ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپكە…
خوش-خەۋەر تارقالدى يۇرتۇم قوينىدا،كۈلمەكتە تەڭرىتاغ بوغدا چوققىسى.
خەلقىمنىڭ يۈرۈكى سەزدى باھاردەك،
شاتلىقتا ئۇنتۇلدى دىكابىر قېشى.
*
ئۇيغۇرنىڭ ئوغلانى شۆھرەت مۇتەللىپ،
شان-شەرەپ قازاندى دۇنيا باش ئەگدى.
پەخرىمىز ئۇ بىزنىڭ سورىسا ئەللەر،
تارىملىق دەڭلارچۇ ئالىمنىڭ تەكتى.
*
شۆھرىتى تۇنۇلدى يەتتە ئىقلىمغا،
ئۇيغۇرۇم ئوغلىغا تۇتىدۇ دەستە.
ئالقىشلار ياغدۇرار تەكلىماكانمۇ،
شۆھرەت دەپ توۋلايدۇ بارخانلار دەشتە.
*
ئەل رازى ئوغلاندىن بۇ تۇپراق رازى،
بىكارغا كەتمىدى بەرگەن نان تۇزى.
شۆھرەتكە مەنسۇپتۇر توغراقنىڭ يىشى،
چۈنكى ئۇ ئۇيغۇرنىڭ نۇرلۇق يۇلتۇزى.
*
رۇستەم قارسۇ…..بورتالا
مەنبە: ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپكە…|http://bbs.alkin.cn/read.php?tid=18911