ئالتۇن قازان ۋە خەرىتە گىلەم پائالىيتىدىن تەسراتىم
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى قەشقەر شەھرىدە ”ئىسكەندەر“ قايماقلىق مارۇژنىخانىسىنىڭ خۇجايىنى، مەرىپەرتپەرۋەر يەككەتىجارەتچى تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىمنىڭ شامالباغ بازىرى قۇرۇقتىرەك كەنت يېڭى مەھەللىسىگە جايلاشقان ئىككى قەۋەتلىك قورۇسدا ، يىراقتىن تەكلىپ بىلەن كەلگەن دىنىي ئالىمىمىز موھەممەت سالى،يالقۇن روزى،يىقىندا دوكتورلوق ئوقوشىنى غەلبىلىك تاماملاپ كەلگەن زۇلپىقار بارات ئۆزباش ،شائىرىمىز ئادىل تۇنىياز ۋە باشقا زىيالىيلارنىڭ ،پىشقەدەملەرنىڭ ،ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ،ھۆنەرۋەنلەرنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشى بىلەن ئىتايىن ئەھمىيەتلىك بولغان ئىسكەندەر ئالتۇن قازىنى“ بىلەن ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇت قەشقەرىينىڭ دۇنيا خەرىتىسى چۈشۈرۈلگەن ”خەرىتە گىلەم“نىڭ يۇپۇق ئىچىش پائالىيتى ئىلىپ بىرىلدى.
ھىكمەتلىك سۆزلەر ئويولغان،ئىنتايىن نەپىس ئىشلەنگەن ئالتۇن قازان ھۆنەرۋەنۋەنلىرىمىزنىڭ چىرايىدىن تەر تەپچىپ ،بولقىسى بىلەن تاراڭشىتىپ،تارىخىقا ئايلىنىپ كىتەيلا دەپ قالغان ئۇيغۇر قول ھۆنەرۋەنچىلىكىنى ئەسلەتسە،ئۇيغۇر ھۆنەرۋەنچىلىكىنىڭ نەقەدەر چىۋەرلىكى،گۈزەللىكى ھەققىدە ئويلاندۇرسا ،خەرىتە گىلەم گاھ مەھمۇت بوۋىمىزنى،تارىخلىرىمىزنىڭ سىيماسىنى كۆز ئالدىمىزغا باشلاپ كىلەتتى، گاھ ئۇيغۇر گىلەم توقوش ھۆنەرۋەنچىلىك سەنئىتى،ھۆنەرۋەنلەرنىڭ چىۋەر قوللىرى بىلەن يىپلارنى بىردىن-بىردىن ئۆتكۈزۈپ،گىلەم توقىۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولاتتى.ئەلۋەتتە زىرەك،مەرىپەتپەرۋەر بايلىرىمىزنىڭ گەرچە بۇلار شۈنچىلىك چىقىم بولغانغا چۇشلۇق ئىقتىسادى قىممەت يارىتالمىسىمۇ ئەمما بازارلىشىشنىڭ ۋە سانائەتنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ يۇقىلىش گىرداۋىدا جان تالىشۋاتقان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى قول ھۆنەرۋەنچىلىكى ۋە مەەدەنىيتى ئۈچۈن ئالغان خالىس بۇ قەدىمى ئادەمنى سۈيۈندۈرىدۇ.
بۇ قىتىملىق پائالىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئەھمىيتىنىڭ بىرى پۇل تاپقان ئەنە شۇ كىشىلىرىمىزنىڭ مەبلەغ چىقىرىپ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ھۆنەرۋەنچىلىكىنىڭ قايتا جۇلالىنىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىشى.ئىككىنجىدىن زىيالىيلىرىمىزنى بىر يەرگە جەم قىلىپ ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزىشى ئۈچۈن خالىس داستىخان ھازىرلاش ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت.
”ئىسكەندەر“ قايماقلىق مارۇژنىخانىسىنىڭ خۇجايىنى تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىمنىڭ بۇ قىتىملىق پائالىيتى تۇنجى قىتىملىق بولماستىن بەلكى يىلاردىن بىرى ئۆزى باش بولوپ ھەر خىل مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن.2006-يىلى قەشقەردە پۇتبۇل مۇسابىقىسى،2009-يىلى ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەرنى ئۆزى شەخسەن مەبلەغ چىقىرىپ ئۆتكۈزۈپ كەلگەن،ئەمما ئىككى قىتىملىق پائالىيتى پۈتۈن چىقىملىرىنى قىلىپ،شۇنچە مەبلەغ سىلىپ ئۆتكۈزلىش ۋاقتى كەلگەندە پۈتۈن چىقىم ئىسراپ بولوپ توختوتوپ قويولغان.مەيلى مەبلەغ مەيلى ئىدارە ئورگانلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى رۇخسىتىنى ئىلىش جەھەتتىكى يوللاردا بولسۇن مەيلى مۇۋەپپەقيەتلىك بولسۇن ياكى پۈتۈن چىقىم ئىسراپ بولوپ كەتكەن بولسۇن ئۈمۈدسىزلەنمەي، ھاردىم تالدىم دىمەي داۋاملىق بۇ جەھەتتىكى قەدەملىرىنى توختوتوپ قويمىغان.
