You Are Here: Home » ئومۇمى » بالىلارنى خەنزۇچە مەكتەپكە بىرىشتىن توغۇلغان ئويلار

بالىلارنى خەنزۇچە مەكتەپكە بىرىشتىن توغۇلغان ئويلار

مەن تۇرىۋاتقان يېزىدا ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا 12 باشلانغۇچ مەكتەپ بار ئىدى. ئۈچ يىل جەريانىدا ئوقۇغۇچى مەنبەسى بولماسلىق سەۋەبىدىن قوشىۋېتىش، تاقاش ئارقىلىق ھازىر بولسا ئاران ئالتە باشلانغۇچ مەكتەپ قالدى. نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچى ئازىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى پىلانلىق تۇغۇت بولسا، يەنە بىرى كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار باشقا يېزا-مەيدانلاردىكى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ «زىيالىي» ھېسابلىنىدىغان ئوقۇتقۇچى، كادىر-ئىشچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. شۇڭىمۇ قايسى بىر دانا «دېھقىنى بار مىللەت يۇقالمايدۇ» دەپ توغرا ئېيتقان ئىكەن. ئۆزىڭىز ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ، پەرزەنتىڭىزنى باشقا تىل مۇھىتىدىكى مەكتەپتە ئوقۇتسىڭىز بۇ ئۆزىڭىزنى ئىنكار قىلغانلىق، ئۆزىڭىزنىڭ پۇتىغا پالتا چاپقانلىق بولماي نېمە؟ ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئازايسا مىللىي تىلدىكى مەكتەپلەر تاقىلىدۇ. مەكتەپلەر تاقالسا ئوقۇتقۇچى بولغان سىز نېمە ئىش قىلىسىز! مەن بالىسىنى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇتىۋاتقان ئاتا-ئانىلاردىن نېمە ئۈچۈن بالىسىنى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇتۇدىغانلىقىنى سورىسام ھەممىسى «بالىمىزنى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇتساق كېيىن چوڭ بولسا خىزمەت تېپىشى ئاسان بولىدۇ، ياخشى خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلەيدۇ» دەپ جاۋاب بېرىشتى. خەنزۇ تىلنى بىلگەن ئادەمنىڭ ھەممىسى ياخشى خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىدىغان ئىش بولسا ھەر يىلى نەچچە ۋاگون ئىشلەمچىلەر شىنجاڭغا ئىش ئىزلەپ كىلەرمىدى؟ نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چەتئەللىك ئالىملار ماقالىسىدىن سىتاتا ئېلىپ پايدىلانغان پەخىرلىك فىزىكا ئالىمىمىز ساھىبجامال دۆلەت خانىم، ئەينى ۋاقىتتا دۆلەت رەھبەرلىرىگە ئېنگىلىز تىلى تەرجىمانى بولغان ھەكىمە ئەرشىدىن خانىم ۋە باشقا كۆپلىگەن ئالىم مۇتەخەسسىسلىرىمىز تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇنداقتا ئاشۇ سەبىي پەرزەنتلەر يات تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپتە ئوقۇپ زادى نېمىلەرنى ئۆگىنىدۇ؟ نېمىلەردىن مەھرۇم قالىدۇ ئۇلار خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە خەنزۇ مەدەنىيىتىنى، خەنزۇلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىنى ئۆگىنىدۇ. بىر كۈنى ئىنىسى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر ئاغىينەمنىڭ ئۆيىدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرساق ئاغىينەمنىڭ ئىنىسى يۈگۈرۈپ كىرىپلا «ئاكا، ئاكا بىز مەكتەپتىن كېلىۋېتىپ بىرنەچچە ئۇيغۇرنى ئۇرىۋەتتۇق» دېدى. بىز نېمە دېيىشىمىزنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدۇق. شۇنىڭدىن كىيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ئاغىنەم ئىنىسىنى ئۇيغۇرچە مەكتەپكە ئەكىرىپ بەردى. كاككۇك تۇخۇمىنى ئۆزىدىن كىچىك قۇشلارنىڭ ئۇۋىسىغا