ ئايال كىشىگە بېرىلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ 37.
ئۇنىڭدىن باشقا ئەر- ئايالنىڭ ئاجرىشىش ھوقۇقى بار. لېكىن، ئەر كىشى مەھرى ھەققىنى بېرىپ ئاندىن ئۈزلىشىپ كېتەلەيدىغان بولغاچقا، بىر مەزگىل ساقلىغاندىن كېيىن، ياراشتۇرۇش خىزمىتى ئىشلەنگەن، لېكىن نەتىجىسى بولمىغاندا، ئىككى ئادىل گۇۋاھچى ھوزۇرىدا ئايالىنى تالاق قىلغانلىقىنى ئېيتىش ئارقىلىق ئاجرىشالايدۇ. ئايال كىشىنىڭمۇ ئاجرىشىش ھوقۇقى بار بولۇپ، ئۇنىڭ مەھرى بېرىش مەسئۇلىيىتى يوق، ئەكسىچە مەھرى تەلەپ قىلىش ھەققى بار. ئايال كىشى ئاجرىشىش ھەققىنى ئىشلەتمەكچى بولسا، بىۋاستە سوتقا ئەرز قىلسا بولىدۇ39.
ئاياللار ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ ھاكىمىيەت ئورگانلىرىغا كىرىش تەلەپلىرىگە كەلسەك، ئىسلام دىنىدا بۇ مەسىلىگە جىنسىيەتكە ئەمەس، لاياقەت ۋە ئىشنىڭ ئەھلى بولۇپ بولمىغانلىقى نوقتىسىدىن قارالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز 40.
قۇرئان كەرىم، سەبە مەلىكىسى بىلقىسنىڭ ھاكىمىيىتىنى ماختاش ئارقىلىق، ئايال كىشىنىڭ ھاكىمىيەتنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە باشقۇرالىسا، تەقدىرگە شايان بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە (نەمىل سۈرىسى 23 -44- ئايەت).
خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەقىللىق بىر ئايال دەپ ئۆزىگە مەلۇم قىلىنغان شىفا بىنتى ئابدۇللاھنى بازار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلغانلىقى مەنبەلەردە كۆرسىتىلگەن41.
يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، ئاياللار ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ دەسلەپكى تەلەپلىرى بولۇپ ھېساپلانغان يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەق- ھوقۇقلار ئىسلام دىنىدىكى ھەق- ھوقۇقلار بىلەن بىردەك. بۇلار ئىسلام دىنى مۇسۇلمان ئاياللارغا ئاللاقاچان بەرگەن ھەق- ھوقۇقلار. ھەتتا ياۋروپادا ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئىسلام تەلىماتلرىنىڭ رىئال تۇرمۇشتىكى پرىنىسىپلىرىدىن ئۆلگە ۋە ئىلھام ئالغانلىقىنى ئېيتالايمىز 42.
ئاندرى مىچەلمۇ ئاياللار ھوقۇقى ناملىق كىتاۋىدا بۇ قاراشنى تىلغا ئالغان بولۇپ، ئىتالىيىدە ئاياللار ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچى بىر ئەنئەنىنىڭ كۈلتېر شەكلىدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىنى، ئىتالىيىدە 8- ئەسىردىن بۇيان «ئاياللارغا ئۆز قابىليىتىنى ئىسپاتلاشقا ئىمكانىيەت بەرگەن» پارلاق بىر مۇسۇلمان كۈلتېرىنىڭ تەسىرىگە باغلاپ چۈشەندۈرگەن43.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاياللار ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئارزۇ ۋە تەلەپلىرىدە ئوخشاشماسلىق مەيدانغا كەلدى. پۈتۈن ئىلاھى دىنلارنى بىر تاياقتا ھەيدەشلىرى، ئوخشاش دەپ قاراشلىرى ئاياللار ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچى ھەرىكەتنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى بولدى. گەرچە ھەرىكەت چىقىش نوقتىسى جەھەتتىن توغرا بولسىمۇ، ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرنىڭ «فترات» ئامىلىنى نەزەرگە ئالماي، ئەكسىچە ئەرلەرنىڭ جەمىئىيەتتىكى ئورنىغا قارىتا باراۋەرلىك تەلىپى ئاساسىدا شەكىللىنىشىمۇ خاتا ئىدى.  شۇنىڭ بىلەن ئۆي، ئايالىنى ئەسىر ئالغان بىر ماكان دەپ قارىلىپ، ئىنسان تەربىيلەيدىغان تۇنجى مەكتەپلىكىدىن، «ئۇۋا» لىق رولىدىن ئايرىلدى. بۇ ئانىلىقنىڭ كۆزگە ئىلىنماسلىقى، ھەتتا رەت قىلىنىشى دېمەكتى44.
