You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » كىتاب مەدەنىيىتى ۋە خىرىسقا يۈزلەنگەن ئۇيغۇر كىتابچىلىقى

كىتاب مەدەنىيىتى ۋە خىرىسقا يۈزلەنگەن ئۇيغۇر كىتابچىلىقى

«كىتاب»دېگەن بۇئاتالغۇغا قەدىمدىن باشلاپ نۇرغۇن كىشىلەر نۇرغۇن خىل ئىزاھاتلارنى بەرگەن ھەم ھازىرمۇ بېرىۋاتىدۇ.گەرچە كىشىلەرنىڭ كىتابقا بەرگەن ئىزاھاتى ئوخشاش بولمىسىمۇ،بىراق بىرنەرسە يەنى كىتابنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقى ۋە قىممىتنى ھەممە كىشى ئېتراپ قىلىدۇ.
«كىتاب- كۈچ»،«كىتاب- بايلىق» «كىتاب –كىشىلەرنى مول مەلۇماتقا ئىگە قىلىدىغان خەزىنە»بۇسۆزلەر ئەجداتلارنىڭ كىتاب قابەرگەن ئېنىقلىمىللىرىنىڭ جەۋھەرلىرى ھېسابلانسا كېرەك.
كىتاب ئۇدۇنيا تارىخنىڭ،دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ۋە دۇنيا ئۆزگىرىشىنىڭ گۇۋاھچىسى.ئىنسان كىتاب ئارقىلىق،ئىنسانىيەتنى شۇنداقلا ئىنسانىيەت جەميىتىنىڭ ئۆتمۈشىنى،ھازىرىنى ۋەكەلگۈسىنى بىلىدۇ.كىتابقا تەرەققىياتنىڭ،بەخىت ئىستىقبالنىڭ سىرى يۇشۇرۇنغان .ئۇبىرمىللەتنى،دۆلەتنى يۈكسەلدۈرىدىغان،ئۇنى كۆكتە پەرۋازقىلدۇرىدىغان،نۇرانە چولپانغا ئوخشاش چاقنىتىدىغان بىركۈچ،مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ۋە تەقدىرىنى ئۆلچەيدىغان تارازا.
دۇنيادىكى يېزىقى،تىلى بولغان ھەربىر مىللەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس كىتاب مەەنىيىتى بۇلىدۇ،كىتاب مەدەنىيىتى شۇمىللەتنىڭ ئەڭ ئېسىل شۇنداقلا ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى ھېسابلىنىدۇ،مۇھىمى بىرمىللەتنىڭ كىتاب مەدەنىيىتى ۋە كىتابچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى شۇ مىللەتنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى،شۇمىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل ھېسابلىنىدۇ .
ئۇيغۇرلارمۇ دۇنيادىكى قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە خاس،ئۇزاق كىتاب مەدەنىيىتىگە ئىگە.
ئەمدى بىز ئۆزىمىزنىڭ كىتاب مەدەنىيىتىگە،كىتاب مەدەنىتىمىزنىڭ ھازىرقى يۈزلىنىشىگە كۆزيۈگۈرتۈپ باقايلى.
بىز دائىم «بىز ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى»دەپ ماختىنىمىز،كۆرەڭلەيمىز.ئۇنداقتا بىزنى بۇنداق قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتكە ئايلاندۇرغىنى زادى نېمە؟؟
ئۇدەل كىتاب،يەنى بىزنىڭ ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا شەكىللەنگەن كىتاب مەدەنىيىتىمىز.بىزلەرياراتقان ئەمەس،بەلكى بىزنىڭ مەھمۇد قەشقىرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،ئەلشىرنەۋائىي،ئەخمەت يۈكنەكىگە ئوخشاش ئەقىل پارسەتلىك ئەجداتلىرىمىز ياراتقان«قۇتادغۇبىلىك»،«تۈركىي تىللاردىۋانى»،«خەمسە»،«مەجەلىسۇن نەفائىس»،«ئەتەبەتۇل ھەقايىق»قاتارلىق بىرقاتار ئۆلمەس كىتابلارۋە شۇنڭغا ماس ھالدا شەكىللەنگەن ئۆزگىچە كىتاب مەدىنىيىتىمىز. ئەجداتلىرىمىز ياراتقان بۇكىتابلار ۋە بۇئۆزگىچە كىتاب مەدەنىيىتى ئۆزىنىڭ دۇنيانى لەرزىگە سالغۇدەك كۈچ قۇدرىتى ھەم نام شۆھرىتى ئارقىلىق بىز ئۇيغۇرلارنى دۇنيا سەھنىسىدە چاقناتقان،بىزنى «دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى مىللەت»دېگەن نامغا ئېرىشتۈرگەن،لېكىن بۇلار ھەمممىسى ئۆتۈپ كەتتى،بىلىشىمىز كېرەككى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتكەن ئىشلار.
