ستوكھولۇمدا ئۇيغۇر – ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت
ستوكھولۇم
قىشى ئۇزۇن يېزى ئاز شەھەر
يازغا ئۆتەر پەقەت بىر ئايلا
بامدات نامىزى خۇپتەنگە ئۇلاپ ئوقۇلۇر
ياز ئاخشىمى بولسا ئەگەر.
قىشنىڭ ئۇزۇن قاراڭغۇلۇقىدا
روھى ئۈركۈپ كەتكەن ئادەملەر
يالىڭاچلىنىپ دېڭىز بويىدا
كۈن نۇرىغا چىلىنىپ ياتار
قۇياش كۆزىنى ئاچسا ناۋادا.
بىراق ئۇلارغا ئوخشىماس ئۇيغۇر
كېلىدۇ ئۇلار دېىڭز بويىغا
بىر قولىدا كاۋابدان
يەنە بىر قۇلىدا دۇتتار، تەمبۇر.
ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى
ئابدۇرھىم ھېيىت، ئابدۇللانىڭ مۇڭلىرى
قۇيۇلار ئچىمىزگە يۈرەك چىلاشقۇچە
بالىلار چۆمۈلەر دېڭزغا
بىز چۆمۈلىمىز كۆز يېشىمىزغا.
سېنى قانداق ئۇنتۇيمىز ۋەتەن
سەن ھەققىدە سۆزلىشىمىز بەس-بەستە
دىدارلاشساق ئايدا بىر بولۇدىغان مەشرەپلەردە.
تىلىمىز گاچا بولسۇن سەن ھەققىدە سۆزلەشمىسەك
قۇلۇقىمىز گاس بولسۇن سەن ھەققىدە سۆزلىگەننى ئاڭلىمىساق
كۆزۈمىز كور بولسۇن سېنىڭ سۈرەتلىرىڭنى كۆزۈمىزگە سۈرتمىسەك.
بالىلارغا سۆزلەپ بېرىمىز
شىۋېتسىيەنىڭ گۈزەللىكىدەك شىمالدىكى تۇپراقلىرىمىزنى
مىڭ يىللىق توغراقلارغا قۇۋەت بەرگەن ئالتۇندەك قۇملۇقلىرىمىزنى.
گۇزەل بىر چۆچەك
گۇزەل بىر سۈرەت
پەيدا بولار بالىلارنىڭ قەلبىدە
ئۆزلىرى كۈرۈپ باقمىغان ۋەتەن ھەققىدە.
ئەي، كىمگە ئېيتقۇلۇق بۇ دەرتلەرنى
ئازاپلىنار بالىلار ، باشقىلار سوراپ قالسا ناداۋا
دۆلىتىڭنىڭ ئىسمى ۋە بايرىقى بارمۇ، دەپ خەرىتىدە.
قانداق قىلىپ ئۇنتۇپ قالغاندۇ بىزنى
ئاشۇ خەرىتە سىزغۇچى يالغانچىلار
مەھمۇد قەشقىرى قەشقەردە
سىزغان تۇرسا تۇنجى دۇنيا خەرىتىسىنى.
قىپقىزىل قانغا بويالغان ۋەتەننى
ئېلىپ چىقساڭ ستوكھولۇم كوچىلىرىغا
جاستىن بىيبېر كەلگەن چاغدىكىدەك توپلاشماس ئادەم يېنىڭغا،
ئۇنى كۆرەلمەي يىغلىغان قىزلاردەك يىغلىماس ھېچكىم ئۇيغۇرغا.
ياز قىسقىدۇر بۇ يەردە
6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاخىرلىشار يازنىڭ ھەممىسى
كىلىڭلار ئۇيغۇرلار دېىڭز بۇيىغا
چىلىشايلى يەنە بىر قېتىم
ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنڭ مۇڭىغا
سېنى ئۇنتۇسام ۋەتەن
قانداق ئوخشاي ئۇيغۇرغا.
2013-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى
Justin bieber ئەسكەرتىش : جاستىن بىيبېر( جاستىن بىيبېر كانادالىق ياش ناخشىچى بولۇپ، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 22-كۈنى شىۋېتسىيەنى زىيارەت قىلغان ئىدى.)