You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » ئۆزبېكىستانلىق ئارخىئولوگ دوكتۇر پەرھات مەخسۇدۇۋ – «ئارخىئولوگىيە ئىلىمى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارخىئولوگىيە تەتقىقاتى»

ئۆزبېكىستانلىق ئارخىئولوگ دوكتۇر پەرھات مەخسۇدۇۋ – «ئارخىئولوگىيە ئىلىمى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارخىئولوگىيە تەتقىقاتى»

ئۆزبېكىستانلىق ئارخىئولوگ دوكتۇر پەرھات مەخسۇدۇۋ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارغا «ئارخىئولوگىيە ئىلىمى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارخىئولوگىيە تەتقىقاتى» تېمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بەردى.

تۈركىيە ئاقساراي ئۇنۋېرسىتىتى ئارخىئولوگىيە بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخىئولوگىيە ئېنىستىتوتى تەتقىقاتچىلار بېشى دوكتۇر پەرھات مەخسۇدوۋ2014 – يىلى 4 – ئاينىڭ 26 – كۈنى شەنبە كەچ سائەت 06:00 دە مەڭگۈتاش تىل تەربىيىلەش مەركىزىدە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر زىيالىلارغا ئارخىئولوگىيە ئىلىمى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارخىئولوگىيە تەتقىقاتى» تىمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بەردى. دوكتۇر پەرھات مەخسۇدوۋ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىلارغا ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تاش قۇراللار دەۋىرىدىن مىس قۇراللار دەۋىرىگىچە بولغان ئارخىئولوگىيەلىك تەتقىقاتى ۋە تارىخى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە زىيالىلار بۇ ئىلمىي دوكىلاتتىن بەھرىمان بولدى.

ئېچىلىش نوتۇقىدا، تۈركىيە باش مېنىستىرلىكى تاشقىي تۈركلەر باشقارمىسى مۇتەخەسىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر ئايدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىلىمي سۆھبەتنىڭ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ مەنىۋىي ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ مىللىيلىشىدىكى رولىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، قاتناشقۇچىلارغا دوكتۇر پەرھات مەخسۇدۇۋنى قسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئۆزبېكىستانلىق ئارخىئولوگ دوكتۇر پەرھات مەخسۇدۇۋنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

1972–يىلى ئۆزبېكىستان ئەنجان ۋىلايىتىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلەدە تۇغۇلغان.

1996–يىلى، ئۆزبېكىستان پەرغانە ئۇنىۋېرسىتىتى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى كەسپىدە تولۇق كۇرسنى ۋە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن.

2003–يىلى، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخولوگىيە ئېنىستىتوتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئارخولوگىيەسى ۋە تارىخى كەسپىدە دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرگەن.

2006–يىلى، ئامىرىكا بېروۋىن ئۇنىۋېرسىتىتى ئىكولوگىيە كەسپىدە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن.

2000- 2004 يىللىرىدا، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخولوگىيە ئېنىستىتوتىدا ياردەمچى تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن.

2005- 2006 يىللىرىدا، ئامىرىكا ۋاتسون خەلقئارا تەتقىقات ئېنستىتوتىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن.

2006- 2011 يىللىرىدا، ب د ت`دا ئىكولوگىيە مۇتەخەسىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

2004-يىلىدىن بۇيان، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخولوگىيە ئېنىستىتوتىدا باش تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

2011-يىلىدىن بۇيان، تۈركىيە ئاقساراي ئۇنىۋېرسىتىتى ئارخولوگىيە بۆلۈمىدە ياردەمچى دوتسىنت بولۇپ ئىشلىمەكتە.

ئىلمى ماقالىلىرى: `قەدىمكى زاماندا مارگىلان` ناملىق كىتابى، خەلقئارا ئىلىمى ژۇرناللاردا 7 ئىلمىي ماقالىسى ۋە خەلقئارا ئىلمىي دوكىلات يىغىنلىرىدا 8 ئىلىمى دوكىلاتى مەۋجۇتتۇر.