نېمىشقا ھازىر باشقىلار«قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەت»لەرنى تىلغا ئالغىنىدا بىزنى ئاۋۋال ئاتىشىدىيۇ،لېكىن «ھازىرقى مەدەنىيەتلىك مىللەت»لەرنى تىلغا ئالغاندا بىز نى ئاتىمايدۇ ياكى ئاتىسىمۇ ئاخىرىدا ئاتايدۇ؟ ئىلگىركى ئۆزگىچە كىتاب مەدەنىيىتىگە ئىگە مىلللەتلەرنى تىلغائالغاندا ئاۋۋال ئەسكە ئېلىنىدىغان بىز ئۇيغۇرلار نېمىشقا ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ئۆزگىچە كىتاب مەدەنىيىتى بولغان مىللەتلەر قاتارىغا قىسىلىپ بولسىمۇ كىرەلمەيمىز؟
بۇ مىللەت ئۈستىدە ئويلىنىدىغان،پىكىر يۈرگۈزىدىغان ھەربىر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى چوقۇم ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسىلە.
مىنىڭچە بۇنىڭدىكى ئەڭ ھالقىلىق سەۋەب دەل بىزنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىزدە مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆلچەيدىغان،ئەكىس ئەتتۈرىدىغان كىتابلارنىڭ،ئۆلمەس ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كەلمەيۋاتقانلىقى،ھەم بىزنىڭ ئۇيغۇر كىتابچىلىقىمىز نىڭ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇۋاتقانلىقىدىندۇر.
ئەلۋەتتە بىزنىڭ ھازىرقى جەميىتىمىزدىمۇ كىتابچىلىق ئىشلىرى تەرەققىيات قەدىمىنى توختاتمىدى،بىزنىڭ ھازىرقى جەميىتىمىزدىمۇ ھەپتدە،ئايدا دېگۈدەك يېڭى كىتابلار نەشىردىن چىقىۋاتىدۇ،بىراق بىزتاۋاردەۋرى دەپ ئاتاۋاتقان بۇەۋرىمىزدەكىتابچىلىق ساھەسىمۇبازارغا يۈزلىنىپ كەتتى ،بەزى نەشىرىياتلار پۇل تېپىش ئۈچۈن ،نەشىرقىلغان ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى بىلەن،تەربىيىۋى ئەھمىيىتى،رولى بىلەن ھېسابلاشمايلا قارا-قۇياق نەشىر قىلىۋاتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ خەلقىمىزگە يۈزلەنگەن كىتابلارنىڭ ئارىسىدا «ۋاي،ماۋۇ ئەجەپ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى يۇقىرى،كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان،ياخشى يېزىلغان كىتابكەنغۇ»دەپ قالغۇدەك ئېسىل كىتابلارمۇ،«ۋاييەي نېمانداق لاۋزا يېزىلغان بىرنېمە ماۋۇ»دەپ قالىدىغان تېتىقسىز كىتابلارمۇ ئورۇن ئىگەللەۋاتىدۇ.
