You Are Here: Home » ئومۇمى » مالازگىرت ئۇرۇشى

مالازگىرت ئۇرۇشى

مالازگىرت ئۇرۇشى بولسا،1071-يىلى 26-ئاۋغۇسىت مەنزىكەرت (ھازىرقى تۈركىيە جۇمھۇرىيتى مۇش ئۆلكىسىدىكى مالازگىرت)ئەتراپىدا،ۋىزانتىيە ئىمپىريسى بىلەن سەلجۇق تۈركلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىلىپ بىرىلغان،ۋىزانىسلارنىڭ مەغلۇبىيىتى ۋە ئىمپراتورىرومانوس IV  دىئوگىنىسنىڭ ئەسىرگە چۈشىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق،ۋىزانىسلارنىڭ ئاناتولىيە ۋە ئەرمىنىيەدىكى ھوقۇقى مەھرۇم قىلىنىپ،ئاناتولىيەنىڭ تۈركلىشىش تەقدىرى  بەلگىلەنگەن.

ئۇرۇش شەرق ۋە غەربنىڭ مۇنتىزىم قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىلىپ بىرىلغان،كۆپ قىسىم ياللانما ئەسكەرلەر ۋە ئاناتولىيەدىن مەجبۇرى ئىلىنغان قوشۇنلار بالدۇرلا جەڭدىن قېچىپ كەتكەچكە،نەتىجىدە مەنزىكەنت(مالازگىرت)ۋىزانتىيە ئۈچۈن ئاپەت بولۇپ قالغان ۋە ئىچكى توقۇنۇش ۋە ئىقتىسادى كىرزىس ۋىزانتىيەنىڭ چىگرالىرىنى قوغداش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىۋەتكەن.بۇ تۈركلەرنىڭ مەركىزى ئاناتولىيەگە بولغان چوڭ يۈرۈشلىرىگە پۇرسەت يارىتىپ، 1080-يىلى 78000كۋادىرات كىلومېتېرزىمىننى سەلجۇق تۈركلىرىگە تارتقۇزۇپ قويغان.بۇ 30 يىللىق قالايمىقانچىلىق كىيىن ئالىكشىيوس كومنىنوس (1081-1118) دەۋرىدە قايتا تەرتىپكە سىلىنغان.بۇ ھەقتە تارىخشۇناس توماس ئاسبىرىج مۇنداق دەيدۇ:

      1071 يىلىدىكى مالازگىرىت ئۇرۇشىدا سەلجۇق تۈركلىرىنىڭ ۋىزانتىيەگە قىلغان ھۇجۇمى ،گەرچە گىرىكلار ئۈچۈن ئۈزۈل كىسىل بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارالمىغان بولسىمۇ،يەنىلا يۈرەكنى مۇجۇغىدەك زەربە ھىسابلىنىدۇ،
0512526quwwum246irjolo[1]ئۇرۇشنىڭ كۆلىمى جەھەتتىن ئىيتقاندا ، ۋىزانتىيە ئەسكەرلىرنىڭ سانى 200مىڭ مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، قوشۇن تەركىبىدە رۇم ۋە ئەرمەنى بىرلەشمىسىدىن باشقا  يەنە  سىلاۋيان،گوت، گىرمان، فرانك،گرۇزىن، ئۇز(ئوغۇز)، پەچەنەك،قىپچاقلارمۇ بار ئىدى.سەلجۇقلارنىڭ بولسا ئالپ ئارسىلان باشلاپ كەلگەن 40مىڭچە باتۇر تۈرك جەڭچىسى ئىدى.ئاۋغۇست.ئەسكەرلىرىنى توپلىغان ئالپ ئارسىلان ئاتتىن چۈشۈپ سەجدىگە باردى ۋە  دۇئا قىلدى يا رەببىم!ئەزىمىتىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى يەرگەسۈرىمەن ۋە سېنىڭ تەقدىرىڭدە ئۇرۇش قىلىۋاتىمەن،يا رەببىم!نىيىتىم خالىستۇر،ماڭا ياردەم قىل.سۆزلىرىمدەيالغانلىق بولسا ماڭا غەزەب قىل .

