رامىزان شەخسىيىتىمىز ۋە جەمىيىتىمىزنىڭ بەرپاچىسى ساھىپخاندۇر
رامىزاننىڭ مەدىنىيىمىزنىڭ بىر قۇرغۇچى ئۇنسۇرلىرىدىن بىرى دەپ بىلىمەن. رامىزان روزىسىنىڭ ھاياتنىڭ ۋە توپلۇمنىڭ قىل تۇمۇرلىرىغىچە قەدەر سىڭىپ كېتىدىغان بىر خىسلىتى بار. كۈندىلىك ھاياتىمىزنىڭ ئوق مەركىزىگە جايلاشقان ۋە ئۇنى ئەتراپىدىكى ئوربىتىسىدا كەزدۈرىدۇ. جىسمانىي ھالىتىمىزنىمۇ تۈزەشتۈرىدىغان رامىزان، ھاياتىمىزنىڭ باشقا بارلىق ساھەلىرىنىمۇ ئۆز تەسىرىگە ئېلىشى غايەت نورمال.
بۇ مۇبارەك ئاينىڭ مۇسۇلمان جەمىيىتىگە ئۇرغان تامغىسى ئۇ قەدەر مەڭگۈلۈككى، جەمىيەتنىڭ دىنغا ئەڭ يىراق بولغان قىسىملىرىمۇ ئاز ۋەيا كۆپ بولسۇن ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسگە كىرىپ قېلىشىتىن ھېچ ساقلىنالمايدۇ. رامىزان ھەر قىسىمدىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا بىرنىمە قىلىپ كىرىپ كېلىدۇ. كىملەرگە تومۇرلىرىدىن كىرسە، كىملەرگە ئاشقازىنىدىن كىرىدۇ. ئەمما يەنىلا كىرىدۇ ۋە «مەن كەلدىم!» دەپ ئۈزىنى ھىسسەتتىرىدۇ.
كۇپرى ساھىپلىرى ئۇنىڭ بۇ چوڭقۇر تەسىرلىرىدن تولىمۇ بىئارام بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز «رامىزاندا شەيتانلار كىشەنلىنىدۇ» دەيدۇ. دېمەككى شەيتان بىلەن شېرىك ئىش قىلغانلار داھىسىنىڭ كىشەنلەنگەنلىكىدىن راھەتسىز بولىدۇ. شەيتانلارنىڭ باغلانغان بىر يەردە پەرىشتەلەرنىڭ ئىشلىرى ئاسانلىشىدۇ. دىمەككى رامىزاننى ھەركىم ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلغان ئاساسى سەۋەپمۇ مۇشۇ بولسا كېرەك.
رامىزان پەقەتلا مەدەنىيىتىمىزنى بەرپا قىلغۇچى بىر ئۇنسۇردىنلا ئىبارەت ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا شەخسىيىتىمىزنى بەرپا قىلغۇچى ئامىللاردىن بىرىدۇر.
رامىزان بىلەن يۈزەكى مۇناسىۋەت قىلغانلارغا بۇ رامىزاننىڭ بەرپا قىلغۇچىلىك رولى ئەلبەتتە يۈزەكى يەنى پوستىدا بولىدۇ.
رامىزاننىڭ تەسىرى، رامىزان بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچىنىڭ پوستىنى تېشىپ ھەقىقى يادروسىغىچە ئۆتەلمەيدۇ.
