ياپونىيە كائىنات زەمبىرىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە قىلدى – تاشپولات روزى
ياپونىيە، كائىنات زەمبىرىكى ئارقىلىق كائىنات ئۇچار تاشلىرىنى (asteroid) نى ئېتىش تەجرىبىسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېلان قىلغاندىن بېرى دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. ئامېرىكانىڭ داڭلىق گېزىتلىرى ھەم تېلېۋىزورلىرىدا مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. مۇنازىرىچىلارنىڭ دېيىشىچە ئامېرىكانىڭ كائىنات زەمبىرىكىنى ياساشتا باشقا دۆلەتلەردىن كېيىن قېلىشى ئامېرىكا ئالەم تەتقىقاتىنىڭ كەينىگە چېكىنىشى بولۇپ بۇ ئامېرىكا ھۆكمىتىنىڭ ھەم پارلامېنتنىڭ NASA غا ئاجراتقان پۇلىنىڭ يىلدىن يىلغا ئازىيىپ كېتىپ بېرىشى نەتىجىسىدىن بولۇۋاتىدۇ دەپ قارىغان. بۇ كائىنات زەمبىرىكىنى، ھايابۇسا 2 ئالەم ئۇچقۇرى (Hayabusa 2 Spacecraft) كائىناتقا ئېلىپ چىقىپ، ئىسمى «1999JU3» دەپ ئاتىلىدىغان كائىنات ئۇچار تېشىنى ئاتىدىكەن. ھايابۇسا 2 ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ماسسىسى 600 كىلوگرام بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 1.4 مېتىر، كەڭلىكى 1 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.6 مېتىر ئىكەن.ئاتماقچى بولغان جىسىمنىڭ چوڭلۇقى 900 مېتىر بولۇپ ئۇنۇڭ ئوز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرلىكى 7.6 سائەت ئىكەن. ھايابۇسا 2 ئالەم ئۇچقۇرى ئاتماقچى بولغان ئۇچار تاشقا يېقىنلاشقاندا، تىكەن سىمان مېتالنى ئۇنۇڭ يۈزىگە ئاتىدىكەن. بۇ ئېتىلىش بىلەن ئۇچار تاشنىڭ يۈزىدە بىر بوشلۇق پەيدا بولىدىكەن. بۇ جەريان تاماملانغاندىن كېيىن ھايابۇسا 2 ئالەم ئۇچقۇرى، ئۇچار تاشنىڭ يۈزىگە قونۇپ ئۇ يۈزدىكى توپا ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ ئۇ يەردىن ئايرىلىدىكەن (بۇ پەقەت تاشنىڭ يۈزىدىن ئېلىنغان ئەۋرىشكە). ئالەم ئۇچقۇرى ئۇچار تاشتىن مەلۇم ئېگىزلىكتە ئايرىلغاندىن كېيىن، ئالەم زەمبىرىكى ئارقىلىق بايا ئاشقان يۈزگە مېتال ئوقنى ئېتىپ ئېچىلغان بوشلۇقنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئاچىدىكەن. ئوق ئۇچار تاشقا ئېتىلغاندا ھايابۇسا 2 ئالەم ئۇچقۇرى ئۆزىگە زەخىم كەلمەسلىك ئۈچۈن تاشنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتىۋالىدىكەن. پارتلاش تۈگىگەندىن كېيىن، ھايابۇسا 2 ئالەم ئۇچقۇرى ئېچىلغان تاشنىڭ يۈز تەرىپىدە پەيدا بولۇپ تىكەن سىمان مېتالنى ئۇ يۈزگە قارىتىپ يەنە ئاتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئالەم ئۇچقۇرى ئۇ يەرنى چوڭقۇر ئاشقاندىن كېيىن، ئۇنۇڭ يۈزىگە قونۇپ چوڭقۇر يەردىن توپا ئەۋرىشكىسىنى ئالىدىكەن. ياپونىيەنىڭ ھازىرقى پىلانى بويىچە ئېيتقاندا ھايابۇسا 2 ئالەم ئۇچقۇرى 2014-يىلى كائىناتقا ئۇچۇرۇلىدىغان بولۇپ، 2018-يىلى كائىنات ئۇچار تېشىغا قونىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ 2020-يىلى يەر شارىغا قايتىپ كېلىدىكەن. بۇ قېتىم ئاتماقچى بولغان ئۇچار تاش C تىپتىكى تاش بولۇپ، ئۇنۇڭ تەركىبىدە ئورگانىك ماتېرىياللار ھەم سۇ بار دەپ قارىلىدىكەن. قۇياش سىستېمىسى بەرپا بولغاندىن بۇيان بۇ تاشلار بولغان دەپ قارالغاچقا، ئۇ يەردىن ئەكەلگەن توپا ئەۋرىشكىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يەر شارىنىڭ پەيدا بولۇش سىرىنى، دېڭىز سۈيىنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ھەم ھاياتلىقنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى بىلىش ئىكەن. تۆۋەندىكى ئۇلىشىنى چەكسىڭىز ھايابۇسا 2 ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئۇچار تاشلارنى قانداق پارتلاتقانلىقىنى ھەم ئۇ يەردىن قانداق قىلىپ توپا ئەۋرىشكىسىنى ئالغانلىقىنى كۆرەلەيسىز. http://www.youtube.com/watch?feature=player_embedded&v=pyqmLfGZ-IE
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز بۇ توغرىلىق كوپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىسىز. http://gizmodo.com/japan-just-su … attering-1451371986