0512426pvkkz5ulljly5pe[1]
ئاندىن ئېتىغا مىنىپ ئەسكەرلىرى يىنىغا كەلدىۋە : ئەي،ئەسكەرلىرىم!ئەگەر شېھىت بولسام بۇ ئاق كېيىمىم كىپەنلىكىم بولسۇن،ئۇ زامان روھىم كۆككە كۆتۈرۈلىدۇ،مىنىڭدىن كىيىن مەلىكشاھنى تەختكە چىقىرىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار، زەپەر قازانساق ئىستىقبال بىزنىڭدۇر.  بۇ سۆزلەر قوشۇننى روھلاندۇرۇپ.ئەسكەرلەرجەڭگە قىزىغىنىچە ئىتىلدى،ئالپ ئارسىلان تولىمۇ ئەپچىل تاكتىكا ئويلاپ چىققان ئىدى،قوشۇن ھىلال شەكىلدە يېيىلغىنىچە ئاخشامغا قەدەر ئۇرۇشتى،سانى كۆپ بولغان ۋىزانىسلار ھىلالنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ قالغان ئىدى.قارشىسەپتىكى تۈرك قوۋمىدىن بولغان ئۇزلار(ئوغۇزلار)،پەچەنەكلەر،قىپچاقلار،سەلجۇق قوماندانلىرىدىن ئافشىن بەي،ئارتۇق بەي ،ۋە سۇلايمان شاھلارنىڭ تۈركچە ئەمىرلىرىدىن تەسىرلەنگەن ھالدا قەۋىمداشلىرىنىڭ سىپىگە قېتىلىپ ،ۋىزانىسلارغا خىلى چوڭ زىيان كەلتۈردى.
051240ohnj6aaffuxzhaaa[1]
ئاخىرىدا دۈشمەن يېڭىلىپ،ئىمپىراتورى ئەسىرگە چۈشتى.بۇ چاغدا مەشھۇر بىر دىئالوگ بولۇپ،تارىخ بېتىگە يىزىلدى:ئالپ ئارسلان: ئەگەر مەن سىنىڭ ئالدىڭغا مەھبۇس بولۇپ كەلگەن بولسام قانداق قىلاتتىڭ ؟ رومانوس:    بەلكىم سىنى ئۆلتۈرەتتىم ياكى كونىستانتىنوپۇل كوچىلىرىدا سازايى قىلدۇراتتىم .ئالپ ئارسلان: مەن بىرىدىغان جازا تىخىمۇئىغىردۇر،يەنى سىنى كەچۈرىمەن ۋە ئەركىنلىك بىرىمەن.
051249lusto2c0tl2jlrof[1]
 ئالپ ئارسىلان رومانۇسنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ،خوش مۇئامىلە قىلدى.رومانۇس سۇلتان يېنىدا بىر ھەپتە تۇرۇپ قالدى.سۇلتان شۇدىيارلارنىڭ تەسلىم بولغانلىقى يۈزىسىدىن رومانۇسقا ئۆزىنىڭ شىرەسىدە غىزالىنىش ھوقۇقىنى بەردى.رومانۇسنىڭ ھۆررىييىتى بەدىلىگە بىر يىرىم مىليون ئالتۇن باھا قويدى. ۋە ئۇنى يولغا سېلىپ قويغاندىن كىيىن رومانۇسنىڭ قىزلىرىدىن بىرىنى ئالدى.

ئىنگىلىزچە تۈركچە ۋىكى قامۇسىدىن پەلەك تەرجىمەقىلىندى.

قامۇستىكى پايدىلانغان مەنبەلەر
1.    ^ a b Haldon,John (2001). The Byzantine Wars: Battles and Campaigns of theByzantine Era. Stroud: Tempus. ISBN 0752417959, sayfa 173
2.    ^ a b c d Norwich,John Julius (1991). Byzantium: The Apogee. London: Viking. ISBN 0670802522, sayfa 238
4.    ^ a b Haldon, John (2001). The ByzantineWars: Battles and Campaigns of the Byzantine Era. Stroud: Tempus.ss. 180. ISBN0752417959.
5.    ^ a b c d e [1] MalazgirtSavaşı (e-tarih)
6.    ^ [2] İngilizce vikipedi<</align]<<<<<

مەنبە:  مالازگىرت ئۇرۇشى

http://www.ejdad.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1789&fromuid=1601

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top