بۇنى بۇرۇنلاردا مەكتۇپ قا ئوخشىتىپ يېشىپ بەرگەن ئىدىم. ئىبادەتلەر قۇلنىڭ ئاللاھقا ئىبەرتكەن مەكتۇب (سالام خەت)غا ئوخشايدۇ. ئىبادەتلەرنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئېرەنشىمەي قىلغانلار بولسا، ئۇنىڭ روھىغا سىڭىپ كىرىشىگە ۋەيا ئىبادەتنىڭ ئۆز روھىغا سىڭىپ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلمىغان، ئاللاھقا ئىچىدە مەكتۇپ يوق كونۋېرىت ئىبەرتكەندەكلام بىر ئىش بولىدۇ. ئەلبەتتە مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ يوقتىن ياخشى، ئىش قىلىپ بىر ئىش قىلغان بولىدۇ. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا بىر سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ بىر ئىپادىسى بولغان بولىدۇ. سىز ياخشىلىق قىلغان بىرىدىن سالام خەت تاپشۇرۇپ ئالدىڭىز دەيلى، كونۋېرتنىڭ ئىچى بوش، سالام خېتى بولمىسا نېمە دەپ ئويلايدىغانسىز؟
ئىبادەتلەر بىلەن يۈزەي ئەمەس، بەلكى مېغىزىدىن ئالاقە قىلغانلار، كونۋېرتنىڭ ئىچىنى بوش قويمىغان بولىدۇ.
رامىزان بىلەن كۆرۈنۈشىدىنلا ئەمەس، بەلكى جەۋھىرىدىن ئالاقىگە ئۆتۈش، رامىزاننىڭ مەۋجۇت بولۇش سەبەبى بولغان ۋەھىي بىلەن جان تومۇرىدىن ئالاقىگە ئۆتۈش بىلەن ئاندىن مۇمكىن بولىدۇ. چۈنكى رامىزان قۇرئاننىڭ توغۇلغان ئېيىدۇر.
قۇرئاننىڭ توغۇلغان ئېيىنى روزا تۇتۇش بىلەن قۇتلاش تاسىدىبى ھادىسە ئەمەس. روزا، روھىمىزنىڭ تويغۇزىلىشى ئۈچۈن بەدىنىمىزنىڭ ئاچ تۇتۇلىشىدۇر. پۈتۈن ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئەقىل يۈرگۈزىدىغان قەلىپنىڭ تەسىرىگە ئېچىشى ئۈچۈن، شەھۋانى ھېس-تۇيغۇلارنىڭ تەسىرىدىن قۇرتۇلۇپ چىقىىش دېمەكتۇر. مەنىۋى ئىنساننى ئالدىغا چىقىرىش ئۈچۈن، ماددى ئىنساننى كەينىگە تاشلاش دېمەكتۇر.
رامىزاننى قۇرئان ئېيى دەپ بىلىپ، تەسەۋۋۇرنى، ئەقىلنى، شەخسىيىتىمىزنى ۋە ئەڭ نىھايىتىدە ھاياتنى قۇرئان بىلەن يېڭىدىن بەرپا قىلىش، رامىزان بىلەن يۈزىدىن ئەمەس، جەۋھىرىدىن ئالاقىدە بولۇش دېمەكتۇر. چۈنكى ۋەھىي، ئىلاھى بىر ئىنشائات پىلانىدۇر. ئوخشىتىشىمىزدىن يولغا چىقىپ سۆزلەيدىغان بولساق، قۇرئان – ئاللاھ تىن ئىنسانىيەتكە ئىبەرتىلگەن بىر مەكتۇپتۇر. بۇ مەكتۇپتا ئىنسان ئوغلىنىڭ ئۇدۇنيا ۋە بۇدۇنيالىق بەخىت-سائادىتىنىڭ فورمىلاسى پۈتۈلگەن بولىدۇ.
