«بىر كىتاپ بىر ئالەم» 1-سان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى
Bir Kitap Bir Alem 1-san Hazirqiy Zaman Uyghur Tili
YOUKU دىكى كۆرۈش ئادرىسى : http://v.youku.com/v_show/id_XNDkzNjE5MzIw.html
http://www.youtube.com/watch?v=dJJCMyBvB1A&feature=share&list=PLaMCH96cJvZfkXHdFY661DmhitVLvhKZ0
ئىدىقۇت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ۋەتەنداشلار، بۇ ۋىدىئونى قويغان قېرىندىشىمىزغا رەھمەت. ۋەتەننىڭ ئىچىدىكى ئالىملىرىمىز ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئاجايىپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىۋاتىدۇ. ۋەتەننىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلى دۇچ كەلگەن خەتەرنى ھەممىمىز ياخشى بىلىمىز. ئەھۋاللارنى قايتا ئەسكەرتىشكە زۆرۈر يوق، دەپ قارايمەن. ڧىلىمدە كۆرگىمىزدەك خەلق نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇراخمان ئەبەي ئەپەندىمنىڭ دەپ ئۆتكىنىدەك، كىتاپنى تەرجىمە قىلىشتا بىر قانچە تىللارنىڭ ئىپادىلەپ بېرەلمىگەنلىكى ئەڭ ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ئەڭ مۇكەممەل بولغان. بىر ياخشى ئىشنى قىلىشتا ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىدىن باشلايدۇ. تۈركىيەدە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار كۈندىلىك تۇرمۇشۇڭلاردا ئۆرەڭلارنىڭ ئارىسىدا پەقەت ئۇيغۇرچىنى قوللىنىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، تۈرۈكچىنى ياكى خەنزۇچىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەشكە ھېچ كېرەك يوق. ئۇيغۇرچىدا سۆزلەشكەندە سۆزنى ئىپادىلەشتە مېنىڭچە ھېچقانداق قىيىنچىلىق يوق، دەپ قارايمەن.