ئىسلام دىنى ئەر- ئايال ئىككى جىنىسنىڭ ھەقىقىي شەكىلدە ئائىلە قۇرۇشىنى تەرغىپ قىلىدۇ، ھەر تۈرلۈك پايدا ۋە ھېكمەتلىرىدىن بىشارەت بېرىدۇ. بۇنى «ساغلام بىر كاپالەت» دەپ چۈشەندۈرىدۇ45. ئايالنىڭ ئېرى، ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئۈستىدە ھەققى بارلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ ھەقلەرنىڭ ھۆكمى ھەققىدە «مەرۇپ» دەپ دەرىجىسىنى بېكتىدۇ46.  ئەرلەر ئاياللار ئۈچۈن، ئاياللار ئەرلەر ئۈچۈن بىر تەسەللىي مەنبەسى قىلىپ يارىتىلغان 47.
بىر ئەر پەقەت ئايالى بولغاندىلا ئاندىن ئەر بولالايدۇ. جۇپلاردىن بىرىنىڭ مەۋجۇد بولىشى، قارشى جىنسىنىڭ مەۋجۇد بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
قۇرئان كەرىم ئايال كىشىنىڭ بالا تۇغۇش قابىلىيىتىگە ئىگە يىگانە بىر جىنس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇ قابىلىيەت ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇدلىقى ئۈچۈن زۆرۈر بولۇپ، پەقەت ئاياللارلا بالا تۇغالىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بۇ رولى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە 48.
ئاياللار ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچىلار ئەھمىيەت بەرگەن مەسلىلەرنىڭ يەنە بىرسى «بالا چۈشۈرۋېتىش- ھامىلىنى ئالدۇرۋېتىش» ھوقۇقىنىڭ بېرىلىشى.
ئىسلام دىنىغا كۆرە، ھامىلە پەيدا بولغاندىن تارتىپ، تۆرەلمە ئانىدىن ئايرىم بىر شەخسىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ ئانىسىنىڭ ياكى باشقا بىرسىنىڭ قارارىغا قاراشلىق بولماستىن، ئەكسىچە ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە. ھامىلە ئۈچۈنمۇ مىراس، ۋەسىيەتكە ئوخشاش پۈتۈن ھۆكۈملەر كۈچكە ئىگە بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن دىنىي جەھەتتىن يوللۇق بىر سەۋەپ بولماي تۇرۇپ، ھامىلىنىڭ قايسى مەزگىلىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بالىنى ئالدۇرۋېتىش ياكى چۈشۈرۋېتىش بىر جىنايەت قاتارىدا سانىلىدۇ. بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغانلار ئۈچۈن مەنىۋى جاۋاپكارلىقتىن باشقا يەنە دۇنياۋى جازالارمۇ بېكىتىلگەن 49.
بۇ مەسىلىدە يوقسۇللۇققا ئوخشاش غەم- قايغۇلار ھامىلىنىڭ ئالدۇرۋېتىلىشىگە ئەخلاقىي جەھەتتىن سەۋەپ بولالمايدۇ. پەقەت ئانىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان بىر ئەھۋال بالىنى ئالدۇرۋېتىشكە سەۋەپ بولالايدۇ 50.
بەزى ئاياللار ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچىلار ياقلىغان نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەت، ئىسلام دىنى قەتىئىي قارشى تۇرىدىغان ۋە «زىنا» دەپ قارىغان بىر مۇناسىۋەت بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن:
«زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر» 51.