دوكتۇر پەرھات مەخسۇدوۋ ئارخىئولوگىيە لېكسىيەسىنىڭ تۇنجى بۆلۈمىدە، ئارخىئولوگىيە ئىلىمى ھەققىدە توختۇلۇپ، ئارخىئولوگىيە ئىلىمىنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئىنسانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ۋە ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر پەن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۆت مىليۇن يىل بۇرۇن شەرقىي ئافرىقىدا تۈنجى تاشتىن ياسالغان قۇراللار بايقالغان دەۋىردىن كۈنىمىزگىچە بولغان ۋاقىتلاردا، ئارخىئولوگىيە پەقەت ئىنسانلارغا ئائىت بولغان ئىزلارنى ئاساسلىق تەتقىقات تىمىسى قىلغانلىقىنى سۆزلەش بىلەن بىرگە، ئارخىئولوگىيەنىڭ «ئىنسانلارنىڭ جىسمانىي تەرەققىياتى، جەمىئىيەت تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت تارىخى»نى تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

ئارخىئولوگىيە ئىلىمى ئەڭ دەسلەپ، ياۋرۇپا ئەدەبىيات – سەنئەت ئويغىنىشى ۋە سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىدە، ئاسارى – ئەتىقە ۋە قوليازما ئەسەرلەر تارىخى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنى توپلاشتىن باشلانغان بولۇپ، 1920 – يىلىدا رەسمىي ئىلمىي بىر پەن بولۇپ تونۇلغان. ئارخىئولوگىيە نەزىرىيە جەھەتتىن «مەدەنىيەتلەر تارىخى ئارخىئولوگىيەسى، تارىخى پەرقلەر ئارخىئولوگىيەسى، تارىخى جەريان ئارخىئولوگىيەسى ۋە چۈشەنچە ئارخىئولوگىيەسى قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇ دوكىلاتىدا، ئارخىئولوگىيەنىڭ ئىنسانشۇناسلىق، تارىخ، ئىرىقشۇناسلىق، گىئولوگىيە، گىئو-جۇغراپىيە، ئىكولوگىيە ۋە تىلشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەرگە بىۋاستە چېتىشلىق بىر پەن ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ، بىر ئارخىئولوگنىڭ ئۆز تەتقىقاتىدا يۇقارىقى پەنلەردە پىششىق بولۇشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما كۆپلىگەن مۇستەبىت دۆلەتلەردە ئىلمىي ۋە ھەقىقىلىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان ئارخىئولوگىيەلىك قېزىلمىلارنى ئىلان قىلىپ، ئارخىئولوگىيەنى سىياسى قۇرال سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كەلگەن ئەھۋاللارنىڭمۇ مەۋجۇتلىقىنى قىزىقارلىق مىساللار بىلەن بايان قىلدى.

دوكتۇر پەرھات مەخسۇدوۋ ئارخىئولوگىيە لېكسىيەسىنىڭ كېيىنكى بۆلۈمىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا تاش قۇراللار ۋە تۆمۈر قۇراللار دەۋىرى ئارخىئولوگىيە تەتقىقاتى ھەققىدە توختۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇغراپىيەسىنىڭ يايلاق، چۆل، تاغ ۋە ۋادىلاردىن تەركىپ تاپقان ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلانغاندا، مىلادىدىن بۇرۇنقى 7000 -يىللاردا تاش قۇراللار دەۋىرىدە، ئىنسانلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى  جەيھۇن، سەيھۇن، زەرەپشان، ئىلى، چۇ ۋە تارىم دەريا ئېقىنلىرىنى بويلاپ تارقالغان بولۇپ، ئۇ دەۋىرلەردە ئىنسانلار ئاساسلىقى دەريا بويلىرىدىكى ۋادىلارغا يەرلەشكەن ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى يەتتە مىىڭ يىللار بۇرۇنلا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ كۆندۈرۈلگەنلىكى ۋە دېھقانچىلىقنىڭ دەسلەپكى ئىزلىرى بايقالغان. بۇ دەۋىردە، ئەتراپى گۈل ۋە ئوتلار بىلەن ئۇرالغان  5-6 كىشىلىك بىر ئېغىزلىق تۇرالغۇ ئۆيلەر،  60 – 70 سانتىمىتىرلىق سېغىز قىشلار بىلەن قوپۇرۇلغان تاملار مەۋجۇت بولۇپ، ھەتتا ئۆيلەرنىڭ تاملىرى ھەرخىل رەڭلەردە بويالغان.

