ئەي تالىب-قۇرئاننى كەلتۈرگەن رامازاننى قۇرئان بىلەن كۈتىۋال.
خەندەكتە،سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقان بىر توپ مۇسۇلمان ئاچ قورساق ھالەتتە خەندەك كولاۋاتاتتى.
بەزى ئورەكلەردىن قورام تاشلار چىقاتتى، ئالەملەرگە رەھمەت سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز بىردەم ئۇ خەندەكنىڭ يېنىغا، بىردەم بۇ خەندەكنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىشلارنى تەكشۈرسە، يەنە بەزىدە بازغاننى قولىغا ئېلىپ خەندەك كولاشقا ياردەملىشەتتى.
خەندەك كولاش كېچە-كۈندۈز داۋام قىلماقتا. قوبۇل قىلىنىدىغان دۇئانىڭ سەۋەب بىلەن قىلىنغان دۇئا ئىكەنلىكىنى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ئەڭ ياخشى بىلىدۇ.يەنى شۇنداق بىر سەھنە، قاپقارا گىرانت تاشلارغا ئۇرۇلغان بازغان بەزىدە كىچىك بىر چاقماقتەك ئوت ئۇچقۇنلىرىنى چىقارسا، بەزىدە بۇ ئوت ئۇچقۇنلىرى ئاي نۇرىدا خەندەك كولاۋاتقان ساھابىلەرنىڭ يۈزىنى يورىتىۋېتەتتى. سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز، قورسىقىنى تويغۇزغىدەك نەرسىسىمۇ بولمىغان بۇ كىشلەرگە نورمال بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان خۇش-بىشارەتلەرنى بېرەتتى.
-بۇ ئوت ئۇچقۇنلىرىنىڭ يورۇقلىقىدا يەمەننىڭ يۇلتۇزلىرىنى كۆرىۋاتىمەن.
ئالدىنقى قېتىمقىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئوت ئۇچقۇنلىرى…..
-بۇنىڭ يورۇقلىقىدا كىسرانىڭ مەدائىن سارايلىرىنى كۆرىۋاتىمەن.
ئاتمىشقا يېقىنلاپ قالغان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ قولىدىكى بازغان ئۈچىنجى قېتىم يەنە ئوت ئۇچقۇنلىىرنى چاچىرتىپ تۇرۇپ چوڭ بىر قورام تاشقا ئۇرۇلدى…
-بۇ ئۇچقۇننىڭ نۇرىدا سۈرىيە تەرەپنىڭ يورۇقلۇققا چىققانلىقىنى كۆرىۋاتىمەن…
ئىنسانلىق شاھىت بولغان ئەڭ بۈيۈك ئىمان ھۇجۇملىرىدىن بىرىگە قوماندانلىق قىلىۋاتقان قۇتلۇق پەيغەمبەرنىڭ ئالدىنقى كۈندىن باشلاپلا ئاغزىغا بىر لوقما كىرمىگەنلىنى بىلىدىغان مۆئمىنلەرنىڭ بۇ خۇش-بىشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا زەررىچىلىك گۇمانى يوق، ئۇلار ئىماننىڭ ئەڭ بۈيۈك ئىمكان ئىكەنلىكىنى بىلەتتى ۋە بۇنى ئېنىرگىيەگە ئايلاندۇراتتى.
ئەگەر ئۇ يەردە باشقا بىر سىتراتىگىيەچى بولغان بولسا بۇ خۇش-بىشارەتلەرنى ھەرگىزمۇ « ئەقىلگە ئۇيغۇن » كۆرمىگەن بولاتتى.
بىراق سۆيۈملۈك پەيغەمبىرمىزنىڭ بۇ خۇش-خەۋەرلىرى ھەتتا ئاشۇ كۈندىن 20 نەچچە يىل ئۆتمەستىنلا ئارتۇقى بىلەن ئەمەلگە ئاشتى،تارىخ ھامان ھەقنىڭ ئۈستۈن بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىدە ھېچ نەرسىنىڭ بولمايدىغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم شاھىد بولدى.
سەن ئەمەس، تاغلار سىلكىنسۇن
ھەزرىتى ئەلىنىڭ قوشۇنىغا قىلغان خىتابى ئىدى بۇ.