كۆرگىنىمىزدەك قۇرئان كەرىم زىناغا يېقىنلىشىشقىمۇ رۇخسەت قىلمايدۇ. بۇ، زىنادىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن بىر ئەمىر. چۈنكى زىنا، زىنادىن تۆرەلگەن بالىلارنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولماقتا ۋە كۆپىنچە ۋاقىتتا بۇ بالىلار ئالدۇرۋېتىلىپ، ئىسلام دىنى قارشى تۇرىدىغان بالا ئالدۇرۋېتىش- يېڭى بىر جانغا، بىگۇنا بىر جانغا زامىن بولۇش ھادىسىسى مەيدانغا كەلمەكتە 52.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

1. ئەھمەد جەۋىزجى، پەلسەپە لوغىتى، پارادىگما نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 1999. 340 – بەت
2. سۈلەيھا كېرجا، پوپۈلەر (داڭلىق) ئاياللار ھوقۇقى،  باغلام نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2007، 45- بەت
3. نېي بەندىسون، باشلانغۇچتىن كۈنمىزگىچە ئاياللار ھەقلىرى (تەرجىمە: شىرىن تەكەلى)، ئىلەتىشىم نەشرىياتى، 42- بەت. ئۆمەر چاھا، پۇقرا ئايال (تۈركىيدىكى ئامما ۋە ئايال)، (تەرجىمە: ئەرتان ئۆزەنسەل)، ۋادى نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1996، 44- بەت
4. مارگارېت ۋالتېر، ئاياللار ھوقۇقى ، (تەرجىمە: خاكان گۈر)، دوست كىتاپ ئۆيى نەشرىياتى، ئەنقەرە، 2009، 136- بەت
5. گىسېلا بوك، ياۋروپا تارىخىدە ئاياللار (تەرجىمە: زەھرا ئاكسۇ يېلمازئەر)، لىتەراتۈر نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2004، 273- بەت؛ چاھا، 44- بەت
6. سۈلەيھا كادېئوغلۇ، غەرب ئەللىرىدە ئاياللار ھەرىكىتى، گرى نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2005، 347- بەت، چاھا، 42- بەت
7. سكرودېر، 52- بەت
8. زەكىيە دەمىر، زامانىۋى ۋە ھالقىما زامانىۋى ئاياللار ھوقۇقى ، ئىز نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 1997، 114- 115- بەت؛ سكرودېر، 66- بەت
9. ئەئراف سۈرىسى، 158- ئايەت
10. ئەھمەد مۇستافا ئەل- مەراغى، تەپسىرۇل- مەراغى، مەتبەتۇ مۇستافا ئەل بابى ئەل ھالەبى، مىسىر، 1962، 3- جىلت، 138- بەت
11. شۇئەرا سۈرىسى، 49- ئايەت
12. مۆئمىنۇن سۈرىسى، 40- ئايەت
13. ئال ئىمران سۈرىسى، 195- ئايەت
14. سالىھ ئاكدەمىر، «تارىخ بويىچە ۋە قۇرئان كەرىمدە ئايال»، ئىسلامى تەتقىقات ژورنىلى، (ئايال ئالاھىدە سانى)، ئۆزكان مەتبەسى، ئەنقەرە، 1991، 4- سان، 264- بەت
15. تەۋبە سۈرىسى، 71- ئايەت
16. سەييىد قۇتۇب، فى زىلالى قۇرئان، (تەرجىمە: ئى. ھ. شەنگۈلەر، م. ئە. ساراچ، بەكىر كارلىغا)، ھېكمەت نەشرىياتى، 7- جىلت، 332- بەت
17. ئاكدەمىر، 265- بەت
18. م. سائىت خاتىپ ئوغلۇ، ئىسلامنىڭ ئايالغا قارىشى، ئىسلامى تەتقىقات ژورنىلى، (ئايال ئالاھىدە سانى)، ئۆزكان مەتبەسى، ئەنقەرە، 1991، 4- سان، 231- بەت؛ ن. م. شائىك، ئىسلام جەمىئىيتىدە ئايال، (تەرجىمە: ئالى زەنگىن)، فىكىر نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 1990، 31- بەت
19. ھۇجۇرات سۈرىسى، 13- ئايەت
20. م. سائىت خاتىپ ئوغلۇ، 232- بەت
21. مۇمتەھىنە سۈرىسى، 12- ئايەت
22. م. خايرى كېرباش ئوغلۇ، ئايال مەسىلىسىدە قۇرئانغا قارىتىلغان تەنقىدلەر، ئىسلامى تەتقىقات ژورنىلى، (ئايال ئالاھىدە سانى)، ئۆزكان مەتبەسى، ئەنقەرە، 1991، 4- سان، 274- بەت
23. مۇجادەلە سۈرىسى، 1 – ئايەت
24. خايرەتتىن كارامان، مۇستافا چاغرېجې، ئىبراھىم كافى دۆنمەز، سادرەتتىن گۈمۈش، قۇرئان يولى تۈركچە مەنىسى ۋە تەپسىر، دىيانەت ئىشلىرى ئىدارىسى نەشرىياتى، ئەنقەرە، 2007، 5- جىلت، 260، 269- بەت؛ كېرباش ئوغلۇ، 274- بەت
25. ئىبراھىم جانان، ھەدىس ئانسىكلوپېدىسى كۇتۇبى سىتتە، ئاكچاغ نەشرىياتى، 17- جىلت، 553- بەت
26. خايرەتتىن كارامان، ئىسلامدا ئايال ۋە ئائىلە، ئەنسار نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 1993، 20- بەت
27. تىرمىزى، تاھارەت، 82. (ئىسلامدا ئايال ۋە ئائىلە، 20- بەت)
28. ئىززەت دەرۋەزە، قۇرئانغا كۆرە، ھەزرىتى مۇھەممادنىڭ ھاياتى، (تەرجىمە: مەھمەد يولجۇ)، يۆنەلىش  نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 1989، 129- 130- بەت.
