«دوكتۇر رىشات ئابباس بىلەن سۆھبەت»-ئىلمىنىڭ زاكىتىنى بەرگەنلەر 1-سان
«دوكتۇر رىشات ئابباس بىلەن سۆھبەت»-ئىلمىنىڭ زاكىتىنى بەرگەنلەر پىروگراممىزدا.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئوقۇرمەنلەر، قانداقراق ئەھۋالىڭلار؟
ئۇزۇندىن بېرى پىلانلاپ كېلىۋاتقان ھەرساھەدە يېتىشكەن، ئۇيغۇر خەلقىمىز ئۈچۈن ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ ھارماي-تالماي تەر تۆكۈۋاتقان داڭلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىمىز، نامسىز قەھرىمانلىرىمىز ۋە تالانتلىق شەخىسلىرىمىزنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تەجىربە ساۋاقلىرىنى ۋەتەن ئىچى سىرتىىدا ئوقۇۋاتقان تىرىشچان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ قەلىب دېۋىگاتىللىرىنى ئوت ئالدۇرىدىغان كىچىككىنە ئۇچقۇن بولسىمۇ زەررەتلىنىشىگە پايدىسى بولار دىگەن مەقسەتتە ئۇشبۇ ئىلمىنىڭ زاكىتىنى بەرگەنلەر 1-سان «دوكتور رىشات ئابباس بىلەن سۆھبەت»نى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.
يۇكۇدىن كۆرۇڭ
http://v.youku.com/v_show/id_XNjMwMDM2OTIw.html
360 ئادرىسى يوللاندى، ئۆزئارا تەۋسىيە قىلىشقايسىلەر، قىممەتلىك تەنقىد-پىكىرلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.
http://yunpan.cn/Q9qGX5UxEeSuf
YouTube’da «دوكتۇر رىشات ئابباس بىلەن سۆھبەتDr rishat abbas ilimning hekkini bergenler» adlı videoyu izleyin [url]https://www.youtube.com
سۆھبەتتىن تاللانغان رەسىملەر:

[media=x,500,375]http://www.youtube.com/watch?v=ygPiSe6-Sko[/media]
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
ھەممىڭلارغا رەخمەت! ھەرقايسى ئۇستازلار ئالدىدا مېنىڭ خام پېتىلام مۇشۇنداق بىر پىروگراممىنى ئىشلەپ سۇنۇشۇم بەلكىم بىئەدەپلىك بولسا كېرەك…
ئەمما، يەنىلام «جىم تۇرما يۈرەك» مۇشۇنداق ئالىملىرىمىزنى تېپىۋالغاندا، پېشىغا ئېسىلىۋېلىپ خاپا سېلىپ، سەل كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغىمۇ جاپا سېپقويدى. شۇنداقتىمۇ بىزنى يەنىلام كەچۈرۈۋەتكەيسىلەر.
«ئىلمىنىڭ زاكىتىنى بەرگەنلەر» بىزگىلام تەۋە ئەسەر ئەمەس، ئۇنى ھەرقايسىڭلار ۋەتەندە كېڭەيتىپ، باشقا ئالىملىرىمىزنى زىيارەت قىلىپ، تور ئارقىلىق، شەخسى بىلوگلار ۋە ئاممىۋى تاراتقۇلار سايىسىدە تارقاتساڭلار ھېچقانداق مەسىلە يوق. مەقسەتنى يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتتۇق.
ئۇندىن باشقا ھازىر فېيسبۇكتا تارقىلىپ يۈرگەن «Uyghur Vines» دېگەن 19 سىكۇنتلىق پىروگراممىمۇ يامان ئەمەس كېتىپ بارىدۇ. ئىنشا ئاللاھ، ياشلىرىمىز بىژنىمە قىلىپ تۆھپە قۇشۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. يوقتىن، بارى ياخشى، «كارۋان يولدا تۈزىلىدۇ» دەپتىكەن، «باغانلارنىڭ ھەممىسى يولغا چىققانلاردۇر» دەپتىكەن، پاسسىپ ياخشىدىن ئاكتىپ ياخشى بولۇشقا ئېتىلغان تۇنجى قەدەملەر ھەمىشە پەلىپەتىش بولىدۇ.
ئىنشا ئاللاھ باراۋەر تېخىمۇ كۆپ شانلىق ئەسەرلەرنى ئورتىغا چىقىرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.رەخمەت!