ئاسسىرىيلىكلەر، ئارامى تىلى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى – ئەركيار

ئاسسىرىيلىكلەر ــ غەربىي ئاسىيادا تۆت مىڭ يىلدىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە خەلق. ئۇلار ئەينى دەۋىرلەردە قۇدرەت تاپقان،ئاسىيا-ئافرىقا قىتئەسىنى بويسۇندۇرۇپ سەلتەنەت سۈرگەن.كېيىنچە تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى.
ئوتتۇرا ئەسىردە ئەرەبلەرمىسسوپوتامىينىڭ شىمالىنى بېسىۋالغاندا،ئۇلار پۈتۈن مىللەت بويىچە دىن ئۆزگەرتىشكە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن قاتتىق بېسىلغان.يېقىنقى دەۋىردە ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيسى دەۋرىدە خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقى،ئەرمەنلەر بىلەن ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن چوڭ كۆلەمدە قىرغىن قىلىنغان،نۇرغۇنلىرى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ سەرگەردانلارغا ئايلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە كىچىك ئاسىيا رايۇنى(ھازىرقى تۈركىيە)دىكىلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئازايغان.19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئۇلار پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ كەتكەن.
ھازىر ئۇلارنىڭ سانى 3مىليۇندىن ئاشىدۇ.ئىراقنىڭ شىمالىدا،سۈرىيەدە،ئىراننىڭ غەربىدە،لىۋان ھەم ئىئوردانىيدە نۇپۇسى نىسبەتەن كۆپ.ئىراق ئۇلارنىڭ ئانا ماكانى ئىدى.2003-يىلى ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىراقتىن ئايرىلىپ غەرب دۆلەتلىرىگە كۆچۈپ بېرىشقا مەجبۇر بولدى.
ئۇلار كەينى-كەينىدىن ئامېرىكا،شىۋىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ماكانلاشتى.ئۇلار ھازىرغىچە قەدىمكى ئارامى تىلىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن يېڭى ئارامى تىلىنى قوللىنىدۇ.ئاسسىرىيلىكلەر ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ قەدىمدىن داۋاملىشىپ كەلگەن ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلىيالىغان.1968-يىلى گېئورگى ئاتونۇس ئىسىملىك كىشى لاىيھىلىگەن ئاسسىرىيلىكلەر بايرىقىنى ئاسسىرىيلىكلەر ئۆزلىرى بېكىتكەن بولۇپ،تارقىلىپ ياشاۋاتقان ئاسسىرىيلىكلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئارامى تىلى – سېمىت(سام)تىل گۇرۇپپىسىدىكى بىر تىل،ئىبراي تىلى بىلەن ئەرەب تىلىغا يېقىن.دۇنيادىكى كەمدىنكەم ساقلانغان قەدىمكى تىللارنىڭ بىرى.ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى،«ئىنجىل»نىڭ كونا ئەھدى مۇشۇ تىلدا يېزىلغان.مىلادىدىن بۇرۇنقى 1000- يىلدىن مىلادى7-ئەسىرگىچە قوللىنىلغان.
خوش،ئۇنداقتا ئاسسىرىيلىكلەر،ئارامى تىلى(ئارامى يېزىقى)بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قانداق باغلىنىشى بار؟
قەدىم ئاستىرىيە دەۋرى(مىلادىدىن بۇرۇنقى2500-يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى1500-يىللىرى)دە ئاستىرىيە دۆلىتىدىكى ئاھالە ئەڭ دەسلەپ ھىندى ياۋرۇپا تىل سېستىمىسىدىكى خۇررىئانلار ئىدى.كېيىن سېمىتقۇ تىل سېستىمىسىدىكى ئاككادلار بۇيەرگە كىردى.بۇلاردىن ئاسسىرىيلىكلەر شەكىللەندى.ئۇلارنىڭ تىلى ئاككاد تىلىنىڭ ئاسسىرىيان دىئالىكتىدە ئىدى.يېزىقى بولسا شىنا يېزىقى ئىدى. قەدىمكى ئارامىلاربىلەن ئاسسىرىيلىكلەرنىڭ پۇشتى ئوخشاش بىرخەلق ئىدى.
فونىكىيە-(Phoenicia)بۇ سۆزنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتىرىلىپ كەتكىنىگە3000يىلدىن ئاشتى.فونىكىيە شۇ يەردىكى دېڭىزدىن چىقىدىغان قىزغۇچ بوياق ماتېرىيالىنىڭ ئىسمى بولۇپ،قەدىمدە بۇ خىل بوياق يەتتە ئىقلىمغا مەشھۇربولغان.ھومېر داستانىدا ئوتتۇرا دېڭىزبويىدىكى بۇ جاي Phoinixl دەپ تىلغا ئېلىنغان.بۇ يەردە پارلاق مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى قالدۇرغان،ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى دېڭىز سەپىرىنى باشلىغان بىرمىللەت مىلادىدىن بۇرۇنقى 4000 – يىللاردا بۇ يەردە ياشاپ ئۆتكەن.ئۇلار شۇ جاينىڭ نامى بىلەن فونىكلار ياكى فېنىكلار دەپ ئاتالغان.
يەنە بىر مۇھىم پاكىت،ئاسسىرىيلىكلەر شىنا يېزىقىنى كىچىك ئاسىيا(ھازىرقى تۈركىيە) رايۇنىغا ئېلىپ كەلدى.كېيىن فېنىكلار شىنا يېزىقى ئاساسىدا فېنىك ھەرىپىنى ئىجاد قىلدى.ئۇنىڭدىن گرىك يېزىقى ئىجاد قىلىندى.
قەدىمكى ئارامى تىلى ئاسسىرىيلىكلەرنىڭ ئانا تىلى بولۇپ،ئۇنىڭدىن سوغدى يېزىقى،سوغدى يېزىقىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بارلىققا كەلگەن.
بۇ مەسىلە ئۈستىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق ئىزدەنسەك شۇنى چۇڭقۇر ھېس قىلىمىزكى، ئۇيغۇرتىل-يېزىقى ئۆزىنىڭ تارىخى مۇساپىسىدە ئىنسانىيەتكە پارلاق مەدەنىي مىراسلارنى تەغدىم ئەتكەن تۆھپىكار،يىلتىزى چۇڭقۇر،پىشقان تىللارنىڭ بىرى.
پايدىلانمىلار:
1)ۋىكىپىدىيە
2)خې شىن:«ئوتتۇرا دېڭىز بويىدا ئەزەلدىن قەدىم يۇنان مۇستەملىكە دۆلىتى بولغان ئەمەس»،بېيجىڭ گېزىتى گېزىتچىلىك گوروھى قەلبداش نەشرىياتى
http://bbs.xjzjxh.com/forum.php? … amp;extra=#pid86400
ئاسسىرىيلىكلەر،ئارامى تىلى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى
http://www.shewqiy.com/thread-2095-1-1.html