كىتاب بازىرىمىزنى راۋاجلاندۇرىۋاتقان ئەسەرلەرمۇ،پاخاللاشتۇرىۋاتقان ئەسەرلەرمۇ بار.ئەمما نەشىر قىلىنغىنى قانداق كىتاب بۇلىشىدىن قەتئىيننەزەر كىتاب نەشىر قىلىنغان بىلەنلا ئىش تاڭ ئاتمايدۇ-دە.شۇكىتابلارنى ئوقۇيدىغان،ئۇنىڭ ياخشى يامانلىقىغا باھا بېرىدىغان،كىتابتىكى  بايانلاردىن ئىبرەت ئالىدىغان،كىتابتا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان ئادەم بۇلىشى كېرەك.شۇندىلا بۇكىتاب دۇنياغا يۈزلىنىپ،دۇنيا خەلقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ،شۇمىللەتنى،شۇمىللەت كىتابچىلىقىنى دۇنياغا تونۇتالايدۇ.لېكىن بىزنىڭ ھازىرقى جەميىتىمىزدە كىتاب ئوقۇيدىغانلار،ئوقۇغاندىمۇ شۇكىتابتىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان،پاشقىلىنغان مەسىلىلەر بىلەن مىللەتنىڭ تەقدىرىنى سېلىشتۇرۇپ،مىللەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ۋەتەقدىرى ئۈستىدە ئويلىنىش ئېلىپ بارىدىغانلاردىن زادى قانچىسى باردۇ؟؟
بەزى ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە بەزى نۇپۇسى بىزنىڭ يېرىمىمىزغىمۇ يەتمەيدىغان،تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە يىلىغا نەچچە ئون مىڭ كىتاب نەشىرقىلىنىپ،پۈتۈنلەي دېگۈدەك سېتىلىپ تۈگەيدىكەن،لېكىن بىزدىچۇ؟بىزنىڭ نۇپۇسىمىز خېلى كۆپ بولسىمۇ،،لېكىن يىلىغا نەشىر قىلىنغان 1-2مىڭ كىتاب سېتىلىپ تۈگەش ئۇياقتا تۇرسۇن، كىتابخانىلاردا توپا بېسىپ ياتىدۇ.«بۇزادى نېمە ئۈچۈن؟مىللەتىنىڭ  مەدەنىيەت خەزىنىسى،مىللەت تەرەققىياتىنى ئۆلچەيدىغان تارازا ھېسابلىنىدىغان كىتاب نېمىشقا بىزنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا ھېچ ئېتىبارغا ئېرىشەلمەيدۇ؟بۇنداق كېتىۋەرسە ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتى زادى نېمە بولماقچى؟»بۇبىزھەربىرىمىز ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم مەسىلىدۇر.
تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىكى كىشىلەر ئۆيلىرىنى ھەرخىل كىتابلار،كىتاب ئىشكاپلىرى بىلەن بېزىسە،بىزقىممەت باھا گىلەم،قىممەت باھا ئۆي جاھازىللىرى بىلەن بىزىدۇق ھەم بىزەۋاتىمىز.باشقىلار ئۆزلىرىدىكى ياخشى كىتابلار بىلەن ماختانسا،بىزئېسىل،ياۋروپاچە ئۆي جابدۇقلىرىمىز بىلەن ماختىنىۋاتىمىز،باشقىلار يېڭى نەشىر قىلىنىۋاتقان،يېڭىدىن دۇنياغا يۈزلىنىۋاتقان كىتابلىرى بىلەن ماختانسا،بىز پەقەت ئەجداتلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى يېزىپ قالدۇرغان كىتابلار بىلەنلا ماختىنىۋاتىمىز،گەرچە ئۇئېسىل كىتابلار تاكى ھازىرغىچە ئۆزقىممىتىنى يوقاتمىغان،يەنىلابىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان بولسىىمۇ،لېكىن بۇلارنى بىز ياراتمىغاندە.دائىم باشقىلارنىڭ،بۇلۇپمۇئەجداتلىرىمىزنىڭ «چاپىنىدا تەرلەۋەرسەك»،ئۆزىمىز ئىزدىنىپ باقمىساق قانداق بۇلىدۇ؟؟
ئەلۋەتتە بىزنىڭ ھازىرقى جەميىتىمىزدىمۇ ئابدۇقادىر جالالىدىن،ئەسئەت سۇلايمان،نۇرمۇھەممەت توختى،نۇرمۇھەممەت ئۇچقۇن،نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۆركىشى،جالالىدىن بەھرام،زۇنۇن قادىرىي،زوردۇن سابىر قاتارلىق بىر تۈركۈم ئېسىل ئەدىبلىرىمىز،يازغۇچى-پەيلاسوپلىرىمىز ئۇيغۇر كىتاب مەدەنىيىتى ھەم كىتابچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىزچىل كۈچ چىقىرىۋاتقان،ئىزدىنىۋاتقان بولسىمۇبىراق بۇنىڭ ئەھمىيىتى زادى قانچىلىك بولدى؟ئۇلارئۆزتىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق زادى قانچىلىك كىشىنى ئويلاندۇردى،ياق ئويلاندۇردىلا ئەمەس قانچىلىك كىشىنى چۆچىتەلىدى؟قانچىلىك كىشىنى ئويغاتتى؟…
بىزنىڭ خەلقىمىزچۇ؟ئۇلاريۇقاردا تىلغا ئېلىنىپ ئۆتكەنگە ئوخشاش كىشىللىرىمىزگە قانداق مۇئامىلىدە بولدى؟ئۇلارنىڭ يازغان ئەسەرلىرى،ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىللىرىگە قانداق مۇئامىلىدە بولدى؟….
