You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقى ۋە دەۋر روھى – ئالىي مۇخبىر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم

ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقى ۋە دەۋر روھى – ئالىي مۇخبىر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئالىي مۇخبىرى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىستېتىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

ئاپتورلار: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتى 2009- يىللىق سىنىپىدىن
خۇرشىدە سەمى، ئىسمائىل ھېكىم

ئاۋازلىق ھۆججەتنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن چۈشۈرۈڭ:
360دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش:  http://yunpan.cn/QDF42CM9WRyZB
بەيدۇ دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش: http://pan.baidu.com/s/1ckFVU
تېڭشۈن دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش: http://url.cn/KWLYwD

ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم خىزمەتكە قاتناشقان جەرياندا يازغان ئاخبارات ئەسەرلىرى ئىچىدە 60 نەچچە پارچىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا مەملىكەت، ئاپتونوم رايون ھەمدە ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە مۇكاپاتلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە 13 پارچىسى شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتىنىڭ 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا، تۆت پارچىسى مەملىكەت بويىچە بەش ئاپتونوم رايون پارتىيە گېزىتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئاخبارات ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 1999- يىلدىن 2008- يىلغىچە ئۇدا توققۇز يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاخباراتچىلارنىڭ ئەڭ ئالىي شان- شەرىپى ــــ شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتىنىڭ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2007- يىلى ئۇ يەنە «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر تېخنىكا خىزمەتچىسى» شەرىپىگە ئېرىشتى، 2008- يىلى 3- ئايدا «مەملىكەت بويىچە ئون مېھرىبان مۇخبىر» بولۇپ باھالاندى ھەمدە شۇ يىلى 5- ئايدا «مەملىكەتلىك<4- ماي> ياشلار مېدالى»غا ئېرىشتى. 2008- يىلى «ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئاخبارات ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ناملىق ئىككى قىسىملىق كىتابى نەشىر قىلىندى.».

تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن مېھمىنىمىز ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنت ئىمامموللاخۇن مۇئەللىم بىلەن يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى.

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىستېتى ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتفاكۇلتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسان، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئالىي مۇخبىرى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتدىكى ئوقۇغۇچىلارغا «ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقى ۋە دەۋر روھى» دېگەن تېمىدا بىر مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى. بۇ قېتىمقى لېكسىيەگە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىستېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا، بېيجىڭدىكى ھەرقايسى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇۋاتقان  ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاخبارات، نەشرىيات ساھەسىدەئىشلەيدىغانلار بولۇپ جەمئىي 200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. لېكىسىيەگە ئۇيغۇرتىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىمام موللاخۇن رىياسەتچىلىك قىلىدى. ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان لېكسىيەدە ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم مۇخبىرلىق سەنئىتى، مۇخبىرلىقنىڭ خاراكتېرى، مۇخبىرنىڭ مەسئۇلىيىتى، مۇخبىرلار ھازىرلاشقاتېگىشلىك ساپا،  ھەمدە ئۆزىنىڭ كەسپى ھاياتىدايولۇققان قىيىنچىلىقلارنى قانداق  يەڭگەنلىكنى ئەمەلىي مىساللار  ئارقىلىق سۆزلىدى. لىكسىيە ئارلىقىدا ساۋاقداشلارنىڭ گۈلدۈراس ئالقىش سادالىىرى ئۈزۈلمەيتتى. ئاخىرىدا مەركىزىي خەلقرادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ ياش تالانتلىق دىكتورى ۋە مۇخبىرى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم بۇ قېتىمقى لېكسىيەدىن خۇلاسە چىقىرىپ، ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىمنىڭ خىزمەت ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھالارنى بەردى ۋە مۇنداق دېدى: «مۇخبىرلار ئەمگەكچان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار يىل بويى سىرتتتا چېپىپ يۈرۈپ، يېڭى ئۇچۇر بايقىغان ھامان شۇ يەردە ھازىر بولىدۇ. تاماقنى ئۇنتۇيدۇ، ھايات-ماماتتىكى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ، ئۇلار ھەسەل ھەرىسى گۈل چېڭى تارقاتقىنىغا ئوخشاش، مۇخبىرلىق پائالىيىتى جەريانىدا ئۇچۇرلارنى، تەجىرىبىلەرنىۋە بارلىق گۈزەل نەرسىلەرنى ئەڭ مۇھىمى ئۇلار ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىسمانىي ئەمگەكنى بىرلەشتۇرۈپ ئىجادچانلىق بىلەن ئىشلەيدۇ. ئۇستازىم ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىمنى ئورىۋېلىىپ ئۇنىڭدىن ئاخبارات كەسىپىگە ئائىت سۇئاللارنى سورىدى. ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار كوللىكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەندىن كېيىن بۇ ئەزىز مېھماننى كۆزلىرى قىيمىغان ھالدا ئۇزۇتۇپ قويدى.

لېكسىيە ئاللىقاچان ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، زالدىكى ئوقۇغۇچىلار تېخى قايتىپ كەتمىگەنىدى. شۇئارىدا بىز بۇ قېتىمقى لىكسىيەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان فاكۇلتېت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۆگۈنۈش بۆلىمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى رۇقىيە ھەبىبۇللانى بۇ قېتىمقى لېكسيەدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى مەن گېزىت ـ ژۇرناللاردىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم يازغان نۇرغۇنلغان ئەسەرلەرنى ئوقۇغان بولساممۇ، تا بۈگۈنگە قەدەر كۆررۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنىدىم، مانا بۈگۈن مېنىڭ بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى. دەسلەپتە ئۇنىڭ يۇمۇرىستىك گەپ- سۆزلىرى مېنى كۈلدۈرگەن بولسا ، كېيىن ئۇنىڭ كىچىك پېئىللىقى، كەمتەرلىكى، كەسىپكە بولغان ئوتتەك قىزىقىشى، قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەيدىغان قەيسەرلىكى مېنى چۇڭقۇر ئويغا سالدى. بۇ قېتىمقى لىكسىيەدىن ئۆزۈمنىڭ ئۆگۈنۈشىمگە بىر ئۈلگە تاپقاندەك، روھىي جەھەتتىن ياخشى بىرئوزۇق ئالغاندەك بولدۇم.
________________________________________
مەركۇز خەۋەرنى تەييارلىغۇچى خۇرشىدە،  ئىسمايىل  ۋە ئاۋازلىق ھۆججەتنى تەمىنلىگۈچى توختى قارىغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!
مۇناسىۋەتلىك تېما : لىكسىيە-ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقى ۋە دەۋر روھى
http://shewqiy.com/thread-2125-1-1.html

مەنبە: ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقى ۋە دەۋر روھى

http://www.shewqiy.com/thread-2154-1-1.html

 

 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top