You Are Here: Home » ئومۇمى » بىر نوبېل مۇكاپاتى ساھىبىنىڭ ھېكايىسى

بىر نوبېل مۇكاپاتى ساھىبىنىڭ ھېكايىسى

(بىلگەجان)

2009-يىللىق نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىسرائىليەلىك بىر ئايال بىئولوگىيە ئالىمى ئادا يوناس (Ada Yonath) بىزگە ئۆزىنىڭ ناھايتى تەسىرلىك ھېكايسىنى سۆزلەپ بىرىدۇ. قېنى قۇلاق سالايكى، ئۇ نىمە دەيدىكىن:

مەن 1939-يىلى ئېرۇسالىمدا ناھايتى نامرات بىر ئائىلىدە تۇغۇلدۇم. ئائىلىمىز نامرات بولغاچقا بىر تۆت ئېغىزلىق بىنا ئۆيدە باشقا ئىككى ئائىلە ۋە ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرى بىلەن بىللە ئىجارە ئىلىپ تۇراتتۇق. مېنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىم دادامنىڭ كېسىلى ۋە مېنىڭ ئەتراپىمدىكى تەبىئەتنىڭ سىرلىرىنى چۈشىنىشكە بولغان ئىشتىياققا مەركەزلىشىدۇ. ناچار شارائىت مېنىڭ غايەت زور قىزىقىشلىرىمنى ئاجىزلاشتۇرالمىغان ئىدى. بەش يېشىمدىلا، مەن دۇنيانى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان ئىدىم. بىر قېتىملىق سىناقتا مەن بىزنىڭ كىچىككىنە بالكونىمىزنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆي ئىچىدىكى جاھازلار ئارقىلىق ئۆلىچىمەكچى بولدۇم. مەن بىر ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر ئۈستەلنى قويدۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر يۆلەنچۈكلۈك ۋە يۆلەنچۈكسىز ئورۇندۇقنى قويدۇم، شۇنداقتىمىۇ يەنىلا ئۆگزىگە تاقاشمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۈستىگە يامىشىپ چىقتىم ۋە يەر ئاستى قەۋەت بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان ئارقا ھولىغا يىقىلپ چۈشۈپ بېلىكىمنى سۇندۇرۋالدىم…قېرىشقاندەك، ھازىر بۇ ئۆيدە تۇرۋاتقانلار ئۆينىڭ ئۆگزىسىنى قايتىدىن ياسىغان بولغاچقا، بۇ سىناقنىڭ نەتىجىسى تا ھازىرغىچە نامەلۇم پېتى قالدى.

مېىنىڭ ئاتا-ئانام دىننىي ئائىلىلەردە ئۆسكەن ئىدى، دادام ئاساسلىقى جۇدىزىمدا، ئانام بولسا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشتا تەربىيەلەنگەن. مەھەللىمىزنىڭ يىقىن ئەتراپىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى خۇددى ئاتا-ئانام تەربىيەلەنگەندىكىگە ئوخشاش پىرىنسپنى ئاساس قىلاتتى. بىراق، ئائىلىمىزنىڭ نامراتلىقى ۋە ئاتا-ئانامنىڭ رەسمىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگىنىگە قارىماي، ئۇلار مېنى ناھايتى داڭلىق بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن بۇرۇنقى مەھەللىمىزدىن كۆچۈپ كەتكەن ئىدۇق.

دادام دائىملا ئاغرىپ قالاتتى ۋە كۆپ قېىتم ئوپراتسىيە قىلىنغان ئىدى. ئاخىرى مەن 11 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ تۈگەپ كەتتى. ئانام ئارانلا قالغاچقا مەن شۇ يېشىمدىن باشلاپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ تۇرمۇشىمىزنى قامدىدۇق. مەن ئۆي تازىلاش، بالا بېقىش دەمىسز ياكى مەندىن كىچىك بالىلارغا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇش دەمسىز، ئشىقىلىپ ھەممىنى قىلىپ باققان. ئىككىمىز شۇنچە ئىشلەپ تۇرۇپمۇ يەنىلا ئائىلىمىزنى قامدىغۇدەك پۇل تاپالمىغاچقا بىر يىلدىن كىين بىزئانامنىڭ ئاچا-سڭىللىرىغا يىقىنراق تۇرۇش ئۈچۈن تىل ئاۋىۋ شەھرىگە كۆچۈپ كەتتۇق.  ئۇ يەردە ئانامنىڭ ئېغىر كۈنلەردە قىلىشى بىلەن كارى بولماي مېنى قوللىشى بىلەن مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى تاماملىدىم.

