You Are Here: Home » ئومۇمى » تونۇشۇش – تاشپولات روزى

تونۇشۇش – تاشپولات روزى

ئەسسالام ئالەيكۇم! باغداش تور بېكىتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ھەم ئوقۇرمەنلىرى مېنىڭدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام! باغداش تور بېكىتىنىڭ يېقىندا ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلاپ بەك خوش بولدۇم. مەن ئالدى بىلەن باغداش تور بېكىتىنى قۇرغان ئەكبەرجان ئەسەت ئىنىمىزغا كوپتىن-كوپ رەھمەت ئېيتىمەن. مېنىڭ ۋەتەندىكى تور بەتلىرىدە ماقالە ئېلان قىلىشىمنى تەشەببۇس قىلغان بىلىمخۇمار ئەپەندىگىمۇ رەھمىتىمنى بىلدۇرمەن. ئەمدى ئۆزۈمنى قىسقىچە تونۇشتۇراي. مېنىڭ ئىسمىم تاشپولات روزى، تۇغۇلغان يۇرتۇم غۇلجا توققۇزتارا، ھازىر ئامېرىكادىكى جەرەن جىلغا ئۇنىۋېرسىتېت ( Universityof Antelope Valley) دا ماتېماتىكا پروفېسسورى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن. مېنى 5-ئايلاردا باغداش تورىدا تونۇشتۇرغان، مېنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىمنى ئۇقماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككى ئادرېسنى چەكسىڭىز بىلەلەيسىز. كېيىنكى ئادرېستا رەسىملەرمۇ بار.

189962_302117126565292_1559913194_n[1]

http://bbs.bagdax.cn/thread-18174-1-1.html

http://www.kulgin.com/news/3789.html

 

مەن ھازىرغىچە ۋەتەندىكى تور بەتلىرىدە تىزىملىتىپ ماقالە ئېلان قىلىپ باقمىغان ئىدىم. بىراق ۋاقتىم چىققاندا ۋەتەندىكى تور بەتلەرگە كىرىپ ماقالىلەرنى ئوقۇپ كەلدىم. بۇ قېتىم بىرىنچى بولۇپ باغداش تور بېكىتى بىلەن ئىزدىنىش تور بېكىتىگە تىزىملىتىپ كىردىم. مەن ھازىرغىچە تەبىئىي پەنگە ئائىت ماقاللىرىمنىFacebook  دا ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىمەن. مېنىڭ قارىشىمچە باغداش تور بېكىتى بىلەن ئىزدىنىش تور بېكىتىدە بىلىمگە ئىنتىلىدىغان، بىلىمنى ھۆرمەتلەيدىغان قېرىنداشلار ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن. مەن بۇندىن كېيىن مۇشۇ ئىككى تور بېكىتىدە تەبىئىي پەنگە ئائىت ماقالىلەرنى بولۇپمۇ ماتېماتىكا، فىزىكا، ئاقار جىسىملار، كائىناتتىكى ئىشلار، قارا ئۆڭكۈر، قارا جىسىم، دۇنياغا تونۇلغان تەبىئىي پەن ئالىملىرى، ئۇيغۇر تەبىئىي پەن ئالىملىرى قاتارلىق ساھەلەردە ماقالە ئېلان قىلىمەن. سىزلەرنىڭ ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بۆلىشىڭلارنى ھەم مېنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

بىر مىللەت ئىلىم-پەنگە يۈزلەنگەندە ھەم ئۇنۇڭ بىلەن شۇغۇللانغاندىلا قۇدرەت تاپىدۇ. ھازىر ۋەتەندىكى تور بەتلىرىدە تەبىئىي پەنگە ئائىت ماقالىلەر بەكمۇ ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇنۇڭ ئۈستىگە تەبىئىي پەنگە ئائىت ماقالىلەرنى ئۇقۇپ ئۇقمايلا ئۇنۇڭغا باھا بېرىپ، ماقالە ئاپتورىنى ئىنتايىن بىزار قىلىدىغان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن.  مەسىلەن، يېقىندا قاسىم سىدىق پەرىزىگە باھا بېرىشلەر بولۇپ ئۆتتى.  ھەبىبۇللا ئۇكىمىز قاسىم سىدىق ئاكىمىزنىڭ پەرىزىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ماقالىلەرنى يازدى. بۇ تالاش-تارتىشلاردا ئۇلار ماڭا يازغان ماقالىسىنى ئەۋەتىپ، ماقالىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى سورىدى. مەن ھەبىبۇللا ئۇكىمىزنىڭ يۆنىلىش ۋېكتورىنى قوللىنىپ جىسىمنىڭ ھەرىكەت جەريانىدا ئاغىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ماتېماتىكىلىق ئانالىزلىرىنى كۆرۈپ چىقتىم. ھازىرغىچە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا خاتالىق يوق. بۇ دېگەنلىك قاسىم سىدىق ئاكا پەرىزى توغرا دېگەنلىكىم ئەمەس. ھازىر مەن ئۇلارغا مۇنداق تەكلىپ بەردىم، ماقالە تولۇق يېزىلىپ بولغاندا ماڭا ئەۋەتىپ بېرىشىنى، مەن ئۇنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، مېنىڭ ئۇستازىمغا ئەۋەتىپ بېرىپ ماقالىگە ھەم پەرەزگە تولۇق ھۆكۈم چىقىرىش. مېنىڭ ئۇستازىم دۇنيادا ساناقلىق فىزىكا ئالىملارنىڭ بىرى بولىدۇ. ھەبىبۇللا ئۇكىمىز ئۇ ماقالىنى ھازىر تولۇقلاپ يېزىۋاتىدۇ. ھەبىبۇللا ئۇكىمىزنىڭ كەسپى ماتېماتىكا ياكى فىزىكا بولماي تۇرۇپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئېينىشتېين ھۆكۈملىرىگە جەڭ ئېلان قىلىشى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.