29. جانان، ھەدىس ئانسىكلوپېدىسى كۇتۇبى سىتتە، 16- جىلت، 515- بەت
30. نىسا سۈرىسى، 7- ئايەت
31. سۇلايمان ئاتەش، ئىسلامدا ئاياللار ھەققى، بايراق نەشرىيات، ئىستانبۇل، 1996، 53- بەت
32. ئەھمەد ئاكگۈندۈز، ئىسلامدا كىشلىك ھوقۇق باياننامىسى، تىماش نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 1991، 29- بەت
33. گۈلنۇر ساۋران، نەسرىن تۇرا، ئايالنىڭ كۆرۈنمەس ئەمگىكى، 76- بەت.
http://www.chekov. org/anarcho/newswire.php?story_id=5569.
34. ئاتەش، 53 – بەت
35. ئاكگۈندۈز، 28، 29- بەت
36. مۇسا جارۇللاھ بىگىيەف، قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرلىرى ھۇزۇرىدا خاتۇن، بېرلىن، 1933، 101- بەت
37. ۋەھبە زۇھايلى، ئىسلام فېقھ ئانسىكلوپېدىسى، فەزا نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 1994، 9- جىلت، 33، 34- بەت؛ ھۈسەيىن ھاتەمى، ئىلاھى ھىكمەتتە ئايال، بىرلەشمە نەشرىيات، ئىستانبۇل، 1999، 57- بەت
38. كەمال ئەھمەد ئانى، ئەت- تالاق فىل ئىسلام مۇھاددىدۇن ۋە مۇكاييىدۇن فى سەبىلى ھاللى جەزەرى لى مۇشكىلاتىت تالاق، دارۇن- ناھداتىل ئارابىييە، 1975، 83- بەت؛ مۇھەممەد بالتاجې، دىراسات فى ئەھكامىل ئۇسرا، جامىئاتۇ قاھىرە، 393، 394- بەت
39. زۇھايلى، 9- جىلت، 380- بەت
40. ھاتەمى، 275- بەت
41. ئەبۇ ئۆمەر يۇسۇف ب. ئابدىلبەرر، ئەل- ئىستىئاب فى مارىفەتىل- ئاسھاب، مەتبائاتۇ مەجلىسى دائىرەتىل- مائارىف، رابات 1318، 2- جىلت، 761، 762- بەت
42. جىھان ئاكتاش، ئايالنىڭ جەمىئىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشى ۋە پىتنە، ئىسلامى تەتقىقات ژورنىلى، (ئايال ئالاھىدە سانى)، ئۆزكان مەتبەسى، ئەنقەرە، 1991، 4- سان، 254- بەت
43. ئاندرى مىچەل، فەمىنىزم،(تەرجىمە: شىرىن تەكەلى)، ئىلەتىشىم نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 1993، 47- بەت
44. ئاكتاش، 252- بەت
45. نەھىل سۈرىسى، 72- ئايەت
46. سۈرە بەقەرە، 228- ئايەت؛ سۈرە نىسا، 4- ئايەت
47. رۇم سۈرىسى، 21- ئايەت
48. ئامىنە ۋەدۇد مۇھسىن، قۇرئان ۋە ئايال، (تەرجىمە: نازىفە شىشمان)، ئىز نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 1997، 114- بەت
49. ئۆمەر ناسۇھى، ھۇقۇقۇ ئىسلامىييە ۋە فېقھىييە قامۇسى، بىلمەن نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 3- جىلت، 150- بەت
50. ھاتەمى، 202- بەت
51. ئىسرا سۈرىسى، 32- ئايەت
52. قۇتۇب، 9- جىلت، 311، 312 – بەت

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top