32.قېتىملىق تۈركىيە كىتاپ ۋە كۈلتۈريەرمەنكىسى
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز خەۋىرى : ھەريىلى رامىزان ئېيىنىڭ كىرىشى بىلەن باشلىنىدىغان ۋە 28-قېتىملىقىسىغىچە ئىستامبۇلدا سۇلتان ئەخمەت جامىسىنىڭ ھويلىسىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان تۈركىيە كىتاپ ۋە كۈلتۈر يەرمەنكىسىنىڭ 32.قېتىملىقى بۇيىل 4-يىلى يەنە بەيازىت مەيدانىدا ئىستامبۇل ئۈنىۋېرسىتىسىنىڭ ئالدىدىكى ۋە بەيازىت جامىسىنىڭ يېنىدكى قاپالى چارشى ( يېپىق بازار/GRAND BAZZAR) غا يېقىن بولغان بەيازىت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
دىيانەت ئىشلىرى مىنىستىرى پىروففىسور دوكتور مۇھەممەت گۈلەر بۇ يىلمۇ ئىستانبۇلدا كىتاپ ۋە كۈلتۈر يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىشىنى ئۆتكۈزۈشكە قاتناشتى.رامىزاننىڭ ھارپا كۈنى باشلانغان بۇ كىتاپ ۋە كۈلتۈر يەرمەنكىسى ئوخشاش ۋاقىتتا ئەنقەرەدىكى قوجاتەپە جامىسىنىڭ ھويلىسىدىمۇ ئېچىلىدۇ. ئىستانبۇلدىكى بارلىق قېرىنداش ئاكا-ئۇكا ۋە ئاچاسىڭىللىرىمىزنىڭ بۇ يەرمەنكىگە كېلىپ زىيارەت قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
كىتاپلار ئادەتتىكى باھاسىدىن 25% ئەرزان باھادا سېتىلىدۇ.ھەتتا ئوبدان پاراڭلاشسىڭىز تېخىمۇ ئەرزان قىپ بىرىشى مۇمكىن.
كىتاپ يەرمەنكىسى ھەريىلى رامىزان ئېيىنىڭ 27.كۈنىسى قەدىركېچىسى ئاخىرلىشىدۇ.
ئەسلى تۈركچە خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىنى بۇ ئۇلانمىدىن ئوقۇۋېلىڭ : http://www.diyanethaber.com/32.-turkiye-kitap-ve-kultur-fuari-acildi-15574.html
![2013-07-08-32.-turkiye-kitap-ve-kultur-fuari-acildi[1]](https://ug.uyghuracademy.org/wp-content/uploads/2013/07/2013-07-08-32.-turkiye-kitap-ve-kultur-fuari-acildi1.jpg)