تەشەككۈرنامە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن مېھرى شەپقەت بولىقى،
بىز ئۈچۈن ھۇزۇرلۇق بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى بولغان پەزىلەتلىك پىداكار خانىملار!
سىلەر بولمىساڭلار بىزگە بۇ غۇربەت ھايات، تېخىمۇ تەس، بېسىپ ئۆتكەن داۋانلار
تېخىمۇ ئىگىز، قىشلار تېخىمۇ سوغۇق، يازلار تېخىمۇ پىژغىرىم بولغان بولاتتى.
بىزگە ھاياتنىڭ ئەڭ تەس كۈنلىرىدە يار، ئۈممەت ۋە مىللەتنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن
ماڭغان يوللىرىمىزغا پىداكار ، چەككەن جاپا – مۇشەقەتلەرگە سەۋرلىك بولغان ھەر
بىر كۈنىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن! ئەرلىرىنى رازى قىلغان ئاياللار
كىرىدىغان جەننەت ئىشىكلىرى سىلەرگە ھەر ۋاقىت ئوچۇق تۇرسۇن!
ھۆرمەت بىلەن
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
