يېقىنشىپ كېلىۋاتقان رامىزان بىر ئاڭ يېڭىلاش پۇرسىتىدۇر

2.بۆلۈم رامىزانغا كىرىۋاتىمىز
يېقىنشىپ كېلىۋاتقان رامىزان بىر ئاڭ يېڭىلاش پۇرسىتىدۇر
ئون بىر ئاينىڭ مەينەتلىرى ئۈستىمىزدە. بۇ مەينەتچىلىك، قول كىرىگە، پۇت كىرىگە ئوخشىمايدۇ.
ئۇلارنى يۇيساڭ كېتىدۇ. بىز گېپىنى قىلىۋاتقان بۇ مەينەتچىلىك بولسا، يۈرەك كىرى، زېھىن كىرى، ئەقىل كىرى، ھەممىدىن بەتتەرراقى تەسەۋۋۇر كىرىدۇر.
ئوي-ئېڭىمىزنىڭ مەينەتلشىپ كېتىشى ھازىرقى چاغنىڭ ئەڭ ۋەھىمىلىك بىر كېسەللىكىدۇر. ئېڭى ۋە يۈرىكى كىرلەنگەن بىر ئىنسان، بۇ مەينەتچىلىكنى قولى تەككەنلا ھەرنەرسىگە يۇقتۇرۇپ ئۈلگۈرىدۇ. سۆزنى، چۈشەنچىنى، تۇيغۇلارنى كىرلەشتۈرىدۇ. كىرلەشكەن زېھىن بىلەن قۇرئان ئوقۇسا، زېھنىدىكى مەينەتچىلىكنى ھەتتا ئۇنىڭغىمۇ يۇقتۇرۋېتىشى مۇمكىن. ئىبادەت قىلسا، تەمىنى تېتىيالمايدۇ. گوياكى دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى تامىقىنى ئەڭ ناچار مەينەت بىر قاچىغا قويغاندەكلام بىر ئىش.
ئاڭ ۋە ئەقىل، قەلىپ ۋە تۇيغۇ بۇلغۇنىشى كىرلەنگەن بىرەر ئورگانىمىزدەك ئاسانلىقچە پاكلانمايدۇ. بۇ نىڭغا «سۇدا ھەممە نەرسە پاكلنىدۇ» دەپ ئېيتالمايسىز. بۇ باشقىسىغا قارىغاندا مىڭ ھەسسە بەتتەر بۇلغىنىشتۇر. بۇلغىنىش مەنىۋى بولغاندا، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى ۋە ئەپچىل چارىسىمۇ مەنىۋى بۇلۇشى شەرىتتۇر.
شۇڭلاشقا بۇ ئىبادەتلەر، ئىنساننى پاكلاش ئۈچۈن، ئۇنى ياراتقان ئاللاھ تەرەپىدىن بەلگىلەنگەندۇر. ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەندۇر، چۈنكى ئۇنى ياراتقان، ئۇنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ھەممىدىن ياخشى بىلىدىغان، ئۇ ئادەمنى ئۈزىدىنمۇ بەكراق ئوبدان تۇنۇيدۇ. قۇرئاننىڭ ئېيىتقنىدەك: ئۇ ياراتقانلىرىنى بىلمەي قالارمۇ ھېچ؟
ئۇنى ئوبدان بىلگەچكە، ئىنساننى مەنىۋى كىر ۋە داتلىشىشتىن پاكلايدىغان رېتسىپنىمۇ ئەڭ گۈزەل ئۇ يازىدۇ. ۋەھىي بولسا، بۇ رېتىسپلاردىن تەشكىل تاپقان ئىلاھى بىر شىپاخانىدۇر.
ئىبادەتلەرنىڭ ئۆزىلام مەقسەت ئەمەستۇر. ئۇلار ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان تېخىمۇ يۈكسەك مەقسەت-غايىلەر ئۈچۈن بىر ۋاستىدۇر. ھەر ئىبادەتنىڭ، ئىللىتى، غايىسى ۋە ھىكمىتى باردۇر، پەقەت بۇ ئىللەت، غايە ۋە ھېكمەت بەزىدە ئۇ ئىبادەتكە بۇيرۇغان ئايەتلەرگە ناھايىتى روشەن قىلىپ پۈتۈلگەن بولسا؛ يەنە بەزىدە چوڭقۇر تەپەككۈر ۋە پۈتۈنلەپ چۈشۈنۈش ئۇسۇلى بۇيىنچە يەكۈن چىقىرىپ بىلگىلى بولىدۇ.