«جەيھۇن مەدەنىيىتى» مىلادىدىن بۇرۇنقى 6500 – يىللىرىدىكى دەۋىرلەر بولۇپ، بۇ دەۋىردە، ئوتتۇرا ئاسىيادا ساپال قاچىلار ياسالغان ۋە ھەرخىل رەڭ ۋە نەقىشلەر بىلەن بۇيالغان بولۇپ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي ۋە ئارپا تېرىلغان بولۇپ، دېھقانچىلىقتا سۇغۇرۇش تېخنىكىسى قوللىنىلغان، ئۆي ھايۋانلىرىدىن قوي ۋە ئۆچكە كۆندۈرۈلگەن، كىيىك، تۈلكە ۋە ياۋا توڭگۇز ئوۋچىلىقى بارلىققا كەلگەن، ئوقيا ۋە مىرزاقلار كەشىپ قىلىنغان ۋە تىرە، ياغاچ ۋە سەرامىكلەردىن ھەرخىل ئۇرۇش قۇراللىرى ياسالغان بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە بىنالار سېلىنغانلىقى ئارخىئولوگىيەلىك تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە ئىلان قىلىنغانلىقى ئېيتىپ ئۆتۈلدى.

ئوتتۇرا ئاسىيادە، «كەلتەمىنار مەدەنىيىتى» مىلادىدىن بۇرۇنقى 5500 – يىللىرىدىكى دەۋىرلەر بولۇپ، بۇ دەۋىردە، ياغاچ ۋە تاشلار بىلەن ياسالغان چىدىرلاردا ئۆچمەس ئۇچاقلارنى ئىشلەتكەن چوڭ ئائىلەلەر ياشىغان، ساپال قاچىلارنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن سامان قوللىنىلغانلىقى ۋە ساپال بويۇملارنىڭ ياسىلىشى تېخىمۇ نەپىس بولغانلىقى بايقالغان. بۇ دەۋىردە، ئوتتۇرا ئاسىيادا، ئوۋچى، چارۋىچى ۋە دېھقانچىلىق يېيىلىشقا باشلىغان. ئۇرۇش قۇراللىرىدا، ئۈچ قىرلىق يا ئوقلىرى، ئۆتكۈر ئۇچلۇق نەيزىلەر ئىجات قىلىنغان. سۆڭەك ۋە تاشلاردىن زىبۇ – زىننەت بويۇملىرى ياسالغان.

ئوتتۇرا ئاسىيادا، «ھىسار مەدەنىيىتى» مىلادىدىن بۇرۇنقى 5150 – يىللىرىدىكى دەۋىرلەر بولۇپ،  بۇ دەۋىردە، ئۆيلەرنىڭ ئۇلى تاشلاردىن ياسالغان، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق كەسپىيلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. ئۇرۇش قۇراللىرىدىن پالتا، پىچاق، مىزراك ۋە ئوق ئۇچلىرى كەشىپ قىلىنغان.

ئوتتۇرا ئاسىيادا، دەسلەپكى مىس ۋە ۋە مىتال دەۋىرلىرى مىلادىدىن بۇرۇنقى 5000 – يىللىرىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000 – يىللىرىغىچە دەۋىرلەر بولۇپ، ئۆيلەر تىك تۆت بۇلۇڭلۇق سېغىز قىشلاردىن ياسالغان، ئۆي تۇرۇسلىرىدا ياغاچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۆي ئۈستى تۈز يېپىلغان، تۇرالغۇ ئۆيلەر كۆپلەپ سېلىنغان بولۇپ، دۆلەت ئورگانلىرى بىنالىرى سېلىنغان ۋە يەرلەشكەن شەھەر مەدەنىيىتى شەكىللىنىشكە باشلىغان. ساپال بويۇملارنىڭ ھەرخىل رەڭ ۋە شەكىللەردە بۇيىلىشى بىلەن بىرگە، تام رەسىملىرى، ھايۋان ۋە ئىنسان رەسىملىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.  يەرلەشكەن شەھەر مەدەنىيەتى ئومۇملىشىشقا باشلىغان، شەھەر قەلئەلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىغان،

