You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئۇيغۇرچە ياشاش – خەندان

ئۇيغۇرچە ياشاش – خەندان

ئۇيغۇرچە ياشاش
*
( خەندان)
*
ئانامنىڭ تىلىدا يىغلىدىم بۈگۈن،
ھازىدار ياتقاندا شۇ ئانا تۇپراق.
ياشلىرىم ئۇيغۇرچە، ھەسرىتىممۇ ھەم،
سىغمايدۇ يۈرەككە ناتونۇش پىراق.*ئانامنىڭ تىلىدا كۈلدۈم ئېچىلىپ،
خۇشخەۋەر بەرگەندە يېقىن ۋە يىراق.
شادلىقىم ئۇيغۇرچە، ئۈمىدىممۇ ھەم،
ساقلىنار ئەتىگە، ئۇزاقتىن-ئۇزاق.

*

ئانامنىڭ تىلىدا ئۆتىدۇ كۈنۈم،
ئۇيغۇرچە ئاتالغان ھەربىر ۋاق تاماق.
تۇغۇلۇش ئۇيغۇرچە، ياشىماقمۇ ھەم،
ئۇيغۇرچە گۇڭرايدۇ بۆشۈكتە بوۋاق.

*

ئانامنىڭ تىلىدا يايرىدىم، ياندىم،
ئېلىپبە ئۇيغۇرچە بەرگەندە ساۋاق.
ھازىلار ئۇيغۇرچە، توي-تۆكۈنمۇ ھەم،
قوللارغا ئېلىنغان ئۇيغۇرچە تاۋاق.

*

ئانامنىڭ تىلىدا كۈلۈمسىرەيدۇ،
ئۇيغۇرچە ئارزۇلار سىزىلغان ۋاراق.
چۈشلىرىم ئۇيغۇرچە، ئويغىقىممۇ ھەم،
ئۇيغۇرسىز ھاياتىم جاۋابسىز سوراق.

*

ئانامنىڭ تىلىدا خىيال چاچىدۇ،
يېشىل بىر ئارمانلار قاينىغان بۇلاق.
سايرىشىم ئۇيغۇرچە، قارىشىممۇ ھەم،
ئارتۇقنى قىلماققا ئاجىزمەن بىراق.

*

ئانامنىڭ تىلىدا پىچىرلاپ ئۆتەر،
يۈرەككە سېغىنىش تاشلىغان سىياق.
مۇھەببەت ئۇيغۇرچە، نەپرىتىممۇ ھەم،
تۇيغۇمغا يېقىلغان ئۇيغۇرچە چىراغ.

*

ئانامنىڭ تىلىدا ھازا ئاچىمەن،
ئاق رەڭدىن چىقارسا ئۇيغۇرچە بايراق.
تىۋىشىم ئۇيغۇرچە، سۈكۈتۈممۇ ھەم،
تەشۋىشىم كۈزدىكى تىترىگەن ياپراق.
*
ئانامنىڭ تىلىدا يۈرەكتىكى قان،

سەۋرسىز تۈنلىرىم سەن ئۈچۈن ئويغاق.

تاقىتىم ئۇيغۇرچە، تەشنالىقمۇ ھەم،
تەس ئەمەس قىشتىمۇ باھارنى تۇيماق.

*

ئانامنىڭ تىلىدا بېشىمدىكى غەم،
ھوزۇرۇم ئۇيغۇرچە تەسەللىي تاپماق.
سوئاللار ئۇيغۇرچە، جاۋابىممۇ ھەم،
غورۇرۇم ئۇيغۇرنى ئەسلەپ ياشىماق.

2014- يىلى 22-فىۋرال

(ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 4- قېتىملىك ئاناتىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئاتاپ يازغان شېئىرى ئۈچۈن سىڭلىمىز خەندانغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەخمەت ئېيتىمىز! ئىلھاملىرى مەڭگۈ توختىمىغاي!)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top