بىز ئۆزكىتابچىلىقىمىزغا،كىتاب مەدەنىيىتىمىزگە بىرخىل سوغۇق نەزەردە قاراۋاتىمىز،ئۆزىمىز بىرەر نەرسە يازمايمىزيۇ،باشقىلاريازغان ياخشى نەرسىلەرنىمۇ ياراتمايمىز.ئۆزىمىزنىڭ كىتاب مەدەنىيىتىگە خاس بولغان ياخشى ئەسەرلەرنى ياراتمايمىز،ئەمما باشقىلانىڭ،باشقا مىللەت،باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىتابلىرىنى ياخشى بولسۇن ناچار بولسۇن سۆيۈپ ئوقۇپ كېتىمىز.ئەلۋەتتە،كىتاب دېگەننىڭ مىللەت،رايۇن چەكلىمىسى بولمايدۇ،ئۇكىتاب ياكى ئەسەر مەيلى قايسى تىلدا يېزىلغان بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممە ئىنسان ئۇنىڭدىن بەھرىمان بولسابۇلىۋېرىدۇ.بىراق مىنىڭچە بولغاندا بۇخىل بەھرىمان بۇلۇشنىڭ ئالدىنقى ئاساسى ئۆزكىتابچىلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇش،قوغداش بۇلىشى كېررەك.ئۇنداق بولمىغاندا سىزنىڭ كىتابچىلىقىڭىزنى باشقا بىرەرسى كېلىپ تەرەققى قىلدۇرۇپ بەرمەيدۇ،ئۇنى تەرەققى قىلدۇرىدىغنى ياكى يوقۇتىدىغىنى دەل ئۆزىڭىز.
جەميەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا،مەدەنىيەت ئۇقۇمى بىردۆلەت،بىرمىللەت ياكى بىرەر ئىرىق ۋە ياكى قەبىلىنىڭ پۈتكۈل تەرەققىياتى،تارىخى،ئەڭ مۇھىمى شۇمىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ھەم ئىنتايىن نازۇك ئۇقۇم ھېسابلىنىدۇ.
كىتاب مەدەنىيىتىمۇ كۆپ تەرەرپلىمە مەزمۇننى ئۆزئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت ئۇقۇمى ئىچىدىكى مۇھىم ئامىلدۇر.كىتاب مەدەنىيىتىنىڭ قانداق بۇلىشى يەنى گۈللىنىشى ياكى زاۋاللىقا يۈزتۇتۇشى شۇمىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى،ھەقىقى بىرمىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
ھازىر بىزنىڭ ئۇيغۇركىتاب مەدەنىيىتىمىز ھەم ئۇيغۇر كىتابچىلىقىمىز بىر قاتار قىيىن مەسىللىلەرگە ھەم خىرىسقا يۈزلىنىۋاتىدۇ.ئەگەرداۋاملىق شۇنداق بۇلىۋەرسە بىزئۆزىمىزنىڭ نەچچە مڭ يىللىق ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولغان،خاسلىققا ئىگە بولغان كىتاب مەدەنىيىتىمىزنى يۇقۇتۇپ قويۇشىمىز مۇمكىن.
باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك بىرمىللەتنىڭ كىتاب مەدەنىيىتى شۇمىللەتنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان،ئۆلچەيدىغان تارازا ھېسابلىنىدىغان كىتاب مەدەنىيىتىنى يوقاتقان مىللەتنىڭ كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولماقچى؟..
ئۇيغۇرۇم،سۈت ئۇيقۇڭدىن ئويغان،كۆزىڭنى يوغان ئېچىپ دۇنياغا نەزەرسال،يىڭى-يېڭى مەسىلىلەرنى بايقاش،يېڭى-يېڭى كىتابلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش،ئۇيغۇر كىتاب مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ئىزدەن،ئۆزجاسارىتىڭ،قەيسىرانە روھىڭ ئارقىلىق كىتابچىلىقىمىز،كىتاب مەدەنىيىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارنى مەغلۇب قىلىش ئۈچۈن ئىزدەن.ئۆزمەۋجۇتلۇقىڭنىڭ خىرىس ئالدىدا ئېزىپ قالماسلىقى،يۇقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىزدەن.ئۆزۈڭنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش،تونۇتۇش ئۈچۈن ئىزدەن!!شۇندىلا سەن ھەقىقى ئۇيغۇر بولالايسەن،دۇنيادا پۇت تېرەپ تۇرالايسەن.
مەنبە: ئاناتىلىم ئۈندىدار سالونى

2013-10-23 anatilim

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top