مەن مەجبۇرى ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىمنى بىر ھەربىي دوختۇرخانىنىڭ «ئەڭ مەخپىي ئىشخانا» سىدا ئۆتكۈزدۈم،  تەليىمگە يارىشا، ئۇ يەردە مەن ھەرخىل كىلىنىكىلىق ۋە مىدىتسىنا مەسلىلىرىگە دۇچ كەلگەن ئىدىم. شۇنداق بولغاچقا كىيىنچە مەن ئېرۇسالىم ئىبراي ئۇنىۋىرستىتىغا قوبۇل قىلىندىم. مەن شۇ مەكتەپتە خېمىيە، بىئوخېمىيە ۋە بىئوفىزىكا كەسىپلىرىدە تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىرلىق ئوقۇشلىرىنى تاماملىدىم. مەن دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇمنى ۋېيىزمان ئېنىستىتۇتىدا پۈتتۈردۈم. مەن كوللاگېننىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلاشقا تېرىشتىم.  مەن پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقاتىمنىڭ بىرىنچى يىلىدا پېنسىلۋانىيە شىتاتى (ئامرىكا) پىتىسبۇرگ شەھرىدىكى مېللون ئىنىستىتۇتىدا مۇسكۇلدىكى تالالىق ئاقسىللار ئۈستىدە تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇردۇم. ئۇنىڭىدىن كىين ماسساچۇسېتىس تېخنىكا ئۇنىۋىرستىتىغا كۆچۈپ بىرىپ شارچىسىمان ئاقسىل ستافىلوكوكوس يادرو ئېنزىمى ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ باردىم. مەن پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقاتىنى تاماملىغاندىن كىيىن 1970-يىلى ۋېيىزمان ئېنىستىتۇتىغا قايتتىم. شۇ جايدا مەن ئىسرائىليەدىكى تۇنجى بىئولوگىيلىك كراستاللوگرافىيە تەجىرىبىخانىسىنى قۇردۇم ۋە تەجىرىبخانام ئۇدا ئون يىلغىچە بىردىبىر شۇ تۈردىكى تەجرىبىخانا بولۇپ قالدى.
1970-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، مەن ۋېيىزمان ئىنىستىتۇتىدىكى ھايات ھۆجەيرىلەر ئۈستىدىكى بىر مۇھىم مەسلىنى يىشىپ چىقىمەن دىگەن غايىدىكى بىر ياش تەتقىقاتچى ئىدىم، بۇ سۇئال بولسا: ھۆجەيرىلەردە ئاقسىلنىڭ قانداق بىئو-سېنتىزلىنىشى ئىدى. بۇ مەقسىتىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەن رىبوسوم – يەنى ھۆجەيرىنىڭ گېنتىكىلىق سېفىرلارغا يىزىلغان ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىپ ئاقسىل ياسايدىغان زاۋۇت، نىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى بولدۇم. شۇنداق قىلسام بۇ جەريانغا يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان مېخانىزىمنى تىپىپ چىقالايتتىم. بۇ بىر 20 يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق يىللىق كۆرەشنىڭ ئەمدىلا باشلىنىشى ئىدى. مەن بۇ جەرياندا خەلىقئارا ئېلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىشەنمەسلىكى، ھەتتا مېنى ساراڭ دەپ ئويلىشىدەك قيىنچىلىقلارغىمۇ يۈزلەندىم. مەن بۇ مۇساپىنى چومۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئۇچىغا چىققاندا، يەنە بىر چومۇلاڭما چوققىسىنىڭ قەد كۆتىرىپ تۇرغىنىنى كۆرگەنگە ئوخشىتىمەن.