ئاللاھ تىن ئۆزىگە كەلگەن سالامخەت بىلەن يۈزەكى مۇئامىلە قىلغانلار بىلەن رەسمى جان-تومۇرىدىن تۇتۇپ ئالاقىدە بولغانلار ئوخشاش بولامدۇ؟ بىر باشقا ئىپادە بىلەن ئېيىتقاندا، ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەتكە يوللىغان سالامخېتىنى يۈزەكىلا ئوقۇغانلار بىلەن ئىچ-ئىچىدىن قەۋھىرىنى قوشۇپ ئوقۇغانلار ئوخشاش بولامدۇ؟ ۋەياكى سالامخەتنىڭ پەقەت كونۋېرتى (لىپاپا) بىلەنلام قېلىپ، ئىچىدىكىنى، يەنى سالامخەتكە نېمە يېزىلغاندۇ دەپ ئەندىشىلەنمىگەن كىشىنىڭ ۋەھىيگە بولغان سەمىمىيىتى قايسى سىنىپقا تەۋە بولار؟
نەتىجىدە بۇ يەرگە كېلىمىز: ئەگەر ئىنسان ئىلاھى بىر ئىنشائات پىلانى بولغان ۋەھىي بىلەن ئالاقىسىنى يۈزەكى قىلغان بولسا، ئىبادەتلىرىمۇ يۈزەكى كېتىۋېىرىدۇ. يەنى ئاللاھ تىن كەلگەن مەكتۇپ ھۆكمىدە بولغان ۋەھىينىڭ پەقەت لىپاپىسىغىلا قاراش، ئاللاھقا يوللانغان مەكتۇپ ھۆكمىدىكى ئىبادەتلەرنىڭمۇ ئىچىنى قۇرۇق قويغانلىق بولىدۇ.
قىلىدىغان ئىشىمىز ئېنىق: رامىزاننى پۇرسەت بىلىپ ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇق سەبەبى بولغان ۋەھىي بىلەن جانۇ-يۈرەكتىن ئىچقۇيۇن ۋە تاشقۇيۇن مۇناسىۋەتكە كىرىشىپ كېتىشتۇر. ۋەھىينىڭ بەرپا قىلىشىغا ئۆزىڭىزنى ئاتىۋېتىش ئۈچۈن، بەدەننىڭ بىرلەمچىلىگىنى ئەقىل يۈرگۈزىدىغان قەلىبكە، ئىرادىگە ۋە روھقا بېرىش. رامىزاننىڭ مەقسىدىنىڭ بۇنى ئەمىلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق. بولۇپمۇ، رامىزانغا ۋەيران بولۇش باسقۇچىدىكى پېرادىكى مۇستەشرىق ناخشىچى سەتەڭلەرنىڭ كۆزئەينىكىدىن قارىماسلىق لازىم. رامىزانغا ناخشىچى سەتەڭلەرنىڭ كۆزى بىلەن قارىغانلار، ئۇ يەردىن «باراڭ ئاستى» ئالەملەرنى كۆرگەن بولىدۇ. بۇ، ئاللاھقا يوللاش ئۈچۈن يازغان سالام خېتىمىزنى، ناخشىچى سەتەڭنىڭ كىندىكىگە قىسىپ قويغاندەكلام بىر ئىش. (بۇ بۆلەكنىڭ ئاخىرىنى تەرجىمە قىلىش بىراز تەس بولدى، كېيىنچە تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلەشكە تىرىشىمىز)
مۇسۇلمان شەخسىيىتىمىزنىڭ ۋە ئىسلام مەدىنىيىتىمىزنىڭ بەرپاچىسى بولغان رامىزاننىڭ بۇ فونكىتسىيىسىنى تەكرار تىرىلدۈرۈش، ئۇنىڭ قۇرئان ئېيى ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىق بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. ۋەيران بولغان مۇسۇلمانچە ئېڭىمىز يېڭىدىن بەرپا قىلىنىپ ۋە ئىھيا قىلىنمىغۇنچە، ۋەيران قىلىنغان جىسمانى جوغرافىيىمىز قۇرۇلماس ۋە ئىھيا قىلىنماستۇر. ئاڭ-چۈشەنچىلەر ساغلامشمىغىچە، ئەمىلى ھەرىكەتلەرمۇ سالامەت بوپ بولاممايدۇ.
(بۇ ئەسەر رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن كۈندە بىر تېما تەرجىمە قىلىنىپ كۆكلەم تورىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان تۈۋەندىكى ئەسەردىن ئېلىندى.
مۇستافا ئىسلامئوغلى: رامىزان يازمىلىرى (تەرجىمە)
http://www.koklem.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4064&fromuid=229 )