You Are Here: Home » ئومۇمى » ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقىتنى ياخشى ئورۇنلاشۇرۇشتىكى 7 خىل ئۇسۇل

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقىتنى ياخشى ئورۇنلاشۇرۇشتىكى 7 خىل ئۇسۇل

Saet[1]

1. ئۆزىنىڭ نىيەت مەقسىتىنى چۈشۈنۈش
مەسچىتكە بېرىش ئۈچۈن باسقان ھەر بېر قەدىمىڭىز ئۈچۈن بىر ساۋاپ يېزىلىدۇ، ھەتتا يولدىكى پۇتلشىدىغان بىرەر تاشنى ئېلىۋەتكىنىڭىز ئۈچۇن بىر ساۋاب يېزىلدۇ. ئۇنداق بولسا سىز بۈگۈن قانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلدىڭىز؟
ئەڭ ئاۋۋال ئۈمۈدسىزلىكتىن يىراق تۇرۇڭ! چۈنكى سىز ئۈمۈدسىزلىىك پاتقىقىغا پېتىپ قالسىڭىز، كۈچىڭىز خوراپ، روھىڭىز زەيىپلىشىپ كېتىدۇ.شۇڭلاشقا نىيەتنى پاكلاش، ئۈگۈنۈشنىڭ ھەققى مەقسىتى دائىم مۇلاھىزە قىلىپ تۇرۇش، بىسمىللاھ دەپ ئىشىڭىزنى باشلاڭ.

2.مۇھىملىق دەرىجسىنى بېكتىۋېلىش
بۇ ۋاقىتنى ئۈنۇمىلىك باشقۇرۇشىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى، ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكىدەك ئىشلارنى تەپپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمىشى ئادەتتە ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، جامائەت ئۈچۇن مۇلازىمەت قىلىش پەننى ۋە دىننى بېلىملەرنى ئۆگۈنۈش، دەرستىن سىرتقى پالىيەتلەرگە قاتنىشىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئۆتىدۇ. لېكىن كۆپىنچى چاغلاردا بۇ ئىشلارنى تەڭ ئېلىپ كېتەلمەيمىز. بۇ ئىشللار توقۇنۇشۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟
بىز ئاۋال ئىشللارنىڭ مۇھىملىق دەرجىسىنى تىزىۋېلىشىمىز كېرەك.
مەسلەن: ئۆگۈنۇش بىلەن ناماز بىرلا ۋاقىتتا كەلگەندە، ئەلۋەتتە نامازنى ئاۋال ئوقۇشىمىز كېرەك. شۇنداقلا ئۆگۇنىشنى دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەردىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك.

پايدىسى يوق قۇرۇق ئىشلارنى ئاز قىلىڭ، مەسلەن چ چ، شاۋنې، ۋېبو لارغا ئاز چىقىڭ. دوۋدىجۇ، دوتانى ئاز ئويناڭ. كورىيە، تۇركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق كىنولىرىنى ئاز كۆرۈڭ. ئەمليەتتە مۇشۇنداق ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىزنىڭ ئالتۇندەك قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى ئسراپ قىلماقتا. ھەرقانداق ئىش قىلغاندا ئۆزىمىزدىن ئىككى سۇئال سورىشىمىزكېرەك.1.بۇ ئىش راستىنلا مۇھىممۇ؟
2.بۇ ئىشنى كېيىن قىلسام بولامدۇ؟

3.ھەرگىز ئارقىغا سۇرمەڭ
ئىشلارنى ۋاقتىدا قىلىپ مېڭىش، ئارقىغا سۈرۇپ قويماسلىق كېرەك. ئەگەر ئۇگۈنۈش قىلماقچى بولسىڭىز. ھازىرلا باشلاڭ. كېلەر ئاي ئېمتىھان بولسا ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق قىلىڭ.
4.قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنىڭ ساننى كونترول قىلىڭ.
قىلۋاتقان ئىشىڭىز ئاز بولسا، ھەر ئىشقا سەرىپ قىلغان ۋاقتىڭىز كۆپ بولىدۇ. ھەم شۇ ئىشنىڭ ئۈنۇمىگە كاپالەتلىك قىلالايسىز، ھەممە ئشنى ئۆزۈم قىلىمەن دېمەي، بەزى ئىشلارنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىڭ.
ۋاقىتنى ئۇنۇملىك باشقۇرۇش پروگىراممىسغا قاتنىشىڭ.
www.TimeManagement.com

5.ئۆزۈڭىزنى چۈشۈنۈڭ
ئۆز ئىقتىدارڭىزنى چۈشنىڭ. ھەر كۈنى 24 سائەت بار، لېكىن 24
سائەتتە تۇلۇق خىزمەت قىلالالمايسىز. شۇڭلاشقا ئۆز ئىقتىدارىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىڭىزغا قارىتا ۋاقىتنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇڭ. بىر كۈنلۈك ۋاقتىڭىز ۋە كۈچىڭىزدىن تولۇق ۋە ئۈنۈملىك پايدىلىنىڭ.
6.ھەركۈنلۈك پىلان تۈزۈش
بۇ نوقتىنى ھەممەيلەن بىلىمىز، لېكىن ئەملىيەتتە قىلمايمىز. بىراق، بۇ ئۇسۇلنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن، بۇ ئۇسۇلنىڭ ھەقىقەتەن مۇھىملىقىنى ھىس قىلىسىز. مەسلەن: مۇھىم يىغىنلارنى ئۈنتۇپ قالماسلىق، بەك ئادىراش ياكى بەك بىكار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بۇنى قىلسام بولارمۇ ياكى ئۇنىمۇ دېگەندەك ئارسالدا بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
7.دۇئا قىلىش
رامىزان ئايلىرىدا نۇرغۇن دۇئالارنى قىلاتتۇق، ئۇنداق بولسا بۇ ياخشى ئادەتنى رامىزاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرايلى. ئاللادىن بىر كۈنلۈك ۋاقىتنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى نىيەت ئەمەللىرىمىزنىڭ توغرا ، بىلىمىمىزنىڭ زىيادە بولشنى تىلەيلى.
تەرجمە قىلغۇچى: ئەركىن بۇغرا

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top