مەن بۇ تەتقىقاتلىرىمنى بېرلىندىكى مولىكۇلا گېنتىكىسى ماكىس پلانك ئىنىستىتۇتىدىكى پرافىسور ۋىتمان بىلەن بىللە باشلىغان. ئۇ بۇ تەتقىقاتلارنى ئىلمىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن قوللىغان ئىدى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا مەنمۇ ۋېيىزمان ئىنىستىتۇتىدىكى تەجىرىبخانامنى ساقلاپ قالدىم. دەسلەپتە تەتقىقات مەبلىغىم ناھايتى ئاز ئىدى، شۇ مەزگىللەردە ئامرىكا دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى (US National Institute of Health, NIH) تىن بىر تەتقىقات تۈرى مەبلىغىغە ئېرىشتىم. بەش يىللىق تېرىشىش ئارقىلىق، ھېلىن كىممېل خانىم ۋېىيزمان ئىنىستىتۇتىدا بىر ماكرومولېكۇلا قوراشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ چىقتى، شۇنىڭدىن باشلاپ مەن يەر شارىنىڭ ھەممە بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىكى تەتقىقاتچىلارنى بۇ ساھەدە يىتەكلەيدىغان كىشىگە ئايلىنىپ قالدىم. گەرچە مېنىڭ تەتقىقاتلىرىم بىر ھاياتلىقنىڭ ئەڭ ئاساسىي تەركىبىنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇشتىن باشلانغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ بىرىلىدىغان ئانتىبىيوتىكلارنىڭ (باكتېرىيەنى ئۆلتۈرگۈچى دورىلار) قانداق مىخانىزىمدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بەردى. مېنىڭ تەتقىقاتلىرىم پەقەت ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنى ياساشقا ئاساس سېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە 21-ئەسىردە مىدىتسىنادىكى ئەڭ جىددى مەسلىلەرنىڭ بىرى دەپ قارالغان ئانتىبىئوتىكلارغا قارشىلىق قىلالايدىغان باكتېرىيەلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى يېڭى قورالنى ئالىملارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

رىبوسوم ھاياتلىق ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالىملار رىبوسومنىڭ فۇنكىسىيەسىنى قانداق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لىكىن رىبوسومنىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى ئېنىق چۈشەنمەي تۇرۇپ بۇ مەسلىگە قارىتا چوڭ جەھەتتىن بىر ئېنىق خۇلاسە چىقىرىشتا ئۈمىد يوق دىيەرلىك ئىدى. مولېكۇلا سەۋىيىسىدە بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشنى ئېچىپ بىرىش ئۈچۈن، ئادەتتە كرىستاللاشقا توغرا كىلىدۇ، لىكىن رىبوسومغا كەلگەندە ئىشلار تېخىمۇ بىر بالداق مۇرەككەپلىشىدۇ. چۈنكى رىبوسوم بولسا ئاقسىل ۋە RNA زەنجىرلىرىدىن تۈزۈلگەن مۇرەككەپ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشكە ئىگە. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ رىبوسومنىڭ ھەددېدىن تاشقىرى ئېلاستىكىلىقى، تۇراقسىزلىقى ۋە ئىچكى تۈزۈلۈشىدە سېممىتىرىكلىكىنىڭ كەمچىللىكى ئۇنى كىرىستاللاشنى ئىنتايىن قېيىن بىر ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى.

