ئوتتۇرھال ئۇممەت

ئوتتۇرھال ئۇممەت دوكتور صعد المرصفى بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىزدا ھەددىدىن ئارتوق بىپەرۋالىقنىڭ ئۇرنى بولمىغىنىدەك ، دىنىمىزدا بەك مۇتەئەسسىپلىق قىلىش ۋە بەك ئاشۇرۋېتىشنڭ ئۇرنى يۇق. چۈنكى ئىسلام شەرئىتىمىز شەخىس بىلەن جەمىئەت ئوتتۇرىسىنى ،ۋە ھۇقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنى، مەنپئەتنى باراۋەر قىلدۇ ،غەنىمەت ۋە نەتىجىلەرنىڭ ئوتتۇرسىنى توغرا ئۆلچەملەر بىلەن تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ،ۋەماددىۋى تەرەپلەردىن غافىل قالمىغىنىدەك دۇنيا ۋە ئاخىرەتىنڭ ئۇتتۇرسىنى ئورتاقلاشتۇرۇپ مەنىۋىيەتكىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۈلىدۇ. رەسۇلىمىز (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى ۋە رەھمىتى بولسۇن) ئوتتۇرھال كىشلەرنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ئۆلگىسى ۋە نەمۇنىسى بولۇپ، بىزنىڭ ئۇممىتىمىز رەسۇلۇللاھقا ،ئۇنىڭ تارىخى ۋە شەرئىتىدە ۋە ئىش ھەركىتىدە ۋە سۆزلىردە ئەگىشىش بىلەنلا ئوتتۇرھال ئۇممەت بولالايدۇ،ئېنىقكى مۇسۇلمانلار مەيدانغا چىققان ۋاقىتتا ئۇلار دۇنيانى ئۆزنىڭ ئوتتۇرھاللىقى بىلەن بويسۇندۇرغان، ئۇممەتتىكى ئىنسانى رەھبەر لىكتىكى چەكتىن ئاشۇرۋېىتش ۋە ياكى بەك سەل قاراش ئەھۋالى يۈز بەرگەن كىسەللىكنى بىتەرەپ قىلغان. چۈنكى كاپتالىزىم شەخىسنى ئىگەللىۋېلىش ۋە ھىيلە مىكىر ۋە جازانە ئارقىلىق مالنى ئىگەللىۋىشنى قوللاپ كۈچلەندۈردىغان سەلبى ھەرىكەتكە سېىڭىپ كىرىپ كەتكەن ،ۋە سوتسىيالىستىك ئېقىمى جەمئەتنى ئاساسى مەخسەت بىلىپ شەخىس ھۇقىقىغا سەل قارىغان ،بىراق ئىسلام دىنى ئىنساننى دۇنيا ئاخىرەتتە بەخىتلىك قىلىش ئۈچۈن كەلگەن دىن سۈپىتى بىلەن ناھايتى كۆركەم تەڭپۇڭلۇق كارتىنىسنى سۇنغان. تەڭپۇڭلۇق ئېىقمى ھەقىقەتەن مەڭگۈ قالدۇرۇش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ۋە سالاھىيەتنىڭ بەلگىلىمىسى بولۇپ ،بىز كائىناتتا ناھايتى ئەجەبنىلەرلىك تەڭپۇلۇققا شاھىد بولدۇق،كائىنات كىچە بىلەن كۈندۈز ،قاراڭغۇ بىلەن نۇر ،قىززىق بلەن سۇغۇق ،سۇ بىلەن قۇرۇقلۇق ئۇتتۇرسىدا مىسلىسىز تەڭپۇڭلۇققا شاھىد بۇلغان.مانا يۇقارقى نەرسىلەر مىزان ۋە ئۆلچەم بىلەن بۇلىدۇ.ئۇلاردىن ھەر بىرى ئۆز قارشىسىغا ئۈتۈپ كەتمەيدۇ،ۋە ھەر بىرى بەلگلەنگەن بەلگىلىمىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. قۇياش ۋە ئاي يۇلتۇز ۋە كەڭرى كائىنات بوشلىقىدا ئۈزۈۋاتقان كائىنات جۇغلانمىللىرىنڭ ھەر بىرىمۇ باشقىلارغا تۇقۇنۇشماستىن ۋەئۆزدائىرسىدىن چىقىپ كەتمەستىن ئۆز ئۇرنىدا ئۈزىدۇ،ۋە ئۆز پەلىكىدە ئايلىنىدۇ. تۈۋەندىكى ئايەتلەر بۇ مەنانى تېخىمۇ رۇشەنلەشتۈرۈش ۋە كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن . ئاللا تائالا مۇنداق دەيدۇ: بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق.