3.بۆلۈم رامىزان شاھىتىم بولسۇنكى (رامىزان يازمىلىرى)
امىزان شاھىت بولسۇنكى!
زامان، پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا مەنا قاتقان باشقىچە بىر يارالمىشتۇر. بۇ سەۋەپتىن قۇرئاننىڭ، ئەڭ كۆپ قەسەم قىلغان نەرسىسى، زامان كېسىملىرىدۇر.
زامان بىلەن بۇنچە كۆپ قەسەم قىلىنىشنىڭ سەۋەبى، ئىنسان ئۈچۈن «ھايات» دېيىلگەن زامانغا دىققىتىمىزنى تارتىشتۇر؛ بەدەلسىز قولغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئەھمىيىتى كۆزدىن ساقىت قىلىنغان زامانغا دىققىتىمىزنى بۇراش ئۈچۈن.
ئەمما بۇ قەسەملەرنىڭ بۇنىڭدىنمۇ بەكراق مۇنداق بىر خوش-بىشارىتى بار: زاماننى شاھىت تۇتۇش. «ۋەلئەسىر» دېمەك «زامان شاھىت بولۇپ تىلغا كەلسۇن» دېمەكتۇر. سەن ئەي زامانغا مارۇز (ئىلكىسىدە) قالغان ئىنسان، زامان سېنىڭ شاھىتىڭدۇر ئۇنۇتما. ساباھ تىلغا كېلىدۇ، ئاخشام تىلغا كېلىدۇ، كېچە تىلغا كېلىدۇ، كۈندۈز تىلغا كېلىدۇ، چۈشلىكى تىلغا كېلىدۇ، شەپەق تىلغا كېلىدۇ، كۈن تىلغا كېلىدۇ، ئاي تىلغا كېلىدۇ ۋە رامىزان تىلغا كېلىپ سۆزلەيدۇ.
زامان شاھىت بولۇپ تىلغا كەلسە نىمىلەرنى سۆزلەيدىغاندۇ؟
كىملەرنىدۇر بىرىنى «ئۇ مىنى ئۇنۇتتى، پەقەت مەن ئۇنى تۇتمىدىم» ئەي رەببىم دېسە. كىملەر ئۈچۈن « ئۇ مىنى تۇتتى، مەنمۇ ئۇنى تۇتتۇم!» دەپ شاھىت بولىدۇ. يەنە باشقىلىرى ئۈچۈن « يا ئۇ مىنى تۇتمىدى، مەنمۇ ئۇنى تۇتمىدىم» دەيدۇ. بىز بۇلاردىن قايسىسىگە كىرىمىز؟ رامىزان بىز توغرۇلۇق رەببىگە نىمىلەرنى دەيدىغاندۇ؟
زاماننىڭ بەزى بۆلەكلىرىنى ۋەھىي تېخىمۇ مۇھىم قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئەڭ بېشىدا قەدىر كېچىسى كېلىدىكى، قۇرئانغا كۆرە « مىڭ ئايدىنمۇ خەيىرلىكتۇر». قەدىر كېچىسى بولسا، بۇ قۇتلۇقلىقىنى، قۇرئاننىڭ نازىل بولۇشقا باشلىغان كېچىسىدىن ئالىدۇ. بۇ كېچىنىڭ رامىزان ئېينىڭ ئىچىدىكى كېچىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنىمۇ، بىز يەنىلا قۇرئاندىن ئۆگەنگەن بولىمىز.
ئۇنداقتا، رامىزان روزىسى، بىر مەنادا، قۇرئاننىڭ توغۇلغانلىغىنىڭ قۇتلىنىشىدۇر؛ رامىزان؛ بۇ جەھەتتىن «قۇرئان ئېيىدۇر».