ئوتتۇرا ئاسىيادا، مىس قۇراللار دەۋىرى «ئاندرونوۋو مەدەنىيەتى» مىلادىدىن بۇرۇنقى 2750 يىللىرىدىن 1100 يىللىرىغىچە دەۋىرلەر بولۇپ، مىستىن ياسالغان تۈرلۈك بۇيۇملار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىش بىلەن بىرگە، ئىنسانلارنىڭ شەھەرلىشىش ۋە دۆلەت قۇرۇشى كۆپەيگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبى ۋە غەرىبى بولغان يەتتە سۇ ۋە تارىم ۋادىلىرىدا دېھقانچىلىق، شەرقى ۋە شىمالى بولغان بوتائى ۋە ئافاناسىئىۋۇ رايۇنلىرىدا چارۋىچىلىق ئومۇملاشقان. بۇ دەۋىردە، مىمارلىق، ھەيكەلتاراشلىق، مىس ۋە كۆمۈشتىن ياسالغان نەپىس زىبۇ – زىننەت ئەشيالىرى تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان.

دوكتۇر پەرھات مەخسۇدوۋ ئارخىئولوگىيە لېكسىيەسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 7000 – يىللاردىكى تاش قۇراللار دەۋرىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 1100 – يىللىرىدىكى مىس قۇراللار دەۋىرىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان دەۋىرلەردىكى ئارخىئولوگىيەلىك ئىزلاردىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، قەدىمقى زاماندىكى ئافرىقا، مىسىر، ئىران، جۇڭگۇ ۋە ھىندىستان قاتارلىق قەدىمقى مەدەنىيەت ئىزنالىرى دەپ قارالغان رايۇنلارغا ئوخشاشلا، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىنىڭمۇ ئەڭ قەدىمقى مەدەنىيەت بەرپا بولغان رايۇنلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئارخىئولوگىيەلىك قېزىلمىلاردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكلات سۇنۇلغاندىن كېيىنكى چاي ۋە پاستا زىياپىتىدە، ئىلمىي سۆھبەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىلار قەدىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۆتمۈشتىكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە بەس- بەستە سوئال سوراپ پائالىيەتنىڭ جانلىقلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئارخىئولوگىيەسى ۋە تارىخىنى بىر ئارخىئولوگىيە تەتقىقاتچىسى ئۆزبەك مۇتەخەسىستىن ئۆزبەكچە ئاڭلاش يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە زوق بېغىشلىغۇچى يەنە بىر ئامىل ئىدى.

ئاخىرىدا، ئابدۇلھەمىد قاراخان يېپىلىش نۇتىقىدا، بۇ تۈردىكى ئىلىمى دوكىلاتلارنىڭ داۋاملىق بۇلۇپ تۇرىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆز ئۆتمۈشىدىن خەۋەردار بولىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلۈك تۇيغۇسىنىڭ كۈچلىنىشىگە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىيلىشىگە قاراپ يول ئېلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزبېكىستانلىق ئارخىئولوگ دوكتۇر پەرھات مەخسۇدوۋغا ۋە پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىلارغا چۇڭقۇر رەھمەت ئېيتتى.

قوشۇمچە:

1-  ئۆزبېكىستانلىق ئارخىئولوگ دوكتۇر پەرھات مەخسۇدوۋ ئارخىئولوگىيە ھەققىدە سۇنغان ئىلىمىي دوكىلاتىنىڭ ئۆزبەكچە ۋە تۈركچە ppt  ھۆججىتى.

2-  مەڭگۈتاش تىل تەربىيىلەش مەركىزى ئالاقە ئۇچۇرلىرى:

Web: http://www.mengutas.com

E-mail: bilgikut@gmail.com

Tel: 0090 312 231 67 57

Mobile: 0090 530 038 67 37

Adres: Kızılay Mah. GMK Bulvarı. Sümer 2 Sokak.  No: 32/1, Kızılay, Ankara / TURKEY

ئۆزبېكىستانلىق ئارخىئولوگ پەرھات مەخسۇدوۋ لىكسىيەسى (1)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top