سۈرە قەمەر 49 –ئايەت. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى ،(ئاندىن ئۆزىنىڭ خاھىشى بويچە) ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى.(سۈرە فۇرقان 2-ئايەت) ئۇ ھەممە نەرسىنى چىرايلىق ( يەنى ھىكمىتىگە مۇۋاپىق ،جايىدا ) ياراتتى. (سۈرە سەجدە 7-ئايەت). (بۇ) ھەممە نەرسىنى پۇختا ياراتقان ئاللاھنىڭ ھۈنىرىدۇر.(سۈرە نەملە 88-ئايەت). مانا بۇ ئايەتلەر يۇقارقى مەزمۇنلارنى تېخىمۇ رۇشەنلەستۈرۈپ كەلگەن. پەلسەپە ۋە تېررتوريە (يەنى يەر شارى خاراكتىرلىق )ئېقىمى تەڭپۇڭلۇق مىزانىنى بىلمىگەن،ۋە ئۇلار بىر قېتىم شەخىسكە ۋە بىر قېتىم جەمئەتكە ئېغىشتىن ئىبارەت ئوپئۇچۇق بىرتەرەپلىمە كۆز قاراشقا چۈشۈپ قالغان،ھالبۇكى بۈگۈنكى دۇنيادا شەخسىيەتچىلىك ئېقىمى بىلەن جەمئەت ئېقىمى ئۇتتۇرسىدا زور تۇقۇنۇش يۈز بىرۋاتىدۇ، بىز كاپتالىستلارنىڭ شەخىسىنى ئاساسى نوقتا دەپ ئېتىبارغا ئېلىپ شەخسىيەتچىلىكنى ئۈستۈن قىلشقا ئاساسلانغانلىقىنى كۆرۋاتىمىز، ئۇلار ئۆزنىڭ شەخسى ئەركىنلىكىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا بۇ ئەركىنلىكلەر ئۆزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ زىيىنىغا ئېىلىپ بارغان تەقدىردىمۇ،ئۇ ئېگىدارچىلىق ئەركىنلىكى ۋە سۆز ئەركىنلىكى ۋە تەسەررۇپ ئەركىنلىكى ۋە مەنپەئەت ئەركىنىلكنى بىرىشنى كۆرسىتىدۇ ،شۇڭلاشقا ئۇ مۇنۇپۇل قىلىش ۋە ھىيلە ۋە جازانە بىلەن ماللارغا ئىگىدارچىلىق قىلىپ ،ئۇنى ئۇيۇن-تاماششا ۋە ھاراق ۋە پاسىقلىققا ئىشلىتىپ ، ماللارنى كەمبەغەل ۋە مىسكىن –يۇقسۇللاردىن چەكلەيدۇ. ھىچ بىرنىڭ ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىقى بولمايدۇ ، چۈنكى بۇ ئەركىنلىكتۇر. ۋە ماركىسىزىمغا ئوخشاش رادكاللىق خوسۇسىيتى بىلەن سوتسىيالىسىك ئېقىمى مەيداغا كىلىپ شەخىس ھۇقوقىنى ئېلۋىلىش ۋە ئەركىنلىكنى ئازايتىپ مەجبۇريەتنى كۆپ قىلىش ،جەمىئەتنى مەخسەت ۋە ئاساس دەپ ئېتىبارغا ئېلىپ، شەخىسنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى زالىملار ئىچىدىكى كىچىككىنە بىر بۆلەك ۋە قالقان قىلىشنى ئاساس قىلغان،خالىسىڭىز ئۇنى < پارتىيەنىڭ ئالىي كومىتىتى > دىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ۋە شۇ كۇمىتىت دىكتاتۇر پارتىيەسىنڭ رەھبىرى بولىدۇدە شەخىسنىڭ پەقەتلا بىر قىسىم مال مۈلۈكتىلا ھەققى بولىدۇ،ۋە ئۇنىڭ قارشى تورۇش ھۇقۇقى ۋە ئۇتتۇرغا قۇيۇش ھۇقۇقى بولمايدۇ،ئەگەر ئۇنىڭغا نەپسى ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن تەنقدىلەرنى سۆزلىسە ،تۈرمە ۋە سۈرگۈنلىك ۋە كويزا_كىشەنلەر ئۇنىڭ كۈزەتكۈچىسى ئۇرنىدا بولۇپ قالىدۇ. ئاشۇنىڭغا قارشى ،ئىسلام