You Are Here: Home » ئومۇمى » ‹‹ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ››ئىنگلىز تىلىدىن ئىمتىھان بېرىش قىزغىنلىقىغا تۈرتكە بولدى

‹‹ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ››ئىنگلىز تىلىدىن ئىمتىھان بېرىش قىزغىنلىقىغا تۈرتكە بولدى

ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ كۈنسېرى قويۇقلىشىشى نەتىجىسىدە، نۇرغۇن كىشىدە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسىنى سىنايدىغان ھەرخىل ئىمتىھانلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

   ئامېرىكا مائارىپ ئىمتىھانى مۇلازىمەت مەركىزى كەشىپ قىلغان توئېفل (福托) ئىمتىھانى ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا بېرىشنى ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ياكى شۇ دۆلەتلەردىكى ئاسپىرانتۇرىيەگە ئوقۇشقا كىرىشنى ئىلتىماس قىلماقچى بولغان، دۆلەت تىلى ئىنگلىز تىلى بولمىغان دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئىمتىھانىدۇر. ھازىر دۇنيادا 110دىن ئارتۇق دۆلەتتىكى 6000 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ توئېفل ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

   توئېفل ۋە GRE ئىمتىھانىدىن باشقا، ئامېرىكا مائارىپ ئىمتىھان مۇلازىمەت مەركىزى كەشىپ قىلغان كەسىپكە باغلاش ئىمتىھانى كۆپرەك ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى بولمىغان دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك خىزمەت شارائىتىدا ئىنگلىز تىلى ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى سىنايدىغان ئىمتىھان سۈپىتىدە قوللىنىلماقتا. يېقىندا، بېيجىڭ چەت ئەل كارخانىلىرى مۇلازىمەت گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىمتىھان مۇلازىمىتى مۇتەخەسسىسى ATA بىلەن بىرلىكتە توئېفل نەتىجىسى 750 نومۇردىن يوقىرى خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى تالانتلىقلار ئامبىرىغا ھەقسىز كىرگۈزۈشكە بولىدىغانلىقىنى ھەم ئالدىن تونۇشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

   كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئىمتىھان كومىتېتى، ئەنگلىيە مەدەنىيەت جەمئىيىتى بىلەن ئاۋسترالىيە خەلقئارا مائارىپ تەرەققىيات مەھكىمىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن ئېلتىس ئىمتىھانى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنغان خەلقئارالىق ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىدۇر. ھەريىلى 1 مىليوندىن كۆپرەك كىشى بۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ، ئېلتىس ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسىنى دۇنيادىكى 6000 دىن ئارتۇق ئاپپارات ئېتىراپ قىلىدۇ. ئاۋسترالىيە، كانادا، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئېلتىس ئىمتىھانىنى ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنى ئۆلچەشنىڭ ئىسپاتى قىلغان.

   ئېلتىس (思雅) ئىمتىھانى دۇنيا بويىچە قاتنىشىدىغانلار ئەڭ كۆپ چەت ئەل تىلى ئىمتىھانلىرىنىڭ بىرى. 2009 – يىلى دۇنيا بويىچە 126 دۆلەتتىكى 500 نەچچە ئىمتىھان مەيدانىدا 1مىليون 200 مىڭ قېتىم ئىمتىھان ئېلىنغان. پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن ھەر 30 سېكۇنتتا بىر مەيدان ئېلتىس ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ. جۇڭگودا 2009 – يىلى ئېلتىس ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئادەم 300 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
   ئېلتىس ئىمتىھانىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېتىراپ قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئىمتىھان كىشىلەرنىڭ ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسىنى سىنايدىغان مۇھىم ئۆلچەم بولۇپ قالدى. ھازىر جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سالىدىغان ئەنگلىيە ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كارخانىلىرى كۈنسايىن كۆپەيدى، نەتىجىدە، ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسى جۇڭگولۇق خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئېلتىس ئىمتىھان نەتىجىسى تەكلىپ قىلىنغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق ‹‹كوزىر››ىغا ئايلاندى.

   ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەگە بېرىپ خىزمەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان ئوقۇتقۇچى، ئىنژېنېر قاتارلىق ئالىي تېخنىك ئېلتىس ئىمتىھانى نەتىجىسىنى ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنىڭ ئىسپاتى قىلسا بولىدىكەن. كۆپ ھاللاردا ئىنگلىز تىلىنىڭ پىششىقلىق دەرىجىسى ئەنگلىيەگە بارغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەنگلىيەدىكى خىزمەت ئورنىدا ئېرىشىدىغان مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن ۋە ئۇلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئەنگلىيەنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

   خەلقئارالىق كەسپىي ئىنگلىز تىلى ئۆلچىمى كارخانىلارغا ياردەملىشىپ ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش، تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، تاللاش، ئۆستۈرۈش ھەم خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزىنى ۋە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈشىگە ياردەم بەرگەندىن باشقا، كارخانىلارنىڭ مەملىكەت دائىرىسىدە خەلقئارالىق ئۆلچەم بويىچە ئۆزىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن باشقا ئوخشاش كەسىپ، ئوخشاش كارخانىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسى پەرقىنى سېلىشتۇرۇپ، يېڭى نىشان بەلگىلەش ئارقىلىق رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
   مەملىكەت ئىچىدە ھەرخىل تىل گۇۋاھنامىلىرى تەڭ ئەۋىج ئالغان بۈگۈنكى كۈندە، كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى چەت ئەل تىلى ئىمتىھانى سىناق تېخنىكىسى ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش شارائىتىدا تىل ئىشلىتىش قابىلىيىتىنى ھەرتەرەپتىن سىنىيالايدۇ. بۇ كامبرىج كەسپىي ئىنگلىز تىلى گۇۋاھنامىسىنى ئەمەلىي يېتەكلەش قىممىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇنى ھەرخىل ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى گۇۋاھنامىسىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇپلا قالماي، ئۇ تىكلىگەن كامبرىج خەلقئارالىق كەسپىي ئىنگلىز تىلى ئۆلچىمى كەسپىي ئىنگلىز تىلى گۇۋاھنامىسى ساھەسىنىڭ قېلىپلىشىش جەريانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەنبە
تەڭرىتاغ تورى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top