شۇنداق، سەن ئەمەس تاغلار سىلكىنسۇن، ئەمما سەن تەۋرىنىپ قالما، تىك تۇر، ئەگەر يىقىلساڭ « گۇناھ بار يەردە ئاپەت بولۇر » دەپ كېمە ھەيدىگەن نۇھتەك بول ۋە ( ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ) دېگىن.
جەنۇبنىڭ قۇدرەتلىك خانىشى بىلقىسنىڭ كۆڭلىگە بىسمىللاھ بىلەن كىرگەن ھەزرىتى سۇلايماندەك بىسمىللاھ دېگىن.
تائىف قايتىشىدا رەھمەت قىلىنغان ئالەمنىڭ ئۆزىگە تار كەلگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك « ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ » دېگىن.
ئىمان ئاتەشلىرىدە سىنالغان ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدەك« ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ھامى » دېگىن.
ۋەزىپىسىنى تاشلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن « يېڭىدىن تۇغۇلۇش » قا مەھكۇم قىلىنىپ، تەۋبىسى قوبۇل قىلىنغان ھەزرىتى يۇنۇس ئەلەيھىسسالامدەك « پەرۋەردىگارىم، سەندىن بۆلەپ ھېچ مەبۇد، بەرھەق يوقتۇر، سەن جىمى كەمچىلىكلەردىن پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن ئۆز نەپسىمگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم » دېگىن.
ۋەزىپەڭنى تاشلاپ كەتكەن بولساڭ، ئۆز ئورنۇڭغا قايىت ۋە ئىنسانلارغا ئىمان، ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە ئىشەنچ يەتكۈزۈشكە تىرىش.
ئۇنۇنمىغىنكى، سېنىڭ قولۇڭغا موھتاج ئىگىسىز قوللار، سېنىڭ سۆيگۈڭگە موھتاج غېرىپ كۆڭۈللەر، سېنىڭ بىر تامچە سۈيۈڭگە موھتاج قۇرۇپ قالاي دېگەن گۈللەر بار!!!
ئاۋال سۆيگۈڭنى بېغىشلا، ئاندىن نېمە قىلساڭ قىل، ئەمما ئەڭ ئاۋال سۆيگۈڭنى بېغىشلا، يۈرىكىڭنىڭ يادرولۇق بىر كۈچ مەركىزى ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدىن چىقارما، ئۇ يەرنى ھەر تۈرلۈك ئىشغالدىن ساقلا، ئىچىڭنىڭ بىر يەرلىرىدە زەخمەت كۆرمىگەن، سۇ تەگمىگەن بىر يەرلىرىڭ بولسۇن، ھايات دېڭىزىدە بوران چىقىشىغا سېنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەلىنىش يېرىڭ ئۇ يەردۇر.ئۇ يەر ئىماننىڭ ۋە ئىمكاننىڭ ماكانى، سۆيگۈنىڭ ۋە نەپرەتنىڭ سەرمايىسى، بەدەن ئۆلكىسىنىڭ پايتىختىدۇر.
ئەقىلنى قەلبىڭگە خوجا قىل!
ئەمما قانداق؟
ئەلۋتتە قۇرئان بىلەن.
قۇرئان ئېيى يېقىنلاشماقتا، رامازان قۇرئاننىڭ تۇغۇلغان ئېيىدۇر. پۈتۈن بىر رامازاننى قۇرئان تۇغۇلغان ئاي دەپ روزا بىلەن قۇتلۇقلايمىز.
قۇرئان تۇغۇلغان كۈننىڭ كونكېرىت قايسى كۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇ كۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ بىر ئاينى قۇتلۇقلايمىز.
رامازان يەنە كەلدى، ئۆتكەن يىللىرىمۇ كەلگەن ئىدى. ئەمما قۇرئان بىلەن كېلەمدۇ ياكى قۇرئانسىزمۇ؟
مانا بۇ ئىشنىڭ ھەل قىلغۇچ نوقتىسى.