1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا، بىز ئىسرائىليەدىكى ۋېيىزمان ئىنىىستىتۇتى ۋە گېرمانىيەدىكى ماكىس پلاك ئىنىستىتۇتىدا ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ، رىبوسومنىڭ تۇنجى مىكرو كرىستالىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردۇق. مەن نەق مۇشۇ ئىش ئۈچۈنلا تەتقىق قىلىپ چىققان ئۇسۇللار ۋېيىزمان ئىنىستىتۇتىدىكى پرافىسورلار ئادا زامىر، رۇس مىسكىن ۋە دەيۋىد ئېللىسونلار بارلىققا كەلتۈرگەن رىبوسومنى كرىستاللاشنىڭ تەييارلىق ئۇسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماڭا ئېلھام بولغىنى ئۈچەككە (قىشلىق ئۇيقۇ) كىرگەن ئېيىقلارنىڭ ئۈچەككە كىرىشتىن بۇرۇن رىبوسوملىرىنى ناھايتى رەتلىك بىر شەكىلدە تىزىشى ۋە بۇ رىبوسوملارنىڭ مۇشۇ تۇرقىنى ئۆزگەرتمەي ئايلارچە تۇرۇشى ۋە يەنىلا فۇنكىسىيەسىنى داۋاملاشتۇرلۇشى ئىدى. بۇنى مەن رىبوسومنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشتىكى بىر تەبىئىي سىتراتىگىيە دەپ چۈشىنىپ، ئىنتايىن قاتتىق (رادىكال) شارائىتتا ياشايدىغان جانلىقلارنى ئىزدىدىم. بۇلارنىڭ تۇنجىسى دوكتۇر ئېردمان تەقدىم قىلغان يېرىم قىزىققا چىدامچان باكتىرىيە ئىدى. كىينچە مەن ئۆلۈك دېڭىزنىڭ زىيادە ناچار مۇھىتلىرىدا، قىززىق بۇلاقلاردا ۋە ئاتوملۇق دۆۋىلەردە ياشايدىغان چىداشچان باكتېرىيەلەرنىڭ رىبوسومىنى ئاساس قىلىپ بىر يېڭىچە تەجىرىبە سىستىمىسىنى بەرپا قىلدىم. شۇنداق قىلىپ بىز بىر قەدەر قىسقا مۇددەتتە رىبوسومنىڭ تۇنجى مىكرو كرىستالىنى ياساپ چىقالىدۇق. بىراق، بىز دەسلەپكى دىففراكسىيەلىك بېشارەتلەرگە ئېرىشكەندىن كىينمۇ، مەن رىبوسومنىڭ تۈزۈلۈشىنى بەلگىلەش پىلانىمنى ئوتتۇرىغا قويغىنىمدا نۇرغۇن داڭلىق ئالىملار ماڭا ئىشەنمەسلىك ۋە تەنە بىلەن قارىدى. شۇنداق قىلىپ مەن «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خام خىيالچى»، «سەھرالىق ئەخمەق»، «ئاتالمىش ئالىم» ۋە «چۈشلىرى بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيدىغان كىشى» دىگەندەك «شەرەپلىك» ناملارنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدىم.

1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بىز رىبوسومنىڭ بىر چوڭ بۆلىكىگە سوزۇلغان بىر تونېلنى كۆردۇق. بۇنىڭىغا قاراپ ۋە بۇرۇنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن (Malkin & Rich, 1967, Blobel & Sabatini, 1970) ئامىنو كېسلاتالىرىدىن ياسىلىۋاتقان بېخ ئاقسىل دەل مۇشۇ ئۆتەڭ ئارقىلىق ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلەپ ئاخىرى پىشىپ يىتىلگەن ئاقسىلغا ئايلىنىدۇ ۋە رىبوسومدىن ئايرىلىدۇ، دەپ پەرەز قىلدۇق. مېنىڭ تەتقىقات ھاياتىمدا، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ھەر قايسى تۈزۈلۈش بىئولوگىيە تەجىرىبخانىلىرىدا دائىم ئىشلىتىلۋاتقان بىر قانچە تېخنىكىلارنى ئىجاد قىلدىم. بۇلارنىڭ بىرى سوغۇق-بىئو-كرىستاللوگىرافىيە (cryo-bio-crystallography) بولۇپ، بۇ بىر خىل كرىستالنى ھەددېدىن زىيادە سوغۇق تىمپراتۇردا، يەنى -185 سىلسىيە گرادۇستا سوۋۇتۇش ئارقىلىق،  X-نۇردا بومباردىمان قىلغاندا كرىستالنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئۆزگىرىپ كىتىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدىغان تېخنىكا ئىدى. شۇنداق بولغاچقا بىز ئىشلىگەن تەجىرىبىلەر ئۆزگىچە ۋە ئالاھىدە ئىدى. بۇ بىر «مانا تاپتىم! ئاخىرى تاپتىم!!» دەپ سەكرەپ كىتىدىغان ئىشلاردىن ئىدى. ئەمەليەتتە، بۇ ئەمەليەتتە مەن ئۈچۈن 12 يىلدىن كىيىن تۇنجى قېتىم رىبوسومنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تۈزۈلۈشىنى كۆرگەن ۋاقتىمدىكى ھاياجانىمدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كىشىنى ھاياجانغا سالدىغان مىنۇتلاردىن ئىدى. گەرچە بىز مۇرەككەپ، جەڭ ئېلان قىلىدىغان مەسلىلەرنى ھەل قىلىشتىن خۇشاللىق تىپىپ تۇرغان بولساقمۇ، لېكىن بۇنداق «مانا تاپتىم! ئاخىرى تاپتىم!!» دىگۈزىدىغان مىنۇتلار كەمدىن-كەم نېسىپ بولاتتى…