تۇغۇپ قويىدىكەن. باشقا قۇش ئۇقماي كاككۇكنىڭ تۇخۇمىنى ئۆزىنىڭ تۇخۇمى بىلەن بىللە باسىدىكەن. كاككۇك چۈجىسى ھېلىقى قۇشنىڭ چۈجىسىدىن بۇرۇنراق تۇخۇمدىن چىقىدىكەن ۋە تېز چوڭ بولىدىكەن. باشقا چۈجىلەر تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن ئانا قۇشنىڭ تېپىپ كەلگەن ئۇزۇقى يېتىشمەيدىكەن. بۇنىڭ بىلەن كاككۇك چۈجىسى باشقا چۈجىلەرنى ئۇۋىدىن ئىتتىرىۋېتىپ ئۆلتۈرۋېتىدىكەن. بىچارە ئانا قۇش ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ كاككۇك بالىسىنىڭ قۇرسقىنى بېقىش ئۈچۈن تىنىم تاپماي ئىشلەيدىكەن. كاككۇك بالىسىنىڭ قانات-قۇيرۇقى يېتىلگەندىن كېيىن بىچارە «ئانا» سىنى داغدا قۇيۇپ ئۇچۇپ كېتىدىكەن. بىز ھازىر پەرزەنتلىرىمىزنى كاككۇكقا ئوخشاش باشقىلارنىڭ تەربىيەلىشىگە تاشلاپ بەرگەن بىلەن، ئۇلار ھەرگىز كاككۇك چۈجىسىنى دورىيالمايدۇ. ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بېسىمىدە بىچارە پەرزەنتلىرىمىز كاتەكچىسىمان چەكسىز خەتلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كۈنىگە نەچچە دەپتەرنى توشقۇزۇشى كېرەك. ئەگەر تاپشۇرۇقنى ئۇرۇنلاپ بولالمىسا ئاتا-ئانىسىنىڭ تايىقى، ئوقۇتقۇچىسنىڭ دەشناملىرى تەييار. شۇڭا 5-6 ياشلىق بالىلارنىڭ تارام-تارام يېغلاپ تۇرۇپ خەت يېزىۋاتقانلىقىنى نەچچە قېتىم كۆردۈم. (ئەلۋەتتە تاپشۇرۇق ئىشلەش ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىمۇ بار. بىراق ئۇنچىۋالا ئېغىر ئەمەس. ئاشۇنداق خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر قىزنىڭ دادىسىغا «دادا، مەن بارىمەن مەكتەپكە» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. مەن «نېمىشقا ئۇنداق دەيسىز؟ مەن مەكتەپكە بارىمەن دەڭ» دېسەم، ئۇ «ۋو چۈ شۆ شاۋ دېگەننى ئاشۇنداق دەيدىغۇ» دېدى. قاراڭ ئۇنىڭ يالغۇز تىلىلا ئەمەس، تەپەككۇرىمۇ خەنزۇچىلىشىپ كېتىپتۇ. مەكتەپتە خەنزۇچە مۇھىت، ئۆيىگە كەلسە ئۇيغۇرچە مۇھىت. كىچىككىنە سەبىي بالا ئىككى خىل مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا گاڭگىراپ ئېغىر دەرىجىدە پىسخىكىلىق توسالغۇغا ئۇچرىماي قالمايدۇ. ئۇلار بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئۇلار سادىر پەلۋان قوشاقلىرىنى ئېيتالمايدۇ. ئۇلار چىنتۆمۈر باتۇرنىڭ كاپ-كاپ كۈچىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئىپارخاننى تېلېۋىزۇردىن كۆرۈپ ئۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان تارىخنى بىلمەيدۇ (ئاپپاق خوجىنىڭ ئىپارخاننى مانجۇ خانىغا سوۋغا قىلىش بەدىلىگە، جۇڭغارلارنى باشلاپ كېلىپ ئەجدادلىرىمىزنى قىرغىن قىلغىنىنى بىلمەيدۇ) نۇزۇگۇمنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار مىللىي ئارمىيىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئازاد قىلىپ بولايلا دەپ قالغاندا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز توختاپ قالغانلىقىنى ئويلاشنى خالىمايدۇ. ئۇلار 12 مۇقامنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلەرگە تويۇنغان مىسرالىرىدىن، ئىنساننى روھىيەت ئالىمىغا باشلىغۇچى سېھىرلىك كۈيلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش ئەمەس، ھەتتا ئاڭلاشنىمۇ خالىمايدۇ. ئالپ ئەرتوڭاخان دېسە بەلكىم ئۇلار بۇ خەنزۇچە نېمە دېگەن گەپتۇ دېيشى مۇمكىن. «ئوغۇزخان» ماركىلىق ھاراقنى ئىچىپ، «سەن شامال، مەن رومال» دېگەن ناخشىنى خەنزۇچە توۋلاپ يۈرۈشى مۇمكىن.