قەستەن، قۇرئااننىڭ قايسى كۈن/كېچە توغۇلغانلىقى بىلدۈرۈلمىگەن كېچىلەرنى قوينىدا ساقلىغانلىقى ئۈچۈن، رامىزاننىڭ بارلىق كۈنلىرىنى روزا تۇتۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن رامىزان يەنە كەلدى؛ ئۇنداقتا، رامىزاننىڭ سەبەبى ۋە ھىكمىتى بولغان قۇرئانمۇ يېتىپ كەلدىمۇ؟
رامىزاننى ئىدراك قىلغان ھەر مۆئمىن، بۇ سۇئالنى ئۆزىدىن سورىشى كېرەك. ھاياتىدا قۇرئاننىڭ قانچىلىك ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىگە قاراپ چىقىشى كېرەك. توغۇلغان كۈنىنى كاتتا ھەشەمەت بىلەن كۈتۈۋالغان نۇر توپى «بالىلار» ئۆزىگە نىمە بولغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك. قۇرئانسىز بىر رامىزان روزىسى تۇتۇشنىڭ؛ بالىنى ئۆلتۈرۈپ، توغۇلغان كۈنىنى قۇتلىغاندەك بىر ئىش بوپقالىدىغانلىقىنى ئويلىشى كېرەك…
«ئەي رامىزان!» دېگىن؛ كەلگىنىڭدە ئاشىقسىزلىقتىن چۆلگە ئايلانغان يۈرەكلىرىمىزگە، قۇرئاننىڭ رەھمەت بۇلۇتلىرىنىمۇ ئېلىپ كەلگىن، ئۇخلاۋاتقان ئېدراكلىرىمىز، قۇرئاننىڭ داۋا بەرگۈچى تىنىقلىرى بىلەن ئويغانسۇن. سېغىنمىغان، ئېچىشمىغان، ئىنلىمىگەن، كۆيمىگەن يۈرىكىمىز سېغىنسۇن، ئېچىشسۇن، ئىنلىسۇن ۋە يانسۇن. ھەمدە ئىنسان، ئىچىگە قاراپ چىقىدىغان سەپىرىدە كۆڭلۈنىڭ گىرۋەكلىرىگە چىڭ تۇتۇنۇپ يۈرەكلىرى تېشىپ كەتكۈدەك ھالغا كەلسۇن.
پۈتۈن بۇلارنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن، رامىزاننىڭ فېستىۋاللىشىشىنىڭ ۋە «ئۇرۇقلاش ئېيى»غا ئۆزگەتىۋېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. رامىزاننى فېستىۋاللاشتۇرغانلار، روزا ھېيتىنىمۇ «كەمپىت بايرىمى»غا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ رامىزان « بەدەنى جەھەتتىن كىچىگلەپ، روھى جەھەتتىن يۈكسىلىش» توغرۇلۇق تەلىم بېرىلگەن بىر زامان تىلىمى (مەزگىل)دۇر.
رامىزان بولسا بىر روھ ئوزۇقلىنىشىدۇركى، بۇ ئايدا ئىنساننىڭ ھايۋانى تەرىپى، نەفسى، ئىچكى تۇيغۇلىرى، شەھۋىتى، خۇمارى ۋە دۇنيالىشىش خىرسى كەينىگە چېكىندۈرۈلۈپ ئىنسانى تەرىپى ئالدىغا چىقىرىلىدۇ.
رامىزان يىللىق روھ پەرۋىشىدۇر.روزا ئىنساندا، يۈرەككە قاراپ يولغا چىقىدىغان سەپەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىر ۋاستىسىدۇر. يۈرەككە، يەنى ئىنساننىڭ ئۆز ئۆزۈگە. ئەگەر، بۇ سەپەرنى داۋام قىلىشقا بەل باغلىسا، ئۇ يەردە قارشىلىشىدىغىنى يەنە ئۆزى؛ ئەڭ تەبىئىي، ئەڭ نىقاپسىز، ئەڭ يېلىڭ ھالى بىلەن ئۆز شەخسىيەتچىلىكى بولىدۇ.
ئىنسان، بۇ سەپەرنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، بىلىشىدۇ، تۇنۇشۇپ چىقىدۇ ۋە سۈلھىلىشىدۇ؛ يەنى «سىلم»(تېنىچلىق)كە، تەسلىمىيەت ۋە سالامەتكە (قۇتۇلۇش/ئازا*لىق) قا ئېرىشىدۇ. ئۆزى بىلەن چىقىشالىغان كىشى، ھېچ شۈبھىڭىز بولمىسۇنكى، ھەقىقەت بىلەنمۇ چىقىشىپ كېتىدۇ. ئۈزى بىلەن چىقىشالمىغان (ئىنكار قىلىدىغان) كىشى بولسا، ئەڭ باشتا ئاللاھتىن تارتىپ، ھەقىقەت بىلەن، تەبىئەت بىلەن، ئىنسانىيەت بىلەن قاۋغالىشىپ تۇرىدۇ.
ئىچىدىن كېچىپ كەلگەن شۇ خەتەرلىك ۋە تېيىلغاق زامان تىلىمىدە ھەممىمىز، ساختا ۋە سۈنئى كۈن تەرتىپلىرىنىڭ بومباردىمانلىرى ئاستىدا ئۆزىمىزنى يۇقۇتۇپ قۇيىمىز. مانا ئەمسە ساڭا پۇرسەت:
رامىزان! راسىتچىل ۋە ئىلاھى كۈنتەرتىپ. ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە رامىزان شاھىتىمىز.
كىم خالىماسكى؛ «رامازان شاھىت بولسۇنكى مەن ئۇنى ئۇ مېنى تۇتتى!» دىيىشنى؟
(ئەلھەمدۇلىللاھ، تۈگىدى)
(باش تەرىپىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلار تۈۋەندىكى تېمىغا مۇراجىئەت قىلىڭ:
مۇستافا ئىسلامئوغلى: رامىزان يازمىلىرى (تەرجىمە) http://www.koklem.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4064)