You Are Here: Home » ئومۇمى » ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ

ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ

دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ 1995-يىلى ئامېرىكىدىكى ئۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەن ۋە 1998-يىلى ئورېگون شىتاتىغا يۆتكىلىپ، ھازىرغىچە ئورېگون شىتاتىدىكى دۆلەتلىك مايمۇن تۈرىدىكى ھايۋانات تەتقىقات مەركىزىدىكى كۆپەيتىش تېخنولوگىيىسى ۋە تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرىسى مەركىزى تەجرىبىخانىسى ۋە ئورەگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورېگون ھۈجەيرە مەركىزىدە ياردەمچى پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر مايمۇن تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى، تۆرەلمە غول ھۈجەيرە (ئەس ەلل) قاتارلىق تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. غول ھۈجەيرە: توقۇلما ۋە ئىچكى ئورگانلارغا تەرەققىي قىلىش ئالدىدىكى دەسلەپكى ھۈجەيرىدۇر. يەنى بىر تال ھۈجەيرە نۇرغۇن ھۈجەيرىگە كۆپىيىش جەريانىدا ئۆزگىرىپ كەتمەي ئەسلىدىكى ماھىيىتىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ھۈجەيرىدىن ئىبارەت. تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرىسى: ھەرقانداق توقۇلمىغىمۇ تەرەققىي قىلالايدىغان، كۆپىيىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان ھۈجەيرە بولۇپ، ئۇرۇق قوبۇل قىلغان تۇخۇمدا پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەس ھۈجەيرە ھەر خىل ھۈجەيرىگە تەرەققىي قىلالايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىقتىدارىنى يوقاتقان ئىچكى ئەزالار ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ناھايىتى مۇھىم دەپ قارىلىپ، تەتقىقاتلار ئىشلەنمەكتە. لېكىن كلىنىكىدا رەسمى ئىشلىتىشكە تېخى ۋاقىت كېتىشى مۈمكىن.
ئۇنىڭ تەھرىردىن ئۆتكەن (خەلقئارادا ياكى ئامېرىكىدىكى يىغىنلاردا ئوقۇغان ماقالىسىدىن سىرت) ماقالىسى 26 پارچە، 4 پارچە كىتاب يازغان. بىر پاتېنتى بار. ھازىر 6 تەتقىقات تۈرىنى ئىشلەۋاتىدۇ. 3 تەتقىقاتقا ئىلتىماس قىلىپ قويۇقلۇق. بىر تەتقىقاتنى ئىشلەپ پۈتتۈرگەن. دوكتور شوئۇكھرات مىتالىپوۋ ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى ۋە تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا.
ئۇنىڭ ئايالى گۈلنۇر ناسىروۋامۇ ئالمۇتىلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ لىندا ۋە نەرگىز ئىسىملىك ئىككى قىزى ۋە پائۇل ئىسىملىك بىر ئوغلى بار.
بىز ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپۇۋنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز.

Comments (1)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top