رامىزان ئىنسانىيەتكە بېرىلگەن ئىلاھى بىر قەرىزدۇر
2.بۆلۈم رامىزانغا كىرىۋاتىمىز
رامىزان ئىنسانىيەتكە بېرىلگەن ئىلاھى بىر قەرىزدۇر
سىز رامىزاندىن نىمە كۈتكەن بولسىڭىز، ئۇنىڭغا ئېرىشىسىز.
رامىزانغا «ئۇزۇقلىنىش ئېيى» دەپ قارايدىغانلار ئۇزۇقلىنىدۇ. رامىزاننىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كېلىدىغىنى قىزىرىپ پىشقان نانلار، تاتلىق-تۈرۈملەر، گوشگىردىلەر، گۆشلەردىن ئىبارەتتۇر. بۇنداق قارايدىغانلار، رامىزاندىن سەمىرىپ چىقىدۇ. رامىزانغا «پەرھىز تۇتۇش ئېيى» كۆزى بىلەن قارايدىغانلار ئۇرۇقلاش ئۈچۈن پەرھىز تۇتقان بۇلىدۇ. رامىزاننىڭ ئۇلارغا ئەپ كېلىدىغىنى تېخىمۇ يېنىك ۋۇجۇت، تېخىمۇ كىچىكلىگەن بىر بەدەندۇر.
رامىزانغا فېستىۋال كۆزى بىلەن قارايدىغانلار، سايىۋەنلەر ئاستىدىكى كۆڭۈل ئېچىش يەرلىرىدە ئوينىۋالغانغا ئوخشاش رامىزاندىن ھۇزۇرلىنىدۇ. داقا-دۇمباق، ناغرا-سۇناي، ئۇسۇل-تاماشا بىلەن كۈتۈۋېلىشقان رامىزاندىن ئاخىرىدا ئۇلارغا قېپ قالدىغىنى ھۇزۇر ۋە ھالاۋەتتۇر.
رامىزانغا قۇرئان ۋەھىينى بىزگە ھەدىيە ئەتكەن ئىلاھى قەرىز دەپ قارايدىغانلار بولسا، رامىزاننى «سۈپەتلىك ئىنسان» نىڭ بەرپا بۇلىشىنىڭ تېپىلماس بىر پۇرسىتى دەپ ئەتىۋارلايدۇ. سۈپەتلىك ئىنسان؛ يەنى ئاشخانا، ياتاقخانا، تەرەتخانا ۋە ئىشخانىغىلا باغلىنىپ قېلىشقا رازى بولمىغان ئىنساندۇر. باھاسى ئەمەس، قىممىتى بولغان ئىنساندۇر…
يۈرەكلىرىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشايدىغان، ئەقلىنىڭ خاراپ بولغان يېرىنى تۈزەيدىغان، ئىچكى دۇنياسىنىڭ ھۆتمۈ تۈشۈك بوپكەتكەن يەرلىرىنى ئېتىدىغان، ئېڭىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى رىمىنۇت قىلىدىغان، ئىرادىسىنىڭ يوقاپ كەتكەن قىسمىنى تاپىدىغان، شەخسىيىتىنىڭ كەمتۈك بوپقالغان يەرلىرىنى تولۇقلايدىغان… بىر پۇرسەتتۇر رامىزان.
ئىنسان بۇ. يەنى «نىسيان»، يەنى «ئۇنۇتقاق مەخلۇق». ئۈزىنى ئۇنتۇيدۇ، مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇيدۇ، ئورنىنى ئۇنتۇيدۇ، قىممىتىنى ۋە ھەددىنى ئۇنتۇيدۇ.
ئىسلىشىدۇ، تاتلىشىدۇ، كىرلىنىدۇ، شورلىشىدۇ. شۇڭلاشقا ئىنساننىڭمۇ بىر يىللىق تەكشۈرۈشكە ئىھتىياجى بار. بولۇپمۇ، ئاچقان روھلار تويغۇزۇلمىسا، مەنىۋى ئۆلۈملەر باشلىنىدۇ. ئىنسانغا قورسىقىنىڭ ئاچ ئىكەنلىكىنى خەبەر قىلىدىغانلار ئېنزىملاردۇر. مەيدىسىنىڭ بوش قالغانلىقىنىڭ خەۋىرى بۇ ئېنزىملار ئارقىلىق مىڭىگە يەتكۈزىلىدۇ. ئىنسانلار ئاچ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن يەيدىغان نەرسە ئىزدەشكە كىرىشىدۇ.
پەقەت ئىنسان، روھىنىڭ ئاچلىقىدىن، قورساق ئاچلىقچىلىدەك قولاي خەبەردار بولالمايدۇ. چۈنكى روھنىڭ ئېنزىملىرى يوقتۇر. كۆپىنچىسى روھىنىڭ ئاچلىقىدىن، مەنىۋى ئۆلۈمىدە سەكراتقا چۈشكەن ھالىتىدىمۇ بىخەبەر بوپ قېلىشى مۇمكىن.