ھەزرىتى پەيغەمبەر ھېساب كۈنىدە ئۆزىگە ئىشەنگەنلەردىن ئاللاھقا بىر ئىش توغۇرلۇق شىكايەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ قايسى ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟
پەيغەمبەر ئېيتتى: « ئى پەرۋەردىگارىم، شۈبھىسىزكى مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى. ‹ سۈرە فۇرقان 30-ئايەت ›
قۇرئاننى شۇنداق تۇتۇڭكى، خۇددى شىپاسى يوق دېگەن كېسەلگە ئۇ كېسەلنى داۋالايدىغان كىتابتىن بىر رېتسىپ ئالدىڭىز…
ئۇنداقتا ئۇنى پىيالىغا قۇيۇپ سۈيىنى ئىچەمسىز؟ ياكى يادلىۋېلىپ ئەتىگەن ئاخشاملىرى تىلاۋەت قىلىپ قويامسىز؟ ياكى ئۇنى ئالتۇن خەتلىك قىلىپ يازدۇرۇپ تامغا ئېسىپ قويامسىز؟ ياكى ئۇنى ئەڭ گۈزەل مۇزىكىغا كىرىشتۈرۈپ ناخشا قىلىپ ئېيتامسىز؟ ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغان تەقدىردىمۇ دەردىڭىزگە دەرمان بولمسا دوختۇردىن رەنجىمسىز ياكى رېتسىپتىن؟
قۇرئاننى شۇنداق تۇتۇڭكى… جەڭ مەيدانىدا باش قوماندان بىر زەربە بېرىش پىلانى ھازىرلىدى،بۇ زەربە بېرىش پىلانىغا يۇقىردىكى كىشى يېزىپ بەرگەن رېتسىپقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلسىڭىز جەڭدە غەلبە قازىنالامسىز؟ ئەگەر يېڭىلىپ قالسىڭىز مەسئۇلىيەتنى باش قومانداندىن كۆرەمسىز؟ بۇنداق قىلسىڭىز دۇرۇست مۇئامىلە قىلغان بولامسىز ؟
قۇرئاننى شۇنداق تۇتۇڭكى…سۆيگۈنىڭىزدىن بىر مەكتۇپ ئالدىڭىز، بۇ مەكتۇبنى ئاچماي، ئوقۇماي قانچىلىك چىدالايسىز؟ بىر ئۆمۈر؟ ياق، بىر يىل؟ ياق، بىر ئاي؟ ياق، بىر ھەپتە؟ ياق، بىر كۈن؟ بىركۈنمۇ بەك ئۇزۇن ،شۇنداقمۇ ؟
سۆيگۈنىڭىزدىن كەلگەن مەكتۇبنى ئېچىپ كۆرمەسلىككە بىر كۈنمۇ سەبىر قىلالمايسىزيۇ، رەببىڭىزدىن كەلگەن مەكتۇبنى شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ تېخىچە ئېچىپ كۆرمىگەن بولسىڭىز رەببىڭىزنىڭ ئاچچىقى كەلمەسمۇ؟
ھەر كۈنى نامازدا ئون نەچچە قېتىم ئوقۇيدىغان فاتىھە سۈرىسىنىڭ مەنىسىدىن ھازىرغىچە خەۋەرسىز بولسىڭىز قۇرئانننىڭ ئاچچىقى كەلمەسمۇ؟
رەھمەت مەنبەسى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارەى ساڭا چۈشۈرگەن ئۇچۇرىنى، سەن ئىنسان بالىسى تۆۋەنچىلىك بىلەن « رەببىم ماڭا نېمە دەۋاتىدۇ؟ نېمە دېمەكچى بولىۋاتىدۇ؟ » دەپ تېخىچە ئويلانمىساڭ، شەخسى، ھېسسى، روھى، سىياسى، ئىقتىسادى…ئومۇمەن ھاياتنىڭ ھەممە
جەھەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان كېسەللىكلىرىڭگە قەيەردىن ۋە قانداق داۋا تاپالايسەن؟ قۇرئان دورىخانىسىغا ساھىپ بولۇقلۇق تۇرۇقلۇقمۇ، مىڭ بىر كېسەللىكنىڭ ئىچىدىكى بىر بىمارنىڭ ئۆسۈملۈك ئادەمدەك ھاياتقا مەھكۇم بولىشى ، ئەسلىدە نېمىنىڭ جازاسىدۇر؟
سەن ئەي تالىب! قۇرئاننى كەلتۈرگەن ئاينى قۇرئان بىلەن كۈتىۋال.
(كېيىنكى ماقالىلەر ئۇدۇللۇق تەرجىمە قىلىنىپ يوللىنىدۇ،كېيىنكى ماقالىنى كۈتۈڭلار!)
مەنبە: ئەي تالىب-قۇرئاننى كەلتۈرگەن رامازاننى قۇرئان بىلەن كۈتىۋال
http://www.koklem.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4142&fromuid=229