90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە، رىبوسومنى كرىستاللاشنىڭ قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىنىمىزدا، بىر نەچچە داڭلىق ئۇنىۋىرستىت ياكى تەتقىقات ئىنىستىتۇتلىرىدىكى ئالىملارمۇ ئوخشاش تەتقىقاتنى باشلىۋەتتى. ئۇلارمۇ بىز كۆرسەتكەن نەتىجىلەرنى قايتىلاپ ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشكەچكە، مەن ئەمدى بۇ ساھەدە يالغۇز ئەمەس ئىدىم. 90-يىللارنىڭ ئاخرىدا، كراستاللاشتىكى ئىلگىرلەشلەرنىڭ ياردىمى بىلەن، بىز ۋە بىز بىلەن ئوخشاش تەجىرىبە سىستىمىسىنى ئىشلەتكەن بىر قانچە گۇرۇپپا X-نۇر دىففراكسىيسى ۋە دىففراكسىيەنى چۈشەندۈرۈشتىكى يۇقىرى ئېنىقلىق توسىقىنى مۇۋاپىققىيەتلىك بۇزۇپ تاشلىدۇق. رىبوسومنىڭ كىچىك بۆلەكلىرىنىڭ ئېلىكتىرون زىچلىق خەرىتىسى ھەقىقەتەنمۇ بىر بۆسۈش بولدى، بولۇپمۇ بۇ بۆسۈش مېنى ئاجايىپ تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجانلارغا سالدى. ئۇنىڭدىن كىيىن، 2000 ۋە 2001-يىللىرى بىز باكتېرىيە رىبوسومىنىڭ چوڭ ۋە كىچىك ئىككىلى بۆلىكىنىڭ تولۇق بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى ئېلان قىلدۇق.http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/11007480
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/12762007

