You Are Here: Home » ئومۇمى » 2013-يىللىق پارىژ ئۇيغۇرشۇناسلىق ھەپتىلىكى ھەققىدە

2013-يىللىق پارىژ ئۇيغۇرشۇناسلىق ھەپتىلىكى ھەققىدە

Semaine ouïghoure-Version internetپارىژ ئۇيغۇر ھەپتىلىكى(1)

نۆۋەتتە ئوغۇز ئۇيۇشمىسى باش بولۇپ ئويۇشتۇرىۋاتقان 2013-يىلى ئوغلاق ئىيىنىڭ 18-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى  پارىژ ئۇيغۇر تەتقىقات ھەپتىلىكى روياپقا چىقىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. بۇ قېتىملىق خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق پائالىيىتىدە، ياۋروپا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇنىۋېرسىتلەردىن كۆزگە كۆرۈنگەن جوڭگوشۇناس، تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار تۇنجى قېتىم پۈتۈن بىر ھەپتىلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈن پارىژغا توپلىنىدۇ. بۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق ھەپتىلىكى گەرچە ئوغۇز ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن تەشكىللىنىپ، ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما پارىژدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتلاردىن ئىنالكو (فرانسىيە دۆلەتلىك شەرقشۇناسلىق ئىنىستۇتى)، ئالى بىلىملەر تەتبىق مەكتىپى، پارىژنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئىجدىمائى پەنلەر بىلىم يۇرتى بولغان پارىژ سىياسى پەنلەر ئىنىستىتۇتى ۋە پارىژ دېدىغو ئۇنىۋېرسىتى قاتارلىقلار، تەتقىقات تەجرىبىخانىلىرىدىن فرانسىيە دۆلەتلىك ئىلمى تەتقىقات مەركىزى، «جەمئىيەت، دىن ۋە لايىكلىق گۇرۇپپىسى»،  خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزى، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات گۇرۇپپىسى، فرانسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىنىستۇتى قاتارلىقلار، دۆلەت ئورگانلىرىدىن يۇقىرى پارلامېنىت، پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار بۆلۈملىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ئورۇنلارنىڭ ئىقتىسادى، ماددى ۋە مەنىۋى قوللىشى بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىمىزغا كاپالەت بەردى.

بۇ چوڭ تىپتىكى پائالىيىتىمىز نىڭ مەقسىتى، ھەممىڭلارغا ئايان بولغاندەك مىللىتىمىزنىڭ تونۇلىشىنى كېڭەيتىش، فرانسىيەلىكلەرنى، بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسىت دۇنياسىنى مىللىتىمىز ھەققىدە يەنىمۇ بىر بالداق چوڭقۇر چۇشەنچىگە ئىگە قىلىش ۋە بۇ پائالىيەتلەر نەتىجىسىدە يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان فرانسۇز ياش تەتقىقاتچىلىرىنى ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىگە جەلپ قىلىشتۇر. يىغىپ ئېيتقاندا، ئاۋازىمىزنى باشقىلارغا ئىلمى ئۇسۇلدا ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغانمىز. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ قېتىملىق پارىژ ئۇيغۇر ھەپتىلىكى پائالىيىتىمىز بىز بۇرۇن ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر فېستىۋاللىرىدىنمۇ ئالاھىدە پەرقلىق بولۇپ، كۆلىمى ۋە ھەجىمى جەھەتتىن چوڭ، تەسىر دائىرىسى كەڭ، ئەڭ مۇھىمى  ئۇيغۇر لار ھەققىدىكى تەتقىقات تېمىسى سەرخىل بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىدىغان ھەر ساھە بىلىم ئىگىلىرىنىڭ بى- بىرى بىلەن تونۇشۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ تەتقىقات ساھەسىنى قېزىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىش پۇرسىتىدۇر. قازاقىستان شەرقشۇناسلىق ئىنىستۇتىدىن تارىخشۇناس ئابلەت كامالوۋ، ئامرېكا ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتې ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى گۈلنىسا نازاروۋا، پراگ چارلىس ئۇنىۋېرسىتىدىن ئاندىرى كلىمەس (ئۆتكۈر)، كوپېنگاھىن ئۇنىۋېرسىتىدىن ئىنسانشۇناس ئىلدىكو بەلەرخان، گوللاندىيە شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدىن ماكسىم گېرىنلار فرانسىيە سىرتىدىن مەخسۇس بۇ تەتقىقات ھەپتىلىكىگە كېلىدىغان تەتقىقاتچىلاردۇر.