موھەممەت تۇرسۇن چوڭنىڭ ئولمىپىك مۇسابىقىسگە تەييارلىق تاييارلىق قىلىۋاتقىنىدىن سۈيۈنگەن تۇرسۇنجان ئاكا ئۇنىڭغا قوللاش ۋە مەدەت بىرىش يۈزىسىدىن ئىقتىسادى ۋە روھى جەھەتتىن مەدەت بەرگەن.
2010-قەشقەرلىك قەشقەرلىك پۇتبۇلچىلارنى غولجىدا ئۆتكۈزۈلگەن پۇلبۇل مۇسابىقىسىگە ئۆزى شەخسەن مەبلەغ چىقىرىپ ئاپىرىپ كەلگەن.ئۆتكەن يىلقىدەك پۈتۈن شىجاڭ خەلقى ۋە پۈتۈن جۇڭگۇ خەلقىنى ھەيران قالدۇرغىدەك پۇتبۇل مۇسابىقىلىرى ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق مەرىپەتپەرۋەر ۋە خەلىقپەرۋەر بايلىرىمىزنىڭ،شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈن تىنسىز تەر تۆكىشى ۋە مىھنەتسىز ئەجىر قىلىشى بىلەن ۋۇجۇتقا كىلىدىغان جەريان.بىزلەر كۆپىنچە نەتىجىسىنى كۆرىمىز ئەمما جەريانىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمىز .
ئۇندىن باشقا دىيارىمىزدىكى يازغۇچى شائىرلىرىمىزنى يىغىپ ئۇلارغا داستىخان سىلىپ ئۇلارغا ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاش ۋە ئۇلاردا ئىلھام،مەدەت بىرىش ئىشلىرىنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ كەلگەن تۇرسۇنجان ئاكىنىڭ بۇ قىتىملىق پائالىيتى ئەنە شۇ پائالىيەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.
ئەينى ۋاقىتتا ئاتاقلىق يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر تۇرمۇش ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە قەرزگە بوغولوپ يىزىقچىلىق ئىشلىرىنى شۈنچىلىك تەستە داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئاڭلىغان مەسئۇلىيەتلىك كىشىلىرىمىزنىڭ يۈرەكلىرى مۇجۇلمامدۇ؟ شۇڭا ئويلايمەنكى خەلىق ئۈچۈن قەدەم ئالغان شۇ ئەزىز كىشىلىرىمىزگە ساھىب چىققانلار ھەم ئەزىز ھەم سۆيۈملۈكتۇر.
قەلبىگە ئۇلۇغۋار ئارزۇ ئارمانلارنى پۈكۈپ،تاپقان پۇللىرىنى ئۆزىگە بىۋاستە مەنپەئەت ئەكىلىدىغان ئىشلارغا مەبلەغ سالماستىن خەلقىنىڭ ئەھمىيەتلىك ۋە موھىم ئىشلىرى،مەدەنيەت ۋە مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن مەبلەغ سىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
يەتتە يىلدىن سودىسىنىڭ بىر پۇڭدىن پۇلىنى ئىزچىل قەشقەرنىڭ مائارىپىقا مەبلەغ سىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن تۇرسۇنجان ئاكا ئۈرۈمچى ئىسكەندەر مەدەنيەت تارقىتىش شىركىتىنى قۇرۇپ ئىسىل تەرجىمە كىتابلارنى چىقىرىش،ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى،پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
ئاللاھ ئىگىمىزدىن بۇنداق مەرىپەتۋەر بايلىرىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىشىنى ۋە ئارىمىزدىن كۆپلەپ چىقىشىنى نىسىپ ئىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
باشقا مەزمۇنلار ئىنكاس ئارقىلىق تولوقلىنىدۇ.
مەنبە: ئالتۇن قازان ۋە خەرىتە گىلەم پائالىيتىدىن تەسراتىم
http://www.koklem.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4031&fromuid=229
![Ana-Til-600x400[1]](https://ug.uyghuracademy.org/wp-content/uploads/2013/07/Ana-Til-600x4001.jpg)