ھاياتلىقتا تەڭپۇڭلوقنى ،ۋە كىشلەرنىڭ ئارىسىدا ئادالەتنى تورغۇزۇش ئۈچۈن كەلدى. ئاللاھ بۇ ھەقتە مونداق دېگەن : بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتوق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ كىتابنى ،قانۇننى چۈشۈردۇق. (سۈرە ھەدىد 25 –ئايەت). ئىسلام ئىنسانىيەتنى قىزغىن ۋە باراۋەر –تەڭپۇڭ يىتەكلىگەن. شۇ يىتەكلەشتە دۇنيانى يىتەكلەشكە لايىق قىلغان ئۇتتۇرھاللىق پىكرى تولۇق بولغان ۋە ئاشۇ يىتەكلەشتە بەخىت – سائادەت ۋە ئۇتۇقلار كىلىپ چىققان،ئەنە شۇ ئوتتۇرھاللىق ئېقىمى ،ئىنسان ھاياتى ئۇنىڭسڭز گۈللەنمەيدىغان خۇسۇسى بىر دەۋىرگە ئىلىپ بېىرش ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ مەنھىجىنى ھاياتتا قارارلاش ،ۋە ئۇنىڭدىكى ئايەت-ھەدىسلەر ھەرىكەت ۋە ئەمەلگە ھىس –تويغۇ ۋە ئەخلاققا ۋە ۋەزىيەت ۋە باغلىنىشقا يۆتكىلىدىغان كۆرنەرلىك بەلگىلىمىگە ئىگە بولغان، ئەمەلى شەكىلدە ئەمىلىيەتلەشتۈردىغان قۇرئان ۋە ھەدىستىن ۋە ئىلاھى شەرىئەتتىن كىلىپ چىققان. ئۇنىڭ مەۋجۇد بولۇش نىشانى ۋە ئۇنىڭ توغىرا يولدا بولىشى ۋە ئالاھىدە پەرىقلىنىپ توردىغان ئەمەلى ھاياتلىقتىن مىسلىسىز چاقناپ تورغۇچى ،بۇ چاقناق نۇرنىڭ زىمىندا پەيدا بولىشى پەقەتلا يالغۇز ئاللاھنىڭ پىرىنسىپىغا مۇلاقات بولغاندىلا رۇياپقا چىقىدۇ. ۋە شۇنىڭ سايىسىدا ئەقىل تەرەققى قىلىپ كائىناتتىكى نەرسىلەر ۋە ئۇنىڭ سېرلىرىنى بايقاپ چىقىپ ئونىڭ كۈچ –قۇۋەتلىرنى ۋە ئالاھىدىلىكنى بويسۇندورىدۇ.مانا بۇنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتكە ۋەيران بولۇش ۋە ھالاك بولۇش بىلەن تەھدىت سىلىش ئەمەس بەلكى بىر ياخشىلىقتۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە :شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك ) كىشلەرگە ( يەنى ئۆتكەنكى ئۇممەتلەرگە) شاھىد بولۇشىڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن بىز سىلەرنى ياخشى ئۇممەت قىلدۇق. دىگەن (سۈرە بەقەرە 143-ئايەت). ئوتتۇرھاللىق دىگەن ئادىل بولۇش ۋە ياخشى بولۇشتۇر ، ئىشتا تەلەپ قىلىنغىنغا زىيادە قىلىش ھەقىقەتتە چەكتىن ئاشۇرۋېتىش بولۇپ ،ئۇنىڭدىن كەم قىلىش، بىپەرۋالىق قىلش كەمچىللىك قىلىشتۇر، چەكتىن ئاشۇرۋېتىش ۋە بىپەرۋالىق قىلشنىڭ ھەر بىرى توپتۇغىرا يۇلدىن ئېغىپ كىتىش بولۇپ ،شۇڭلاشقا ئۇ يامانلىق ۋە سۈكىلىدىغان ئىش، ۋە چۈنكى ياخشىلىق بىر ئىشنىڭ ئېككى تەرپىدىكى ئوتتۇرھاللىقتۇر.(يەنى ئۇنىڭ ئۇتتۇرسىدا ئۇتتۇرھال بولۇشتۇر). لېكىن الخياردىگەن لەفزىنى تاللانماي نىمە ئۈچۈن الوسط دېگەن لەفزى تاللاندى دىيىلسە؟ ئۇنى ئېككى خىل يولغا ئاساسەن چۈشەنسەك بولىدۇ، بىرىنجىدىن الخيار يولى بولسا تۈۋەندىكى ئېللەتنىڭ تەييارلىقى سۈپىتىدە بولىدۇ،بىر نەرسىگە شاھىد بولغۇچى ،ئۇنىڭ ئىككى تەرەپلىمە جاۋابىنى بىلىشى كىرەك، ۋە ئىككى نەرسىنىڭ ئوتتۇرسىدا بولغان كىشى شۇ ئىككى نەرسىنىڭ بىرىگە بىر تەرپىدىن قارايدۇ، ۋە ئىككىنجىسىگە يەنە بىر تەرەپتىن قارايدۇ، ئەمما ئككى تەرەپنىڭ بىرىدە بولغان كىشى ئو يەنە بىر تەرەپنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەيدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوتتۇرھاللىقىنىڭ ھەقىقىتىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئىككىنجىدىن : الوسط دىگەن لەبزىدە ئۇ خۇددى ئۆزىگە دەلىل بولغىنىدەك سەبىبىيەتنى ھىس قىلدۇرۇش مەناسى بار،يەنى چۈنكى مۇسۇلمانلار ياخشىدۇر ۋە ئادىلدۇر ، چۈنكى ئۇلار ئۇتتۇرھال بولۇپ دىندا چوڭقۇرلاپ ھەددىدىن ئاشۇرغۇچى ئەمەس ،ۋە سەل قاراپ بىكار قىلغۇچىلاردىنمۇ ئەمەس،ۋە ئولار ئەقىدە ۋە ئەخلاق ۋە ئەمەللەردە شونىڭغا ئۇخشاشتۇر، ئاللاھ ئىسلامى ئۇممەتكە رۇھى ھەق ۋە ماددىۋى ھەقتىن ئبارەت ئىككى ھەقنىڭ ئۇتتۇرسىنى جوغلاپ بەرگەن،رۇھانى ھەق ھاياتلىقتا ئىنساننىڭ ھەققىگە كۆڭۈل بۆلگەن،خالىسىڭىز ئۇ ، ئۇممەتكە ئىنسانىيەت ھۇقۇقلىرنى پۈتۈنلەي بەرگەن دىسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى ئىنسان ماددا ۋە روھتۇر، خۇددى : ھەقىقەتتە«لتكونوا شهداء على الناس» يەنى ماددىي ئىنسانلار دېگەندەك…. يەنى بىز سىلەرنى ئىككى ھەقنى بىلىدىغان ۋە شۇ ئىككى مۇكەممەلككە يىتىدىغان ئۇتتۇرھال ئۇممەت قىلدۇق . ماددىزىمچىلار دىننڭ بىر تەرپىدە سەل قارىغاندا رۇھانىلار يەنە بىر تەرىپدە بەك ھەددىدىن ئاشۇرۋاتقان، سىلەر ماددىيلارنىڭ ھايۋانىلىققا بىرلگەنلىكىگە قايىل بولۇپ ئۇلارنىڭ بىپەرۋالىقىغا شاھىد بولىسىلەر،ۋە ئۇلار ئۆزھاياتىنى روھانى ئالاھىدىلىكتىن مەھرۇم قىلىپ ئۆتكەزگەن. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا :ئۇلار (يەنى قىيامەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار ) ھايات دىگەن پەقەت دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر،ئۆلىمىز ۋە تىرلىمىز (يەنى تۇغىلىمىز ) پەقەت زاماننىڭ ئۈتىشى بىلەن يوق بولىمىز دەيدۇ. دىگەن (سۈرە جاسىيە 24 –ئايەت) ۋە سىلەر يەنە رۇھانىلارنىڭ بۇ كائىنات رۇھلارنى چەكلىگۈچى ۋە ئۇنى ئازابلىغۇچى دەپ قاراپ دىندا ئىچكىرلەپ كىرىپ كىتىش بىلەن بەك چەكتىن ئاشۇرۋەتكەنلىكىگە شاھىد بولىسىلەر ،ۋە بىز ئۇنىڭدىن جىسمانى لەززەتلەردىن پۈتۈنلەي خالى بولۇپ ۋە رۇھى ھۇقۇقلانى يوقىتىش ۋە ئۇنى ئاللاھ بۇ دۇنيادا رۇھ ئۈچۈن تەييارلاپ بەرگەن بارىچە نەرسىلەردىن مەھرۇم قۇيۇش بىلەن قۇتىلىشىمىز كىرەك دەيدىغانلىقغا ھەم شاھىد بۇلىسىلەر. و الله من وراء القصد .
تەييارلىغۇچى : turkoglu
ئوتتۇرھال ئۇممەت
http://www.koklem.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4336&fromuid=229