بۇ بايقاشلار ئېنىقكى 20 يىللىق تەتقىقاتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئىدى، لىكىن مېنىڭ رىبوسومنى چۈشىنىشتىكى ئىزدىنىشلىرىم تاماملىنىشتىن تېخى يېراق. رىبوسومنىڭ تۈزۈلۈشى توغرىسىدىكى يىڭى بىلىشلەر بىلەن قوراللانغاندىن كىيىنلا، مەن بۇ تۈزۈلۈشلەرنىڭ رىبوسومنىڭ فۇنكىسيەسى توغرىسىدا يەنە قانداق يېڭى بايقاشلارنى بىزگە ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى ۋە باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنىڭ قانداق قىلىپ رىبوسومنىڭ بۇ فۇنكىسىيەلىرىنى توسالايدىغانلىقىنى قېدىرىپ چىقىشقا قاراپ ئىلگىرلىيەلەيتتىم. رىبوسوملار ھاياتلىق ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم بولغاچقا نۇرغۇن ئانتىبىئوتىكلار ئۇلارنىڭ فۇنكىسىيەلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق باكتېرىيەنى ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يىتىدۇ. بىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىشلىرىمىزدىن كەلگەن رىبوسومنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكىسىيەسى ئۈستىدىكى بۇ ئىلگىرلەشلەر يەنە بىزنىڭ بار بولغان ئانتىبىئوتىكلارنى ياخشىلىشىمىز ۋە يېڭىلىرىنى ياسىشىمىزغىمۇ بىر يول ئاچتى. شۇڭلاشقا بىز بار بولغان 24 تىن كۆپرەك ئانتىبىئوتىكلار بىلەن بىرلەشكەن باكتېرىيە رىبوسومىنى كېسەللىك مودېلى سۈپىتىدە كرىستاللاپ چىقتۇق. بىز بۇنىڭدىن دورىلارنىڭ بىر ئېنىق بولغان فۇنكىيسەلىك مەركىزى ياكى شۇنىڭغا يىقىن جايدىكى «يانچۇق» قىلا باغلىنىدىغانلىقىنى بايقىدۇق ھەم دەل شۇنداق بولغاچقىلا بىز رىبوسومنىڭ باكتېرىيە ئاقسىللىرىنى داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىشىنى توسۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يىتەلەيدىكەنمىز. 2001-يىلى بىز تەبىئەت Nature ژورنىلىدا بۇ بايقاشلىرىمىزنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، رىبوسومنى نېشان قىلغان ئانتىبىئوتىكلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك تەسىر قىلىش مىخانىزىمنى تەپسىلىي ئېنىقلاپ چىقتۇق ۋە  بۇ تەتقىقاتلار ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.

بارلىق ئالىملار ئۈچۈن بىر ھەقىقىي ئىلمىي بايقاش بولسا ئەڭ يۈكسەك نېشاندۇر. ئۆزەمنى مېسال ئالسام بىر ۋاقىتلاردا شۇنداق دىگەنلىرىم ھېلىھەم يادىمدا: «نېمە ئۈچۈن رىبوسوم ئۈستىدە تەتقىقات قىلىمەن، ئۇلار بەرىبر ئۆلۈكقۇ؟!..بىر ئۇلار توغۇرلۇق بىلىشكە تىگىشلىكنىڭ ھەممىنى بىلىمىزغۇ؟…» ۋە ياكى «بۇ بىر بارسا كەلمەس يول ئىكەن»، ياكى «سەن بۇ يولنى ئاخىرلاشتۇرغىچە ئۆلۈپ بولىسەن بەرىبىر…». شۇنداق، مېنى رازى قىلغىنى بۇ گۇمانلىرىم ھەممىسى خاتا بولۇپ چىقتى، رىبوسوملار ھايات ۋە (خۇددى مەندەكلا) ياشناپ تۇرۇپتۇ ھەم ئۇلارنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تۈزۈلۈشى نۇرغۇن يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقاتلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولدى!

كەلگۈسىدىچۇ؟ بىز يىراق ئۆتمۈشتىكى ھاياتلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشنى پىلانلاۋاتىمىز. رىبوسوملار بارلىق ھايات ھۆجەيرىلەردە، ئىشقىلىپ باكتېرىيەدىن تارتىپ سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغىچە ھەممىسە رىبوسوم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپ ئورۇنلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى تەدرىجىي تەرەققىيات داۋامىدا ئورتاق ساقلىنىپ قالغان. بىز ھازىرقى زامان جانلىقلىرىدىكى رىبوسوملاردىن پىپتىدا باغلىرىنى ھاسېل قىلىدىغان شۇنداقلا ھاياتلىقنى پەيدا قىلىدىغان ئىپتىدائىي ئاپپاراتلارنىڭ ئىزناسى بولغان بىر رايوننى تىپىپ چىقتۇق. تۇنجى رىبوسوملار قانداق قىلىپ ھاياتلىققا ئېرىشكەن؟ ئۇلار قانداق قىلىپ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا ئاشۇ ئىپتىدائىي ھالەتتىن ھايات ھۆجەيرىلەردىكى بۈگۈن بىز كۆرۋاتقان ناھايتى پىشىقان ئاقسىل زاۋۇتىغا ئايلانغان؟ بىز مۇشۇ سۇئاللار ۋە باشقا ئالاقىدا سۇئاللارغا كەلگۈسى تەتقىقاتلىرىمىزدا جاۋاپ تاپىمىز.