بۇ قېتىملىق پائالىيەت ھەرخىل تېما ۋە ساھەلەردىكى ( تىل، دىن، كىملىك، سىياسى –جۇغراپىيە، بىناكارلىق، مەدىنىيەت-سەنئەت ) تەتقىقات يىغىنلىرىلا بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، ئۇيغۇر مىللى تائاملىرىمىزنى سۇنۇش، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، خۇشخەت، مىللى ئۇسسۇل ۋە ئۇيغۇر تامىقى ھازىرلاش قاتارلىق تۆت خىل كۇرس ئۇيۇشتۇرۇش، شۇنداقلا ئۇيغۇر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە مىللى بۇيۇملار كۆرگەزمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل مەدىنى پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پائالىيەتنىڭ تۇنجى ۋە ئاخىرقى كۈنلىرى مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان سەنئەتچىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنى قاتناشقۇچىلارغا نامايان قىلىدۇ.

پارىژ ئۇيغۇرشۇناسلىق ھەپتىلىكى گەرچە ئۇنىۋېرسىتلاردا ئۆتكۈزۈلسىمۇ، ئەمما ھەر ساھەدىكى كىشىلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئەلۋەتتە پارىژدىكى ئۇيغۇر رېستورانلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. بىز ئۇيغۇرمىز، ئۇيۇشقاقمىز!

كۈنتەرتىپلەر:

پارىژ ئۇيغۇرشۇناسلىق ھەپتىلىكى

2013-يىلى ئوغلاق ئېيىنىڭ 18-كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە

 

پائالىيەت كۈن تەرتىپلىرى

 

ئىنالكو (دۆلەتلىك شەرق تىللىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى ئىنستىتۇتى)

18- نويابىر دۈشەنبە : تىل

10:00    ئۇيغۇر ھەپتىلىكى ئېچىلىش مۇراسىمى ، كاترىن پۇژول (ئىنالكو) ۋە دىلنۇر رەيھان (ئىنالكو)

10:30    « ئۇيغۇرچە ۋە تۈركى تىللار»، يوھان شتىخاۋۇس (ستراسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتى)

11:30   « ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتىدە ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى » ، گۈلنىسا نازاروۋا (ئامرېكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتى)

12:30    چۈشلۈك تائام (ئۇيغۇر يېمەكلىرى)

13:30    ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن ئۈزۈندىلەر (ئۇيغۇرچە ۋە فرانسۇزچە)

15:00    « ئۇيغۇر تىلىنىڭ كومپىيوتىرلىشىشى: »، ۋارىس جانباز (پارىژ 8- ئۇنىۋېرسىتى)

16:00    كۆرگەزمە ئېچىلىش مۇراسىمى

17:00    ئۇيغۇرچە كونسېرت

19-نويابىر ، سەيشەنبە : كىملىك

10:30    كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى (كۈنلۈك رىياسەتچى ئالېكساندىر پاپاس)

11:00    « بۈگۈنكى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر كىملىكى: پۇرسەت ۋە تەھدىتلەر »، ئابلەت كامالوۋ (قازاقىستان شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى)

12:00    چۈشلۈك تائام (ئۇيغۇر يېمەكلىرى)

13:30    ئۇيغۇر ھۆسنىخەت مەشقى

14:30    ھۆججەتلىك فىلىم « تارىم مومىيالىرى»، داۋىد سىمىت، 2007. 52 مىنۇت

15:30    « شىنجاڭنىڭ ئاتالمىش «مومىيالىرى» ۋە قەدىمى تارىخى»، بەغناغ سەغژاڭ (دۆلەتلىك ئىلمى تەتقىقاتلار مەركىزى)

16:30 « 1930-1940 يىللاردىكى ئۇيغۇر كىملىكى »، ئاندرى كلېمەس (چېخىيە پراگا ئۇنىۋېرسىتى)

ئالى بىلىملەر قوللانما ئىنىستىتۇتى / دۆلەتلىك ئىلمى تەتقىقاتلار مەركىزى

20-نويابىر، چارشەنبە : دىياسپورا ۋە تارىخ

30: 10    كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى (كۈنلۈك رىياسەتچى تىيېغى زاخكون)

11:00    « پول پەلىيوت ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق» ، ماكسىم گېرىن (گوللاندىيە لېيدىن خەلقئارا ئاسىيا تەتقىقاتلىرى ئىنىستۇتى)

12:00    چۈشلۈك تائام (ئۇيغۇر يېمەكلىرى)

13:30    « تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دىياسپوراسى» ، ستېفان دۆ تاپىيا (ستراسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتى)

14:30    « قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى» ، داۋىد گائۇزەخ (بوغدو 3- ئۇنىۋېرسىتى) ۋە ئاناتول دۇئا (پارىژ سىياسى پەنلەر ئىنىستۇتى)

15:30    « ئۇيغۇر تور دىياسپوراسى»، دىلنۇر رەيھان (ئىنالكو  / ستراسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتى)

16:30    « جوڭگو مۇسۇلمانلىرى»، ئىممانۈئەل لىنكو (پارىژ كاتولىك ئىنىستۇتى)

پارىژ سىياسى پەنلەر ئىنىستىتۇتى / خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزى

21- نويابىر، پەيشەنبە : ئۇيغۇر دۇنياسى سىياسى جۇغراپىيىسى

09:30    كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى (كۈنلۈك رىياسەتچى فخاڭسوۋاز ئوبەڭ)

10:00    « ئۇيغۇر جەمىيىتى چەت-چۆرىسىدە: جوڭگو ناقىشباندىيەسى، تۇڭگانلار،  خرىستىيان دىندارلىرى»، فخاڭسوۋاز ئوبەڭ (دۆلەتلىك ئىلمى تەتقىقاتلار مەركىزى)

10:20    « سۈرەتلەر، نەقىشلەر ۋە كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشلەردىن ئۇيغۇر سوپىزىمچىلىقىغا نەزەر»، تيېغى زاخكون (ئالى بىلىملەر قوللانما ئىنىستىتۇتى)

11:00    « 17- ۋە 18-ئەسىرلەردىكى تۈركىستان مەدەنىيەت ئاقارتىشى»، ئالېكساندىر پاپاس (ئىجدىمائى پەنلەر ئالى بىلىم يۇرتى)

11:40    «بوستانلىق شەھەرلەرنىڭ ئۆزگەرتىلىشى: قەشقەرنىڭ مىسالى»، ژاڭ-پول لۇب (پارىژ مىمارچىلىق ئالى مەكتىپى)

12:20    چۈشلۈك تائام (ئۇيغۇر يېمەكلىرى)

14:00    « كومبايىن دۆلەت: جوڭگونىڭ شىنجاڭدىكى سوتسىيالىزىملىق تەرەققىياتى»، ئىلدىكو بەلەر-خان (دانىيە كوپىنگاھىن ئۇنىۋېرسىتى)

14:40    « ئۇيغۇرلاردىكى زامانىۋىلىق ۋە سىياسى تەشكىللىنىش ئۆزگىرىشلىرى »، غېمى كاستەت (بوغدو 3-ئۇنىۋېرسىتى )

15:20    « ئىچكى ئۇرۇشنىڭ يامان تەرىپىدە تۇرۇپ قېلىش: 1918- يىلىدىكى سەمەرىچىيە تارانچى ئۇيغۇرلىرى قىرغىنچىلىقى»، ئابلەت كامالوۋ ( قازاقىستان شەرقشۇناسلىق ئىنىستۇتى)

16:00    « جوڭگونىڭ شىنجاڭنى ياۋرو-ئاسىياغا ئېچىشتىكى ستراتىگىيىسى»، ئالەڭ كاغىيۇ (پارىژ سوغبون ئۇنىۋېرسىتى)

16:40    « جوڭگو ئوتتۇرا ئاسىياسى ۋە جوڭگونىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتى »، جاڭ يىكى (جوڭگو پۇدوڭ ئىجرائىيە مۇدىرلىق ئاكادېمىيەسى)

پارىژ دۆنى-دىدېغو 7- ئۇنىۋېرسىتى

22-نويابىر، جۈمە : مەدەنىيەت ۋە سەنئەت

10:30    كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى (كۈنلۈك رىياسەتچى غېمى كاستەت)

11:00    « يۈسۈپ بالاساغۇننىڭ «قۇتاتغۇبىلىگ» ئەسىرىدىكى مۇھىم نۇقتىلار»، ۋەلى سۇلايمانئوغلۇ (ئىنالكو)

12:00    ئۇيغۇر تائاملىرىنى تەييارلاش مەشقى (ئەلى ئىسمائىل)

14:00    « ئۇيغۇر مىللى ئۇسسۇل ۋە مۇزىكىسىنىڭ سەھنىلەشتۈرۈلۈشى »، مۇقەددەس مىجىت (پارىژ 10- ئۇنىۋېرسىتى)

15:00    « ئۇيغۇر لەغمەن تېخنىكىسى»، نىكول روددا (ئىجدىمائى پەنلەر ئالى بىلىم يۇرتى)

16:00    ئۇيغۇر ئۇسسۇل مەشقى (مۇقەددەس مىجىت)

17:00 چوڭ تىپتىكى ئۇيغۇر كونسېرتى

مەنبە: ئۇيغۇر ئوغۇز ئۇيۇشمىسى

 

Comments (1)

  • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوغۇز ئۇيۇشمىسىدىكى ئەزىزلەر،
    قۇربان ھېيتىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن!
    ھەقىقەتەن ئۇيغۇر فېستىۋالىڭلارنىڭ مەزمۇنى بەكمۇ مول ئىكەن. ئاللاھ قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن!
    بىز پائالىيىتىڭلارغا قاتنىشىشقا تىرىشىمىز، دەۋەتىڭلارغا رەخمەت! ۋە فېستىۋالىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تىلەكداشمىز.
    غەيرىتىڭلارغا بارىكاللاھ، ئاللاھ مۇۋەپپەق ئەيلەسۇن!
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top