You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك دوكتور ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى مۇۋەپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 4-نۆۋەتلىك دوكتور ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى مۇۋەپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

1479148_742713439090533_1242735256_n[1]

2013- يىلى 29- دېكابىر يەكشەنبە كۈنى تۈركىيەدە خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى، ئىستانبۇلغا جايلاشقان دېنىز فەنىرى ئىجتىمائى ياردەملەشمە جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا، ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر دوكتۇر، ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئىلمى دوكلات بېرىش مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.

بۇ مۇھاكىمە يىغىنى ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن كىچىك قىز شەھىدە  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» شېئىرىنى دېكلىماتسىيە قىلدى.

مۇھاكىمە يىغىنىغا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە قاتارلىق مەركىزى شەھەرلىرىدە دوكتۇر ۋە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن 2 ئوغۇل ۋە 3 قىز ئوقۇغچى بولۇپ جەمئىي 5 كىشى دوكلات بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ …. قاتارلىق تەتقىقات تۈرلىدىن تەييارلىغان، مول مەزمونلۇق، ئىلىم مېۋىلىرىنى سۇندى.

ئاخىرىدا «بىر مىليون بىز» ئىسمىدىكى تور بېتىدە مىڭلارچە ئاڭلىغۇچىلارغا ئىسلامى بىلىملەردىن دەرس بېرىپ كېلىۋاتقان ئۇستاز كۆسەنى، قۇرئان ۋە ئۇنىڭدىكى تەبىئىي پەنگە ئائىت ئايەتلەر ھەققىدە توختىلىپ، قۇرئان ۋە ئەرەپ تىلىنىڭ يەر شارى ۋە ئالەم بوشلۇقىدىكى بارلىق شەيئىلەرنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئىپادىلەشتىكى ھېكمەت ۋە ئۇسلۇبىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايان قىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا دوكلات بەرگۈچىلەرگە خاتىرە بويۇم ھەدىيە قىلىندى ۋە بۇ يىل دوكتورلۇق ۋە ئاسپىرانتلىق كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتلاندى. مۇھاكىمە يىغىنى كۆسەنى ئۇستازنىڭ ئوغلى، كىچىك قارى ئەكرەمنىڭ تىلاۋىتى ۋە دۇئاسى بىلەن ئاياقلاشتى، ھەممەيلەن ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ ئىشلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ راۋاج تېپىشى ئۈچۈن قىزغىن تىلەكلەربىلدۈرۈپ قايتىشتى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

1463205_742726495755894_458431318_n[1]

1505227_742726599089217_937907855_n[1]1551534_742726642422546_605845549_n[1]1491687_742726675755876_18223494_n[1]1486926_742726562422554_834482426_n[1]1479148_742713439090533_1242735256_n[1]1487400_742713495757194_391048494_n[1]1512627_742713585757185_1294158247_n[1]1531776_742713612423849_1069524963_n[1]1504132_742713629090514_1201632462_n[1]1510449_742713395757204_1364572782_n[1]1503924_742713422423868_1580614111_n[1]

 

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top