ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 5-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى تەكلىپنامىسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار ۋە قەدىرلىك قېرىنداشلار،
10-ئاينىڭ 5-6- كۈنلىرى (شەنبە، يەكشەنبە ) ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 5-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلماقچى بولۇپ، بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر،داڭلىق ئالىملىرىدىن فىزىكا ئالىمى دوكتور ئەركىن سىدىق، بىئولوگىيە ئالىمى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ، دورىگەرلىك ئىلمى ئالىمى دوكتور رىشات ئابباسلاردىن باشقا يەنە ئامېرىكا، ياپونىيە، ياۋروپا، تۈركىيىدىن بولۇپ، ئىلىم-پەن ساھەسىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن جەمئى 24 پەخىرلىك دوكتور-مۇتەخەسسىسلىرىمىز ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك تېمىلاردا لېكسىيە بەرمەكچى. بۇ يىغىندا يەنە، تۈركىيە بىلىم جەمئىيىتى باش مۇتەخەسسىسى فاتىھ م شاھىن ئەپەندىمۇ «چەتئەللىك تەتقىقاتچى، ئىلىم-پەن خادىملىرىنىڭ دۆلەتلىك تەتقىقات مۇكاپات ياردەملىرى ئېلىش ئىمكانلىرى» ھەققىدە ئىنتايىن پايدىلىق ئۇچۇرلارنى بەرمەكچى. بۇنداق بىر پۇرسەت بەلكىم، ھاياتىڭىزدا قايتا كەلمەسلىكى مۇمكىن…شۇڭا بارلىق قېرىنداشلارنىڭ بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، يىغىنغا ۋاقتىدا ئىشتىراك قىلىشىنى، پەخىرلىك ئالىملىرىمىز بىلەن دىدار غەنىمەتتە، ھەمسۆھبەتتە بولۇشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىت قىلىمىز، يولۇڭلارغا قارايمىز…
ئورنى: شىشلى ھامىدىيە ئەتفال تەتقىقات ۋە تەلىم-تەربىيە دوختۇرخانىسى سۇئات ئەفە يىغىن زالى
Şişli Hamidiye Etfal Eğitim ve Araştırma Hastanesi
Halaskargazi Cad. Etfal Sk.
34371 ŞİŞLİ / İSTANBUL
ۋاقتى: 10-ئاينىڭ 5-، 6-كۈنلىرى (شەنبە، يەكشەنبە) 017:30-08:30.
دەم ئېلىشلاردا قەن-كېزەك، ھەرخىل ئىچىملىكلەر ۋە چۈشلۈك تاماق بېرىلىدۇ.
ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نۇمۇرى:
2235 811 0537، 7667 589 0212 ، 5639 384 0506
ھۆرمەت بىلەن:
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
www.akademiye.org