قۇرئاننىڭ بىر تەبىرى باردۇر : «(ئىلىمسىز، ئەقىلسىز، پاراسەتسىزلىكتە) گويا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان (چىرىپ قالغان) ياغاچلاردۇر»(مۇنافىقۇن 4-ئايەت) . نىفاققا ئوخشىغان باشقا سەۋەپلەر بىلەن ئىچى بوش، تېشى ئىچىدىنمۇ قىممەتلىك ھالغا كەپ قالغان، تېرەككە ئوخشاش ئىچىدىن چىرىپ كەتكەن ئىنسان تىپلىرى ئۈچۈن قوللىنىدۇ قۇرئان بۇخىل تەبىرنى. كىيىۋالغان كىيىملىرى ئۆزلىرىدىن قىممەتلىك تىپتىكىلەر، ئىچىنى سېتىپ سىرتىغا يىگۈزۈپ-كىيگۈزگەن سۆزدە ئىنسانلاردۇر ئۇلار.
دەل رامىزان، ئىنساننىڭ ئىچىنىڭ قۇرۇق بوپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئىلاھى تەدبىرلەردىن پەقەتلا بىر تۈرىدۇر. ئىنسانلارغا بىر مۇددەت تاشقى دۇنياسىنى ئىچكى دۇنياسنىنىڭ كەينىگە قويۇشىنى تەربىيە قىلىدۇ. روھى كۈتۈشنى، بەدەننى كۈتۈشتىنمۇ بەكرەك ئالدىغا قويۇشنى ئۆگۈتىدۇ.
ئىجدىمائى جەھەتتىن رامىزان، ئىنساننىڭ ئىگە بولغانلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا ئىمتىھان ئۈچۈن ئامانەت بېرىلگەن قىممەتلەر ئىكەنلىكىنى خاتېرلىتىدۇ. ھەمبەھىرلىنىشنى بىلگەنلەر، بۇ سىناقتىن ئۆتەلىگەنلەردۇر. كۆڭلىنى رامىزانغا ئاچقانلار، قولىنى ۋە ئىشىكىنىمۇ يوقسۇللارغا ئاچىدۇ.
دىمەككى رامىزان، پۈتۈن بۇ تەرەپلىرى بىلەن ئىنسانلارغا بېرىلگەن ئىلاھى قەرىزدۇر.
بۇ قەرىزنى كىملەردۇر خاماندا سورىغان ساماندەك سورۇپ ئىسراپ قىلىپ خەجلەپ تۈگەتسە، يەنە كىملەردۇر ئۇنى ئېلىپ ھەسسىلەپ ئاشۇرۇرىدىغان مەنىۋى سەرمايە قىلىپ پايدىلىنىدۇ. يوقسۇللاشقان ئىچ دۇنياسىنى ئۇنىڭ بىلەن بېيىتىدۇ.
كىملىكىنى ۋە كىشىلىكىنى تەرەققى قىلدىرىدۇ. تۇرۇشىنى تېخىمۇ مەزمۇت تۇرىدۇ. تۇيغۇ ۋە چۈشەنچە دەرىجىسىنى يۈكسەلتىدۇ. مۇسۇلمانلار، ھەر رامىزاننى جامائىتىنىڭ يارىسىنى تېڭىش ئۈچۈن بىر سەپەرۋەرلىك زامانى دەپ بىلىشى كېرەك. پەقەت ئاچ ۋە يالىڭاچلارنىڭ ياردىمىگىلا ئەمەس، ئوخشاش ۋاقىتتا دىن ۋە ئىمان جەھەتتىنمۇ نامراتلىشىپ كەتكەنلەرگىمۇ ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئالدىرىشى كېرەك.
ئىتىقاد يوقسۇللۇقى، ماددى يوقسۇللۇقتىنمۇ بەكراق ۋەھىمىلىك ئاقىۋەتلەرنى ئەپ كېلىدۇ.
خەلقارا قۇرۇلۇشلاردىن ھەقسىز(مۇت) ياردەملەر ئالالىشىڭىز مۇمكىن. پەقەت دىن ۋە ئىمان يوقسۇللۇقىغا دۇچار بولغان بولسىڭىز، قايسى بىر خەلقئارالىق ئورۇمنىڭ ئىشىكىنى چېكىدىغانسىز؟
ئېتىقاد نامراتلىقىنى پەقەت ۋە پەقەت، ئىمان، ئەخلاق ۋە پەزىلەت بايلىقى بىلەنلا يەڭگىلى بولىدۇ. دەل بۇ رامىزان، شۇ بايلىقلارنىڭ مەنبەسىدۇر.
(ئەسكەرتىش: بۇ ماقالا مۇستافا ئىسلامئوغلىنىڭ «رامىزان يازمىلىرى» دېگەن كىتاۋىدىن كۈنىگە تەرجىمە قىلىنىپ كۆكلەم تورىدا ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. خالىغانلار تۈۋەندىكى ئادرىستىن بېشىدىكى بۆلۈملىرىنى ئوقۇيالايدۇ.
مۇستافا ئىسلامئوغلى: رامىزان يازمىلىرى (تەرجىمە)
http://www.koklem.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4064&fromuid=229 )