You Are Here: Home » ئومۇمى » تارىخ تەتقىقاتچىسى شېرىپ خۇشتار

تارىخ تەتقىقاتچىسى شېرىپ خۇشتار

شېرىپ نىياز خۇشتار 1922- يىلى قەشقەر شەھىرىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1942- يىلى شىنجاڭ ئىنستېتۇتىدا ئوقۇغان. كېيىن قولغا ئېلىنىپ شېڭ شىسەي تۈرمىسىگە قامالغان. ئۇ، تۈرمىدە كۆپلىگەن ئۇقۇمۇشلۇق زاتلار، ئىلغار كىشىلەر ۋە ئىنقىلابچىلار بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇلاردىن تۇرمۇش يولىنى قانداق تاللاش قاتارلىق بىر قاتار مەسەلىلەردە تەلىم ئالدى. بۇ ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەنىدى. نەتىجىدە، شېرىپ خۇشتار 1945- يىلى 2- ئايدا جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق كۈرىشىگە قاتنىشىپ، «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دا پولك، برىگادا ۋە قوماندانلىق باش شىتابىنىڭ ئالاقىچىسى بولدى.
ئۇ 1947- يىلى 7- ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى چوڭ تۇتقۇندا يەنە قولغا ئېلىنىپ، 1949- يىلى 3- ئايدا تۈرمىدىن چىقتى. 6-ئايدا غۇلجىغا چىقىپ كەتتى ۋە غۇلجىدا ئىشلىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يەر ئىسلاھاتى خىزمىتىگە قاتناشتى ۋە سابىق ئۆلكىلىك ۋە شەھەرلىك بانكىدا، كىنو-فىلىم شىركىتىدە ئىشلىدى. 1958- يىلى ئوڭچى بولۇپ قولغا ئېلىنىپ، 1981- يىلى ئاقلىنىپ، پېنسىيىگە چىقتى.
شېرىپ خۇشتار 1940- يىلىدىن باشلاپ قەلەم تۇتۇپ، 1958- يىلىغىچە ھەر خىل ژانېرلاردا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ 1983- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە ئۆز خىراجىتى بىلەن شىنجاڭدىكى يەتتە ۋىلايەت، 64 ناھىيە ۋە 200 دىن ئارتۇق يېزا-كەنتلەرنى ئارىلاپ ئىزدىنىش ئارقىلىق كۆپلىگەن خام ماتېرىيال، تارىخىي رەسىملەرنى توپلىدى.
شېرىپ خۇشتار توپلىغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ياكى قەدىمىي جايلارنىڭ سۈرەتلىرىنىڭ تارتىلغان ۋاقتى 1870- يىللاردىن باشلانغان بولۇپ، سۈرەتتە كۆرسىتىلگەن بەزى ئورۇنلار ئاللىقاچان ئىزىنى يوقاتقان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ سۈرەتلەر تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. شېرىپ خۇشتار قېتىرقىنىپ ئىزدىنىش جەريانىدا ئىگە بولغان 300 پارچىدەك ماقالە، 250 پارچىدەك تارىخى سۈرەت ۋە ئۆزى تارتقان سۈرەتلەرنى ئېلان قىلدى. ئۇ يەنە 1984- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە «ئۈرۈمچى دىنىي ئىشلار تەزكىرىسى»، 1986- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە «شىنجاڭ مەدەنىيەت تەزكىرىسى» ۋە «غۇلجا شەھىرى تەزكىرىسى» نى يېزىشقا تەكلىپ قىلىندى.
شېرىپ خۇشتار يۇقىرىقى پارچە، خاس ماقالىلىرىدىن باشقا يىرىك ئەمگەكلەرنىمۇ قولغا ئالدى. ئۇ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە «ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى»، «مۇقام پېشىۋالىرى»، «تاشاخۇنۇم ۋە ئۇنىڭ تۆھپىكار ئەۋلادلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى.
ئۇ «مۇسابايوف ۋە ئۇنىڭ سودا كارخانىسى»، «شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان سودىسى» دېگەن كىتابىنى نەشرگە تاپشۇردى. ئۇ ھازىر يەنە «ئۇيغۇر ھۈنەر-كەسپلىرى»، «ئۇيغۇر يېڭى زامان مائارىپ ئارخىپى» دېگەن كىتابىنى نەشرگە تەييارلىماقتا.
شېرىپ خۇشتار ھازىر شىنجاڭ تاتار مەدەنىيەت جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۆزبېك مەدەنىئىيەت جەمئىيىتى، «12 مۇقام» تەتقىقات جەمئىيىتى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.

مەنبە:بىلىۋال تورى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top