روزا ئىبادىتىنىڭ مەقسىدى بىرىنجى تۈرگە تەۋە. روزا تۇتۇشنى بۇيرۇغان ئايەتنىڭ ئۈزىدە مۇنداق پۈتۈلگەن بولىدۇ: ئەي ئىمان ئېيىتقۇچىلار! روزا سىزدىن بۇرۇنقىلارغا پەرىز قىلىنغاندەك، سىزلەرگىمۇ پەرز قىلىندى!» بۇ ئىلاھى تەلىماتنىڭ ھەمەن ئارقىسىدىن، روزا ئىبادىتىنىڭ ئىنساندا ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئىستەك مەقسىدى ئۇچۇق قىلىپ شۇنداق بايان قىلىنغان: لەئەللەكۇم تەتتەقۇن : «ئۈمىت قىلىمىزكى! تەقۋالىققا ئېرىشەرسىز».
شۇنداق، روزىنىڭ مەقسىدى، ئىنساندا «مەسئۇلىيەت ئېڭى» دېيىلگەن تەقۋالىققا ئىگە قىلىشتۇر.
كىمگە قارىتا مەسئۇلىيەت ئېڭى؟
ئالدى بىلەن ئىنساننىڭ ئۆزمەۋجۇدىيىتىگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەت ئېڭى. چۈنكى ئىنسان، مەخلۇقاتنىڭ تاجى، ئاللاھنىڭ شاھ ئەسىرى سۈپىتىدە مەلۇم بىر غايە-مەقسەت شەرىپىگە يارىتىلغان بولىدۇ. ئاللاھ سىزدىن سورايدۇ: بىز سىزنى مەقسەت-غايىسىز ياراتتىڭ دەپ ئويلامسىز؟»
شۇڭلاشقا ئىنسان، ئۆز مەۋجۇدىيىتىنىڭ غايىسىنى سورىشى، ئىزدىشى ۋە تېپىۋېلىش مەجبۇرىيىتىدە. مانا بۇ ئىنساننىڭ ئۆزىگە بولغان مەسئۇلىيىتىدۇر.
ئىنسان ئۆزىگە بولغان مەسئۇلىيتىنى ئاڭقارغاندىن كېيىن، ئاللاھقا بولغان مەسئۇلىيەتىنىمۇ ئاڭقىرالايدۇ. مانا بۇنى بىز «تەقۋا» دەپ ئاتايمىز.
بۇ چۈشەنچە (ئاڭ) ئۆزىگە يەرلەشكەندىن كېيىن، ئىنسان باشقا ئىنسانلارغا، تەبىئەتكە ۋە نەرسىلەرگە بولغان مەسئۇلىيىتىنىمۇ ئىدراك قىلالايدۇ.
بۇ مەنادىن، روزا تۇتۇش، ئىنساننىڭ ئۆز ئىچكى دۇنياسىغا بولغان مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش دىگەنلىك بولىدۇ. ئورۇقلاپ كەتكەن روھنىڭ ئوزۇقلىنىشى ئۈچۈن روھنىڭ تويغۇزىلىشى. چۈنكى 11 ئاي بۇيۇنچە بەدەنگە سېلىنغان مەبلەغ، روھنى، ئەقىلنى ۋە ئاڭنى بىرچەتكە قايرىپ قويغان ئىدى. ئەمىلىيەتتە ئىنساننى ئىنسان قىلغان ئۇنىڭ گۆشى ۋە سۆڭىكى ئەمەس. ئۇنداقتا مەسىلە، ئىنساننى ئىنسان قىلغان قىممەتلەرنىڭ قۇۋۋەتلەندۈرىلىشى، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى ۋە يۈكسىلىشىدە.
ئىنسان، ئۆزىنى ئىنسان قىلغان يەرلىرىنى ئوزۇقلاندۇرغانىدىلا، زۇلمەتتە قالغان كۆڭلى يۇرۇيدۇ، ئەقلى يۇرۇيدۇ، ئېڭى يۇرۇيدۇ ۋە كۆرمىگەن كۆڭۈل كۆزى كۆرۈشكە، كۆڭۈل قۇلىغى ئىشتىشكە، كۆڭۈل بۇرنى ھىدلاشقا باشلايدۇ.
بۇ مەنىۋى تەرەققىيات، ئىنسان ئېڭىنى يۈسكسەلتىدۇ ۋە ئىنسان ئىبادىتى سايىسىدە رەببى بىلەن ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەتنى ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرىدۇ.
بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئىنسانغا تالىق يېرىگە ئۇبۇدىيەت (قۇللۇق) جايلاشقان بولىدۇ. ئاللاھ دىن بۇنىڭغا قارىتا چۈشكىنى بولسا رۇبۇبىييەت (رەبلىك) بولىدۇ.
ئىنساندىن يۈكسەلگىنى دۇئا بولسا،
ئاللاھتىن چۈشكىنى ئىجابەت بولىدۇ.
ئىنساندىن ئۆرلىگىنى سۇئال بولسا،
ئاللاھتىن چۈشكىنى بولسا جاۋابىدۇر.
نەخ جايىنى تاپالىغان ھەربىر يۈكسىلىش «مىراج» بولىدۇ. تەبىئىيكى بۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتى بولسا «نۇزۇل» دا يەر ئالىدۇ. دەل بۇ ۋەھى، ئىنسان ئوغلىنىڭ مەۋجۇدىيىتى ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا ئاللاھنىڭ بەرگەن جاۋابىدۇر ۋە ئاللاھنىڭ ئىنسانغا ھىدايىتىنى چۈشۈرگەنلىكىنىڭ بىر نەتىجىسىدۇر.
ئەڭ ئاخىرقى ۋەھىي، مەككىدە، ھىرا تېغىدا بىر رامىزان كېچىسى نازىل بۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. بىز مۆمىنلەر ۋەھىينىڭ توغۇلغان ئېيى بولغان شۇ رامىزاننى «ئايلارنىڭ سۇلتانى» دەپ بىلدۇق. چۈنكى ئۇ، «سۆزلەرنىڭ سۇلتانى» بولغان ۋەھىينىڭ ئىنسان ئوغلىنىڭ زۇلمەتلىك قاراڭغۇ ئۇپۇقىنى يۇرۇتقان مۇبارەك ئايدۇر.
ئۇنداق بولغاندا رامىزان ئەسلىدە قۇرئان ئېيىدۇر ۋە بۇ ئاي پۈتۈن شانۇ-شەرىپىنى ۋەھىيدىن ئالغان ئىدى.
رامىزان، قۇرئان بىلەن كىرىشىپ پۈتۈنلىشىپ ئىچقۇيۇن تاشقۇيۇن بوپ كېتىدىغان ئاي بۇلىشى كېرەك. قۇرئان پەقەت قۇلىمىزدا ۋە دىلىمىزدىلا ئەمەس، يۈرىكىمىزدە، ئەقلىمىزدە، ھەممىدىن بەكراق ھاياتىمىزدا بولىشى كېرەك.
قۇرئاننىڭ ھاياتىمىزدا بولىشى ئۈچۈن، تەسەۋۋۇرىمىزنى، ئەقلىمىزنى ۋە كىشىلىكىمىزنى قۇرئان بىلەن بەرپا قىلىپ چىقىشىمىز كېرەك. ئەسلىدىلا ئولۇغ بولغان قۇرئانى كەرىمنى يەنىمۇ ئۇلۇغۋار قىلىۋېتىشكە تىرىشىدىغان ساددىلىقنى قويۇپ قويۇپ، قۇرئاننىڭ بىزنى ئۇلۇغۋار قىلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ئىشنى قىلىشىمىز، ھېچ بولمىسا، بۇ رامىزاندا بولسىمۇ «ئەي رەببىم! مەن، ماڭا ئىبەرتكەن خوش بىشارىتىڭنى ھازىرغىچە ئېچىپ ئوقۇپ بىرنەرسە چۈشەنمىگەنلىكىم ئۈچۈن، سېنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭنى تىلەيمەن!» دەپ، قۇرئان ۋەھىيسى ئارقىلىق ۋەيران بولغان ئىچ دۇنيامىزنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.
بۇنىڭ پەقەت ئۈزىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، ۋەھىينىڭ نۇرىغا مۇھتاج بولغان باشقا ئىنسانلار ۋە تۇپراقلاردا ھۇزۇنلۇق ۋە تەقدىر بولغان ئىماننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بولسىمۇ تۇتۇش قىلىشىمىز كېرەك.
(بۇ ئەسەر رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن كۈندە بىر تېما تەرجىمە قىلىنىپ كۆكلەم تورىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان تۈۋەندىكى ئەسەردىن ئېلىندى.
مۇستافا ئىسلامئوغلى: رامىزان يازمىلىرى (تەرجىمە)
http://www.koklem.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4064&fromuid=229 )