نوبېل مۇكاپاتىنىڭ بۇ ساھەگە بېرىلىشى رىبوسومنى دۇنيا جامائىتىگە يۈزلەندۈردى ھەم ھەقىقىي ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشنى قوزغاپ ياشلاردا بىر تەسەۋۋۇرنى ئويغاتتى. مېنىڭ چېچىم بۈدرە بولغاچقا، ھازىر ئىسرائىلىيەدە مۇنداق بىر يېڭى  گەپ مەيدانغا چىقتى: بۈدرە چاچ دىمەك پۈتۈن باشتنى قورشىۋالغان رىبوسوملار توپىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، مېنىڭ تەتقىقاتلىرىمغا ئېلھام ئاتا قىلغان، نۆۋەتتە يەر شارى كلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن يوقىلىش گېردابىغا بىرىپ قالغان شىمالي قۇتۇپ ئېيىقى يۈزلىنىۋاتقان مەسلىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيا خەلقىگە تاشلىدى.

بۇ تەتقىقاتلاردا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياردىمى ۋە ئاكتىپ قاتنىشىشى بولمىغان بولسا ھەرگىزمۇ بۈگۈنكى نەتىجىلەر مەيدانغا كەلمىگەن بولاتتى. مىنىڭ مۇشۇ پۇرسەتتە ۋېىيزمان ئېنىستىتۇتىغا، بولۇپمۇ ئېنىستىتۇت مەسئۇللىرىدىن 20 يىلدىن ئارتۇق مەن بىلەن بىر سەپتە ئىشلىگەن ۋە مېنىڭ ئىشلىشىمگە رۇخسەت قىلغان رەئىس مايكول سېلا ۋە ھايىم ھارارىغا؛ ماكىس پلاك جەمئىيتىگە، بولۇپمۇ بۇ تەتقىقاتلارنى مەن بىلەن بىللە باشلىغان مەرھۇم پرافىسور ۋىتمان ۋە كىممېلمەن مەركىزىنى قۇرغان ۋە ساقلاپ قالغان شۇ ئارقىلىق تەتقىقاتلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى باشلىنىشىغا كۈچ چىقارغان ھېلېن كىممېل خانىمغا؛ ۋە ياخشى-يامان كۈنلەردە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان ھامبۇرگ ۋە ئىسرائىليەدىكى خىزمەتداشلىرىمدىن فرانك شىلۇزېن، ھېيكى بارتلېس، جورگ ھارمس، ئانتې توچىل، ئانات باشان، ئىلىنا ئاگمون، تامار ئاۋېربەچ، زىۋا بېركوۋېچ-يېللىن، رھز زارىۋاچ ۋە شۇلامېت ۋېينستەيىنلەرگە؛ شۇنداقلا بېرلىندىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىمغا تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.

ھەممىدىن مۇھىمى، مېنىڭ دائىم يوقاپ كېتىشلىرىم ۋە كاللامنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە ئەمەسلىكىنى بىلىپمۇ قاقشىماي ۋە سۇئال قويماي مېنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن ئائىلەمگە ئەڭ زور تەشەككۈر ئېيتىمەن. ئۇلار مېنىڭ ئىلىم-پەندىن ناھايتى يىراقتا چوڭ بولغان ئاتا-ئانام، بولۇپمۇ بالىلىق ۋاقتىلىرىمدا دادام ۋاپات بولغاندىن كىيىن ھەممە قېينچىلىقلارنى يېڭىپ مېنى قاتارغا قوشقان ۋە تەربىيلىنىشمگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن ئانام، سېڭلىم نۇرىت، يىنىدا بار ۋاقتىلىرىمدا ۋە يېنىدا بولالمىغان كۈنلەردە ماڭا چىداپ كەلگەن قىزىم ھاگىز ۋە مېنى بەش يېشىدا باغچىسىغا باشلاپ بىرىپ كىچىك دوستىلىرىغا رىبوسوم توغۇرلۇق سۆزلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلغان نەۋرە قىزىم نوئالاردۇر.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top