ھازىر دۇنيا بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزنىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى. Windows Vista نى قاچىلاش باسقۇچىدىلا ئۇيغۇر تىلى دېگەن ئۇيغۇرچە خەتنى كۆرۈپ قانچىلىك ھاياجانلانغانلىقىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. چىڭغىز ئايتىماتوۋ «كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ، ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت» دېگەن ئىكەن. توغرا ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەتنىڭ جىنايىتى، ئانا تىل بىزنىڭ ۋەتىنىمىز، ئانا تىلنى بىلمەسلىك ۋەتىنىنى ساتقانلىق بىلەن باراۋەر. ئاشۇ بالىڭىز چوڭ بولۇپ، ئاتا (ئانا) ماڭا نېمىشقا ئۇيغۇرچە ئۆگەتمىگەن؟ دېسە نېمە دەپ جاۋاب بېرىسىز؟ بەلكىم سىز ئۇيغۇر تىلىنى ئۆيدە ئۆگىتىۋالىمەن دېيىشىڭىز مۇمكىن. ساۋادىنى ئانا تىلدا چىقىرىش بىلەن يات تىلدا چىقىرىشنىڭ ئاسمان-زېمىن پەرقى بار. بالىڭىزغا 32 ھەرىپنى ئۆگىتىپ قويغىنىڭىز ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەتكەنلىك ئەمەس. خەنزۇ تىلى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تىلى، شۇنداقلا دۇنيا ئاھالىسىنىڭ ئالتىدىن بىرى بۇ تىلنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا خەنزۇ تىلىنىمۇ چوقۇم ئۆگىنىش كېرەك، ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆز ئانا تىلىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بولسا بولمايدۇ! قايسى بىر نوپۇزلۇق ماتىرىيالدىن «ھازىر شەرقى شىمالدا مانجۇ تىلىنى بىلىدىغان توقسان نەچچە قېرى مانجۇ قىلىپ قالدى. ئەگەر ئۇلار ئۆلۈپ كەتسە، مانجۇ تىلى يەر شارىدىن يوقايدۇ» دېگەن خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم. قاراڭ ئەينى ۋاقىتتا شۇنچە چوڭ جۇڭگونى نەچچە يۈز يىل سورىغان بىر مىللەتنىڭ ھازىرقى كۈنى ئەنە ئاشۇ! خەلقئارا مۇھىت ئاسراش جەمئىيتى، كىت قۇتقۇزۇش جەمئىيتى … بولغان بىلەن مىللەت قۇتقۇزۇش جەمئىيتى، تىل قۇتقۇزۇش جەمئىيتى يوق. مەلۇم بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى، قۇتقۇزايلى دەپ خەلقئارا جەمئىيەت نۇرغۇن پۇل، ئادەم كۈچى ئاجراتقان بىلەن، قىرغىن بولىۋاتقان ئىرقلار، يۇقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىل بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق. بىزنىڭ قولىمىزدىن باشقا چوڭ ئىش كەلمىسىمۇ، ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگە مىراس قالغان بۇ بۈيۈك تىلنى ئەۋلادلىرىمىزغا ساق-سالامەت ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولسىمۇ تىرىشايلى!!! خۇلاسە: سەن ئوقۇتقۇچى بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەسسەن. سەن ھۆرمەتلىنىشكە مۇناسىپ ئەمەسسەن؛ چۈنكى سەن بىزنى ئاتا-ئانىمىزنى ۋە بۈگۈنكى ئەۋلادلىرىمىزنى ئوقۇتۇپ تۇرۇپ ئۆزەڭنىڭ بالىسىغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بىرەلمەي تۇرۇپ يەنە كىمگە توغرا يول كۆرسەتكۈچى. ۋىجدانىڭ قېنى!!! (بۇ سۆز ئۆزى مىللەتنىڭ يېتەكچىلىرى تۇرۇپ ئانا تىلىغا خائىنلىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئېيتىلدى. لېكىن قەلبىمىزدىكى ھەقىقىي يېتەكچىلەر مەڭگۈ قەلبىمىزدە ياتلانغۇسى!). بۇسۆزنى ئاڭلاپ مەن ئوقۇتقۇچى بولمىغاندىكىن بولىۋېرىدۇ دەپ قالماڭ، چۈنكى سەن ئۇيغۇر! ھەربىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top