You Are Here: Home » ئومۇمى » مۇزەپپەر مۇتەللىپ ئاكىمىز ھەققىدە زىيارەت خاتىرسى – ئاچىنۇق

مۇزەپپەر مۇتەللىپ ئاكىمىز ھەققىدە زىيارەت خاتىرسى – ئاچىنۇق

زامانىمىزدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىملىرىمىزدىن (يەنى دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلمى ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلۋاتقان، كەسپىدە دۇنيادا ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان) دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە دوكتۇر مايسەم مۇتەللىپتەك ئالىملارنى تەربىيلىگەن، ھازىر قازاقىستان ئەمگەكچى قازاق ناھيىسى ئاۋات يېزىسىدا تۇرۇشلۇق مۇزەپپەر مۇتەللىپ ئەپەندىنىڭ زىيارەت خاتېرسىنى يوللاپ قويدۇم.

بۇ زىيارەتنى ھازىر سانكىت-پېتىربۇرگدا تۇرۇشلۇق ھەمراجان ئامراق ئاكىمىز قىلغان ئىكەن. ۋەتەندىكى قېرىنداشلارنى كۆزدە تۇتۇپ كۆچۈرۈپ يوللىدۇم. پەرزەنىت تەربىيىسى ھەققىدىكى گەپلىرى ئېسىلكەن.

زىيارەتتە دېيىلگىنىدەك، بۇ ئاكىمىز ھازىرقى ئۇيغۇر ناھىيەسى غالجات يېزىسىدا (ئورنى ئىلى ۋىلايىتى چاپچال ناھىيەسى تەۋەسىدىكى جۇڭگۇ-قازاقسىتان چىگىرسىدىن ئىككى-ئۈچ كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا) تۇغۇلغان. دادىسى ئەسلى مۇئەللىم بولۇپ، 1942-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا كېتىپ، شۇ يىلى ئۇرۇشتا قازا بوپتۇ. ئاكىمىز ئەسلى ئۇيغۇر تارىخى ئۈگەنمەكچى بولغان ئىكەن، لېكىن بارغان مەكتىپىدە ئۇنداق دەرىس بولمىغانلىقى ئۈچۈن رۇس تارىخىنى كەسىپ قىلىپ تاللىغان ئىكەن. كېيىنچە مەكتەپلەردە رۇس تارىخىدىن دەرىس بىرىپتۇ. قالغان گەپنى زىيارەت ئۆزىدىن كۆرۈڭلار.

http://v.youku.com/v_show/id_XNjA0MjQxNjM2.html

بۇ يەردىكى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىشقا تىگىشلىك بىر نەرسە، يىقىنقى يىللاردا دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىنى ئۈچ قىتىم تەۋرەتكەن شۆھرەتكامنى ياخشى تونۇدۇق. ئەپسۇس، شۆھرەتكامنىڭ سىڭلىسى دوكتۇر مايسەم خانىم ھەققىدە كۆپ گەپ بولۇنمىدى. ئەمەلىيەتتە، شۇ تاپتا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان ماسساچۇستىس تېخنىكا ئىنستىتۇتى (مىت) غول ھۆجەيرە تەتقىقات يۇرتىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ يىتەكچىلىكىنى قىلۋاتقان بۇ ھەدىمىزمۇ تەبىئەت ژۇرنىلىنىڭ ماتېريال قىسمى، ھۆجەيرە ژۇرنىلى قاتارلىق ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلغان ئىكەن.

ئەپسۇس، بۇ ئىككى ئالىمىمىزنىڭ ئاپىسى ھازىر دۇختۇرخانىدا ئىكەن، ئامېركىدا داۋالىنىۋاتقان ئوخشايدۇ. بىزگە مۇشۇنداق ئالىملارنى يىتىشتۈرۈپ بەرگەن شۇ ئاپىمىزنىڭ كېسىلىگە شىپالىق تېلەش بىلەن بىرگە، 80 گە يىقىنلاشقان مۇزەپپەر دادىمىزغىمۇ سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تېلەيمىز. سۇنداقلا، بۇ ئىككى ئالىمىمىزنىڭ ئىلىم ئاسمىنىدا تېخىمۇ بۈيۈك زەپەر قۇچىشىنى بىر ئاللاھتىن تېلەيمىز.

 

oghuzkb

2013-يىل 9-ئاينىڭ 7-كۈنى

(  ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نامىدىن بىزمۇ بۇ ئىككى ئالىمىمىزنىڭ ئانىسى، مۇزەپپەر ئاكىمىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى ئانىمىزغا ئاللاھ س ۋ ت دىن كېسىلىگە شىپا ۋە خەيىرلىك ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز!)

Comments (2)

  • قەيسەر مىجىت

    ياخشى ئىشتىن يەنە بىر قىلىپسىلەر، تەشەككۈر.
    ئەمما يازمىدا مۇنداق بىر پاكىتلىق خاتالىق بار ئىكەن، تۈزۈتۈپ قويارسىلەر.
    مايسەم – شۆھرەت ئاكىنىڭ سىڭلىسى، ھەدىسى ئەمەس.
    رەخمەت،
    قەيسەر مىجىت

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەيسەر مىجىت ئاكا،
      ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى توربېتىگە خوش كەلدىڭىز، كۆپرەك يىتەكلىشىڭىزگە مۇھتاجمىز.
      قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top