You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » تىللىماڭ – (الصبر)

تىللىماڭ – (الصبر)

خاتا يولدا ماڭسىمۇ ئۇ، تىللىماڭ،
ئەۋرەتلەرنى ئاچسىمۇ،ئۇ تىللىماڭ.
تىلى ئەبجەش سۆزلىسىمۇ،تىللىماڭ،
تاندىم سەندىن دىسىمۇ ئۇ،تىللىماڭ.
*
بىلمىگەچكە شىلتىڭ ئاتار سىزلەرگە،
بويۇن بەرمەس تولغاپ پاتاڭ بىزلەرگە.
ھەقنى كۆرمەس، تور تارتىلغان كۆزلەرگە،
شۇنداقتىمۇ بولدى ئۇنى تىللىماڭ.
*
بىلگەن بولسا سىز ۋە مەندەك توغرىنى،
تۇتارمىدى تاللاپ دوستقا ئوغرىنى؟
ماڭماس شۇڭا باغلىسىمۇ بوينىنى،
شۇڭا ئۇنى بولدى بۇنچە تىللىماڭ.
*
ئۇ ھەمشىرە بىزلەر بىلەن قېرىنداش،
تېگى ساپتۇر يۈرەكلىرى بىر تۇتاش.
قوغداڭ ئۇنى، ئاتماڭ ھەرگىز چالما تاش،
يۇمشاق بولۇڭ ،بولدى ئەمدى تىللىماڭ.
*
چوڭ بولغىچە تەربىيەنى چىڭ تۇتماي،
چىرايلىقچە نەسىھەتنى ئاڭلاتماي.
ئاللاھىنى،رەسولىنى تونۇتماي،
ئەمدى قوپۇپ بىر ئۇنىلا تىللىماڭ.
*
ئويلاپ بېقىڭ گۇناھ يوقمۇ بىزلەردە؟
قاراڭ ئوبدان نەپرەت باردۇر كۆزلەردە.
چۈنكى ئۇنى ئىتتەردىڭىز ياتلەرگە،
بىزگە كېرەك،ياتقا ئەمەس،تىللىماڭ.
*
تىللىسىڭىز شۇنچە بىزدىن ياتلىشار،
غەيرىلەرگە ئوخشاپ شۇنچە شاخلىشار.
بىزگە نەپرەت،ياتقا سۆيگۈ باغلىشار،
كۈتكىنىڭىز ئەمەسقۇ بۇ،تىللىماڭ.
*
ئاللاھ گۈزەل،ئىسلام گۈزەل،بىلىسىز!
ئادەتتىمۇ گۈزەل ئەخلاق پىرىسىز.
گەپ سۆزىڭىز، ئەمەلىڭىز گۈزەلدۇر
گۈزەللىكتىن ياتلاشمايلى، تىللىماڭ.
*
رەسۇلىللاھ نىمە دىگەن بىزلەرگە؟
دىققەت قىلىڭ ئېيتقان ھەر بىر سۆزلەرگە.
داغ تەگمىسۇن مۇسۇلماننىڭ شەنىگە،
يولىدا بولسۇن گەپ سۆزىڭىز،تىللىماڭ.
*
چىرايلىقچە تەربىيەنى قىلايلى،
ئېغىر بولۇپ،ئىنساۋىنى تىلەيلى.
ئەگرى بولسا پەملەپ ئاستا ئىگەيلى،
ئەجىر قىلىڭ زىرىكمەستىن، تىللىماڭ.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top