MBA توغرىسىدا چۈشەنچە
MBAبولسا Master Of Business Administration (سودا-سانائەتنى باشقۇرغۇچى ماگىستىر)نىڭ ئېنگىلىزچە قىسقارتىلىپ يىزىلىشى،خەنزۇچە 工商管理硕士دىيىلىدۇ.
MBA بازار ئىگىلىكىنىڭ مەھسۇلى ، ئۇ يۇقىرى ساپالىق،رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا ئىگەسودا-سانائەتنى باشقۇرغۇچى كەسپى خادىملارنى تەربىيلەيدىغان بۇلۇپ،ئۇلارغا ئىشلەپچىقىرىش،مالىيە،پۇل-مۇئامىلە،تىجارەت،ئىقتىسادى قانۇن-نىزام،خەلقئارالىق سودا قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھەدىكى بىلىملەرنى ۋە باشقۇرۇش ماھارىتىنى ئىگەللىتىپ،ئىستىراتىگىيىلىك پىلان تۈزۈشتىكى نۇقتىنەزەر ۋە ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارى يىتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
MBA ئىلمى ئۇنۋانى بولسا كۆپ قاتلاملىق،ئۇنۋىرسال ئىقتىساد ئىگىلىرىنى تەربىيلەيدىغان،ئىقتىدار يىتىلدۈرۈشنى بىلىم ئۆگىتىشتىن مۇھىم بىلىدىغان بىر خىل ئۇنۋان.ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىتىدىغىنى تەتقىق قىلىشقىلا ئەھمىيەت بىرىدىغان باشقۇرۇش ئىلمى بولماستىن بەلكى سودا ساھەسىدىكى ھەقىقى جەڭگە يۈزلەنگەن «باشقۇرۇش»تاكتىكىسىدۇر.ئۇ ئوقۇغۇچىلاردىن ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش ئىقتىدارى،ئالدىن مۆلچەرلەش ئىقتىدارى،ئۇنۋىرسال ئىقتىدار،تەشكىللەش ئىقتىدارى بۇلۇشنى ۋە ئۆزگۈرۈشچان دۇنيا بازىرى ۋە خەلقئارالىق رىقابەت ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەپ توختىماي غەلبە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.ئۇنىڭ دەرسلىك مەزمۇنى باشقۇرۇش،ئىقتىساد،پۇل-مۇئامىلە،مالىيە،قانۇن قاتارلىق تۈرلەرگە چېتىلىدۇ.ئىقتىدار يىتىلدۈرۈش تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك تالانتىغا ئەھمىيەت بەرگەندىن سىرت يەنە
سۆز قابىلىيىتىنى ئاساس قىلغان ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى،ئومۇمىيلىقنى ئىگەللەش ئىقتىدارى،سەگەكلىك بىلەن تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى،ھۆكۈم قىلىش ۋە مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارغىمۇ ئەھمىيەت بىرىدۇ.
MBA تۇنجى بۇلۇپ كەڭ دائىرىدىكى قوبۇل قىلىنىشقا ئىرىشكەن خەلقئارالىق ئىلمى ئۇنۋان. MBAماگىستىرلىق ئۇنۋانى بۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا سودا-سانائەتنى باشقۇرۇشتا زۆرۈر بولغان ئاساسى ساپا،بىلىم ۋە ئىلىم-پەن ئۆلچىمى بۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار MBA ئوقۇشىنى باشلاشتىن بۇرۇن چوقۇم بىرىنچى ئىلمى ئۇنۋان ئېلىپ بولغان بۇلۇشى كېرەك،پەقەت مول كەسپى تەجرىبىگە ئىگە ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بۇنىڭ سىرتىدا.
MBA خىزمەت تەجرىبىسى بارلار ئالىدىغان ئۇنۋان بۇلۇپ، ئادەتتە 3يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى توپلىغانلارنىڭ كەسپى تىزلەتكۈچىسى ياكى كەسپ ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى دەپ قارالماقتا.
MBA دەرسلىكى ھازىرقى زامان باشقۇرۇش ئىلمىنىڭ ئاساسلىق مىخانىزملىرى،مەسىلەن،بوغالتىرلىق،مالىيە،پۇل-مۇئامىلە،تىجارەت ۋە سېتىش،ئىستىراتىگىيىلىك پىلان تۈزۈش(ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلاتى)نى باشقۇرۇش،ئۇچۇر سېستىمىسىنى باشقۇرۇش،قانۇن،ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئۇ يەنە ئىقتىساد ۋە سانلىق مىقدار مۇناسىۋىتىنى ئانالىز قىلىشنىڭ دەسلەپكى بىلىملىرىنىمۇ ئۆگىتىدۇ. MBAنىڭ دەرسلىكلىرى يۇقىرى دەرىجىدە ئۇنۋىرساللاشقان بۇلۇپ،سودا-سانائەتكە ئائىت سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيەلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇنىڭدىن سىرت،ئۇ يەنە ئوقۇغۇچىلاردىن نەزىرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش بىلىمى ۋە ئىقتىدارى،مەسىلەن،قارار چىقىرىش ئىقتىدارى،كوللىكتىپ ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى،رەھبەرلىك سەنئىتى،كارخانىچىلارغا خاس يوشۇرۇن كۈچ، سۆھبەتلىشىش ماھارىتى،ئالاقە ۋە دوكلات بىرىش ئىقىتىدارى قاتارلىقلارنى يىتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئۆگىنىش جەريانىدا،ئوقۇغۇچىلار قىزىقىشى بۇيىچە بىر ئاساسلىق يۆلىنىش بېكىتىپ،ئۆزى قىزىقىدىغان دەرسلىكلەرنى تاللاپ ئوقۇسابۇلىدۇ.
MBA نىڭ ئەڭ قىسقا ئۆگىنىش ۋاقتى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە ئوقۇغانلارنىڭ بىر يىل بۇلىدۇ.ئەگەر ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇسا بەلگىلەنگەن ئۆگىنىش سائىتىنى تاماملاش كېرەك.MBA ئەڭ ئاز دېگەندە 400 سائەتلىك دەرسخانا ئۆگىنىشىنى تاماملاشنى تەلەپ قىلىدۇ،پۈتۈن دەرسلىكنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 1200 سائەتلىك دەرستىن سىرتقى تاپشۇرۇقى بۇلىدۇ.بۇ تۈر بىلىمگە بولغان تەشنالىقنى ،شەخسنىڭ پۈتۈن زېھنى ۋە تىرىشچانلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ.
MBA دەرسلىكىنى ئوقۇماقچى بولغانلار ئىنتايىن قاتتىق بولغان تاللاش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرىدۇ،بۇ ئارقىلىق پەقەت لاياقەتلىك بولغانلارغىلا MBA ئۇنۋانى بىرىلىدۇ.بارلىق ئوقۇغۇچىلار چوقۇم قاتتىق ئىنتىھان ۋە باھالاشتىن ئۆتكەندىلا ئۆگۈنۈش نىشانىنىڭ MBA ئۇنۋانىنىڭ ئۆلچىمىگە يەتكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
ھەممە سودا ئىنستىتۇتلىرىنىڭ بۇ تەلەپلەرگە يىتەلىشى ناتايىن.ئەگەر ئۆلچەمگە يىتەلمىسە ھەقىقى MBA بۇلۇپ ھىسابلانمايدۇ.
مەنبە: بەكتۇر مۇنبىرى
http://www.bektur.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=452&fromuid=2435