مېنىڭچە قاسىم سىدىق ئاكىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى قولاپ-قۇۋەتلىشىمىز لازىم. ئەگەر باشقىلارنىڭ يازمىلىرىغا چۈشىنەلمىسىڭىز ماقالىگە باھا بېرىپ، ئاپتورنى ھاقارەت قىلماسلىقىمىز، مۇنازىرىگە قاتناشماي يانداپ ئۆتۈپ كەتسەك بولىدۇ. ئۇنۇڭ پەرىزى توغرا بولۇپ چىقسۇن ياكى خاتا بولۇپ چىقسۇن، قاسىم ئاكا تەبىئىي پەن ساھەسىگە كۆپ تۆھپىلەرنى قوشتى ھەم قوشۇۋاتىدۇ. ئىلىم-پەندە ماۋۇ بىر يول بىلەن ماڭساڭ ئانداق نەتىجە چىقىرىسەن ياكى دوكتور بولمىساڭ بولمايدۇ دېگەن گەپمۇ يوق. ئامېرىكادا شۇنداق ئادەملەر باركىن ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇپلا ئۆزى مۇستەقىل ئالەمنى تەتقىق قىلىۋاتقانلار. ئىنسانلار ھەر-خىل تەپەككۇرلىرى ۋە پەرەزلىرى ئارقىلىق ھازىرقى يېڭى دۇنيانى بەرپا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز باغداش تورىنى بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەت قىلىدىغان ئېسىل تور بەتلىرىدىن قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

مەن ھەر ھەپتىدە ۋەتەندىن 10 پارچىدەك خەت تاپشۇرۇپ ئالىمەن. ئۇلارغا ھەر ھەپتە خەت يېزىپ جاۋاب بېرىمەن. ئەگەر سىزدە ئىلىم-پەنگە بولغان سوئاللىرىڭىز بولسا ياكى چەتئەلدە ئوقۇشقا قارىتا سوئالىڭىز بولسا ياكى بالىلىرىڭىزنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىغا بولغان سوئاللىرىڭىز بولسا تارتىنماي ماڭا خەت يېزىڭ ئىمكانىيىتىمنىڭ يار بېرىشىچە سىزلەرگە ياردەم قىلىمەن. مېنىڭ ئېلخەت ساندۇقۇم: tashpulat@gmail.com

خېتىمنىڭ ئاخىرىدا سىزلەرگە زەرىجىلەر ھەم نۇر توگۇرلۇق تۆۋەندىكى يېڭى نەتىجىلەرنى سۇنىمەن.

ھەرقانداق ماددا ئاساسلىق 17 خىل زەرىجىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، ھازىرغىچە 16 تىسىنى تېپىپ چىققان بولسىمۇ ئەڭ ئاخىرقى بىرىنى تا ھازىرغىچە تاپالماي، پەقەتلا پەرەز قىلىپ كەلگەن. بۇ زەرىجە (Higgs) بارلىق ماددىلارغا ئېغىرلىق ھاسىل قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم زەرىجىدۇر. يېقىندا ياۋروپا ئاتوم يادرو تەتقىقات ئورگىنىHiggs زەرىجىسىنىڭ 99.9999 ئېھتىماللىق بىلەن بايقالغانلىقىنى مۇيەنلەشتۇردى.

بىز ماددىلارنى ئاتوم يادروسى ۋە ئېلېكترون دەپ بۆلۈپ ئۇلارنى داۋاملىق بۆلسەك 17 زەرىجە دەپ مۇقىملاشتۇرغان ئىدۇق. يەنى ماددىلار بۇنىڭدىن ئارتۇق بۆلۈنمەيدۇ دەپ كەلگەن ئىدۇق. بىراق يېقىندا ياپونىيە ناگويا ئۇنىۋېرسىتېتى زەرىجە ئالەم تەتقىقات ئورگىنى، ماددىلارنىڭ ماسسىنى ھاسىل قىلىدىغان Higgs زەرىجىسىنىڭ، كوپ خىل زەرىجىلەردىن تەشكىل قىلىدىغان بىرىكمە زەرىجە بۆلىشى مۇمكىن دەپ ئېلان قىلدى. بۇ نەتىجە توغرا بولۇپ چىقسا، بىز ئويلاپمۇ باقمىغان دۇنياغا قەدەم قويۇشىمىز مۇمكىن.

ئالىملارنىڭ پەرىزىدە، كەلگۈسىدە ئېغىر جىسىملارنىڭ ماسسىسىنى Higgs مەيدانىنى بۇرمىلاش ئارقىلىق يوقىتىپ، ئۇلارنى نۇر تېزلىكىدىنمۇ تېز ھەرىكەت قىلدۇرۇش مۇمكىن دەپ قارىماقتا. بۇ پەرەزلەر توغرا بولسا ئېينىشتېينىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىمۇ پۇت تەرەپ تۇرالمايدۇ ئەلۋەتتە.

Higgs زەرىجىسى توغرىلىق كېيىنكى ماقالەمدە تەپسىلىي توختىلاي.

ھۆرمەت بىلەن تاشپولات روزى

www.uav.edu
مەنبەسى: باغراش مۇنبىرى http://bbs.bagdax.cn/thread-19717-1-1.html

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top